باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 6597 قېتىم كۆرۈلدى
«12»Pages: 1/2     Go
تېما: قاسىم سىدىق:دىن بىلەن پەن-تىخنىكىنىڭ دىيالۇگى
دوستلىشىش
ق.سىدىق
ئادىللىق - ئەڭ ئالى پىرنسىپ!
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10388
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 485
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە485دانە
ئۆسۈش: 2210 %
مۇنبەر پۇلى: 6074 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-01-18
ئاخىرقى: 2012-09-10
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-04-29 13:56

قاسىم سىدىق:دىن بىلەن پەن-تىخنىكىنىڭ دىيالۇگى




مىنىڭ قارىشىمچە ئۇيغۇر جەمىيىتى ئەگەر پەن-تىخنىكىدا تەرەققى قىلىمەن دەيدىكەن بىر مۇنچە زىددىيەتلىك مەسىلىلەرنى توغرابىر تەرەپ قىلىشى كىرەك.بۇمەسىلىلەر ئىچىدىكى نۇقتۇلۇق ھەل قىلىشقاتىگىشلىك مەسىلىلەرنىڭ بىرى ئىسلام دىنى بىلەن پەن-تىخنىكىنىڭ مۇناسىۋىتى مەسىلىسىدىن ئىبارەت.زادى دىن بىلەن پەن-تىخنىكا ئۈنۈملۈك دىيالوگلىشالامدۇ(سۈھبەتلىشەلەمدۇ)يوق؟ ،دىيالوگلىشىش دائىرىسى قانداق بەلگۈلىنىشى كىرەك؟ ـــــ مانا بۇ بىز ئويلۇشۆشقا تېگىشلىك نۇقتا.
  نىيوتۇن«خۇدا ئالەمنى يارىتىپ بولۇپ بىر قىتىم ھەركەتلەندۈرىۋەتكەندىن كىيىن دۇنيانىڭ ئىشلىرىغا ئارىلاشمىغان»(تۆنجى تۈرىتكە) دىگەن گەپنى قىلغان.ئېينىشتېيىن«خۇداغا يەتمەك تەس،لىكىن ئۇنىڭ ئۇستىدە يامان خىياللاردا بولۇشقا بولمايدۇ»دىگەن.ماتىرياللاردا ئىتىلىشىچە نىيوتۇن يۇقۇرقى گەپنى قىلغاندا تىخى خۇداغا ئىشەنمەيدىغان بىر ياش بولۇپ ئىنىرىتسىيە قانۇنىنى تورغۇزغانداھەركەتنىڭ تۇنجى سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈشتە قىيىنچىلىققا يولۇققانلىغى سەۋەپلىك خۇداغا مۇراجىئەت قىلىشقا ،«ھەركەتنىڭ تۇنجى تۈرىتكىسى خۇدا»دىيىشكەمەجبۇر بولغان.نىيوتۇننىڭ سادىق خىرىستىيان مۇرىتىغا ئايلىنىپ كىتىشى بولسا كىيىنكى ئىشلار.
ھەممىمىزگە مەلۈم يۇقۇرقى ئىككى شەخىس ئىنسانىيەتنىڭ ئىدىيە تارىخىغا زور تەسىر كۆرسەتكەن كىشلەردىن ئىبارەت.گەرچە بۇئىككۆيلەننىڭ ئىدىيىسىدە دىن مەسىلىسىدە نۇرغۇن داۋالغۇشلار ۋە زىددىيەتلەر بولسىمۇ؛-ئېينىشتېيىن«مەن سىپنۇزىنىڭ خۇداسىغا ئىشىنىمەن»دىگەن گەپنى قىلغان بولسىمۇ دىنى جەمىيەتلەر ئۇلارغا ھىچقانداق جازا قوللانغىنى ياكى تەنبىھ بەرگىنى يوق.
خاۋكىڭ ئۇيغۇر كىتاپخانلىرىغا بەكمۇ تۇنۇش شەخىس.ئۇ ئالەمنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى بار دىگەن ئىدىيەنى قۇللاپ ئەسەر يازغان ۋە نۇتۇق سۆزلىگەنلىگى ئۈچۈن ۋاتىكان پاپىسى ئۇنى ئوردىن بىلەن مۇكاپاتلىغان.لىكىن ئۇ يىڭى يازغان كىتاۋى«بۈيۈك لايىھە»دە خۇدانىڭ مەۋجۈتلىگىنى ئۈزۈل-كىسىل ئىنكار قىلغان.مەن ھازىرغىچە دىنى جەمىيەتنىڭ خاۋكىڭغا بىرەر جازا قوللانغانلىغىنى ئاڭلاپ باقمىدىم.پاپىنىڭ ئوردىننى ياندۇرىۋالغانلىغىغا ئائىت بىرەر ئۇچۇرغىمۇ ئىگە ئەمەسمەن.
بىز ھەممىمىز ئۆزىمىزگە بىر سۇئال قويۇپ باقايلى: - ئەگەر يۇقۇرقى شەخىسلەر ئۇيغۇر جەميىتىدە تۈرىلىپ قالغان بولسا قانداق كەچمىشلەر ئۇلارنى كۆتۆپ تۇرغان بولاتتى؟،ئۇلار ئەشۇنداق دۇنياۋى شەخىسلەرگە ئايلىنالايتىمۇ؟.
بۇ يەردە  ئويلۇنۇپ بىقىشقا تېگىشلىك يەنە بىر سۇئال بار،ئۇ بولسىمۇ: خىرىستيان دۇنياسى ئۆز ئەقىدىلىرىدىن ۋازكەچكىلى تۇردىمۇ؟.
مىنىڭچە بۇنداق بولىشى ناتايىن.مىنىڭچە خىرىستىيان دۇنياسى پەن- تخىنىكا بىلەن دىننىڭ مۇناسىۋىتىنى نىسبى مەنىدە توغرا بىر تەرەپ قىلىش يولىنى تىپىۋالغاندەك قىلىدۇ.
ئەسكەرتىمەنكى، مەن بۇ تېمىدا ئاللىقانداقتۇر دىنسىزلىقنى تەرغىپ قىلماقچى ياكى ئىسلام دىنىنىڭ ئوبرازىنى خۆنۆكلەشتۆرمەكچى ئەمەس.مەيلى تارىخى نۇقتىدىن ياكى ھازىرقى رىياللىق نۇقتىسىدىن قارايلى پەننى زىيالىلار بىلەن دىنى زىيالىلار ئوتتۇرسىدا پەن-تىخنىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق بولغان ئۇرتاق تىل ،دىيالۇگلىشىش ئۇسۇلى تىپىلمايۋاتقانلىغى پاكىت.مەن غايىدىكىدەك بىرخىل ئورتاق تىل،دىيالوگلىشىش ئۇسۇلىنى تىپىشنىڭ مۈمكىن ياكى مۈمكىن ئەمەسلىگى ئۈستىدە ئىزدىنىپ كۈرۈش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويىۋاتىمەن خالاس!.
بۇنداق ئورتاقلىقنى تىپىشنىڭ مۈمكىن ياكى مۈمكىن ئەمەسلىگىنى دەڭسەپ كۈرۈش ئۈچۈن پەن-تىخنىكدىكى مۇناسىۋەتلىك كونكىرىت بايقاش ۋە كەشپىياتلارغا تۇتۇدىغان پوزىتسىيىمىزنى ئىپادىلەش بەكمۇ موھىم.ئالدى بىلەن تۈۋەندىكى ئۈچ كەشپيىياتقا بولغان پوزىتسىيەرىمىزنى بىلدۈرۈپ باقساق:

1.سۈنئى ھاياتلىقنى ۋۇجۇتقا چىقىرىش ئۈستىدىكى تەتقىقات.مۇناسىۋەتلىك تېما:

2.سۈنئى مۇسكوللارنى مىخانىك قۇراشتۇرۇش.مۇناسىۋەتلىك تېما:


3.كېلۇن ئادەم.مۇناسىۋەتلىك تېما:


يەنە مۇھاكىمە قىلىنىشقا تېگىشلىك مەسىلەرنى ئاستا-ئاستا ئوتتۇرىغا قويساق بولىدۇ.مەن يۇقۇرقى كەشپياتلارنى دىنى مەۋقەدە تۇرۇپمۇ ياخىشى چۈشەندۈرگىلى بولىدۇ دەپ قارايمەن.ئىسلام دىنىدا بىرقەدەر ئەتراپلىق بىلىمگە ئىگە تورداشلار پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باقسا.

2012.4.29

(داۋامى بار،تەھرىرلىنىپ تولۇقلىنىدۇ)




دوستلىشىش
ق.سىدىق
ئادىللىق - ئەڭ ئالى پىرنسىپ!
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10388
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 485
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە485دانە
ئۆسۈش: 2210 %
مۇنبەر پۇلى: 6074 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-01-18
ئاخىرقى: 2012-09-10
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2012-04-29 22:58

نۈۋەتتە پەن -تخىنىكىدا كىلون ئادەملەرنى مەيدانغا كەلتۈرۈش ھەيران قالغۇچىلىگى يوق ئىش بولۇپ قالدى.لىكىن بۇنداق قىلىش ئىنسانلارنىڭ ئىززىتىگە دەخلى قىلىدىغان غەيرى ئەخلاقى ھادىسە دەپ قارىلىپ قارشىلىققا ئۆچىرىماقتا. مەن بۇيەردە بۇ ئىشنىڭ ئەخلاقى،قانۇنى،دىنى جەھەتتىن ئەيىپلىنىشى ياكى چەكلىنىشى ئۇستىدە مۇھاكىمە قىلىپ باقايلى دىمەكچى ئەمەس.مىنىڭ تەشەببۇسۇم، دىنىمىزمەۋقەسىدە تۇرۇپ ئادەمنى كىلونلاشنى مۆمكىن بولىدىغان ئىش دەپ قارامدۇق ياكى قەتئى مۆمكىن ئەمەس دەپ قارامدۇق؟،مۇشۇ مەسىلىنى مۇھاكىمە قىلىپ كۆرەيلى.
«كەڭساي»دا دىنى بىلىمى بار تورداشلار ئازئەمەستەك قىلىدۇ،ئويلۇشۇپ باقسا.

قوشۇمچە پايدىلىنىش:


克隆人研究损害宪法存在的基础
              
              
编辑:admin 时间:2008-8-17 9:36:00
              韩大元在《学习与探索》2008年第2期撰文认为,我们需要保障科研的自由,但是科研自由并不是绝对的,它要受制于人的尊严、生命权等宪法权利和价值,要防止科研的过程和成果对社会构成伤害。克隆人研究与人的尊严、后代的基本权利、生命权等均有抵触,故而应予以禁止。我们常常说,生殖性克隆和治疗性克隆是不同的。“生殖性克隆”也就是克隆人的研究,而“治疗性克隆”即从克隆胚胎中提取干细胞,然后将其培养成人们所需要的各种器官。我们不能将其混为一谈,不能用支持治疗性克隆的理由来论证生殖性克隆的合理性。2005年联大的禁止克隆人宣言很大程度上就是因为这种界定的模糊而没有通过。但是,克隆技术的这种区分能否有一个明确的界限呢?能够进行治疗性克隆的技术是否能进一步发展为克隆人类的技术呢?治疗性克隆能够克隆出人的一切器官(人的大脑,还有区别人与人的脸等)吗?如果生殖性克隆与治疗性克隆无法作出明确区分,或许对克隆技术的研究还需要进一步禁止,至少还需要对治疗性克隆的对象进行严格限制,以维护人的尊严

http://www.zjskw.gov.cn/Index/Catalog425/3741.aspx
[ بۇ يازمىنىق.سىدىق 2012-04-29 23:04قايتا تەھرىرلىدى ]
دوستلىشىش
ق.سىدىق
ئادىللىق - ئەڭ ئالى پىرنسىپ!
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10388
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 485
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە485دانە
ئۆسۈش: 2210 %
مۇنبەر پۇلى: 6074 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-01-18
ئاخىرقى: 2012-09-10
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-04-30 00:58

بەك ياخشى مۇھاكىمە بولۇپتۇ،داۋامىنى يازارسىز.
دوستلىشىش
ق.سىدىق
ئادىللىق - ئەڭ ئالى پىرنسىپ!
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10388
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 485
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە485دانە
ئۆسۈش: 2210 %
مۇنبەر پۇلى: 6074 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-01-18
ئاخىرقى: 2012-09-10
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-04-30 01:25

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! 

   ئىسلام پەنگە قارشى ئەمەس. ئەمما توغرا بولمىغان نەزىرىيەلەرگە ھامان قارشى. مەن سىزنىڭ يۇقىرىقى بايانىڭىزنى «پەن خادىملىرى مەيلى قانداق نەزىرىيەنى ئوتتۇرىغا قويسا قويسۇن، دىن ئۇنىڭغا قارشى چىقماسلىقى لازىم.» دېگەندەك چۈشەندىم.  توغرىمۇ؟
ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
ۋەئەلەيكۆم ئەسسالام!
مەن ھەرگىز ئۇنداق دىمەكچى ئەمەس.مەن تېمىدا ۋە ئىنكاستا نىمىنى مۇھاكىمە قىلىدىغىنىمىزنى ئېنىق يازدىم.
دوستلىشىش
ق.سىدىق
ئادىللىق - ئەڭ ئالى پىرنسىپ!
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10388
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 485
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە485دانە
ئۆسۈش: 2210 %
مۇنبەر پۇلى: 6074 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-01-18
ئاخىرقى: 2012-09-10
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-04-30 09:39

ھەرقانداق پەن- تېخنىكا ئىسلام پىرىنسىپلىرىغا  قارشى چىقىدىكەن ئۇ قوبۇل قىلىنمايدۇ.  پەن تېخنىكا ئارقىلىق خۇدالىق دەۋاسى بولىۋاتقاندەك قىلىدۇ.  سۈنئىي ھاياتلىق  دىگەن ئوپ- ئوچۇق ئاللاھقا قارشى چىققانلىق.  ھاياتلىقنى پەيدا قىلغۇچى، داۋام قىلدۇرغۇچى، ئاياقلاشتۇرغۇچى پەقەتلا ئاللاھ.   بىھۇدە مۇنازىرە قىلىپ، كۇپرىلاردىن بولۇپ قالمايلى.
_________________________
1.بەندىلەر خۇدا دىلىغا سالغان قانۇن،بەرگەن ئېقتىدار - ئەقىللەر ۋەجىدىنلا سۈنئى ھاياتلىقنى بەرپا قىلالىدى ۋە قىلالايدۇ دىيىلسىچۆ؟.
2.«سۈنئى ھاياتلىق»رىياللىققا،پاكىتقا ئايلىنىپ بولدى،بۇئىش خاتا دىيىش بىلەن،بۇ ئىش مۆمكىن ئەمەس دىيىشنىڭ پەرقىنى ئايرىۋالايلى.«خۇدالىق دەۋاسى»دىگەن گەپنى ھازىرچە ئىشلەتمەي تۇرۇپ،ئالدى بىلەن بۇنداق ئىشنى دىنىمىزمەۋقەسىدە تۆرۆپ چۈشەندۈرگىلى بولامدۇ-بولمامدۇ دىگەننى ئويلۇشۇپ كۆرەيلى.ئەگەر«سۈنئى ھاياتلىقنى ۋۇجۇتقا چىقىرىش مۆكىن ئەمەس»دىسەك پاكىتلارغا جاۋاپ بىرىشىمىز كىرەك.«مۆمكىن»دىسەك بۇنداق ئىشلارنى دىنىمىز مەۋقەسىدە تۆرۇپ چۈشەندۈرۈپ بىرىشىمىز كىرەك.شۇنداق قىلالىساقلا ئىسلام دىنىنىڭ پەن-تىخنىكىغا قارشى دىن ئەمەسلىگىنى تىخىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا ئىسپاتلىيالايمىز.بۇ بەك موھىم ۋە زىل مەسىلە.ئۈزىمىزنى توختۇتىۋىلىپ، ئوبدان ئويلۇشۇپ ئىنكاس يازايلى.
دوستلىشىش
ق.سىدىق
ئادىللىق - ئەڭ ئالى پىرنسىپ!
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10388
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 485
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە485دانە
ئۆسۈش: 2210 %
مۇنبەر پۇلى: 6074 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-01-18
ئاخىرقى: 2012-09-10
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-04-30 09:44

يەنە ئەسكەرتىپ قوياي،تېما تەلەپ قىلىۋاتقان مەركىزى مەسىلىدىن چەتنەپ كەتمىسەك.

http://www.kayinat.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=9777
[ بۇ يازمىنىق.سىدىق 2012-04-30 11:45قايتا تەھرىرلىدى ]
دوستلىشىش
ق.سىدىق
ئادىللىق - ئەڭ ئالى پىرنسىپ!
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10388
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 485
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە485دانە
ئۆسۈش: 2210 %
مۇنبەر پۇلى: 6074 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-01-18
ئاخىرقى: 2012-09-10
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-04-30 13:00

1.بەندىلەر خۇدا دىلىغا سالغان قانۇن،بەرگەن ئېقتىدار - ئەقىللەر ۋەجىدىنلا سۈنئى ھاياتلىقنى بەرپا قىلالىدى ۋە قىلالايدۇ دىيىلسىچۆ؟.
دوستلىشىش
ق.سىدىق
ئادىللىق - ئەڭ ئالى پىرنسىپ!
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10388
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 485
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە485دانە
ئۆسۈش: 2210 %
مۇنبەر پۇلى: 6074 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-01-18
ئاخىرقى: 2012-09-10
7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-04-30 13:47

بۇ مىنىڭ شەخسى ئىشىم ئەمەس.ئوتتۇرىغا قويلىۋاتقان سۇئال بىر شەخىسنىڭ سالاھىيىتى بىلەن ئانچە ئالاقىسى يوق.بەلكى بىر دىنى ئىتىقاتقا ئىگە مىللەتنىڭ پەن-تىخنىكا يىڭىلىقلىرىغا تۇتۇتىدىغان پوزىتسىيىسى ۋە قىيىن مەسىلىلەرگە يولۇققاندا ئونى ھەل قىلىش ئۇسۇلىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلە.بۇ نۇقتىنى پەرىقلەندۈرۈپ ئالساق دىمەكچىمەن.يەنە تەكىتلىسەم:
كىلون ئادەمنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈشنىڭ مۈمكىنلىگىنى ئىسلام دىنىنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ چۈشەندۈرگىلى بولامدۇ؟.
دوستلىشىش
ق.سىدىق
ئادىللىق - ئەڭ ئالى پىرنسىپ!
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10388
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 485
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە485دانە
ئۆسۈش: 2210 %
مۇنبەر پۇلى: 6074 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-01-18
ئاخىرقى: 2012-09-10
8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-04-30 15:58

رەھمەت،ياخشى پىكىر -تېمىلار چۈشىۋاتىدىغۇ مانا.مەن پەن-تىخنىكا بلەن ئىسلام دىنىنىڭ ئورتاق تىل تاپالايدىغانلىغىغا تىخىمۇ بەك ئىشەنمەكتىمەن.18-19-20-قەۋەتتىكى تورداشلارغا ئالاھىدە رەھمەت.ھارمىغايسىلەر.
[ بۇ يازمىنىق.سىدىق 2012-04-30 16:08قايتا تەھرىرلىدى ]
دوستلىشىش
ق.سىدىق
ئادىللىق - ئەڭ ئالى پىرنسىپ!
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10388
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 485
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە485دانە
ئۆسۈش: 2210 %
مۇنبەر پۇلى: 6074 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-01-18
ئاخىرقى: 2012-09-10
9-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-04-30 18:41

توغرا،ساقلىنىش قانۇنلىرىنى ئاللاھ تورغۇزغان قانۇنلار دەپ قاراپ،ئىنسانلاربۇ قانۇنلارنىڭ چىكى ئىچىدە ئاللاھ بەرگەن ئېقتىدارلاردىن پايدىلىنىپ ھەرخىل يىڭى كەشپىيات ۋە بايقاشلارنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ دەپ چۈشۈنۈش ــــــــــ مانا بۇلار مەن ئىزدەۋاتقان جاۋاپ!. مىنىڭچە بۇئىسلامىيەتنىڭ پەن-تىخنىكىغا قارشى ئەمەسلىگى،ئەكسىچە پەن-تىخنىكىنى تەشەببۇس قىلىدىغانلىغىنىڭ دەلىلىرىنى ئىزدەشتىكى توغرا ۋە تۈپ پوزىتسىيە.كۈڭلۈم خىلى يورۇپ قىلىۋاتىدۇ.كەلگۈسىمىزدىن ئۈمىتۋارمەن.ئۈتكەندە ئۈمىتسىزلىك ئىلكىدە«قاسىم سىدىق:«نۆلىنجى ئېلمىنېت»تىن تۇغۇلغان ئويلار»دىگەن تېمىنىڭ  23-قەۋىتىگە تۈۋەندىكى ئىنكاسنى يازغان ئىدىم:

تەئەججۇپ ئىچىدە ئويلىغانلىرىم

مەن غەرىپنىڭ نىمە ئۈچۈن تەبىئەت پەنلىرىدە ئىلگىرلەپ كەتكىنىنى ،ئىسلام دۇنياسىنىڭ نىمە ئۈچۈن كىيىن قالغانلىغىنىڭ بەزى سەۋەپلىرىنى چۈشەنگەندەك بولىۋاتىمەن.ۋاتىكان ياكى ئالى دىنى ئورگانلار ئەڭ پىرىنسىپال مەسىلىلەردە ئۈز دىنى ئەقىدىلىرىگە ئاسېلىق قىلمىسىلا ياكى ئۈز ئىلاھلىرىنى ھاقارەتلىمىسىلا پەننى زىيالىلىرىنىڭ كونكىرىت ئىشلىرىغا ئارىلاشمىغان.ئەركىن تەپەككۆر قىلىشىغا يول قويغان.ئۇلار ھىچبولمىغاندا ئىلاھىيەت ئىلمى بىلەن تەبىئەت ئىلمىنىڭ پەرىقلىرىنى تونۇپ يىتەلىگەن.مەخسۇس ھوقۇق بىرىلگەن ئۇرۇنلارلا بىر ئادەمنىڭ ئېتىقادى ئۈستىدە ھۆكۆم چىقىرىش ھوقۇقىغا ئىگە بولغان.

بىزدىچۇ،بىزدە يىتەرلىك دىنى بىلىم ۋە ئىقتىدار ھازىرلىماي تۇرۇپ،ئازىراق بىرنەرسە بىلىۋالغانلارمۇ ھەرقانداق ساھە ،ھەرقانداق بىر زىيالى ئۈستىدىن ھۆكۆم چىقىرىشقا ئالدىرايدۇ.ئاللاھقا شىرىك كەلتۆرۆشنىڭ ئەڭ ئىغىر گۇناھلىغىنى سۈزلەپ تۇرۇپ ،ئۈزىگە قاراڭغۇ بۇلغان ساھەلەرگىمۇ قول تىقىپ شىرىكلىك گۇناھىنى ئۈزلىرىگە ئارتىۋىلىشقانلىغىنى ھىس قىلىشالمايدۇ.بۇنداق كىشىلەر كۆپىنچە ئۆزى ئىتىقات قىلىۋاتقان دىننىڭ ئولۇق روھىنى ئىگەللىمىگەن بۇلىدۇ.

بىر مىللەتتىن ئۆزى ئىتىقات قىلىۋاتقان دىننىڭ ماھىيىتى،تۆپ پىرىنسىپلىرى چوڭقۇر ھىكمىتىنى چۈشىنىدىغان دىنى ئەرباپلار تۇلىمۇ ئاز چىقىدۇ.بۇنداق تۇلىمۇ ئاز ئەرباپلار ئۆزىگە قاراڭغۇ تەرەپلەرگە يولۇققاندا ھەرگىز ئالدىراپ پەتىۋا چىقارمايدۇ،باھا بەرمەيدۇ.ئۇلار قانچە كامالەتكە يەتكەنسىرى ئۈزلىرىنىڭ بىلىمىنىڭ شۈىچە يىتەرسىز ئىكەنلىگىنى بىلەلەيدىغان مۇنەۋۋەر زاتلاردۇر.ئۇلار گەپنى ئاز،لىكىن ئۇرۇنلۇق قىلىدۇ.شۇڭا ئۇلارنىڭ گىپىنىڭ نوپۇزى،قايىل قىلىش كۈچى بولىدۇ.ئۇلار جانابى ئاللاھنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ ئۈگۈت-نەسىھەت قىلغاندا گۇيا ژىڭنە ئۈستىدە ئولتۇرغاندەك ئازاپلىنىدۇ.سەۋەبى ئۇلار،كۆپ سۈزلەپ قۇيۇپ ،خاتا سۈزلەپ قۇيۇپ مۇشرىك بولۇپ كىتىشتىن شۇنچىكى قورقىدۇ. ئۇلار ئادەملەر ئارىسىدىكى چاكنا شان-شۈھرەتكە شۈنچە پەرۋاسىز قارايدىغان، ئىلاھى ئالدىدىدىكى سەھۋە-خاتالاردىن شۆنچە قورقىدىغان كىشىلەردۇر.شۇڭا بۇنداق كىشىلەر ناھايتى ئاز خاتالىشىدۇ.بىزدە مانا مۇشۇنداق ئەرباپلار كۆپەيگەن ۋە ئەتىۋالانغان بولسا تەبىئى پەن زىيالىلىرى بىلەن دىنى زىيالىلار ئۇتتۇرىسىدىكى ئارىلىق يوقالغان،ئىلىم-پەندە تەرەققى قىلغان بۇلار ئىدۇق. 
 
ئەپسۇس،بىزدە ئۇنداق زاتلار يوق دىيەرلىك شۇنداقلا  قەدىرسىز.
بىلەرمەنلىك،ئىختىلاپ،مەنپەئەت،شۈھرەتپەرەسلىك بىزنى كاردىن چىقارماقتا .

دىنى ساھەدە بىلىمىڭىز يىتەرلىك بولمىسا ئالدىراپ ۋەز نەسىھەت قىلماڭ.  دىننىڭ ئادەتتىكى بىر دۈشمىنىمۇ سزنى ئۇڭايلا مات قىلىپ قۇيۇدۇ. سىزنىڭ مەغلۇبىيىتىڭىز سىز ئىتىقات قىلىۋاتقان دىنغا ھەرگىز شەرەپ ئىلىپ كەلمەيدۇ.سىز شۈھرەتپەرەسلىك ياكى ئاللىقانداقتۇر بىر مۇۋاپىق بولمىغان،ئىلمى بولمىغان غەرەز لىك ياكى غەرەزسىز قىلمىشلىرىڭىز ،گەپلىرىڭىز تۈپەيلى بىلىپ -بىلمەي ئۈزدىنىڭىزنىڭ ئوبرازىنى خۇنۆكلەشتۈرۈپ قويماڭ.دىن دۈشمەنلىرى سىزدىن دەل شۇنى كۈتىدۇ.دىنى مەسىلىلەردىكى ئەڭ ياخشى تاللاش كۆپ ئۈگۈنۈپ،ئازگەپ قىلىشتۇر.

پەننى مەسىلىلەرنىڭ خارەكتىرى بۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ.پەندە خاتالىققا يول قۇيۇدۇ.قايتا تەجىرىبەقىلىش،قايتا بايان قىلىش،بۇرۇنقىسىدىن ۋازكىچىپ يىڭىسىنى قوبۇل قىلىش ،گۇمانلىنىش قاتارلىقلار پەننىڭ تەتقىقات ۋە تەپەككۆر ئۇسۇلىدۇر.ھالبۇكى بىر ئىسلام دىنىغا ئېتىقات قىلغۇچى دىنى ئىتىقات مەسىلىلىرىدە ھەرگىز بۇنداق قىلسا بولمايدۇ.

بىز نىمە ئۈچۈن پەننى زىيالىلار ئاللاھ ئۇلارغا بەرگەن تەپەككۆر ئىقتىدارى بىلەن يىڭى نەرسىلەرنى بايقاۋاتىدۇ،ياساۋاتىدۇ،نەزەرىيە ۋە پەلسەپەلەرنى ئۇتتۇرىغا قۇيۇۋاتىدۇ دىيەلمەيمىز.ئاللاھ بۇ بەندىلىرىگە بىر نەرسىلەرنى كەشىپ قىلىش ئىقتىدارى ۋە ھوقۇقىنى مەلۆم چەك ئىچىدە بەرگەچكە بۇرۇن قىلغان،ھازىر قىلىۋاتقان،كىلەچەكتە قىلىدىغانلىرىنىڭ ھەممىسى ماھىيەتتە ئاللاھنىڭ ئىرادىسىدۇرۋە ئاللاھنىڭ مۈلچەرلىگۈسىز ئىقتىدارلىرىنىڭ كىچىككىنە بىر جىلۋىسىدۇر دىيەلمەيمىز؟.بىز نىمە ئۈچۈن ماشىنىغا چۈشكەندە،ئايرۇپىلانغا ئولتۇرغاندا ،زامانىۋى ئائىلە بۇيۇملىرى،تۇرمۇش ۋاستىلىرىدىن بەھىرمەن بولغاندا بۇ نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى دىگۆدەكلا غەيرى ئىسلامى ئالىملار كەشىپ قىلغانلىغىنى ئۇيلاپ نۇمۇس قىلمايمىز؟.ئىسلامىيەت بىزنى تەپەككۆر نامراتلىغىغا ۋە دىۋانىلىققا دالالەت قىلمىغان بولغىيتى؟!.

دىمەكچى بولغۇنۇم،كۆپ ئۆگىنەيلى ئازگەپ قىلايلى ،ھەممەيلەن قازى بولىۋالمايلى،ئاللاھ ئادەمنى جەننەتتىن قوغلاپ چىقارغاندا ئۈزىنىڭ ئادىل ۋەرەھمانلىغى ۋەجىدىن ئادەمگە بەرگەن ھۇقۇق ۋە ئىقتىدارلارنى ئۇنتۇپ قالمايلى،ئاللاھ تەرىپىدىن بىرىلگەن ھوقۇق ۋە ئىقتىدارلاردىن بىر-بىرىمىزنى مەھرۇم قالدۇرۇشقا ئالدىراپ كەتمەيلى.قۇرۇق شۇئارنى ئاز توۋلاپ ئەمىلى ئەمەللەرنى كۆپ قىلايلى،ئادەم ئاللاھنىڭ ئەڭ كاتتا مۈجىزىسىدۇر.ئادەمنىڭ قولىدىن كەلگەن ھەر بىر ئىزگۆ ئىش تىگى -تەكتىدىن ئالغاندا ئاللاھقا مەنسۈپتۇر!.
سەھۋە - خاتالىقلىرىمنى ئاللاھ كەچۈرگەي.

ــــــــــ قاسىم سىدىق
2012.3.31
[ بۇ يازمىنىق.سىدىق 2012-04-30 19:21قايتا تەھرىرلىدى ]