ئومۇمى مۇكاپات سوممىسى : 1 مىليون 4 يۈز 20 مىڭ يۈەن
مۇسابىقە تەشكىللىگۈچى ئورۇن : شىنجاڭ خوتەن قاشتېشى مۇسابىقە كەپتىرى ئاممىۋى كەپتەرخانىسى
نازارەتچىلىك قىلغۇچى ئورۇن : خوتەن ۋىلايەتلىك پوچتا كەپتىرى جەمئىيىتى
بىرىنجى - مۇسابىقىگە قاتنىشىش شەرتلىرى :
1. بارلىق مۇسابىقە كەپتىرى ھەۋەسكارلىرى ۋە مەزكۇر مۇسابىقە قائىدىسىنى ئىتىراپ قىلىدىغان ئورۇن ياكى شەخسلەر بولىشى كېرەك .
2. مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان كەپتەرلەر چوقۇم دۆلەت ۋە يەرلىك كەپتەر ئىلمى جەمئىيىتى ئىتىراپ قىلىدىغان 2015-يىللىق رەسمىي ھالقا سېلىنغان بولىشى كېرەك .
ئىككىنچى - مۇسابىقە كىم ئاشتى قىلىپ سېتىش يېغىنى ۋە تىزىمغا ئالدۇرۇش مۇددىتى :
1. بىرىنجى ئۆتكەل مۇسابىقە : 200 كىلومېتىر، كېرىيە ناھىيەسى ( ۋاقتى: 2015-يىلى 9-ئاينىڭ 27-كۈنى )
2. ئىككىنچى ئۆتكەل مۇسابىقە : 300 كىلومېتىر، نىيە ناھىيەسى ( ۋاقتى: 2015-يىلى 10-ئاينىڭ 4-كۈنى )
3. ئۈچۈنچى ئۆتكەل مۇسابىقە : 500 كىلومېتىر، چەرچەن ناھىيەسى ( ۋاقتى: 2015-يىلى 10-ئاينىڭ 11-كۈنى )
4. مۇسابىقە كۈنى ناچار بولغان ھاۋارايىغا دۇچ كېلىپ قالسا ئالاقىدار مۇسابىقىنىڭ ۋاقتىنى مۇۋاپىق تەڭشەشكە بولىدۇ.
5. ھەرقايسى ئۆتكەل مۇسابىقىنىڭ ئۈنۈملۈك تىزىمغا ئالدۇرۇش ۋاقتى كەپتەر قويىۋېتىلگەن كۈننىڭ ئىككىنچى كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 20:00 گىچە بولىدۇ.
6. كىم ئاشتى قىلىپ سېتىش يېغىنى 500 كىلومېتىرلىق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە ئاخرلاشقاندىن كىيىنكى بىر ھەپتە ئىچىدە بولىدۇ، ۋاقتى ئايرىم ئۇقتۇرۇش قىلىنىدۇ.
7. بۇ قېتىملىق مۇسابىقىگە قاتناشقان بارلىق سىرتتىن ئەۋەتىلگەن كەپتەرلەرمۇ بىردەك كىم ئاشتى قىلىپ سېتىش يېغىنىغا قاتناشتۇرىلىدۇ.
ئۈچۈنچى - كەپتەرلەرنى يېغىۋېلىش ۋاقتى ۋە ئورنى :
1. كەپتەر يىغىۋېلىش ۋاقتى : 2015-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 2015-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنىگىچە ، ھېيت-بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرى بىردەك خىزمەت قىلىنىدۇ.
2. كەپتەر يىغىۋېلىش ئورنى : خوتەن شەھەر ئىلچى يېزا ( شىنجاڭ خوتەن قاشتېشى مۇسابىقە كەپتىرى ئاممىۋى كەپتەرخانىسى )
3. ئالاقىلاشقۇچىلار :
ياردەمچى تېرىنېر : قاھارجان
ئالاقىلىشىش تېلېفۇنى : 18197715777
كەپتەرخانا مۇلازىمەت تېلېفۇنى : 2063388 - 0903
تۆتىنچى - مۇسابىقىگە قاتنىشىش ھەققى
1. ھەربىر كەپتەرنىڭ مۇسابىقىگە قاتنىشىش ھەققى 500 يۈەن ، بېقىش ھەققى 100 يۈەن. كەپتەرنى تاپشۇرۇپ بەرگەندە ئاۋال 100 يۈەن بېقىش ھەققى تاپشۇرىلىدۇ، كەپتەرلەر 50 كىلومېتىرغا مەشىقلەندۈرۈپ قويىۋېتىلگەندىن كىيىن 500 يۈەن مۇسابىقىگە قاتنىشىش ھەققىنى تاپشۇرىدۇ.
2. ئەگەر كەپتەرلەردە ۋاكسىنا رىئاكسىيە قىلىدىغان ياكى زەخمىگە ئۇچراش ئەھۋاللىرى كۆرۈلسە، كەپتەرخانا بىرىنچى ۋاقىتتا كەپتەر ئىگىسىگە تېلېفۇن ئارقىلىق باشقا كەپتەر تولۇقلاپ تاپشۇرۇشنى ئۇقتۇرىدۇ. ئەگەر تولۇقلاپ تاپشۇرۇلمىسا بىردەك مۇسابىقىدىن ۋازكەچكەن دەپ قارىلىپ، 100 يۈەن بېقىش ھەققى قايتۇرۇلمايدۇ.
3. ھەق تاپشۇرۇش بانكا كارتا نومۇرى :
قۇرۇلۇش بانكىسى : 0519678 7000 0046 6217
( ئابدۇللا مەتتۇرسۇن - 麦麦提阿卜杜拉·麦提图尔荪 )
يېزا-ئېگىلىك بانكىسى : 1113 370001495 622845
( ئابدۇللا مەتتۇرسۇن - 麦麦提阿卜杜拉·麦提图尔荪 )
سودا-سانائەت بانكىسى : 5396 00029 3015 622208
( ئابدۇللا مەتتۇرسۇن - 麦麦提阿卜杜拉·麦提图尔荪 )
پوچتا پۇل-ئامانەت بانكىسى : 948 5618 880000 621799
( ئابدۇللا مەتتۇرسۇن - 麦麦提阿卜杜拉·麦提图尔荪 )
بانكا كارتىسى ئارقىلىق ھەق تاپشۇرغان كەپتەر ئىگىلىرى ھەق تاپشۇرۇپ بولغاندىن كىيىن چوقۇم كەپتەرخانا بىلەن ئالاقىلىشىپ تاپشۇرۇلغان ھەقنىڭ تاپشۇرۇپ ئىلىنغانلىقىنى جەزىملەشتۈرىشى ۋە پۇل تاپشۇرغان تالوننى ياخشى ساقلىشى كېرەك، پۇل تاپشۇرۇش تالونى مۇكاپات تارقاتقاندا ئىسپات قىلىنىدۇ.
بەشىنچى - مۇسابىقە نەتىجىسىنى تاللاش ۋە مۇكاپاتلاش ئۇسۇلى :
1. بىرىنچ ئۆتكەل 200 كىلومېتىر مۇسابىقىدە : 50 ماھىر تاللىنىدۇ ( ئالدىنقى 3 ماھىرغا مۇكاپات لوڭقىسى تارقىتىپ بېرىلىدۇ )
بىرىنچى بولغان ماھىرغا : 3000 يۈەن ئىككىنچى بولغان ماھىرغا : 2000 يۈەن ئۈچۈنچى بولغان ماھىرغا : 1000 يۈەن
4 - 50 كىچە بولغان ماھىرلارغا : 500 يۈەن
2. ئىككىنچى ئۆتكەل 300 كىلومېتىر مۇسابىقىدە: 100 ماھىر تاللىنىدۇ ( ئالدىنقى 10ماھىرغا مۇكاپات لوڭقىسى تارقىتىپ بېرىلىدۇ )
بىرىنچى بولغان ماھىرغا : 10000 يۈەن ئىككىنچى بولغان ماھىرغا : 5000 يۈەن ئۈچۈنچى بولغان ماھىرغا : 3000 يۈەن
4-10 گىچە بولغان ماھىرلارغا : 1500 يۈەن 11-100 بولغان ماھىرلارغا : 500 يۈەن
3. ئۈچۈنچى ئۆتكەل 500 كىلومېتىر مۇسابىقىدە: 300 ماھىر تاللىنىدۇ ( ئالدىنقى 10ماھىرغا مۇكاپات لوڭقىسى تارقىتىپ بېرىلىدۇ )
بىرىنچى بولغان ماھىرغا : 80،000 يۈەن ئىككىنچى بولغان ماھىرغا : 60،000 يۈەن ئۈچۈنچى بولغان ماھىرغا : 40،000 يۈەن
4 - 20 كىچە بولغان ماھىرلارغا : 10،000 يۈەن 21-50 كىچە بولغان ماھىرلارغا : 5000 يۈەن
51-300 گىچە بولغان ماھىرلارغا : 3000 يۈەن 301-بولغان تەلەيلىك ماھىرغا : 5000 يۈەن
4. كوللېكتىپ مۇكاپاتى : ھەربىر كوللېكتىپقا بىردىن مۇكاپات لوڭقىسى تارقىتىپ بېرىلىدۇ .
بىرىنچى بولغان كوللېكتىپقا : 10،000 يۈەن ئىككىنچى بولغان كوللېكتىپقا : 8000 يۈەن
ئۈچۈنچى بولغان كوللېكتىپقا : 6000 يۈەن 4-10 گىچە بولغان كوللېكتىپقا : 4000 يۈەن
5. كەپتەر شاھى : ھەربىرىگە بىردىن مۇكاپات لوڭقىسى تارقىتىپ بېرىلىدۇ .
بىرىنچى بولغان ماھىرغا : 4000 يۈەن ئىككىنچى بولغان ماھىرغا : 3000 يۈەن ئۈچۈنچى بولغان ماھىرغا : 3000 يۈەن
ئەسكەرتىش : كوللېكتىپ مۇسابىقىدە ھەر 8 كەپتەر بىر گۇرۇپپا قىلىپ تەشكىللىنىدۇ. 8 كەپتەر تاپشۇرغانلارنىڭ مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيىتى بولىدۇ. ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدىكى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن 300 كەپتەرنىڭ ئىچىدە مۇكاپاتلانغان كەپتەرنىڭ سانىغا قاراپ دەرىجىسى بېكىتىلىدۇ .
ئەگەر سانى ئوخشاش بولۇپ قالسا 8 كەپتەرنىڭ ئىچىدىكى بىرىنچى بولغان كەپتەرنىڭ دەرىجىسى ئالدىدىكى كوللېكتىپ ئۇتۇپ چىققان بولىدۇ.
ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە، كوللېكتىپ مۇسابىقە ۋە كەپتەر شاھى قاتارلىقلارنىڭ چېمپىيونلىرىغا بىردىن ئايرىم خوتەن قاشتېشى مېدالى مۇكاپات بېرىلىدۇ .
ئالتىنچى - مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ۋە ئۇۋىغا قايتىپ كەلگەن كەپتەرلەرنى بىرتەرەپ قىلىش ئۇسۇلى :
1. مۇسابىقىدە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن كەپتەرلەر بىردەك بىردەك كىم ئاشتى قىلىپ سېتىلىدۇ. سېتىش سوممىسىنىڭ 60% پۇلى كەپتەر ئىگىسىگە قايتۇرۇلۇپ، 40% پۇلى كەپتەرخانىنىڭ تەرەققىيات فوندىغا ئىشلىتىلىدۇ.
2. كىم ئاشتى قىلىپ سېتىلغان كەپتەرلەر سېتىلغاندىن كىيىنكى بىر ھەپتە ئىچىدە كەپتەر ئىگىسى تەرىپىدىن 40% سېتىش سوممىسىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ كەتسە بولىدۇ.
3. مۇسابىقىدە نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەن ياكى كىچىكىپ قايتىپ كەلگەن كەپتەرلەر، كىم ئاشتى قىىلىپ سېتىش يېغىنىدىن كىيىنكى 10 كۈن ئىچىدە 50 يۈەن تاپشۇرۇپ ئېلىپ كەتسە بولىدۇ.
4. مۇسابىقىگە قاتناشقان كەپتەر ئىگىلىرى كەپتەرلىرىنى ۋاقتىدا ئېلىپ كەتمىسە، كەپتەرلەر بىردەك ئىگىسىز ھىسابلىنىپ، كەپتەرخانا تەرىپىدىن بىرتەرەپ قىلىنىدۇ.
يەتتىنچى - باشقا چۈشەندۈرۈشلەر :
1. كەپتەرخانىنىڭ بارلىق مەشىقلەندۈرۈش ۋە مۇسابىقە ئىشلىرى بىردەك جۇڭگو پوچتا كەپتەر جەمئىيىتىنىڭ ‹‹ مۇسابىقە كەپتەرلىرىنى مۇسابىقىلەشتۈرۈش ۋە رېپېرلىق قىلىش تۈزۈمى ›› بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ.
2. كەپتەرخانىنىڭ ئۇچۇق ، ئاشكارە ، ئادىل بولۇش ئۆلچىمىگە ئاساسەن ، كەپتەرخانىنىڭ مۇناسىۋەتلىك خادىملىرى مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلمايدۇ.
3. كەپتەرخانىنىڭ بارلىق مۇسابىقىلىرىدە بىردەك ئېلىكتىرونلۇق ئاپتۇماتىك ۋاقىت ھىسابلاش كەپتەر سائىتى ئىشلىتىلىدۇ، مۇسابىقە نەتىجىسى كومپيۇتېر كۆرسەتكەن تەرتىپ بويىچە ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر ئېلىكتىرونلۇق ۋاقىت ھېسابلاش سېستىمىدا كاشىلا كۆرۈلسە ياكى باشقا تاقابىل تۇرغىلى بولمايدىغان ئامىللار كۆرۈلسە ، شۇ قېتىملىق مۇسابىقە ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، باشقا كۈنى قايتا ئورۇنلاشتۇرىلىدۇ.
4. ئەگەر مۇسابىقە داۋامىدا ئىناۋەتلىك تېزىمغا ئالدۇرۇش ۋاقتى ئىچىدە قەپەزگە قايتىپ كەلگەن كەپتەرنىڭ سانى مۇكاپاتلاشقا تىگىشلىك كەپتەر سانىغا يەتمىسە، مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلەر مۇكاپات سوممىسىنى ئېلىپ بولغاندىن كىيىن ، ئېشىپ قالغان مۇكاپات سوممىسى باشقا ماھىرلارغا بۆلۈپ بېرىلىدۇ.
5. مۇكاپاتقا ئېرىشكەن كەپتەرلەرنىڭ مۇكاپات سوممىسى ۋە كىم ئاشتى قىلىپ سېتىلغان پۇلىنىڭ ئالاقىدار باجلىرىنى كەپتەر ئىگىسى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ.
6. ئەگەر تاقابىل تۇرغىلى بولمايدىغان ئامىللار تۈپەيلىدىن مۇسابىقە تەشكىللىگۈچى ئورۇن مۇسابىقىنى بىكار قىلسا، مۇسابىقىگە قاتنىشىش ھەققى بىردەك قايتۇرۇلۇپ بېرىلىدۇ.
كەڭ كەپتەر ھەۋەسكارلىرىنىڭ خىزمەتلىرىمىزنى نازارەت قىلىشىنى قارشى ئالىمىز !
7. مەزكۇر مۇسابىقە قائىدىسنىڭ بارلىق چۈشەندۈرۈش ھوقۇقى شىنجاڭ خوتەن قاشتېشى مۇسابىقە كەپتىرى ئاممىۋى كەپتەرخانىسىغا تەۋە .
سەككىزىنچى - ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى :
كەپتەرخانا مۇلازىمەت تېلېفۇن نومۇرى : 2063388 - 0903
كەپتەر تاپشۇرىۋېلىش تېلېفۇن نومۇرى : 18197715777 13899454434
( ھەرقايسى شەھەر، ناھىيەلەردىكى ۋاكالىتەن كەپتەر يېغىۋېلىش نوقتىلىرىنىڭ ئۇچۇرىنى
بۇيەرنى چىكىپ كۆرۈڭ )
كەپتەرخانا ئادرېسى : خوتەن شەھەر ئىلچى يېزا ئاقتېرەك كەنتى ( خوتەن قاشتېشى مۇسابىقە كەپتىرى ئاممىۋى كەپتەرخانىسى )