باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 6676 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: قاسىم سىدىق:دىن بىلەن پەن-تىخنىكىنىڭ دىيالۇگى
دوستلىشىش
ق.سىدىق
ئادىللىق - ئەڭ ئالى پىرنسىپ!
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10388
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 485
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە485دانە
ئۆسۈش: 2210 %
مۇنبەر پۇلى: 6074 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-01-18
ئاخىرقى: 2012-09-11
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-04-29 13:56

قاسىم سىدىق:دىن بىلەن پەن-تىخنىكىنىڭ دىيالۇگى




مىنىڭ قارىشىمچە ئۇيغۇر جەمىيىتى ئەگەر پەن-تىخنىكىدا تەرەققى قىلىمەن دەيدىكەن بىر مۇنچە زىددىيەتلىك مەسىلىلەرنى توغرابىر تەرەپ قىلىشى كىرەك.بۇمەسىلىلەر ئىچىدىكى نۇقتۇلۇق ھەل قىلىشقاتىگىشلىك مەسىلىلەرنىڭ بىرى ئىسلام دىنى بىلەن پەن-تىخنىكىنىڭ مۇناسىۋىتى مەسىلىسىدىن ئىبارەت.زادى دىن بىلەن پەن-تىخنىكا ئۈنۈملۈك دىيالوگلىشالامدۇ(سۈھبەتلىشەلەمدۇ)يوق؟ ،دىيالوگلىشىش دائىرىسى قانداق بەلگۈلىنىشى كىرەك؟ ـــــ مانا بۇ بىز ئويلۇشۆشقا تېگىشلىك نۇقتا.
  نىيوتۇن«خۇدا ئالەمنى يارىتىپ بولۇپ بىر قىتىم ھەركەتلەندۈرىۋەتكەندىن كىيىن دۇنيانىڭ ئىشلىرىغا ئارىلاشمىغان»(تۆنجى تۈرىتكە) دىگەن گەپنى قىلغان.ئېينىشتېيىن«خۇداغا يەتمەك تەس،لىكىن ئۇنىڭ ئۇستىدە يامان خىياللاردا بولۇشقا بولمايدۇ»دىگەن.ماتىرياللاردا ئىتىلىشىچە نىيوتۇن يۇقۇرقى گەپنى قىلغاندا تىخى خۇداغا ئىشەنمەيدىغان بىر ياش بولۇپ ئىنىرىتسىيە قانۇنىنى تورغۇزغانداھەركەتنىڭ تۇنجى سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈشتە قىيىنچىلىققا يولۇققانلىغى سەۋەپلىك خۇداغا مۇراجىئەت قىلىشقا ،«ھەركەتنىڭ تۇنجى تۈرىتكىسى خۇدا»دىيىشكەمەجبۇر بولغان.نىيوتۇننىڭ سادىق خىرىستىيان مۇرىتىغا ئايلىنىپ كىتىشى بولسا كىيىنكى ئىشلار.
ھەممىمىزگە مەلۈم يۇقۇرقى ئىككى شەخىس ئىنسانىيەتنىڭ ئىدىيە تارىخىغا زور تەسىر كۆرسەتكەن كىشلەردىن ئىبارەت.گەرچە بۇئىككۆيلەننىڭ ئىدىيىسىدە دىن مەسىلىسىدە نۇرغۇن داۋالغۇشلار ۋە زىددىيەتلەر بولسىمۇ؛-ئېينىشتېيىن«مەن سىپنۇزىنىڭ خۇداسىغا ئىشىنىمەن»دىگەن گەپنى قىلغان بولسىمۇ دىنى جەمىيەتلەر ئۇلارغا ھىچقانداق جازا قوللانغىنى ياكى تەنبىھ بەرگىنى يوق.
خاۋكىڭ ئۇيغۇر كىتاپخانلىرىغا بەكمۇ تۇنۇش شەخىس.ئۇ ئالەمنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى بار دىگەن ئىدىيەنى قۇللاپ ئەسەر يازغان ۋە نۇتۇق سۆزلىگەنلىگى ئۈچۈن ۋاتىكان پاپىسى ئۇنى ئوردىن بىلەن مۇكاپاتلىغان.لىكىن ئۇ يىڭى يازغان كىتاۋى«بۈيۈك لايىھە»دە خۇدانىڭ مەۋجۈتلىگىنى ئۈزۈل-كىسىل ئىنكار قىلغان.مەن ھازىرغىچە دىنى جەمىيەتنىڭ خاۋكىڭغا بىرەر جازا قوللانغانلىغىنى ئاڭلاپ باقمىدىم.پاپىنىڭ ئوردىننى ياندۇرىۋالغانلىغىغا ئائىت بىرەر ئۇچۇرغىمۇ ئىگە ئەمەسمەن.
بىز ھەممىمىز ئۆزىمىزگە بىر سۇئال قويۇپ باقايلى: - ئەگەر يۇقۇرقى شەخىسلەر ئۇيغۇر جەميىتىدە تۈرىلىپ قالغان بولسا قانداق كەچمىشلەر ئۇلارنى كۆتۆپ تۇرغان بولاتتى؟،ئۇلار ئەشۇنداق دۇنياۋى شەخىسلەرگە ئايلىنالايتىمۇ؟.
بۇ يەردە  ئويلۇنۇپ بىقىشقا تېگىشلىك يەنە بىر سۇئال بار،ئۇ بولسىمۇ: خىرىستيان دۇنياسى ئۆز ئەقىدىلىرىدىن ۋازكەچكىلى تۇردىمۇ؟.
مىنىڭچە بۇنداق بولىشى ناتايىن.مىنىڭچە خىرىستىيان دۇنياسى پەن- تخىنىكا بىلەن دىننىڭ مۇناسىۋىتىنى نىسبى مەنىدە توغرا بىر تەرەپ قىلىش يولىنى تىپىۋالغاندەك قىلىدۇ.
ئەسكەرتىمەنكى، مەن بۇ تېمىدا ئاللىقانداقتۇر دىنسىزلىقنى تەرغىپ قىلماقچى ياكى ئىسلام دىنىنىڭ ئوبرازىنى خۆنۆكلەشتۆرمەكچى ئەمەس.مەيلى تارىخى نۇقتىدىن ياكى ھازىرقى رىياللىق نۇقتىسىدىن قارايلى پەننى زىيالىلار بىلەن دىنى زىيالىلار ئوتتۇرسىدا پەن-تىخنىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق بولغان ئۇرتاق تىل ،دىيالۇگلىشىش ئۇسۇلى تىپىلمايۋاتقانلىغى پاكىت.مەن غايىدىكىدەك بىرخىل ئورتاق تىل،دىيالوگلىشىش ئۇسۇلىنى تىپىشنىڭ مۈمكىن ياكى مۈمكىن ئەمەسلىگى ئۈستىدە ئىزدىنىپ كۈرۈش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويىۋاتىمەن خالاس!.
بۇنداق ئورتاقلىقنى تىپىشنىڭ مۈمكىن ياكى مۈمكىن ئەمەسلىگىنى دەڭسەپ كۈرۈش ئۈچۈن پەن-تىخنىكدىكى مۇناسىۋەتلىك كونكىرىت بايقاش ۋە كەشپىياتلارغا تۇتۇدىغان پوزىتسىيىمىزنى ئىپادىلەش بەكمۇ موھىم.ئالدى بىلەن تۈۋەندىكى ئۈچ كەشپيىياتقا بولغان پوزىتسىيەرىمىزنى بىلدۈرۈپ باقساق:

1.سۈنئى ھاياتلىقنى ۋۇجۇتقا چىقىرىش ئۈستىدىكى تەتقىقات.مۇناسىۋەتلىك تېما:

2.سۈنئى مۇسكوللارنى مىخانىك قۇراشتۇرۇش.مۇناسىۋەتلىك تېما:


3.كېلۇن ئادەم.مۇناسىۋەتلىك تېما:


يەنە مۇھاكىمە قىلىنىشقا تېگىشلىك مەسىلەرنى ئاستا-ئاستا ئوتتۇرىغا قويساق بولىدۇ.مەن يۇقۇرقى كەشپياتلارنى دىنى مەۋقەدە تۇرۇپمۇ ياخىشى چۈشەندۈرگىلى بولىدۇ دەپ قارايمەن.ئىسلام دىنىدا بىرقەدەر ئەتراپلىق بىلىمگە ئىگە تورداشلار پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باقسا.

2012.4.29

(داۋامى بار،تەھرىرلىنىپ تولۇقلىنىدۇ)




ئالدىم يا بىلەن ئوقنى ياۋنى ئاتارمەندەپ-كەيدىم پ ..
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6814
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 2122
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2122دانە
ئۆسۈش: 1040 %
مۇنبەر پۇلى: 22364 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-29
ئاخىرقى: 2012-09-02
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2012-04-29 17:42

دىن ئادەمنىڭ  يۈركىگە ئوخشايدۇ  ،،پەن تىخنىكا مىڭسىگە ئوخشايدۇ ،،مەن شۇنداق قارايمەن ...خىزمەت دىگەننى ئادەم قىلدىغان نەرسە  قانداق قىلمەن دىسە شۇنداق بولىۋىردۇ ،گەپ ئادەمنىڭ ئۆزدە