مىنىڭ قارىشىمچە ئۇيغۇر جەمىيىتى ئەگەر پەن-تىخنىكىدا تەرەققى قىلىمەن دەيدىكەن بىر مۇنچە زىددىيەتلىك مەسىلىلەرنى توغرابىر تەرەپ قىلىشى كىرەك.بۇمەسىلىلەر ئىچىدىكى نۇقتۇلۇق ھەل قىلىشقاتىگىشلىك مەسىلىلەرنىڭ بىرى ئىسلام دىنى بىلەن پەن-تىخنىكىنىڭ مۇناسىۋىتى مەسىلىسىدىن ئىبارەت.زادى دىن بىلەن پەن-تىخنىكا ئۈنۈملۈك دىيالوگلىشالامدۇ(سۈھبەتلىشەلەمدۇ)يوق؟ ،دىيالوگلىشىش دائىرىسى قانداق بەلگۈلىنىشى كىرەك؟ ـــــ مانا بۇ بىز ئويلۇشۆشقا تېگىشلىك نۇقتا.
ئۈستىدىكى قاسىمكامنىڭ ئاۋالقى بىرىنچى ئابزاس سۆزى،،،،،،،ماقالىنىڭ قاتلاملىرىغا ياخشى چوڭقۇرلاش ئۈچۈن بىردىن بىردىن كېلەيلى،،مېنىڭ بىلىشىمدە قاسىمكام بىر نەزەرىيەۋى فىزىكا ئالىمى،،،ھىچبولمىغاندىمۇ مېنىڭ قارىشىمچە شۇنداق،،،،،قاسىمكام خاپىلاپ كەتمىگەي،،،ئەمدى بۇ مۇنبەر بولغاندىكىن دىيىشىپ باقايلى ئاز تولا،،،،
ھەر قانداق نەرسىنى ياخشى چۈشىنىش ئۈچۈن چوقۇم شۇنىڭ ئەڭ پىشقان كەسىپدارلىرىدىن،شۇ نەرسىنى ئەڭ ياخشى بىلىدىغان ئىلىم ئەھلىلىرىدىن سوراش ئاندىن شۇلارنىڭ ئاغزىدىن چىققان دەلىل ئىسپاتلارغا ،چۈشەندۈرۈشلەرگە ئاساسەن شۇ نەرسىگە ھۆكۈم قىلىش كېرەك،يەنى تېخىمۇ ئاددى قىلىپ مۇنداق بىر مىسال كەلتۇرەي،،مەن قاسىمكامغا ،قاسىمكا-سىزنىڭ ھويلىڭىزدە بىردانە قېرى سۆگەت باركەن،ھويلىڭىزغا چۈشىدىغان ئاپتاپنى توسىۋاپتۇ ،ئۇنى كېسىۋەتسەك بولغۇدەك دىسەم ،قاسىمكام چوقۇم ھەيرانلىق بىلەن ماڭا -ئۇكام ،ئىلىشىپ قالدىڭىزمۇ مېنىڭ ھويلامدا سۆگەت نىمە ئىش قىلىدۇ دىيىشى مۇمكىن،،،،،،،،،مەن دىمەكچى ،قاسىمكامنىڭ ھويلىسىدىن بىر ئېۋەن تېپىش ئۈچۈن چوقۇم مەن ئالدى بىلەن قاسىمكامنىڭ ھويلىسىغا كىرىپ تەپسىلى قاراپ كۆزىتىپ چىقىشىم ئۆي قۇرۇلمىسى ،،سانى ،ۋە باشقا تەپسىلاتلىرىدىن تولۇق خەۋەردار بولۇپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن ئېۋەن ئىزدەپ قۇسۇر چىقىرىشىم كېرەك،،،،،،،،بولمىسا ،ئاۋۇ مىسالدەك،قاسىمكامنىڭ ھويلىسىدا يوق بىر نەرسىدىن مەن ئانداقكەن ،مانداقكەن دەپ قۇسۇر چىقارسام، قاسىمكامنىڭ مېنى ساراڭغا چىقىرىشى ئەلۋەتتە توغرىدۇر،،،،،،،
ھەممىڭلارغا مەلۇم،بىزنۇرغۇن يىللاردىن بۇيان ئىسلام ھەققىدە بۇرمىلانغان مەلۇماتلار ئارىسىدا چوڭ بولدۇق ھەم شۇ بۇرمىلانغان مەلۇماتلارنى توغرا دەپ قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرلاندۇق،،،ھەم نۇرغۇنلىرىمىز شۇ خاتا مەلۇماتلارنى توغرا دەپ تونۇۋالغانلىقىمىز ئۈچۈن ئىسلام ھەققىدە تېخىمۇ ئاساسسىز بولغان ،تېخىمۇ بۇرمىلانغان تالايلىغان ئەسەر ماقالىلەرنى ۋۇجۇتقا چىقاردۇق،،،،،بۇ بۇرمىلانغان ،بۆھتان قىلىنغان گەپ سۆزلەرنىڭ ئەڭ تىپىك ۋەكىللىرىنىڭ بىرى -دىن ئىسلام ئىلىم پەنگە قارشى نەرسە دىگەن بۇ بىر جۈملە سۆزدۇر،،كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغان يېرى،ئەتراپىمىزدىكى دىن بىلەن پەن قارمۇ قارشى دىگەن سەپسەتىگە ئەگەشكەنلەر ھىچبىر زامان دىن پىشىۋالىرىدىن دىننىڭ پەنگە تۇتقان مۇئامىلىسى ھەققىدە يېتەرلىك ئۇچۇرلارغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن ئىزدىنىپ باققان ئەمەس،،بەلكى ئۇلار ئالدىنقى باسقۇچتىكى ئۆزىگە ئوخشاش يالغاننى كۆتۈرىۋالغانلارنىڭ سۆزىگىلا ئەگەشكەن خالاس،
مانا بۇلارنىڭ ھالى ئالدىدىكى نەرسىنىڭ ھىچبىر ھالىنى چۈشەنمەي تۇرۇپ شۇ نەرسىگە ھۆكۈم چىقارغان كىشىگە ،يەنى دەل مىسالدىكى ماڭا (قاسىمكامنىڭ ھويلىسىنى كۆرۈپمۇ باقماي،ھويلىڭىزدا سۆگەت باركەن دىگەن گەپنى قىلغان ئەھۋالغا)ئوخشايدۇ
دەل مۇشۇ خىلدىكى قارشى تەرەپنى چۈشەنمەي تۇرۇپ ھۆكۈم چىقىرىشقا ئالدىراپ كەتكەن بىر تۇركۈم كىشىلەر ئۇيغۇر جەمىيىتىنى قاسىمكام دىگەندەك زىددىيەتلىك ئەھۋالغا كەلتۇرۇپ قويغان،بۇ خىلدىكى زىددىيەتلىك ھالنىڭ جاۋاپكارى دىن ئەمەس ،دىندارلارمۇ ئەمەس،(قىسمەنلىرى بار دىيىلگەندىمۇ ئومۇمى ئەمەس) .ھەم ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى تەرەققىياتىغا نەزەر سالغىنىمىزدا ئۇيغۇرلارنىڭ دىن بىلەن پەنگە تۇتقان مۇئامىلىسى ئۇنچىۋالا زىددىيەتلىكمۇ ئەمەس،،بۇرۇنقىدىن جىق ياخشى،،،،،پەقەت زىددىيەتلىك دەپ ھىساپلىۋالغانلار يەنىلا دىننى قىلچىلىك چۈشەنمىگەنلەر،ئىسمى ئەزان توۋلاپ قويۇلغاندىن باشقا ھىچقانداق ئەمەللىرى بولمىغانلار،،،،،،،
ئەمدى گەپنىڭ مەركىزىگە كەلسەك،بىز دىنلارنىڭ پەن تېخنىكىغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى بىلىش ئۈچۈن چوقۇم دىنلارنىڭ ئىچىدىكى ئۆزگەرتىلىشتىن ساقلىنىپ كېلىۋاتقان ئەڭ يۈكسەك ھەقىقەت بولغان دىن ئىسلامنىڭ مۇقەددەس كىتاۋى بولغان قۇرئاننى ۋە پەيغەمبىرىمىزنىڭ شۇ مەزمۇندا كەلگەن ھەدىسلىرىنى ھەم دىن ئىسلام بىلىملىرىنىڭ يۇقىرى پەللىلىرىگىچە يېتىپ تۇرۇپ ئوقۇغان ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ چۈشەندۈرۈشلىرىنى ئىسپات قىلىشىمىز كېرەك،،،ئەگەر ئۇنداق بولماي،ئىسلامنىڭ ئىلىم پەنگە تۇتقان مۇئامىلىسىنى بىلىشكە ،بايا دىگەن ھىلىقى يالغانغا ئەگەشكەن يالغانچىلارنىڭ،ئىسلامدىن قىلچىلىك خەۋىرى يوق كىشىلەرنىڭ سۆزلىرىنى ئىسپات قىلىشساق بۇ تىمىنى مۇنازىرە قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى قالمايدۇ،،،،،،
قالغىنى ئەتىگە قالدى،،،،،،،،،
[ بۇ يازمىنىsamanyoli 2012-04-30 00:44قايتا تەھرىرلى ]