باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 6588 قېتىم كۆرۈلدى
«123456»Pages: 3/6     Go
تېما: قاسىم سىدىق:دىن بىلەن پەن-تىخنىكىنىڭ دىيالۇگى
ئىتىپاقسىزلىق ئىسلامىيەتنىڭ مەغلۇبىيتى
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8724
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 686
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە686دانە
ئۆسۈش: 1110 %
مۇنبەر پۇلى: 7610 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-08-24
ئاخىرقى: 2012-09-07
20-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-04-30 15:09

ئىنساننى جىنسىسىز كۆپەيتىش مەسىلىسىگە ئالاقىدار شەرئى دەلىلەرنى تەتقىق قىلىش
بىرىنجى: بەزىلەر جىنسىسىز كۆپەيتىش ئاللاھنىڭ يارتىشىنى ئۆزگەرتكەنلىك، ئاللاھنىڭ يارتىشىنى ئۆزگەرتىش ھارام دەپ قارايدۇ. ئۇلار بۇ ئايەت كەرىمىنى دەلىل قىلىپ كۆرسىتىدۇ:“ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار)اللھ نى قويۇپ،پەقەت (ئۆزلىرى)چىشى(ناملار بىلەن ئاتىۋالغان)بۇتلارغا ئىبادەت قىلىدۇ،پەقەت اللھ نىڭ ئىبادىتىدىن باش تارتقان شەيتانغا ئىبادەت قىلىدۇ.اللھ شەيتاننى رەھمىتىدىن يىراق قىلدى،شەيتان ئىيتتى:« مەن ئەلۋەتتە سىنىڭ بەندىلىرىڭدىن مۇئەييەن ساندىكىلەرنى ئىگەللەيمەن.شۇنداقلا چوقۇم ئۇلارنى ئازدۇرىمەن،ئۇلارنى خام خىيال قىلدۇرىمەن(يەنى ھايات ئۇزۇن، قىيامەت،ھىساب ئىلىش يوق دىگەندەك باتىل ئەقىدىلەرنى كۆڭلىگە سالىمەن)، ئۇلارنى چوقۇم چاھارپايلارنىڭ(بۇتلارغا نەزرە قىلىپ بەلگە ئۈچۈن) قۇلاقلىرىنى يىرىشقا بۇيرۇيمەن،ئۇلارنى چوقۇم اللھ نىڭ مەخلۇقاتىنى ئۆزگەرتىۋىتىشكە (يەنى قۇللارنى ئاختا قىلىش،ئۇلارغا مەڭ ئويدۇرۇشقا ئوخشاش)ئىشلارغا بۇيرۇيمەن»“(نىسا سۈرىسى، 117-119-ئايەتلەر). بۇ ئايەت ئاللاھنىڭ مەخلۇقىنى ئۆزگەرتىشنىڭ ھاراملىقىنى كۆرسىتىدۇ، چۈنكى ئۇ شەيتان بۇيرۇيدىغان نەرسە، شەيتان پەقەت يامان ئىشلاردىن باشقىسىغا بۇيرىمايدۇ.
ئۇلار يەنە: ئاللاھنىڭ مەخلۇقىلىرىنى ئۆزگەرتىشنىڭ شەرئى جەھەتتىن چەكلەنگەنلىكىگە ئاللاھنىڭ بۇ سۆزىىنى دەلىل كەلتۈرىدۇ:“باتىل دىنلاردىن بۇرۇلۇپ ئىسلام دىنىغا يۈزلەنگىن،اللھ نىڭ دىنىغا)ئەگەشكىنكى)اللھ ئىنسانلارنى شۇ دىن بىلەن ياراتقان،اللھ نىڭ ياراتقىنىدا ئۆزگىرىش بولمايدۇ“(رۇم سۈرىسى، 30-ئايەت).
يەنە ئۇلارنىڭ دەلىلى، رەسۇلۇللاھنىڭ مۇنۇ ھەدىسى:“ئاللاھ تائالا چىشلىرىنى بىر - بىرىدىن گۈزەللىك ئۈچۈن ئايرىپ، ئاللاھنىڭ ياراتقىنىنى ئۆزگەرتكەن ئاياللارغا لەنەت قىلىدۇ“(بۇخارى رىۋايەت قىلغان).
بىز دەيمىزكى، ئاللاھنىڭ:“اللھ نىڭ دىنىغا)ئەگەشكىنكى)اللھ ئىنسانلارنى شۇ دىن بىلەن ياراتقان،اللھ نىڭ ياراتقىنىدا ئۆزگىرىش بولمايدۇ“(رۇم سۈرىسى،30-ئايەت)دىگەن سۆزى، كۆپلىگەن مۇپەسسىرلەرنىڭ نەزىرىدە ھەق دىن، ئىبادەتنى يالغۇز ئاللاھغا قىلىش، شىرىك ۋە ئۇنىڭ كۆرۈنۈشلىرىدىن ساقلىنىشنىڭ ھەقىقى ئىنسان تەبئىيىتى ئىكەنلىگىنى بىلدۈرىدۇ. كىم مۇشۇ ئىشلارنى ئۆزگەرتىۋەستە، تەبئى ساپ تەبىئەتنى ئۆزگەرتكەن بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۇنداق قىلىشى توغرا بولمايدۇ.
بەدەنگە مەڭ ئويدۇرىدىغان، چىشلىرىنى بىر - بىرىدىن گۈزەللىك ئۈچۈن ئايرىيدىغان…غا ئوخشاش ئىشلارنى ئاللاھنىڭ يارتىشىنى ئۆزگەرتكەنلىك دەپ پەرەز قىلساق، بۇ جىنسىسىز كۆپەيتىش تىخىنىكىسغا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. ئەمما كىلون تىخىنىكىسىدا توخىنى ياكى ھايۋاننى ئىنسان پۇتى بىلەن كۆپەيتىپ قويسا ياكى ئىككى باشلىق قىلىپ قويسا ياكى كالىنى ئۈچ كۆزلۈك قىلىپ قويسا، ئۇ چاغدا بۇ ئايەت ئۇيغۇن كىلىدۇ. جىنسىسىز كۆپەيتىش تىخنىكىسدا ھايۋانلارنى ئاللاھ ياراتقان شەكىلنىڭ ئۆزى بويىچە كۆچۈرگەن (كۆپەتكەن) بولسا، ئۇ ئاللاھنىڭ مەخلۇقىنى ئۆزگەرتكەنلىك بولمايدۇ.
ئىككىنجى: بەزىلەر كۆچۈرۈلمە(كۆپەيتىلگەن) ھايۋاننى مۇشۇ خىل ئۇسۇل بىلەن تۇغدۇرۇشقا ئۇرۇنۇش، ئىنساننىڭ ئاللاھ ياراتقاندەك يارتىشقىغا ئۇرۇنۇپ باققانلىقى بولۇپ قالىدۇ، مۇنداق ئۇرۇنۇش ھارام ۋە زۇلۇم بولىدۇ. چۈنكى بۇ مەسىلە ئاللاھنى ھەقىقى قەدىرلىمەيدىغان ئادەملەردىن سادىر بولىدۇ، دەپ گۇمان قىلىدۇ. بۇلار رەسۇلۇللاھنىڭ مۇنۇ ھەدىسىنى دەلىل قىلىپ كۆرسىتىدۇ:“ماڭا ئوخشاش يارىتىشقا ئۇرۇنۇپ باققان كىشىدىنمۇ زالىم كىشى بارمۇ! ئۇلار بىر تال زەررە ياكى تۈك چاغلىق نەرسىنى يارىتىپ باقسۇن قىنى؟“(بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى).
بىز بۇ تەسەۋۋۇرغا باشتا جاۋاب بەرگەن ئىدۇق، جىنسىسىز كۆپەيتىش تىخنىكىسى ئاللاھغا خاس يارىتىش تۈرىنىڭ قاتارىدىن ئەمەس، بەلكى ئۇ ئاللاھ ياراتقان ۋە ھاياتلىق سىرىنى ئاتا قىلغان ئۇرۇغنى مۇناسىپ مۇھىتقا تىرىپ قويغانلىقتۇر. ئۇ ئۆسۈپ يىتىلگەندە يەنىلا ئاللاھنىڭ مەخلۇقى بولىدۇ. بۇ مەسىلە، دىھقان مۇئەييەن بىر زىرائەتنىڭ ئۇرۇغىنى تۇپراققا كۆمۈپ، ئۇنى پەرۋىش قىلسا، زىرائەت ئۆسۈپ يىتىلىدۇ ۋە مىۋە بىرىدۇ. دىھقان قوپۇپ: بۇ زىرائەتنى مەن ياراتتىم دىسە قەتئى توغرا بولمايدۇ، جىنسىسىز كۆپەيتىشمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاشلا بىر ئىش.
ئۈچىنجى:جىنسىسىز كۆپەيتىش(يەنى كىلون تىخىنىكىسى) توغرىسىدا شەرئى جەھەتتىن توختالغان بەزىلەر، ئۇ تىخنىكا ئەر ۋە چىشىدىكى نەسىللىنىشنى ئىنسانلارنىڭ كۆپىيىش يولى دەپ بايان قىلغان ئايەتكە زىت كىلىدۇ، دەپ قاراشتى. بۇلار ئاللاھنىڭ بۇ سۆزىنى دەلىل كەلتۈردى:“اللە سىلەر (نىڭ ئۇنسى – ئۈلپەت ئىلىشىڭلار) ئۈچۈن خوتۇنۇڭلارنى ئۆز تىپىڭلاردىن ياراتتى، سىلەر ئۈچۈن ئۇلاردىن ئوغۇللارنى ۋە نەۋرىلەرنى ياراتتى“(نەھل سۈرىسى، 72-ئايەت).
“ شۈبھىسىزكى، بىز ئىنساننى ئارىلاشما مەنى (يەنى ئەر بىلەن ئاياللارنىڭ مەنىسى)دىن ياراتتۇق، ئۇنى بىز (شەرىئەت تەكلىپلىرى بىلەن) سىنايمىز، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنى بىز (ئۇنى نازىل قىلغان ئايەتلىرىمىزنى ئاڭلىسۇن، كائىناتنى ياراتقۇچىنىڭ بىرلىكىگە دالالەت قىلىدىغان دەلىللەرنى كۆرسۈن دەپ) ئاڭلايدىغان، كۆرىدىغان قىلىپ ياراتتۇق“(ئىنسان سۈرىسى،2-ئايەت).
ئۇلار بۇ يولدىن باشقا بىر يول بىلەن ھايۋان ياكى ئىنساننى كۆپەيتىش قۇرئاننىڭ كۆرسەتمىسىگە زىت كىلىدۇ،دەپ قاراشتى.
بۇ ئايەتلەر بىلەن كۆرسىتىلگەن دەلىلگە شۇنداق جاۋاب بىرىمىزىكى، كۆپىيىشنىڭ يوللىرى كۆپ، ئايەت كەرىمە پەقەت ھەممەيلەنگە تونۇشلۇق بولغان بىر يولنىلا بايان قىلدى، باشقا تونۇشلۇق بولمىغان نادىر يوللارنى توسمىدى.
يەنە شۇنداق جاۋاب بىرىمىزكى، ئەسلى مەخلۇقتىن ئىلىنغان ھۈجەيرە ئەسلىدە ئەركەك ۋە چىشىنىڭ بىرىكىشىدىن پەيدا بولغان. بۇ ئەسلىسىسى بىر ھۈجەيرە ھالىتىدىكى ۋاقتىدا شۇنداق ئىدى، ئاندىن ھۈجەيرىلەر پارچىلىنىش ئارقىلىق نەچچە يۈز مىليۇنلارغا كۆپىيىپ كەتتى، ھەر بىر ھۈجەيرە 46 خروموسوم (chromosome) دىن تەركىپ تاپىدۇ، ئۇنىڭ 23 ئەركەك ۋە 23 چىشى بولىدۇ.دىمەك، ئۇ ئەركەك ۋە چىشىدىن پەيدا بولغان.
تۆتىنجى:ئۇلار يەنە، جىنسىسىز كۆپەيتىش تىخنىكىسى ئاللاھنىڭ ئىنسان ۋە ھايۋاندىكى قانۇنىيىتىنى ئۆزگەرتكەنلىك، ئاشۇ قانۇنىيەتتىن چىقىپ كەتكەن ھەر قانداق نەرسە ئاللاھنىڭ قانۇنىيىتىنى ئۆزگەرتكەنلىك بولىدۇ، دەپ قارىشىدۇ ۋە مۇنۇ ئايەتنى دەلىل قىلىدۇ:“اللەنىڭ (مەخلۇقاتلار ئۈستىدە قوللانغان) يولىدا ھەرگىزمۇ ھىچقانداق ئۆزگىرىشنى كۆرمەيسەن، اللە يولىدا ھەرگىز يۆتكىلىشنىمۇ (يەنى ئازابنىڭ ئازابقا تىگىشلىك بولغانلار ئۈستىدىن باشقىلارنىڭ ئۈستىگە يۆتكىلىشىنى) كۆرمەيسەن ”(فاتىر سۈرىسى، 43-ئايەت).
بۇ ئايەت بىلەن دەلىل كۆرسىتىشكىمۇ جاۋابىمىز شۇكى، بۇ ئايەتنىڭ جىنسىسىز كۆپەيتىش تىخىنىكىسى ۋە ئاللاھ ئىنسانلارغا سانائەت ئۆزگەرتىش ئارقىلىق زىمىن ماددىلىرىدىن پايدىلىنىشتا تەسەررۇپ قىلىش(بىر تەرەپ قىلىش) ئىمكانىيىتىنى بەرگەن ئىشلار بىلەنمۇ ئالاقىسى يوق. چۈنكى ئاللاھ تائالا ئادەم ۋە بالا-چاقىلىرىنى زىىمىننىڭ خەلىپىلىرى قىلدى، ئۇلاردىن زىمىننى گۈللەندۈرۈشنى تەلەپ قىلدى. ئۇلار زىمىننى گۈللەندۈرۈش ۋە تەرەققى قىلدۇرۇش ئۈچۈن سانائەتلەرنى ئۆزگەرتىدۇ ۋە ئالماشتۇرىدۇ. مەسىلەن، كىرەكسىز ماددىلارنى ئوغۇت قىلىدۇ، تاشتىن ئۆي ياسايدۇ، ماددىلارنىڭ شەكىللىرى ۋە سۈپەتلىرىنى ئۆزلىرىگە پايدىلىق رەۋىشتە ئۆزگەرتىدۇ.
ئەگەر مۇشۇ ئۆزگەرتىشلەر ۋە جىنسىسىز كۆپەيتىش تىخنىكىسى ئاللاھنىڭ قانۇنىيىتىنى ئۆزگەرتكەنلىك بولىدىغان بولسا، بادام ياكى باشقا كۆچەتنى ئۇلاش ئارقىلىق ئۈرۈك ياكى شاپتۇلغا ئۆزگەرتكەن دىھقانمۇ بۇ قاتارغا كىرىپ قالىدۇ. چۈنكى ئاللاھنىڭ قانۇنىيىتى بويىچە بادام كۆچىتى ئۆزلىكىدىن ئۈرۈك ياكى شاپتۇل كۆچىتىگە ئۆزگىرىپ قالمايدۇ.
ئايەت ئىنساننىڭ ئاللاھنىڭ قانۇنىيىتىنى ئۆزگەرتىش ئىمكانىيىتى يوق دىگەننى كۆرسىتىدۇ. سانائەت ۋە تىىخنىكا ئىشلىرىدا ئۇلاش ۋە كۆچۈرۈش ياكى جىنسىسىز كۆپەيتىشكە ئوخشاش ئۆزگەرتىش مۈمكىن بولغاندا، بۇ ئىشنىڭ يوقىرىقى ئايەت بىلەن مەقسەت قىلىنمىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
ئەگەر سىز بۇ ئايەت ۋە شۇنىڭغا ئوخشاپ كىتىدىغان ئىككى ئايەتنىڭ(ئەھزاب سۈرىسى، 62-ئايەت، فەتھى سۈرىسى، 23-ئايەتكە) سىياقىغا قارايدىغان بولسىڭىز، بۇ ئايەتلەرنىڭ ئاللاھنىڭ رەسۇلۇللاھقا -دۈشمەنلىرىگە قارىشى- ياردەم بىرىش قانۇنىيىتى ھەققىدە كەلگەنلىكىنى بىلىسىز. مەشھۇر مۇپەسسىر قۇرتىبى فەتھى سۈرىسىنىڭ تەپسىرىدە:“ئاللاھنىڭ بۇ يەردىكى قانۇنىيىتى يەنى مۆمىنلەرگە -دۈشمەنلىرىگە قارىشى- ياردەم بىرىش يولىدۇر“ دەپ ئىزاھلايدۇ.
ئۇنداقتا بىز“جىنسىسىز كۆپەيتىش (كىلون تىخنىكىسى) توغرا ئىسلام ئەقىدىسىگە زىت كەلمەيدۇ“ دىگەن كۆز قاراشنى كەسكىن جەزمىلىك بىلەن دىيەلەيمىز.
ئەمدى بىز ئۇ تىخنىكىنىڭ تارماق شەرئى ھۆكمىگە نەزەر سالايلى:
ئىنساننى جىنسىسىز كۆپەيتىش تىخنىكىسىدىن كىلىپ چىقىدىغان مەنپەئەتلەر ۋە زىيانلار
بىرىنجى:مەنپەئەتلەر:
1.مىدىتسىنا كۆز قارىشى بويىچە كىلون تىخنىكىسىدىن بەزى تۇغماس ھالەتلىرىدە پايدىلىنىش مۈمكىن.
مەسىلەن، ئادەتتىكى يول بىلەن پەرزەنت كۆرەلمەيدىغان ئەرنىڭ بەدىنىدىن ھۈجەيرە ئىلىپ، ئۇنىڭ ئۇرۇغىنى ئىلىۋىلىپ، ئۇنى ئايالىنىڭ ئۇرۇغى تۆكىۋىتىلگەن تۇخۇم ھۈجەيرىسى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئاندىن ئۇنى ئايالىنىڭ رەھمىسىگە قايتا سىلىپ قويسا بولىدۇ.
بەدەن قۇرۇلمىسى يىتەرلىك تۇخۇم ھۈجەيرىلىرىنى ئىشلەپ چىقىرالمايدىغان ئايال كىشىگە كەلسەك، كىلون تىخنىكىسى ئۇ ئايالدىن ھۈجەيرىسىنىڭ ئىككى ياكى تۆت ياكى سەككىز باسقۇچىدا بىر تۆرەلمە ھۈجەيرىسىنى ئايرىپ بىرەلەيدۇ، ئايال كىشى كەلگۈسى ئۈچۈن بۇنىڭدىن يىتەرلىك مىقداردا ساقلىۋالسا بولىدۇ.
2. بۆرەك ياكى باشقا ئەزا ئالماشتۇرۇشقا مۇھتاج بولىدىغان بەزى قىيىن كىسەللەرنى داۋالاشتا لازىملىق ئەزانى كىسەل شەخستىن كۆچۈرۈلگەن(يەنى ئەسلى ئىگىسىدىن كۆپەيتىلگەن) شەخسنىڭ بەدىنىدىن ئىلىش ئارقىلىق داۋالاش مۈمكىن بولىدۇ. چۈنكى بەدەن كىلون تىخنىكىسى بىلەن يىتىشتۈرۈلگەن يىڭى ئەزانى رەت قىلمايدۇ.
لىكىن پىسخولوگىيە ئالىملىرى بۇ يولنىڭ زور دەرجىدە پىسخولوگىيە تەسىرى بولىشى مۈمكىن دەپ قارايدۇ. چۈنكى كۆچۈرۈلگەن(كۆپەيتىلگەن) مەخلۇق دۇنياغا پەقەت ئەزا ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن كەلگەنلىگىنى بىلسە روھى جەھەتتىن ئازابلىنىدۇ.
3. ئەقىل-پاراسەت، سىياسەت، ئىلىم-پەن، ئىجادىيەت، گۈزەللىك ياكى ئۆتكۈر قوماندانلارغا ئوخشاش ئىقتىدارلىق ۋە يوقىرى ماھارەتلىك ئىنسانلاردىن جىنسىسىز كۆپەيتىش ئارقىلىق بۇ تۈردىكى ياراملىق كىشلەرگە ئىرىشكىلى بولىدۇ دەپ قارىشىدۇ.ئەلۋەتتە، بۇ مەسىلە چوڭ دۆلەتلەرنى ۋە نادىر ئىنسان بايلىقىغا ئىگە بولۇش ئارقىلىق چوڭ دۆلەتلەر قاتارىغا قوشۇلماقچى بولىۋاتقان دۆلەتلەرنى قىزىقتۇرىدۇ. شۇنداقلا شىركەتلەرنىمۇ ئىلىم-پەن ۋە ئىجادىيەت ساھەسىدە ھۇشيار ۋە ئۆتكۈر كىشىلەرنى جىنسىسىز كۆپەيتىۋىلىشقا جەلىب قىلىدۇ.
لىكىن، ئاللاھ تائالا ئادەم باللىرىنى ئىقتىدار ۋە ماھارەت جەھەتلەردە ئىنىق پەرقىلىق ياراتقان. ئىقتىدارلاردىكى بۇ ئوخشاشماسلىق ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بولۇپ، تاسادىپى يۈز بىرىپ قالمىدى. چۈنكى بۇ مەسىلە ھەزارەتلەرنىڭ ئالغا ئىلگىرلىشى، تەۋەققى قىلىش، خەلق ۋە جەمىيەتلەرنىڭ ئىسلاھ بولىشى ئۈچۈن پايدىلىق. شۇنداق بولغاندا ھەر بىرى ئۆزىگە مۇناسىب ۋە قۇدرىتى يىتىدىغان ئىشلارنى قىلىدۇ، كۆز قاراش ۋە پىكىرلىرى تۈرلۈك بولىدۇ، بىر نەرسىنىڭ تەكرار نۇسخىسى بولۇپ قالمايدۇ، مانا بۇ زىمىننىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن بەك پايدىلىق…
ھەزارەت توغرىسىدا ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ:“پەرەۋردىگارىڭنىڭ رەھمىتىنى ئۇلار تەقسىم قىلىپ بىرەمدۇ؟ بىز ئۇلارنىڭ ھاياتىي دۇنيادىكى رىزقىنى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تەقسىم قىلدۇق، ئۇلارنىڭ بەزىسى بەزىسىنى (ھەق بىرىپ) ئىشقا سالسۇن دەپ، ئۇلارنىڭ بەزىسىنىڭ دەرىجىسىنى بەزىسىدىن ئۈستۈن قىلدۇق، پەرەۋردىگارىڭنىڭ رەھمىتى ئۇلارنىڭ توپلىغان نەرسىلىرى (يەنى پۇل-ماللىرى)دىن ياخشىدۇر“ (زوخرۇف سۈرىسى، 32-ئايەت).
“ ئەگەر پەرۋەردىگارىڭ خالىسا ئىدى،پۈتۈن ئادەملەرنى ئەلۋەتتە بىر ئۈممەت(يەنى بىر دىن ۋە بىر مىللەت)قىلاتتى،ئۇلار(دىن توغرىسىدا)داۋاملىق ئىختىلاپ قىلىشقۇچىلاردۇر،پەقەت پەرۋەردىگارىڭنىڭ رەھمىتىگە ئىرىشكەنلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا، اللھ ئۇلارنى شۇنىڭ ئۈچۈن(يەنى ئىختىلاپ ئۈچۈن)ياراتتى“ ( ھۇد سۈرىسى، 119-ئايەت).
”اللھ نىڭ ئاسمانلارنى،زىمىننى ياراتقانلىقى،تىللىرىڭلارنىڭ،رەڭگىلىرىڭلارنىڭ خىلمۇخىل بولۇشى اللھ نىڭ)كامالى قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان)ئالامەتلىرىدىندۇر،بۇنىڭدا بىلىملىك كىشىلەر ئۈچۈن ھەقىقەتەن نۇرغۇن ئالامەتلەر بار“( ھۇد سۈرىسى، 22-ئايەت).
4. ئوغۇل پەرزەنتلەردىن مەھرۇم قالغان ئائىلە ئائىلە مەسئۇلىدىن كۆچۈرۈش(كۆپەيتىش) ئارقىلىق ئوغۇل پەرزەنتگە ئىگە بولۇش ئىمانىيىتىگە ئىگە بولىدۇ.قىز پەرزەنتدىن مەھرۇم بولغانلار قىز پەرزەنتىگە ئىگە بولىدۇ. بۇ مەسىلە، جىنسىسىز كۆپەيتىش تۈرلىرىدە ئەسلى بىلەن تارماقنىڭ ماسلىشىش مەسىلىسى ئەمەلى رىئالغا ئىشىپ قالسا ئاندىن بولىدۇ.
بۇ مەنپەئەت تۈرلىرىنى شەرىئەتنىڭ ھۆكمىدىن قەتئى نەزەر(شەرئى ھۆكۈمگە سالماي تۇرۇپ) مەنپەئەت تەسەۋۋۇرى بويىچە زىكىر قىلدۇق.
لىكىن ھەر بىر ئىنسان ھايات ئىشلىرىدا ئۆزى خىيال قىلغان مەنپەئەتلەر بويىچە ئىش قىلماسلىقى، شەرئى ھۆكۈم بار ئىشلاردا شەرئى ھۆكۈمنىڭ تەقەززاسى بويىچە ئش ئىلىپ بىرىشى لازىم. شەرئى ھۆكۈم بىۋاستە قۇرئان ۋە سۈننەت دەلىللىردىن ئىلىنىدۇ، شەرئى ھۆكۈم ئاللاھنىڭ بۇيرۇقى بولىدۇ؛ ياكى ئىجتىھاد ئارقىلىق ئىلىنغان شەرئى ھۆكۈم بولىدۇ، بۇ گومانى مەنپەئەتكە ئەگەشكەندىن كۆرە توغرىلۇققا يىقىنراق بولىدۇ. شەرئى ھۆكۈم بار يەردە گومانى مەنپەئەتكە ئەگىشىش ھاۋايى-ھەۋەسكە ئەگەشكەنلىك بولىدۇ“اللھ ۋەھيى قىلغان توغرا يولنى قويۇپ نەپسى خاھىشىغا ئەگەشكەن كىشىدىنمۇ ئازغۇن ئادەم بارمۇ؟اللھ ھەقىقەتەن زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ“(قەسەس سۈرىسى، 50-ئايەت).
ئىنساننى جىنسىسىز كۆپەيتىشنىڭ شەرئى ھۆكمى بۇ ئىزدىنىشنىڭ ئاخىرىدا بايان قىلىنىدۇ.
ئىككىنجى: ئىنساننى جىنسىسىز كۆپەيتىش تىخنىكىسىدىن كىلىپ چىقىدىغان زىيانلار:
بۇنىڭدىن كىلىپ چىقىدىغان زىيانلار ۋە بۇزۇقچىلىقلار كۆپ، بۇ زىيان ۋە بۇزۇقچىلىقلار تىخى ئالىملار ۋە مۇتەپەككۈرلەرگە تولۇق كەشىپ قىلىنمىغاندەك تۇرىدۇ:
1.ئاللاھ تائالا ئىنسانلارنى بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان ئالاھىدە پەرقلىق قىلىپ ياراتتى،شۇڭا كىشلەرنىڭ تەكرار نۇسخا بولۇپ قىلىشى توغرا بولمايدۇ،چۈنكى ئۇ ئاللاھ تۈرلۈك ۋە ئوخشىمايدىغان قىلىپ ياراتقان ھاياتنى بۇزۇپ قويىدۇ. ئاللاھ:“اللھ نىڭ ئاسمانلارنى،زىمىننى ياراتقانلىقى،تىللىرىڭلارنىڭ،رەڭگىلىرىڭلارنىڭ خىلمۇخىل بولۇشى اللھ نىڭ)كامالى قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان)ئالامەتلىرىدىندۇر“(رۇم سۈرىسى، 22-ئايەت)دەيدۇ. تىلنىڭ خىلمۇ- خىل بولۇشىنىڭ مەنىسى ھەر بىر ئىنساننىڭ پەرقىلىق ئاۋازىنىڭ بارلىقىدۇر، ھازىر بۇ ئاۋاز:“ ئاۋاز ئىزى“دەپ ئاتىلىدۇ. رەڭگىنىڭ تۈرلۈك بولۇشىنىڭ مەنىسى كىشلەرنى بىر بىرىدىن پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدىغان چىرايلارنىڭ ئوخشاشماسلىقىدۇر. ئەگەر چىرايلار ئوخشىشىپ قالسا جىنايەتچىنى گۇناھسىز ئادەمدىن پەرقلەندۈرگىلى بولمايدۇ.
ئىنسانلارنىڭ ئوخشاشماسلىقى، ئۇلارنىڭ رەڭگىلىرى ۋە ئاۋازلىرىنىڭ خىلمۇ-خىل بولىشى ئىنسانلار ئارىسىدىكى ئالاقىنىڭ بۇزۇلماسلىقى ئۈچۈن ئىلاھى زۆرۈرىيەت.
2. ئاللاھ كائىناتنى جۇپ ياراتتى،شۇڭىلاشقا ئەركەك ۋە چىشى ئارىسىدا ئەر-ئايال بولۇش مەخلۇقاتلار ۋە كائىناتلار ئارىسىدىكى ئىلاھى ئىرادىدۇر. ھەر بىر نەرسىنىڭ جۇپ يارتىلغانلىقىنى قۇرئان كەرىم ئاللىبۇرۇرن قارار قىلغان.
ئەركەك ۋە چىشىلىق بولمىسا زىمىندىكى ھايات رۇس بولمايدۇ، ئاللاھ ئادەمنى ياراتقاندا ئۇنى يالغۇز تاشلاپ قويمىدى،بەلكى ئۇنىڭغا كۆڭلى تەسكىن تاپىدىغان ئايالىنى يارىتىپ بەردى. ئىنسان ئۆز يالغۇز ياشىسا جەننەتنىڭ مەنىسى بولمايدۇ. ئىككى جىنسىنىڭ بىرىدىن بىھاجەت بولۇش ھاياتنى ۋەيران قىلغانلىقتۇر ۋە ئاللاھ ئىنسانلارنى ياراتقان قانۇنىيەتكە زىتتۇر.
3.جەمىيەتنىڭ مۇستەھكەم ئاساسى بولغان، ئادەم بىلەن ھەۋۋا دەۋىردىن تارتىپ سالاھىيىتى ۋە ئىقتىدارىنى ئىسپاتلاپ كەلگەن، دىنلارنىڭ ھەممىسى ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان ۋە ھەر تەرەپتىن قوغدايدىغان ۋە ھىمايە قىلىدىغان ئائىلە قۇرۇلمىسىغا سەلبى تەسىرى بولىدۇ. ئائىلە قۇرۇلمىسى ئىنسانغا كىچىك ۋاقىتى، ئۆسمۈرلۈك ھالىتى، ياش، ئوتتۇرا ياش ۋە قىرىغان ھالەتلىرىدە كۆڭۈل بۆلىدىغان ئەڭ مۇناسىب نەرسىدۇر. شۇڭا ئىسلام شەرىئىتى پاھىشە ۋە بەچچىۋازلىقنى ھارام قىلدى، ئۆيلەرنىڭ ۋە جانلارنىڭ ھۆرمىتىنى ئىسپاتلىدى، ياخشىلىق قىلىش ۋە ئالاقىنى جانلاندۇرۇشنى پەرز قىلدى. ئىسلامدىكى نىكاھ، ئىمىش، نەپەقە(خىراجەت)، ئىگە بولۇش ۋە ۋەسىيەت قىلىش ئەھكاملىرى،ئىددەت، نەسەب، مىراس ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ئائىلە ئەھۋاللىرى ياكى شەخسى ئەھۋاللار دەپ ئاتىلىدىغان ئەھكاملارنى بىكىتتى.
بوۋاق قانۇنلۇق ئائىلىدە ئاتا-ئانا ئىككى تەرەپنىڭ كۆڭۈل بۆلىشى بىلەن ئۆسۈپ يىتىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئارقىسىدا بوۋىسى، مومىسى، تاغىللىرى ۋە ھاممىلىرى تۇرىدۇ. كىچىك بالا بۇلارنىڭ ئارىسىدا كۆڭلى خاتىرجەم ئۆسۈپ يىتىلىدۇ، ئۇلار ئۇنىڭغا پۈتۈن قەلبى ۋە ئەزالىرى بىلەن كۆڭۈل بۆلىدۇ، ئۇنىڭغا تەلپۈنىدۇ، ئاجىز ۋە خاپىلىق كەلگەن ۋاقىتلاردىمۇ ھالىدىن خەۋەر ئالىدۇ. ئاتا-ئانىسى يوق يىتىم بالا، ياكى دادىسى ئۆلۈپ كەتكەن بالا ياكى پاھىشىدىن پەيدا بولغان بالىلارنىڭ ھاياتى قىيىنچىلىق ۋە كۆڭلى بىئارامسىزلىقتا ئۆتىدۇ. ئىجتىمائى تەمىنات ھەر قانچە ياخشى بولسىمۇ ئائىلىنىڭ ئورنىنى ھەرگىز ئالالمايدۇ.
جىنسىسىز كۆپەيتىش تىخنىكىسىدا كۆپەيتىلگۈچى ئەسلىنى بىلمەيدۇ، ئەسلىنى بىلگەن تەقدىردىمۇ ئاتا-ئانىنى پەرزەنتلىرى بىلەن باغلاپ تۇرىدىغان يۈرەك ئالاقىسى ھەرگىز تىپىلمايدۇ. كۆپەيتىلگەن بالا سۇنئى ئاتىنىڭ كۆڭۈل بۆلىشىدە ئۆسۈپ يىتىلسىمۇ، كىچىك بالا تەبئى ئاتىسىدىن ھىس قىلىدىغان ھەقىقى كۆيۈنۈش ۋە مىھرىبانلىققا ئىرشەلمەيدۇ.
4.بەدەن ھۈجەيرىسىدىن جىنسىسىزكۆپەيتىش ئىلمى جەھەتتىن چىشىدىن چىشىنى كۆپەيتىشكە يارايدۇ. دوللى دىگەن ساغلىق ھامىل بىر ساغلىقنىڭ ھۈجەيرە ئۇرۇغىنى تىرىش ئارقىلىق يارتىلدى.
ئەگەر بۇ ئىش ئىنسانلاردا بولۇپ قالسا-كۆپەيتىلگۈچى ئاتا-ئانا ئالاقىسىنىڭ يىرىمىنى يوقۇتۇش بىلەن بىرگە- ئۇرۇقلاندۇرۇش مەسىلىسىدە ئەرلەردىن بىھاجەت بولۇش مەسىلىسى كىلىپ چىقىدۇ. ئەگەر بۇ ئىش ئىلاھى كۆرسەتمىدىن يىراق بەزى جەمىيەتلەردە كۆپ يۈز بىرىپ قالسا، ئەرلەرنىڭ مەرتىۋىسىنىڭ بەك چۈشۈپ كىتىشىگە ۋە ئاياللارنىڭ ئۈستۈن كىلىشىگە ئىلىپ بارىدۇ، چۈنكى ئۇلار ئەرلەردىن بىھاجەت بولۇپ قالىدۇ. دىمەك، بۇ ئىشتا ھەزارەت ۋە تەرەققىياتقا زور زىيان بولىدۇ.
بەلكىم رەسۇلۇللاھنىڭ تۆۋەندىكى ھەدىسىدە بۇ ئەھۋالنىڭ قىيامەت بولۇشتىن ئىلگىرى ئاخىرقى زاماندا يۈز بىرىدىغانلىقىغا ئىشارەت بولسا كىرەك.رەسۇلۇللاھ مۇنداق دىگەنىدى:“قىيامەتنىڭ بەلگىلىرىنىڭ قاتارىدىن ئىلىمنىڭ ئازلاپ كىتىشى، نادانلىقنىڭ ئەۋج ئىلىشى، پاھىشىنىڭ تارىشى، ئەرلەرنىڭ ئازىيىپ كىتىشىدۇر،ئەرلەرنىڭ سانىنىڭ ئازايغانلىقىدىن ئەللىك ئايال بىر ئەرگە قاراشلىق بولۇپ قالىدۇ“(بۇخارى رىۋايەت قىلغان).
5.ئەگەر جىنسىسىز كۆپەيتىش تىخنىكىسىدا ئەرلىك ياكى ئاياللىقتا ئەسلى بىلەن تارمىقى ئارىسىدا ئۇيغۇنلىشىش مەسىلسى ۋۇجۇتقا چىقىپ قالسا، جەمىيەتلەرگە تەلەپ قىلىنىۋاتقان بوۋاقلارنى كونترول قىلىش ھەر جەمىيەتتىكى ھاكىملارغا تەۋە بولۇپ قالىدۇ.بۇنىڭ ئۆلچىگىلى بولمايدىغان ھالاكەتلىك ئاقىۋەتلىرى پەيدا بولىدۇ…چۈنكى ئاللاھ ئەركەك ۋە چىشىنى بىر بىرىگە خاتىرجەملىك ئورنى قىلىپ بەلگىلىدى ۋە شۇنى جەمىيەت قۇرۇلمىسىنىڭ ئاساسى قىلدى. مانا بۇ خەلقلەردە داۋاملىشىپ كىلىۋاتقان قانۇنىيەت، چۈنكى ئىنسانىيەت جەمىيەتلىرىدە ئادەتتە ئەرلەر بىلەن ئاياللار سانى ئاساسەن تەڭ كىلىدۇ، ئىنسانلار ھازىرغىچە ئىلاھى ئىرادىنىڭ ئىككى جىنسىنىڭ ئارىسىنى قانداق تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ كىلىۋاتقانلىقىنى بىلمەيدۇ…
ئەگەر بۇ ئىش ئىنسانلارنىڭ خاھىشىغا قويۇپ بىرىلسە ئىشلار قانداق بولۇپ كىتەر:“ئەگەر ھەقىقەت (يەنى قۇرئان) ئۇلارنىڭ نەپسى خاھىشلىرىغا بويسۇنىدىغان بولسا، ئەلۋەتتە ئاسمانلار، زىمىن ۋە ئۇلاردىكى مەخلۇقاتلار خاراپ بولغان بولاتتى“ (مۆمىنۇن سۈرىسى، 72-ئايەت).
6. بەزى كىشلەر، ئۆلۈك ۋە تىرىك ئۇلۇغ كىشىلەرنىڭ ۋە زالىملارنىڭ نۇسخىسىنى ئىلىپ قويۇش توغرىسىدا سۆز قىلدى ۋە قىلماقتا، ئىنسان ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشكە ئامراق. ئاللاھ ئىبلىسنىڭ ئادەمگە دىگەن سۆزىنى ھىكايە قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:“لىكىن شەيتان ئۇلارنىڭ يىپىقلىق ئەۋرەتلىرىنى ئىچىۋىتىش ئۈچۈن،ئۇلارغا ۋەسۋەسە قىلدى،شەيتان ئىيتتى:« پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ سىلەرگە بۇ دەرەخنىڭ مىۋىسىنى يىيىشنى مەنئى قىلغانلىقى پەقەت سىلەرنىڭ پەرىشتە بولۇپ كەتمەسلىكىڭلار ياكى(جەننەتتە)مەڭگۈ تۇرۇپ قالماسلىقىڭلار ئۈچۈندۇر“( ئەئراف سۈرىسى، 20-ئايەت). ئىبلىس ئادەم ۋە ھەۋۋانىڭ مەڭگۇ ياشاش ئارزۇسىدىن پايدىلىنىپ ئۇلارنى ئازدۇرالىدى.
زالىم فىرئەۋنلەر شۇ مەقسەتكە يىتىش ئۈچۈن ئەينى زاماندا ھەيكەللىرىنى قاتۇرۇپ ئۇرۇنۇپ باققان ئىدى، بۈگۈنكى دەۋر فىرئەۋنلىرى كىلون تىخنىكىسى ئارقىلىق خەلقلەر ئىچىدە مىڭىپ يۈرۈشكە ۋاستە تىپىپ قالىدۇ.
مۇستەبىدلاردىن ئاز تولا نەپكە ئىرشىپ قالغان بىر قىسىم مەغرۇر ۋە نادان خەلقلەر بۇلارنى يوقۇتۇپ قويمىساق پايدا تىگىدۇ، چۈنكى ئۇلار شۇنداق چىچەنكى، خەلقلەرنىڭ ئەھۋالى ئۇلار بولمىسا ئوڭشالمايدۇ، دەپ خىيال قىلىشىدۇ. نادان خەلقلەر ئۇلارنىڭ يولىدا مىڭىش ئۈچۈن ئۇلارغا تولۇق ئۇيغۇن جىنسىسىز كۆپەيتىشكە ھەرىكەت قىلىدۇ، بۇ زالىم مۇستەبىدلار ئىغىر پۇللۇق كۆپەيتىشنىڭ چىقىملىرىنى خەلقنىڭ ماللىرىدىن ئاشكارا-يوشۇرۇن بىرىدۇ.
7. تۇرمۇش قۇرۇش ئارقىلىق كۆپىيىش ئىنسان جىنسىنى تەرەققى قىلدۇرغانلىقتۇر. چۈنكى ئۇ ساغلام، گۈزەل ۋە ئەقلى ئىقتىدارلاردىن تولۇق ھەسسىگە ئىگە كۈچلۈك نەسىلنى تاللاش قانۇنىيىتىگە تايىنىدۇ. ئەر ئايالنىڭ ھەر بىرى يەنە بىر شىركىنى مىڭلىغان ئىنسانلار ئارىسىدىن تاللاپ چىقىدۇ. ئۇرۇغلاندۇرغاندا مىليۇنلىغان ئەركەك ھۈجەيرىلەر چىشى ھۈجەيرىنى چاڭلاشتۇرۇشقا مۇسابىقلىشىدۇ، قايسى ھۈجەيرە كۈچلۈك ۋە تىز بولسا تەلەي شۇنىڭ بولىدۇ.
جىنسىسىز كۆپەيتىش كىشلەرگە قولايلىق بولۇپ قالسا، ئىغىر چىقىمىنى بىرەلەيدىغان ئىقتىساد ئىگلىرىنىڭ ھاۋايى- ھەۋىسىگە بويسۇنىدۇ. بۇ ئۇسۇلدا تەرەققىيات ۋە تاللاش بولمايدۇ، بەلكى ئەينەن سۈرەتنىڭ دەل ئۆزى بولىدۇ.
بۇنىڭغا قوشۇمچە، ئىنسان باشقىلاردىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان سالاھىيىتى ۋە شەخسىيىتىنى رىئاللىققا چىقىرىشقا كۆڭۈل بۆلىدۇ. جىنسىسىز كۆپەيتىش بۇ سالاھىيەت ۋە شەخسىيەت(خاسلىق)نى يوقۇتۇپ تاشلايدۇ.بىسىلغان كىتاب بىلەن شۇ كىتابنىڭ قول يازمىسىنىڭ پەرقىنى سىلىشتۇرۇپ كۆرسەك بولىدۇ، ئەسلى نۇسخىسىنىڭ قىممىتى يوقىرى بولىدۇ.
8. بۇنىڭغا ئەگىشىپ ئىجتىمائى نوقسان پەيدا بولىدۇ، چۈنكى بەدەن كۆرۈنىشىدىكى يىگانىلىق، شۇ شەخسكە ئايرىم سالاھىيىتىنى بىرىدۇ. دۇنيادىكى قانۇن- تۈزۈملەر ھەر بىر ئىنسان ئۆز ئىشلىرىغا مەسئۇل بولىشى ۋە جەمىيەت كىپىل بولىدىغان ھوقۇقىغا ئىىرىشىشى لازىم دەپ قانۇن- نىزام بىكىتتى. ئەگەر كىلون تىخنىكىسى ئىنسانلارغا قەدەم قويسا، بىر ئىنساندىن نەچچە يۈزلىگەن ئىنسان كۆپەيتىلسە، ئۇ چاغدا ھەق- ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەتلەر دائىرىسىنى بەلگىلەش تەسكە چۈشۈپ قالىدۇ.
مەسىلەن، بارماق ئىزى ئۇزۇن زامانلارغىچە ئىنساننىڭ سالاھىيىتىنى بەلگىلەيدىغان ۋاستە ئىدى، كىلون تىخنىكىسى كىڭىيىپ كەتسە بارماق ئىزى قىممىتىنى يوقىتىدۇ، چۈنكى ئۇ ئەسلىنىڭ ئەينەن نۇسخىسى بولىدۇ. قول قويىدىغان ۋە بارماق باسىدىغان بانكا ۋە ئۇندىن ئىلىم سىتىم ئىشلىرىدا ئىشلاردا زور قىيىنچىلىق تۇغۇلىدۇ.
9.جىنسىىسز كۆپىيىش تىخنىكىسى نەسەب، ئۇنىڭغا ئالاقىدار خىراجەت، مىراس، بىقىش، ئىگە بولۇش ۋە ئۇندىن باشقا ھوقۇقلاردا قىيىنچىلىق تۇغدۇرىدۇ. مەسىلەن، كۆچۈرۈلمە نۇسخىسى ۋە ئەسلى ئۇرۇغ ئىگىسى، تۇخۇمدان ئىگىسى ۋە قورساق كۆتۈرۈپ تۇغۇپ بەرگەن ئايال ئارىسىدىكى ئالاقىگە قارىتا، جاۋاب بىرىش تەس بولىدىغان سوئاللار پەيدا بولىدۇ:
*ئەسلى شەخس كۆپەيتىلگەن شەخسنىڭ تەبئى دادىسى بولامدۇ ياكى قىرىندىشىمۇ؟ ئەسلى شەخسنىڭ ئاتىسى ئۇ ئىككى شەخسنىڭ ئاتىسىمۇ ياكى كۆچۈرۈلگەن شەخسنىڭ ئاتىسى ئەمەسمۇ؟
* جىنسىسىز كۆپەيتىش ئايال ھۈجەيرىسىدىن بولغاندا، كۆچۈرۈلگەن قىزنىڭ ئاتىسى كم؟ بۇ كۆچۈرۈلمىنىڭ ئاتىسى ھۈجەيرە ئىگىسىنىڭ ئاتىسىمۇ ياكى مۇتلەق ئاتىسى يوق بولامدۇ؟
* ئۇرۇغ باشقا ئايالنىڭ رەھمىسىگە سىلىنغاندا، قايسى تەبئى ئانىسى بولىدۇ؟
بۇ قالايمىقانچىلىققا ئۇنىڭ قىرىنداشلىرى كىملەر؟… دىگەن قالايمىقانچىلىق يۈز بىرىدۇ. ئالاقىنى بەلگىلەشتىكى بۇ قالايمىقانچىلىققا مەھرەم، مىراس ۋە ئۇندىن باشقا مەسىلىلەردىكى ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەتلەرنى بەلگىلەشتە جەمىيەتكە خەتەرلىك يامان تەسىرى بولىدۇ.
10.ئالىملار جىنسىسىز كۆپەيتىش مەسىلىسى ئارىلىقىدا بەزى خاتالىقلارنىڭ يۈز بىرىپ قىلىپ، بوۋاقلاردا يات كىسەللەرنىڭ يۈز بىرىپ قىلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ. بەلكىم بەزىلەر دۈشمەنلىك سەۋەبلىرىدىن شۇ كىسەل ۋە ئاپەتلەرنى پەيدا قىلىپ قويىشى مۈمكىن.
11. جىنسىسىز كۆپەيتىشتە ئىنسان جىنسىدىن ئايرىم، شەكىل ۋە پىسخولوگىيە جەھەتتىن ئوخشىمايدىغان مەخلۇقاتلار پەيدا بولۇپ قىلىشى مۈمكىن. مۇنداق ئىشلار ھايۋانلاردا بولۇپ قالسا ھىچقىسى يوق. ئەمما ئىنساندا بولۇپ قالسا بەك خەتەرلىك مەسىلە بولىدۇ.
ئىسلام ئاۋازى تور بىتى
2006-08- 12 مىلادىيە
1427-07- 18ھىجرىيە
دوستلىشىش
ق.سىدىق
ئادىللىق - ئەڭ ئالى پىرنسىپ!
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10388
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 485
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە485دانە
ئۆسۈش: 2210 %
مۇنبەر پۇلى: 6074 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-01-18
ئاخىرقى: 2012-09-10
21-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-04-30 15:58

رەھمەت،ياخشى پىكىر -تېمىلار چۈشىۋاتىدىغۇ مانا.مەن پەن-تىخنىكا بلەن ئىسلام دىنىنىڭ ئورتاق تىل تاپالايدىغانلىغىغا تىخىمۇ بەك ئىشەنمەكتىمەن.18-19-20-قەۋەتتىكى تورداشلارغا ئالاھىدە رەھمەت.ھارمىغايسىلەر.
[ بۇ يازمىنىق.سىدىق 2012-04-30 16:08قايتا تەھرىرلىدى ]
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10153
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 325
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە325دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 3585 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-12-22
ئاخىرقى: 2012-07-13
22-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-04-30 16:12

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 7قەۋەتتىكى samanyoli نىڭ 2012-04-30 00:38 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
مىنىڭ قارىشىمچە ئۇيغۇر جەمىيىتى ئەگەر پەن-تىخنىكىدا تەرەققى قىلىمەن دەيدىكەن بىر مۇنچە زىددىيەتلىك مەسىلىلەرنى توغرابىر تەرەپ قىلىشى كىرەك.بۇمەسىلىلەر ئىچىدىكى نۇقتۇلۇق ھەل قىلىشقاتىگىشلىك مەسىلىلەرنىڭ بىرى ئىسلام دىنى بىلەن پەن-تىخنىكىنىڭ مۇناسىۋىتى مەسىلىسىدىن ئىبارەت.زادى دىن بىلەن پەن-تىخنىكا ئۈنۈملۈك دىيالوگلىشالامدۇ(سۈھبەتلىشەلەمدۇ)يوق؟ ،دىيالوگلىشىش دائىرىسى قانداق بەلگۈلىنىشى كىرەك؟ ـــــ مانا بۇ بىز ئويلۇشۆشقا تېگىشلىك نۇقتا.

ئۈستىدىكى قاسىمكامنىڭ ئاۋالقى بىرىنچى ئابزاس سۆزى،،،،،،،ماقالىنىڭ قاتلاملىرىغا ياخشى چوڭقۇرلاش ئۈچۈن بىردىن بىردىن كېلەيلى،،مېنىڭ بىلىشىمدە قاسىمكام بىر نەزەرىيەۋى فىزىكا ئالىمى،،،ھىچبولمىغاندىمۇ مېنىڭ قارىشىمچە شۇنداق،،،،،قاسىمكام خاپىلاپ كەتمىگەي،،،ئەمدى بۇ مۇنبەر بولغاندىكىن دىيىشىپ باقايلى ئاز تولا،،،،
ھەر قانداق نەرسىنى ياخشى چۈشىنىش ئۈچۈن چوقۇم  شۇنىڭ ئەڭ پىشقان كەسىپدارلىرىدىن،شۇ نەرسىنى ئەڭ ياخشى بىلىدىغان ئىلىم ئەھلىلىرىدىن سوراش ئاندىن شۇلارنىڭ ئاغزىدىن چىققان دەلىل ئىسپاتلارغا ،چۈشەندۈرۈشلەرگە ئاساسەن شۇ  نەرسىگە ھۆكۈم قىلىش كېرەك،يەنى تېخىمۇ ئاددى قىلىپ مۇنداق بىر مىسال كەلتۇرەي،،مەن قاسىمكامغا ،قاسىمكا-سىزنىڭ ھويلىڭىزدە بىردانە قېرى سۆگەت باركەن،ھويلىڭىزغا چۈشىدىغان ئاپتاپنى توسىۋاپتۇ ،ئۇنى كېسىۋەتسەك بولغۇدەك دىسەم ،قاسىمكام چوقۇم ھەيرانلىق  بىلەن ماڭا -ئۇكام ،ئىلىشىپ قالدىڭىزمۇ مېنىڭ ھويلامدا سۆگەت نىمە ئىش قىلىدۇ دىيىشى مۇمكىن،،،،،،،،،مەن دىمەكچى ،قاسىمكامنىڭ ھويلىسىدىن بىر ئېۋەن تېپىش ئۈچۈن چوقۇم مەن ئالدى بىلەن قاسىمكامنىڭ ھويلىسىغا كىرىپ تەپسىلى قاراپ كۆزىتىپ چىقىشىم ئۆي قۇرۇلمىسى ،،سانى ،ۋە باشقا تەپسىلاتلىرىدىن تولۇق خەۋەردار بولۇپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن ئېۋەن ئىزدەپ قۇسۇر چىقىرىشىم كېرەك،،،،،،،،بولمىسا ،ئاۋۇ مىسالدەك،قاسىمكامنىڭ ھويلىسىدا يوق بىر نەرسىدىن مەن ئانداقكەن ،مانداقكەن دەپ قۇسۇر چىقارسام، قاسىمكامنىڭ مېنى ساراڭغا چىقىرىشى ئەلۋەتتە توغرىدۇر،،،،،،،
ھەممىڭلارغا مەلۇم،بىزنۇرغۇن  يىللاردىن بۇيان ئىسلام ھەققىدە بۇرمىلانغان مەلۇماتلار ئارىسىدا چوڭ بولدۇق ھەم شۇ بۇرمىلانغان مەلۇماتلارنى توغرا دەپ قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرلاندۇق،،،ھەم نۇرغۇنلىرىمىز شۇ خاتا مەلۇماتلارنى توغرا دەپ تونۇۋالغانلىقىمىز  ئۈچۈن ئىسلام ھەققىدە تېخىمۇ ئاساسسىز بولغان ،تېخىمۇ بۇرمىلانغان تالايلىغان ئەسەر ماقالىلەرنى ۋۇجۇتقا چىقاردۇق،،،،،بۇ بۇرمىلانغان ،بۆھتان قىلىنغان گەپ سۆزلەرنىڭ ئەڭ تىپىك ۋەكىللىرىنىڭ بىرى -دىن ئىسلام ئىلىم پەنگە قارشى نەرسە دىگەن بۇ بىر جۈملە سۆزدۇر،،كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغان يېرى،ئەتراپىمىزدىكى دىن بىلەن پەن قارمۇ قارشى دىگەن سەپسەتىگە  ئەگەشكەنلەر ھىچبىر زامان دىن پىشىۋالىرىدىن دىننىڭ پەنگە تۇتقان مۇئامىلىسى ھەققىدە يېتەرلىك ئۇچۇرلارغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن ئىزدىنىپ باققان ئەمەس،،بەلكى ئۇلار ئالدىنقى باسقۇچتىكى ئۆزىگە ئوخشاش يالغاننى كۆتۈرىۋالغانلارنىڭ سۆزىگىلا ئەگەشكەن خالاس،
.......

توغرا گەپ ئويلىنىشقا تىگىشلىك
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10153
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 325
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە325دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 3585 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-12-22
ئاخىرقى: 2012-07-13
23-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-04-30 17:39

مەن بۇ مەسىلە ئۈستىدە بولىۋاتقان مۇنازىرلەنى كۈرىپ مۇنبىرىمىزدە بىلىملىك كىشىلەرنىڭ كۈپلىگىنى كۈردىم ھەم مەبنۇن بولدئىم.بىر بىردىن ئېسىل ئىنكاسلانى كۈرگەندئىن كېيىن مەن تۈەندىكىدەك.ئۈزەمنىڭ شەخسى. بىلگەنلىرىمنى دىگىم كەلدى توغرا بولمىسا ئەيىپكە بۇرئىمىغايسىلەر ،دۇنيادىكى ھەرقانداق مەۋجۇداتنى ئەق ئاللاھ ياراتتى .ئاللاھتىن باشقا قۇدىرەت ھىشقانداق زەررئچىلىك مەۋجۇدات يارئىتالمايدۇ ھازىر پۈتۈن ئالەمدە باربولغان ماددىلاردىن باشقا بىرەر مادىنى يارىتالمايدۇ بۇھەقىقەت ئىلىم پەنمۇ بۇنىڭغا ئىخرار ئالەم تۇپراق ئۈسىملىك جانلىەق ۋە جانسىز .ئادەم قاتارلىق مەۈجىداتلارمۇ  مۇشۇ ئاللاھ بەرپا قىلغان ئالەمدە بار بولغان ماددئىلارنىڭ نىسپەت بويىچە ئۈز ئارا بىرىكىشىدىن يارئىتىلغان.بۇ پەنتېخنىكىدئىمۇ ئىسپاتلانغان ئۇشقاندەك تەرەققى قىلۋاتقان ئىلىمپەنمۇ تا ھازىغىچە بىرەر يوق ماددىنى ياساپ بارلىققا كەلتۈرەلمىگەن  دئىمەك ئاللاھتىن باشقا ئىشقانداق زات يوقنەرسىنى بارلىققا كەلتىرەلمەيدۇ ،بىز ئىنسانلارنىڭ ھازرغا قەدەر قىلغان كەشپىياتلىرىمىز ياسىغان يېڭىلىقلىرئىمىز پەقەت ئاللاھ يارئىتىپ قويغان مادىلارنىڭ بىربىرىگە نىسپەت بوئىچە ھەرخىل ئارلاشمىسىدىن پەيدا بولغان قىممىتىدىن ئىبارەت خالاس .ئىنساننى ياكى ھايۋاننى كۇلۇنلاپ ئوخشاش قىلىپ يېتىشتۈرئىشىمۇ . ئاللاھ ياراتقاننى ئەمىلى ئانالىز قىغان بىلەن ئوخشاش .ئۇ ئاللاھ بىلەن بەسلەشتى دىيىشكە بولمايدۇ چۈنكى ئاللاھ ئىنسان ئەمەس ئالەمنى بەرپا قىلمايتۇرۇپ ئادەمنى بەرپا قىلدى .ئاللاھ ئىنسانلارغا بىلىم ئۈگەن دىدى بىلىمنىڭ چىكى يوق دىدى ،بىلىمنىڭ چېكىيوق دىگەن مۇشۇ كۈسەتمىسىلا .ھەرقانداق تەتقىقانى قىلىپ يېڭىلىق يارتىشقا بولىدىغانلىغىنى بىلگىلى بولىدۇ،شۇنداق دئىيىشكە بولىدئىكى ئادەمنى كۇلۇنلاپ ياساشقا بولىدۇ ،چۈنكى ئاللاھ بىزگە بۇيرىغان چەكسىز ئىلىم ئىچىدە بۇنىڭدىنمۇ ئىلغار بولغان بىلىملەر بولىشى مۈمكۈن،ئاللاھ ئالەمنى ۋە پۈتۈن مەۋجىداتنى ئىلىمبىلەن ياراتتى،ئامما بىلىملىرىمىزنى ياخشى يوللارغا ئىشلىتىش بىز ئىنسانلارنىڭ مۇھىم ئەخلاقى .ئىسلام ھەرگىز  ئىلىم نى چەكلىمەيدۇ.
[ بۇ يازمىنىنارات 2012-04-30 17:52قايتا تەھرىرلىدى ]
دوستلىشىش
ق.سىدىق
ئادىللىق - ئەڭ ئالى پىرنسىپ!
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10388
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 485
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە485دانە
ئۆسۈش: 2210 %
مۇنبەر پۇلى: 6074 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-01-18
ئاخىرقى: 2012-09-10
24-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-04-30 18:41

توغرا،ساقلىنىش قانۇنلىرىنى ئاللاھ تورغۇزغان قانۇنلار دەپ قاراپ،ئىنسانلاربۇ قانۇنلارنىڭ چىكى ئىچىدە ئاللاھ بەرگەن ئېقتىدارلاردىن پايدىلىنىپ ھەرخىل يىڭى كەشپىيات ۋە بايقاشلارنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ دەپ چۈشۈنۈش ــــــــــ مانا بۇلار مەن ئىزدەۋاتقان جاۋاپ!. مىنىڭچە بۇئىسلامىيەتنىڭ پەن-تىخنىكىغا قارشى ئەمەسلىگى،ئەكسىچە پەن-تىخنىكىنى تەشەببۇس قىلىدىغانلىغىنىڭ دەلىلىرىنى ئىزدەشتىكى توغرا ۋە تۈپ پوزىتسىيە.كۈڭلۈم خىلى يورۇپ قىلىۋاتىدۇ.كەلگۈسىمىزدىن ئۈمىتۋارمەن.ئۈتكەندە ئۈمىتسىزلىك ئىلكىدە«قاسىم سىدىق:«نۆلىنجى ئېلمىنېت»تىن تۇغۇلغان ئويلار»دىگەن تېمىنىڭ  23-قەۋىتىگە تۈۋەندىكى ئىنكاسنى يازغان ئىدىم:

تەئەججۇپ ئىچىدە ئويلىغانلىرىم

مەن غەرىپنىڭ نىمە ئۈچۈن تەبىئەت پەنلىرىدە ئىلگىرلەپ كەتكىنىنى ،ئىسلام دۇنياسىنىڭ نىمە ئۈچۈن كىيىن قالغانلىغىنىڭ بەزى سەۋەپلىرىنى چۈشەنگەندەك بولىۋاتىمەن.ۋاتىكان ياكى ئالى دىنى ئورگانلار ئەڭ پىرىنسىپال مەسىلىلەردە ئۈز دىنى ئەقىدىلىرىگە ئاسېلىق قىلمىسىلا ياكى ئۈز ئىلاھلىرىنى ھاقارەتلىمىسىلا پەننى زىيالىلىرىنىڭ كونكىرىت ئىشلىرىغا ئارىلاشمىغان.ئەركىن تەپەككۆر قىلىشىغا يول قويغان.ئۇلار ھىچبولمىغاندا ئىلاھىيەت ئىلمى بىلەن تەبىئەت ئىلمىنىڭ پەرىقلىرىنى تونۇپ يىتەلىگەن.مەخسۇس ھوقۇق بىرىلگەن ئۇرۇنلارلا بىر ئادەمنىڭ ئېتىقادى ئۈستىدە ھۆكۆم چىقىرىش ھوقۇقىغا ئىگە بولغان.

بىزدىچۇ،بىزدە يىتەرلىك دىنى بىلىم ۋە ئىقتىدار ھازىرلىماي تۇرۇپ،ئازىراق بىرنەرسە بىلىۋالغانلارمۇ ھەرقانداق ساھە ،ھەرقانداق بىر زىيالى ئۈستىدىن ھۆكۆم چىقىرىشقا ئالدىرايدۇ.ئاللاھقا شىرىك كەلتۆرۆشنىڭ ئەڭ ئىغىر گۇناھلىغىنى سۈزلەپ تۇرۇپ ،ئۈزىگە قاراڭغۇ بۇلغان ساھەلەرگىمۇ قول تىقىپ شىرىكلىك گۇناھىنى ئۈزلىرىگە ئارتىۋىلىشقانلىغىنى ھىس قىلىشالمايدۇ.بۇنداق كىشىلەر كۆپىنچە ئۆزى ئىتىقات قىلىۋاتقان دىننىڭ ئولۇق روھىنى ئىگەللىمىگەن بۇلىدۇ.

بىر مىللەتتىن ئۆزى ئىتىقات قىلىۋاتقان دىننىڭ ماھىيىتى،تۆپ پىرىنسىپلىرى چوڭقۇر ھىكمىتىنى چۈشىنىدىغان دىنى ئەرباپلار تۇلىمۇ ئاز چىقىدۇ.بۇنداق تۇلىمۇ ئاز ئەرباپلار ئۆزىگە قاراڭغۇ تەرەپلەرگە يولۇققاندا ھەرگىز ئالدىراپ پەتىۋا چىقارمايدۇ،باھا بەرمەيدۇ.ئۇلار قانچە كامالەتكە يەتكەنسىرى ئۈزلىرىنىڭ بىلىمىنىڭ شۈىچە يىتەرسىز ئىكەنلىگىنى بىلەلەيدىغان مۇنەۋۋەر زاتلاردۇر.ئۇلار گەپنى ئاز،لىكىن ئۇرۇنلۇق قىلىدۇ.شۇڭا ئۇلارنىڭ گىپىنىڭ نوپۇزى،قايىل قىلىش كۈچى بولىدۇ.ئۇلار جانابى ئاللاھنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ ئۈگۈت-نەسىھەت قىلغاندا گۇيا ژىڭنە ئۈستىدە ئولتۇرغاندەك ئازاپلىنىدۇ.سەۋەبى ئۇلار،كۆپ سۈزلەپ قۇيۇپ ،خاتا سۈزلەپ قۇيۇپ مۇشرىك بولۇپ كىتىشتىن شۇنچىكى قورقىدۇ. ئۇلار ئادەملەر ئارىسىدىكى چاكنا شان-شۈھرەتكە شۈنچە پەرۋاسىز قارايدىغان، ئىلاھى ئالدىدىدىكى سەھۋە-خاتالاردىن شۆنچە قورقىدىغان كىشىلەردۇر.شۇڭا بۇنداق كىشىلەر ناھايتى ئاز خاتالىشىدۇ.بىزدە مانا مۇشۇنداق ئەرباپلار كۆپەيگەن ۋە ئەتىۋالانغان بولسا تەبىئى پەن زىيالىلىرى بىلەن دىنى زىيالىلار ئۇتتۇرىسىدىكى ئارىلىق يوقالغان،ئىلىم-پەندە تەرەققى قىلغان بۇلار ئىدۇق. 
 
ئەپسۇس،بىزدە ئۇنداق زاتلار يوق دىيەرلىك شۇنداقلا  قەدىرسىز.
بىلەرمەنلىك،ئىختىلاپ،مەنپەئەت،شۈھرەتپەرەسلىك بىزنى كاردىن چىقارماقتا .

دىنى ساھەدە بىلىمىڭىز يىتەرلىك بولمىسا ئالدىراپ ۋەز نەسىھەت قىلماڭ.  دىننىڭ ئادەتتىكى بىر دۈشمىنىمۇ سزنى ئۇڭايلا مات قىلىپ قۇيۇدۇ. سىزنىڭ مەغلۇبىيىتىڭىز سىز ئىتىقات قىلىۋاتقان دىنغا ھەرگىز شەرەپ ئىلىپ كەلمەيدۇ.سىز شۈھرەتپەرەسلىك ياكى ئاللىقانداقتۇر بىر مۇۋاپىق بولمىغان،ئىلمى بولمىغان غەرەز لىك ياكى غەرەزسىز قىلمىشلىرىڭىز ،گەپلىرىڭىز تۈپەيلى بىلىپ -بىلمەي ئۈزدىنىڭىزنىڭ ئوبرازىنى خۇنۆكلەشتۈرۈپ قويماڭ.دىن دۈشمەنلىرى سىزدىن دەل شۇنى كۈتىدۇ.دىنى مەسىلىلەردىكى ئەڭ ياخشى تاللاش كۆپ ئۈگۈنۈپ،ئازگەپ قىلىشتۇر.

پەننى مەسىلىلەرنىڭ خارەكتىرى بۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ.پەندە خاتالىققا يول قۇيۇدۇ.قايتا تەجىرىبەقىلىش،قايتا بايان قىلىش،بۇرۇنقىسىدىن ۋازكىچىپ يىڭىسىنى قوبۇل قىلىش ،گۇمانلىنىش قاتارلىقلار پەننىڭ تەتقىقات ۋە تەپەككۆر ئۇسۇلىدۇر.ھالبۇكى بىر ئىسلام دىنىغا ئېتىقات قىلغۇچى دىنى ئىتىقات مەسىلىلىرىدە ھەرگىز بۇنداق قىلسا بولمايدۇ.

بىز نىمە ئۈچۈن پەننى زىيالىلار ئاللاھ ئۇلارغا بەرگەن تەپەككۆر ئىقتىدارى بىلەن يىڭى نەرسىلەرنى بايقاۋاتىدۇ،ياساۋاتىدۇ،نەزەرىيە ۋە پەلسەپەلەرنى ئۇتتۇرىغا قۇيۇۋاتىدۇ دىيەلمەيمىز.ئاللاھ بۇ بەندىلىرىگە بىر نەرسىلەرنى كەشىپ قىلىش ئىقتىدارى ۋە ھوقۇقىنى مەلۆم چەك ئىچىدە بەرگەچكە بۇرۇن قىلغان،ھازىر قىلىۋاتقان،كىلەچەكتە قىلىدىغانلىرىنىڭ ھەممىسى ماھىيەتتە ئاللاھنىڭ ئىرادىسىدۇرۋە ئاللاھنىڭ مۈلچەرلىگۈسىز ئىقتىدارلىرىنىڭ كىچىككىنە بىر جىلۋىسىدۇر دىيەلمەيمىز؟.بىز نىمە ئۈچۈن ماشىنىغا چۈشكەندە،ئايرۇپىلانغا ئولتۇرغاندا ،زامانىۋى ئائىلە بۇيۇملىرى،تۇرمۇش ۋاستىلىرىدىن بەھىرمەن بولغاندا بۇ نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى دىگۆدەكلا غەيرى ئىسلامى ئالىملار كەشىپ قىلغانلىغىنى ئۇيلاپ نۇمۇس قىلمايمىز؟.ئىسلامىيەت بىزنى تەپەككۆر نامراتلىغىغا ۋە دىۋانىلىققا دالالەت قىلمىغان بولغىيتى؟!.

دىمەكچى بولغۇنۇم،كۆپ ئۆگىنەيلى ئازگەپ قىلايلى ،ھەممەيلەن قازى بولىۋالمايلى،ئاللاھ ئادەمنى جەننەتتىن قوغلاپ چىقارغاندا ئۈزىنىڭ ئادىل ۋەرەھمانلىغى ۋەجىدىن ئادەمگە بەرگەن ھۇقۇق ۋە ئىقتىدارلارنى ئۇنتۇپ قالمايلى،ئاللاھ تەرىپىدىن بىرىلگەن ھوقۇق ۋە ئىقتىدارلاردىن بىر-بىرىمىزنى مەھرۇم قالدۇرۇشقا ئالدىراپ كەتمەيلى.قۇرۇق شۇئارنى ئاز توۋلاپ ئەمىلى ئەمەللەرنى كۆپ قىلايلى،ئادەم ئاللاھنىڭ ئەڭ كاتتا مۈجىزىسىدۇر.ئادەمنىڭ قولىدىن كەلگەن ھەر بىر ئىزگۆ ئىش تىگى -تەكتىدىن ئالغاندا ئاللاھقا مەنسۈپتۇر!.
سەھۋە - خاتالىقلىرىمنى ئاللاھ كەچۈرگەي.

ــــــــــ قاسىم سىدىق
2012.3.31
[ بۇ يازمىنىق.سىدىق 2012-04-30 19:21قايتا تەھرىرلىدى ]
دوستلىشىش
tugrul525
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 863
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 123
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە123دانە
ئۆسۈش: 30 %
مۇنبەر پۇلى: 1395 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-05
ئاخىرقى: 2012-09-10
25-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-04-30 18:49

  بەزىلەر پەن-تېخنىكىنىڭ دىنغا زىت كېلىدىغان، ياكى دىننىڭ پەن-تېخنىكىغا زىت كېلىدىغان جايلېرىنى بايقىۋالغان ئوخشايدۇ ؟؟؟؟ بۇ قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن!!!
دىن ئۇ بىزنىڭ مەنىۋىييىتىمىز. پەن-تخنىكا بىزنىڭ قۇرالىمىز. تېخىمۇ ئېنىقراق ئېيتقاندا دىن بىزنىڭ غورورىمىز، دن بىزنىڭ ۋىجدانىمىز. پەن-تېخنىكا بولسا بىزنىڭ غورۇرىمىزنى، ۋىجدانىمىزنى قوغدايدىغان قۇلىمىزدىكى توقماق.
خىرىستىيان دۇنياسىنىڭ پەن-تېخنىكىدا زور ئوتۇققا ئېرىشىشى ھەقىقەتەن كۆز يۈمغۇسىز ھەقىقەت. لىكىن شۇنى ئويلىشىمىز كېرەككى بۇ نەتىجە-ئوتۇقلارنىڭ روياپقا چىقىشىدا خىرىستىئان دۇنياسىنىڭ مەنىۋىي تۈۋرۈكى بولغان خىرىستىئان دىنىدىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ.  خىرىستىيان ئەھلىمۇ مۇشۇ ئەمەللېرى تۈپەيلىدىن دۇنيالىقتا خارلانماي ياشاۋاتىدۇ. ئاللاھ دىلىمىزدىن  شەيتاننىڭ ھەسەت ئوتىلېرىنى كۆتۈرگەي. ئامىن.   دىنسىزلارنىڭ پەن-تېخنىكىدا يىڭىلىق يارىتىغان روھى كەمچىل بۇلىدۇ. ئىجاتچانلىق، تەۋەككۈلچىلىكى بولمايدۇ. مايمۇندەك دورامچىلىقتىن باشقىنى بىلمەيدۇ.
ئەمدى خىرىستىئان دۇنياسىنىڭ تەرەققىياتىنى كۆرۈپ دىنىمىزدىن ، ئېتقادىمىزدىن ۋاز كەچسەك، شۇلارنى دورىساق بىز شەپەرەڭگە ئايلىنىپ قالىمىز. بىزمۇ ئۆز دىنىمىز بىزگە بەرگەن روھى قۇۋەتتىن ھەقىقى پايدىلىنىپ، پەن-تېخنىكنى تەرەققى قىلدۇرساق تامامەن بۇلىدۇ. بىزنىڭ روھى قۇۋىتىمىز يىتەرلىك. لىكىن بۇ قۇۋەتنى سەرىپ قىلىۋاتقان جايلار ئوخشىمايدۇ. بىزنىڭ دىنىمىزدا ھېچقاچان ئۆگەنمە، تىرىشما، ئەمگەك قىلما، راھەت كۆرمە دىمىگەن. سەۋەپ ئۆزىمىزدە. نەچچە ئەسىر دىنىمىزدىن خەق پايدىلىنىپ، دىننى ئۆزىنىڭ شەخسى مەنپەئەتى ئۈچۈن ئىشلىتىپ، بىزنىڭ ئەقلىمىزنى بۇلغاپ، روھىيىتىمىزنى خانۇ- ۋەيران قىلىپ، تۈگىمەس جەڭگە-جىدەللنىڭ ئارىسىغا تاشلاپ قۇيدى. روھىيىتىمىز بۇلغانغاچقا بىر-بىرىمىزنى ئارىمىزغا ئالمايدىغان، ھۇمىيىپ قارايدىغان، يىڭنىنىڭ كۆزىدەك پەرىقنى كۆرىۋالساق بىر -بىرىمىزگە ئىشەنمەيدىغان، مېنىڭ تۇغرا دىسەك ياق مېنىڭ تۇغرا دەيدىغان، مەسلىھەتتىن ئىبارەت ئادىمىيلىكتىنمۇ چەتلەپ، ئۆز-ئارا چىشلىشىدىغان ھايۋانى تەبىئەتنى دىللېرىمىزغا پۇلاتتەك ئورنىتىپ، تىغ ئۇچىنى دۈشمەنگە ئەمەس ئۆزىمىزگە قارىتىدىغان بۇلۇپ قالدۇق.ئەسىرلەر مابەينىدىكى مەزھەپ كۈرىشى بۇنىڭ يتەرلىك ئىسپاتى.  مۇشۇ ئەمەللېرىمىز تۈپەيلىدىن ئاللاھ بىزدىن پەن-تېخنىكىدىن ئىبارەت قۇرالنى تارتىۋالدى. بىلگۈچى ئاللاھ ھەقتۇر. بولمىسا ئەشۇ تېخنىكىلار بىزنىڭ قۇلىمىزدا بولغان بولسا بىر-بىرىمىزنىڭ پىيىنى تېخىمۇ تېزراق قىرقار ئىدۇق. مەزھەپتىن سۈنئىي شىئەنى، مىللەتتىن تۈرۈك ئەرەپنى، تور دۇنياسىدىن تور موللىسى تور پوپىنى ۋە ھاكازالار ئۆز -ئارا قىرىشىپ، ئاپتاپ بەكرەك ئۆتۈپ كەتكەنلەر جىھات قىلىمەن دەپ دۇنيانى قانغا بۇيار ئىدى. ئىسلام دىنى-ئىنسانىيەتنىڭ ئاخىرەتلىك دىنى. بىر گۈزەل دىن. چۈنكى ئىسلام ئاللاھنىڭ دىنى. شۇنداق بولغانىكەن دىللېرىمىز ھەم گۈزەك بۇلىشى كېرەك. پەن-تېخنىكا ھەقىقەتەن تەرەققى قىلدى. لىكىن دۇنيا گۈزەللىككە تولغىنى يوق. دۇنيائاچ-زارلىقتا ياشاۋاتقان خەلقلەردىن ، ئەڭ باياشات ياشاۋاتقان خەلقلەر ئارىسىدىكى ئىنسانلار توپى ياشاۋاتىدۇ. تېنىچلىق ئەمەلگە ئاچقىنى يوق. ئىنسانلار بىر خىل تەھتىد ئىچىدە ياشاۋاتىدۇ. خىرىستىيان دۇنياسى  بىر تەرەپتىن پەن-تېخنىكىنى شۇنچە  تەرەققى قىلدۇرۇپ ، يەنە بىر تەرەپتىن دۇنيانى ئەنسىزلىككە چۈشۈرۈپ قويدى. ھازىرقى تەرەققىيات چوڭ جەھەتتىن مۇشۇنچىلىكلا!!!!!!!!ئېتقادلىق مۇسۇلمان يەنە شۇنىڭغا ئىشىنىشى كېرەككى، ئىسلام دۇنياسىمۇ پەن-تخنىكىنى تەرەققى قىلدۇرالايدۇ. (پەن-تېخنىكا تەرەققى قىلىپ چېكىگە يەتكىنى يوق.)ھەم مۇشۇ تەرەققىيات ئارقىلىق دۇنيانى، پۈتكۈل  كائىناتنى تېنىچلىققا، گۈزەللىككە ئېرىشتۈرەلەيدۇ. ئاللاھنىىڭ شاپائىتى ئىسلام دىنى ئارقىلىق دۇنياغا نۇر چاچىدۇ. ئېتقادىمىز، غورورىمىز، ۋىجدانىمىزنى يۇقىتىپ، نىمىنى تەرەققى قىلدۇرىمىز؟؟؟؟؟؟زادى نىمنى؟؟؟؟ كىملەرگە بوزەك بۇلۇشنى خالىماي تەرەققى قىلماقچى بۇلۇپ قالدۇق؟؟؟؟؟؟؟ كىملەرگە؟؟؟؟؟؟؟؟دىنىمىزنى يۇقاتساق بىزنىڭ خەقتىن نىمە پەرقىمىز قالىدۇ؟؟؟؟؟؟ تەرەققى قىلىشمىزدىكى مەقسەت غورورىمىز، ۋىجدانىمىز ئۈچۈن ئەمەسمىدى؟؟؟؟ غورور، ۋىجدانىمىز بولمىسا، تەرەققى قىلغاننىڭ نىمە ئەھميىتى بار؟؟؟؟؟؟؟   بىزنىڭ ئارقىدا قېلىشمىزنىڭ تۈپكى سەۋەبى شۇكى بىزدىن ھەقىقى ئېتقاد يىراقلاشتى. بىزدىن  ھەقىقى ئىسلام يىراقلاشتى.
دوستلىشىش
ق.سىدىق
ئادىللىق - ئەڭ ئالى پىرنسىپ!
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10388
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 485
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە485دانە
ئۆسۈش: 2210 %
مۇنبەر پۇلى: 6074 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-01-18
ئاخىرقى: 2012-09-10
26-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-04-30 19:05

ياخشى مۇھاكىمىلەر بولىۋاتىدۇ،تورداشلارھارمىغاي،داۋاملاشتۇرايلى،بەزى چىگىشلەر يىشىلىپ كەتسە ئەجەپ ئەمەس.
ئاللاھ، ئىيياكە نەئبۇدۇ ۋە ئىيياكە نەستەئىيىن!
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4557
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 513
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە513دانە
ئۆسۈش: 620 %
مۇنبەر پۇلى: 3613 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-08
ئاخىرقى: 2012-08-21
27-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-04-30 20:16

ئادەمنى كىلونلاپ كۆپەيتىش ئىسلامغا زىتمۇ؟ دېگەننى مۇھاكىمە قىلغۇچە ئاللاھ ھالال ياراتقان ئىنساننى ئانىسنىڭ قورسقىدىن دۇنياغا توغۇلۇپ بولغۇچە سۈنئى ئۇسۇلدا ئۆلتۈرۈۋېتىش (بالا چۈشۈرگۈزۈش) ھالالمۇ ھاراممۇ؟ ھارام بولسا، نېمىشقا توسمايمىز؟ ... دېگەننى مۇھاكىمە قىلغان بولساقچۇ؟!
خەقلەر «پ....ت...» نامىدا نەسلىمىزنى قۇرۇتۇپ بولالماي ئاۋارە، گەرچە ئاتا-ئانىسى ئېنىق بار، ھالال  توغۇلماقچى بولغان بالا بولسىمۇ؟....
سىلەر كلونلاپ كۆپەيتىشنىڭ كويىغا چۈشۈپسىلەر.  
ئىسلامدا نىكاھ دەيدىغان بىر ئوقۇم بار.................. نىكاھلىق توغۇلماقچى بولغان بالىلارنى قۇتقۇزالمىساق، نىكاھسىز توغۇلىدىغان كلونلار................................ بولدى، ئاخىرىنى يازماي.
دوستلىشىش
ق.سىدىق
ئادىللىق - ئەڭ ئالى پىرنسىپ!
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10388
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 485
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە485دانە
ئۆسۈش: 2210 %
مۇنبەر پۇلى: 6074 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-01-18
ئاخىرقى: 2012-09-10
28-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-04-30 20:31

سىلەر كلونلاپ كۆپەيتىشنىڭ كويىغا چۈشۈپسىلەر.
ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
بۇنداق گەپ يوق،تېما-ئىنكاسلارنى باشقىدىن كۆرۆڭ!.
ئاللاھ، ئىيياكە نەئبۇدۇ ۋە ئىيياكە نەستەئىيىن!
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4557
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 513
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە513دانە
ئۆسۈش: 620 %
مۇنبەر پۇلى: 3613 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-08
ئاخىرقى: 2012-08-21
29-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-04-30 20:38

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 25قەۋەتتىكى tugrul525 نىڭ 2012-04-30 18:49 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل : 
خىرىستىيان دۇنياسىنىڭ پەن-تېخنىكىدا زور ئوتۇققا ئېرىشىشى ھەقىقەتەن كۆز يۈمغۇسىز ھەقىقەت.    

خرىستىئان دۇنياسى پەقەت 16-ئەسىردىن كېيىن تەرەققىي قىلىپ باش كۆتىرىپ چىقتى. ئۇندىن ئىلگىرى قالاق ۋە ياۋايى ھالەتتە ياشايتتى. ئۇلارنىڭ پەن-تېخنىكىسىنىڭ ئاساسى مۇسۇلمان ئالىملارنىڭ نەتىجىلىرىدىن كەلگەن. بۇ گەپنى تەپسىلىيراق دېسەك مۇنداق:
8-9-10-11-12-ئەسىردە، يەنى موڭغۇللار 1258-يىلى باغداتنى خاراپ قىلىشتىن ئىلگىرى ئىسلام دۇنياسى مىسلىسىز دەرىجىدە گۈللەپ ياشنىغان. ئىلىم-پەن ئىنتايىن تەرەققىي قىلغان. بۇ چاغلاردا ئىسپانىيە مۇسۇلمان دۆلىتى ئىدى. (ئەمەۋىي سۇلتانلار ئىدارە قىلاتتى، ئەندالۇسىيە) ياۋايى موڭغۇللار ئوتتۇرا ئاسىيادىكى (قاراخانلار...قاتارلىق) دۆلەتلەرنى ۋەيران قىلىپ توختىماي، ئىسلام خەلىپىلىكىنىڭ پايتەختى بولغان باغداتنى ئىشغال قىلىپ، كىتاپخانىلارنى كۆيدۈرۈپ، ئالىملارنى ئۆلتۈرۈپ قانلىق قىرغىنچىلىق، ئېغىر ۋەيرانچىلىق ئېلىپ كەلدى. لېكىن ۋەھشى موڭغۇللارنىڭ قەدەم ئىزى ئىسپانىيەگە يەتمىدى. ئىسپانىيەدىكى كۈتۈپخانىلار مۇسۇلمان ئالىملارنىڭ ئەسەرلىرى بىلەن تولغان ئىدى. 1492-يىلى ئىسپانىيەدە ئىسلام ھاكىمىيىتى ئورنىغا خرىستىئان ھاكىمىيىتى تەختكە چىقتى. مۇسۇلمانلارنىڭ ئەسەرلىرى ئىسپانىيە ئارقىلىق ياۋرۇپادىكى لوندۇن، پارىژ، رىم .... قاتارلىق شەھەرلەرگە توشۇلۇشقا باشلىدى. شۇ دەۋردە مۇسۇلمانلار تەرەققىي قىلدۇرۇپ تاشلاپ قويغان ئىسپانىيەدىكى ئىلىم-پەننىڭ تەسىرىدە ياۋرۇپانىڭ ئاستا-ئاستا ئويغۇنىشى بىلەن ياۋرۇپالىق ئالىملار مۇسۇلمانلار يېزىپ قالدۇرغان تەبىئىي پەن ساھەسىدىكى ئەسەرلەردىن پايدىلىنىپ يېڭىلىقلار يارىتىشقا باشلىدى.
مەسىلەن: ئېنگلىزچە "ئالگېبرا" دېگەن ئەسلى ئەرەپچە "ئەلجەبىر" دېگەن سۆزدىن كەلگەن. ئىبنى سىنا يازغان "تىببى قانۇن" دېگەن كىتاب ياۋرۇپانىڭ تىببى ئالىي مەكتەپلىرىدە نەچچە يۈز يىل دەرسلىك كىتاب قىلىنىپ ئىشلىتىلگەن...
بەزى ئىنساپلىق ياۋرۇپالىق ئالىملار گەرچە ئۆزى خرىستىئان بولسىمۇ مۇسۇلمانلارنىڭ دۇنياغا قوشقان تۆھپىسىنى ئىنكار قىلمايدۇ.
ئەنگلىيەدە ئىشلەنگەن "1001 ئىجاد" ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمنى كۆرۈپ بېقىڭلار. ياۋرۇپانىڭ ئىلىم-پەن جەھەتتە يۈكسىلىشىگە ئاساس سالغان بۇ 1001 ئىجاد ئەسلى ھەممىسى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىجادىيىتى.
1001 ئىجاد ھۆججەتلىك فىلمىنىڭ قىسقا ئېلانىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭلار:
http://www.koklem.com/forum.php?mod=viewthread&tid=813&extra=&page=1