2016-يىللىق شىنجاڭ خوتەن قاشتېشى مۇسابىقە كەپتىرى ئاممىۋى كەپتەرخانىسىنىڭ ئىككىنچى نۆۋەتلىك كۈزلۈك (خوتەن قاشتېشى لوڭقىسى) مۇسابىقە قائىدىسى
ئومۇمى مۇكاپات سوممىسى : 2 مىليون 3 يۈز 10 مىڭ يۈەن
مۇسابىقە تەشكىللىگۈچى ئورۇن : خوتەن قاشتېشى مۇسابىقە كەپتىرى ئاممىۋى كەپتەرخانىسى
نازارەتچىلىك قىلغۇچى ئورۇن : خوتەن ۋىلايەتلىك پوچتا كەپتىرى جەمئىيىتى
بىرىنچى، مۇسابىقىگە قاتنىشىش شەرتلىرى :
.1مۇسابىقە كەپتىرى ھەۋەسكارلىرى ۋە مەزكۇر مۇسابىقە قائىدىسىنى ئىتىراپ قىلىدىغان ئورۇن ياكى شەخسلەر بىردەك مۇسابقىگە قاتناشسا بولىدۇ .
.2 ئەۋتىدىغان كەپتەرلەر چوقۇم 30-60 كۈنلۈككىچە بولغان ساغلام باچكا كەپتەرلەر بولىشى كېرەك ،مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان كەپتەرلەر چوقۇم دۆلەت ۋە يەرلىك كەپتەر ئىلمى جەمئىيىتى ئىتىراپ قىلىدىغان 2016-يىللىق رەسمىي ھالقا سېلىنغان بولىشى كېرەك، كېسەللىك تارقالغان رايۇنلاردىكى كەپتەرلەر بىردەك قۇبۇل قىلىنمايدۇ.
.3ئاممىۋى كەپتەرخانىمىز تاپشۇرۋالغان كەپتەرلەرگە بىر تۇتاش ۋاكسىنا ئەملەيدۇ، ئەگەر كەپتەر ئىگىسى كەپتەر ئەۋەتىشتىن بۇرۇن ئۆزى ۋاكسىنا ئەملىگەن بولسا، كەپتەر ئەۋەتكەندە ئىنىق ئەھۋالنى ئەسكەرتىشى كېرەك .
.4كەپتەرلەر كەپتەرخانىمىزغا كىرگەندىن باشلاپ، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا توختام شەكىللەنگەن بولىدۇ، تەرەپلەر چوقۇم -2016يىللىق مۇسابىقە قائىدىسىگە ئەمەل قىلىشى كېرەك.
.5كەپتەر ئىگىسى كەپتەر تاپشۇرغاندا چوقۇم ھەقىقىي ئىسىم-فامىلىسى بىلەن تىزىملىتىشى كېرەك .
ئىككىنچى - مۇسابىقە ۋاقتى ۋە كىم ئارتۇق سودىسى :
.1 بىرىنچى ئۆتكەل مۇسابىقە: 200 كىلومېتىر، كېرىيە ناھىيەسى (ۋاقتى: 2016-يىلى 9-ئاينىڭ ئاخىرلىرى)
.2 ئىككىنچى ئۆتكەل مۇسابىقە : 300 كىلومېتىر، نىيە ناھىيەسى (ۋاقتى: 2016-يىلى 10-ئاينىڭ باشلىرى)
.3 ئۈچۈنچى ئۆتكەل مۇسابىقە : 500 كىلومېتىر، چەرچەن ناھىيەسى (ۋاقتى: 2016-يىلى 10-ئاينىڭ ئوتتۇرى)
مۇسابىقە كۈنى ناچار بولغان ھاۋارايىغا دۇچ كېلىپ قالسا، مۇسابىقىنىڭ ۋاقتىنى مۇۋاپىق تەڭشەشكە بولىدۇ.
.4كوللىكتىپ مۇسابىقە - كوللېكتىپ مۇسابىقىدە ھەر 6 كەپتەر بىر گۇرۇپپا قىلىپ تەشكىللىنىدۇ. 6 كەپتەر تاپشۇرغانلارنىڭ مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيىتى بولىدۇ. 50كىلومېتىرلىق مەشىقتىن كىيىن كەپتەرلەر سانى ئىنىقلىنىپ ، گۇرۇپپىغا ئايرىش باشلىنىدۇ، گۇرۇپپىغا ئايرىش باشلىنىپ 10 كۈن ئىچىدە كەپتەر ئىگىلىرى گۇرۇپپىغا بۆلۈش ئەھۋالىنى فاكىس ، رەڭلىك ئۇچۇر ياكى ئۈنىدار ئارقىلىق يوللاپ بېرىشى كېرەك ، 10 كۈن ئىچىدە گۇرۇپپىغا ئايرىمىغانلارنى كەپتەرخانىمىز كومپيۇتېر ئارقىلىق ئاپتۇماتىك گۇرۇپپىغا ئايرىيدۇ ،ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدىكى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن 300 كەپتەرنىڭ ئىچىدە مۇكاپاتلانغان كەپتەر سانىنىڭ ئاز-كۆپلۈكىگە قاراپ دەرىجىسى بېكىتىلىدۇ .
.5كەپتەر شاھى – ئوخشاش بىر كەپتەرنىڭ ئۈچ ئۆتكەلدىكى ئۇچۇش سۈرىتىنىڭ ئومۇمىي يېغىندىسى يۇقۇرى بولغانلىرى يەڭگەن ھېسابلىنىدۇ .
.6ھەرقايسى ئۆتكەل مۇسابىقىنىڭ ئۈنۈملۈك تىزىمغا ئالدۇرۇش ۋاقتى كەپتەر قويىۋېتىلگەن كۈننىڭ ئىككىنچى كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 20:00 گىچە بولىدۇ.
.7 مۇسابىقىگە قاتناشقان بارلىق سىرتتىن ئەۋەتىلگەن كەپتەرلەر بىردەك كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىش يېغىنىغا قاتناشتۇرىلىدۇ . كىم ئارتۇق سودىسى 500 كىلومېتىرلىق مۇسابىقە ئاياغلىشىپ بىرھەپتىدىن كىيىن ئۆتكۈزىلىدۇ .
ئۈچۈنچى - كەپتەر يىغىش ۋاقتى ۋە ئورنى :
.1 كەپتەر يىغىۋېلىش ۋاقتى : 2016-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنىگىچە ، ھېيت-بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرى بىردەك خىزمەت قىلىنىدۇ.
.2 كەپتەر يىغىۋېلىش ئورنى : خوتەن شەھەر ئىلچى يېزا ( شىنجاڭ خوتەن قاشتېشى مۇسابىقە كەپتىرى ئاممىۋى كەپتەرخانىسى (
.3 ئالاقىلاشقۇچىلار :
قاھارجان 13899470111 17799049777 :
تىرېنېر 13565906669 :
كەپتەرخانا تېلېفۇنى : 2063388 - 0903
تۆتىنچى - مۇسابىقىگە قاتنىشىش ھەققى
.1 ھەربىر كەپتەرنىڭ مۇسابىقىگە قاتنىشىش ھەققى 800 يۈەن ، بېقىش ھەققى 100 يۈەن. كەپتەرنى تاپشۇرۇپ بەرگەندە ئاۋال 100 يۈەن بېقىش ھەققى تاپشۇرىلىدۇ، كەپتەرلەر 50 كىلومېتىرغا مەشىقلەندۈرۈپ، ئىنىقلانغاندىن كىيىن 800 يۈەن مۇسابىقىگە قاتنىشىش ھەققىنى تاپشۇرىدۇ.
.3 ئەگەر كەپتەرلەردە ۋاكسىنا رىئاكسىيە قىلىدىغان ياكى زەخمىگە ئۇچراش ئەھۋاللىرى كۆرۈلسە، كەپتەرخانا بىرىنچى ۋاقىتتا كەپتەر ئىگىسىگە تېلېفۇن ئارقىلىق باشقا كەپتەر تولۇقلاپ تاپشۇرۇشنى ئۇقتۇرىدۇ. ئەگەر تولۇقلاپ تاپشۇرۇلمىسا بىردەك مۇسابىقىدىن ۋازكەچكەن دەپ قارىلىپ، 100 يۈەن بېقىش ھەققى قايتۇرۇلمايدۇ.
.4خوتەن شەھىرىدىن سىرتقى رايۇنلاردىن ئەۋەتىلگەن بارلىق كەپتەرلەرنىڭ كىرا ھەققىنى كەپتەرخانىمىز ئۈستىگە ئالىدۇ.
بەشىنچى - ھەق تاپشۇرۇش بانكا كارتا نومۇرى :
قۇرۇلۇش بانكىسى : 0519678 7000 0046 6217 ( ئابدۇللا مەتتۇرسۇن (麦麦提阿卜杜拉·麦提图尔荪
يېزا-ئېگىلىك بانكىسى : 1113 370001495 622845 ( ئابدۇللا مەتتۇرسۇن (麦麦提阿卜杜拉·麦提图尔荪
سودا-سانائەت بانكىسى: 5396 00029 3015 622208 ( ئابدۇللا مەتتۇرسۇن (麦麦提阿卜杜拉·麦提图尔荪
پوچتا ئامانەت بانكىسى : 484 9314 880001 621799 ( ئابدۇللا مەتتۇرسۇن (麦麦提阿卜杜拉·麦提图尔荪
يېزا-ئامانەت كوپراتىۋى: 1795 2543 8720 6212 ( ئابدۇللا مەتتۇرسۇن (麦麦提阿卜杜拉·麦提图尔荪
بانكا كارتىسى ئارقىلىق ھەق تاپشۇرغان كەپتەر ئىگىلىرى ھەق تاپشۇرۇپ بولغاندىن كىيىن چوقۇم كەپتەرخانا بىلەن ئالاقىلىشىپ تاپشۇرۇلغان ھەقنىڭ تاپشۇرۇپ ئىلىنغانلىقىنى جەزىملەشتۈرىشى ۋە پۇل تاپشۇرغان تالوننى ياخشى ساقلىشى كېرەك، پۇل تاپشۇرۇش تالونى مۇكاپات تارقاتقاندا ئىسپات قىلىنىدۇ.
ئالتىنچى - مۇسابىقە نەتىجىسىنى تاللاش ۋە مۇكاپاتلاش ئۇسۇلى :
.1 بىرىنچى ئۆتكەل 200 كىلومېتىر مۇسابىقىدە : 50 كەپتەر مۇكاپاتلىنىدۇ ( ئالدىنقى 3 ماھىرغا مۇكاپات لوڭقىسى تارقىتىپ بېرىلىدۇ (
بىرىنچىگە : 10مىڭ يۈەن ئىككىنچىگە : 5000 يۈەن ئۈچۈنچىگە : 3000 يۈەن 4-10غىچە 1000 يۈەن
11-50 كىچە: 500 يۈەن
.2 ئىككىنچى ئۆتكەل 300 كىلومېتىر مۇسابىقىدە: 100 كەپتەر مۇكاپاتلىنىدۇ ( ئالدىنقى 3 ماھىرغا مۇكاپات لوڭقىسى تارقىتىپ بېرىلىدۇ (
بىرىنچىگە : 15مىڭ يۈەن ئىككىنچىگە : 10مىڭ يۈەن ئۈچۈنچىگە : 8000 يۈەن 4-10غىچە 3000 يۈەن 11-100 كىچە: 1000 يۈەن
.3 ئۈچۈنچى ئۆتكەل 500 كىلومېتىر مۇسابىقىدە: 300 كەپتەر مۇكاپاتلىنىدۇ ( ئالدىنقى 10ماھىرغا مۇكاپات لوڭقىسى تارقىتىپ بېرىلىدۇ ((بىرىنچى،ئىككىنچى،ئۈچۈنچى بولغان كەپتەرگە بىردىن خوتەن قاشتېشى مېدالى مۇكاپات بېرىلىدۇ)
بىرىنچىگە : 100مىڭ يۈەن ئىككىنچىگە : 80مىڭ يۈەن ئۈچۈنچىگە : 60مىڭ يۈەن 4-10غىچە15 مىڭ يۈەن11-50 كىچە10 مىڭ يۈەن 51-300 گىچە 5000يۈەن
-301 تەلەي مۇكاپاتى 7000يۈەن
.4 كوللېكتىپ مۇسابىقىدە : كوللېكتىپ 10 ،مۇكاپاتلىنىدۇھەربىر كوللېكتىپقا بىردىن مۇكاپات لوڭقىسى تارقىتىپ بېرىلىدۇ . ( بىرىنچى بولغان كوللېكتىپقا بىر دانە خوتەن قاشتېشى مېدالى مۇكاپات بېرىلىدۇ)
بىرىنچى بولغان كوللېكتىپقا : مىڭ 20 يۈەن ئىككىنچى بولغان كوللېكتىپقا : مىڭ 15 يۈەن
ئۈچۈنچى بولغان كوللېكتىپقا : مىڭ 10 يۈەن 4-10 گىچە بولغان كوللېكتىپقا : 5000 يۈەن
.5 كەپتەر شاھى : 3 كەپتەر مۇكاپاتلىنىدۇ ،ھەربىرىگە بىردىن مۇكاپات لوڭقىسى تارقىتىپ بېرىلىدۇ .
( بىرىنچى بولغان كەپتەر شاھىغا بىر دانە خوتەن قاشتېشى مېدالى مۇكاپات بېرىلىدۇ)
بىرىنچىگە : 15مىڭ يۈەن ئىككىنچىگە : 12مىڭ يۈەن ئۈچۈنچىگە : 10مىڭ يۈەن
يەتتىنچى - مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ۋە ئۇۋىغا قايتقان كەپتەرلەرنى بىرتەرەپ قىلىش ئۇسۇلى :
.1 مۇسابىقىدە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن كەپتەرلەر بىردەك بىردەك كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىلىدۇ. سېتىش سوممىسىنىڭ 60% پۇلى كەپتەر ئىگىسىگە قايتۇرۇلۇپ، 40% پۇلى كەپتەرخانىنىڭ تەرەققىيات فوندىغا ئىشلىتىلىدۇ.
.2كىم ئارتۇق سودىسىدا باشلىنىش باھاسىدا قالغان كەپتەرلەرنى، كىم ئارتۇق سودىسى ئاخىرلىشىپ بىر ھەپتە ئىچىدە كەپتەر ئىگىسى تەرىپىدىن باشلىنىش باھاسىنىڭ 40% سوممىسىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ كەتسە بولىدۇ.
.3 مۇسابىقىدە نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەن ياكى كىچىكىپ كەلگەن كەپتەرلەرنى، كىم ئارتۇق سودىسى يېغىنىدىن كىيىنكى 10 كۈن ئىچىدە 50 يۈەن تاپشۇرۇپ ئېلىپ كەتسە بولىدۇ.
.5مۇسابىقىگە قاتناشقان كەپتەر ئىگىلىرى كەپتەرلىرىنى ۋاقتىدا ئېلىپ كەتمىسە، كەپتەرلەر بىردەك ئىگىسىز ھىسابلىنىپ، كەپتەرخانا تەرىپىدىن بىرتەرەپ قىلىنىدۇ.
سەككىزىنچى - باشقا چۈشەندۈرۈشلەر :
.1كەپتەرخانىنىڭ بارلىق مەشىقلەندۈرۈش ۋە مۇسابىقە ئىشلىرى بىردەك جۇڭگو پوچتا كەپتەر جەمئىيىتىنىڭ ‹‹ مۇسابىقە كەپتەرلىرىنى مۇسابىقىلەشتۈرۈش ۋە رېپېرلىق قىلىش تۈزۈمى ›› بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ.
.2 كەپتەرخانىنىڭ ئۇچۇق ، ئاشكارە ، ئادىل بولۇش ئۆلچىمىگە ئاساسەن ، كەپتەرخانىنىڭ مۇناسىۋەتلىك خادىملىرى مۇسابىقىگە قاتناشسا بولمايدۇ.
.3 كەپتەرخانىنىڭ بارلىق مۇسابىقىلىرىدە بىردەك ئېلىكتىرونلۇق ئاپتۇماتىك ۋاقىت ھىسابلاش كەپتەر سائىتى ئىشلىتىلىدۇ، مۇسابىقە نەتىجىسى كومپيۇتېر كۆرسەتكەن تەرتىپ بويىچە ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر ئېلىكتىرونلۇق ۋاقىت ھېسابلاش سېستىمىدا كاشىلا كۆرۈلسە ياكى باشقا تاقابىل تۇرغىلى بولمايدىغان ئامىللار كۆرۈلسە ، شۇ قېتىملىق مۇسابىقە ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، باشقا كۈنى قايتا ئورۇنلاشتۇرىلىدۇ.
.4 ئەگەر مۇسابىقە داۋامىدا ئىناۋەتلىك تېزىمغا ئالدۇرۇش ۋاقتى ئىچىدە قەپەزگە قايتىپ كەلگەن كەپتەرنىڭ سانى مۇكاپاتلاشقا تىگىشلىك كەپتەر سانىغا توشمىسا، مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلەر مۇكاپات سوممىسىنى ئېلىپ بولغاندىن كىيىن، ئېشىپ قالغان مۇكاپات سوممىسى مۇسابىقىگە ئېلىپ ماڭغان بارلىق كەپتەرلەرگە تەڭ بۆلۈپ بېرىلىدۇ.
.5مۇكاپاتقا ئېرىشكەن كەپتەرلەرنىڭ مۇكاپات سوممىسى ۋە كىم ئاشتى قىلىپ سېتىلغان پۇلىنىڭ ئالاقىدار باجلىرىنى كەپتەر ئىگىسى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ.
.6ئەگەر تاقابىل تۇرغىلى بولمايدىغان ئامىللار تۈپەيلىدىن مۇسابىقە تەشكىللىگۈچى ئورۇن مۇسابىقىنى بىكار قىلسا، مۇسابىقىگە قاتنىشىش ھەققى بىردەك قايتۇرۇلۇپ بېرىلىدۇ.
.7مەزكۇر مۇسابىقە قائىدىسنىڭ بارلىق چۈشەندۈرۈش ھوقۇقى خوتەن شەھەر خوتەن قاشتېشى مۇسابىقە كەپتىرى ئاممىۋى كەپتەرخانىسىغا تەۋە .
سەككىزىنچى - ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى :
كەپتەرخانا مۇلازىمەت تېلېفۇن نومۇرى : 2063388 - 0903
كەپتەر تاپشۇرىۋېلىش تېلېفۇن نومۇرى : 17799049777 13899470111
كەپتەرخانا ئادرېسى : خوتەن شەھەر ئىلچى يېزا ئاقتېرەك كەنتى
( خوتەن قاشتېشى مۇسابىقە كەپتىرى ئاممىۋى كەپتەرخانىسى )
ھەرقايسى رايونلاردىكى ۋاكالىتەن يىغىش نوقتىلىرى ۋە ئالاقىلىشىش تېلېفۇن نومۇرلىرى
13579426396 |
شا بىن |
ئۈرۈمچى |
13899980301 |
ئەركىنجان |
13999867294 |
ساۋ ۋېي |
13319886468 |
ۋۇ شىيا |
13899601132 |
ئەكبەر |
فۇكاڭ |
13899526740 |
يۈ شىياڭجۈن |
شىخەنزە |
13899351731 |
جاۋ شىجىې |
قۇمۇل |
13579673950 |
ۋاڭ يى |
قۇمۇل سەنداۋلىڭ |
15022828262 |
ھەسەنجان |
ئالتاي |
18609014444 |
چۈ شۆجىيا |
چۆچەك |
13679972095 |
رېھىمجان |
بۆرتالا |
13999766767 |
نۇرمۇھەممەت |
جىڭ ناھىيەسى |
13909996465 |
ئىلشات رەشىت |
غولجا |
13899579258 |
سابىرجان |
قاراماي |
13999720080 |
رىشاتجان |
مايتاغ |
13279789123 |
ئېلىيار |
كورلا |
18095858801 |
مەھمۇد ھوشۇر |
قاراشەھەر |
15909075553 |
قەيسەرجان |
ئاقسۇ |
13150425929 |
كىبىرجان |
كۇچا |
15609978121 |
قۇربان راخمان |
13369872222 |
لىيۇ جىيەنجۈن |
ئارال |
18609089096 |
ئابدۇغېنى |
ئاقتۇ |
13899130000 |
نىزامدىن |
قەشقەر |
13579076111 |
جاۋ شىخاۋ |
13899167791 |
مەمەتجان |
مارالبېشى |
13279881288 |
ئابدۇرۇسۇل |
پوسكام |
13565382999 |
ئابدۇرېھىمجان |
يۇپۇرغا |
13150415488 |
ئەنۋەرجان |
پەيزاۋات |
13899472919 |
ئەركىن |
نىيە |
13999433388 |
بەيدۇللا |
كېرىيە |
13899462074 |
مەمەتئېلى |
گۇما |
شىنجاڭ خوتەن قاشتېشى مۇسابىقە كەپتىرى ئاممىۋى كەپتەرخانىسى
2016-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى