بۇ مەزمۇن 29قەۋەتتىكى dilara نىڭ 2012-04-30 20:38 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
خرىستىئان دۇنياسى پەقەت 16-ئەسىردىن كېيىن تەرەققىي قىلىپ باش كۆتىرىپ چىقتى. ئۇندىن ئىلگىرى قالاق ۋە ياۋايى ھالەتتە ياشايتتى. ئۇلارنىڭ پەن-تېخنىكىسىنىڭ ئاساسى مۇسۇلمان ئالىملارنىڭ نەتىجىلىرىدىن كەلگەن. بۇ گەپنى تەپسىلىيراق دېسەك مۇنداق:
8-9-10-11-12-ئەسىردە، يەنى موڭغۇللار 1258-يىلى باغداتنى خاراپ قىلىشتىن ئىلگىرى ئىسلام دۇنياسى مىسلىسىز دەرىجىدە گۈللەپ ياشنىغان. ئىلىم-پەن ئىنتايىن تەرەققىي قىلغان. بۇ چاغلاردا ئىسپانىيە مۇسۇلمان دۆلىتى ئىدى. (ئەمەۋىي سۇلتانلار ئىدارە قىلاتتى، ئەندالۇسىيە) ياۋايى موڭغۇللار ئوتتۇرا ئاسىيادىكى (قاراخانلار...قاتارلىق) دۆلەتلەرنى ۋەيران قىلىپ توختىماي، ئىسلام خەلىپىلىكىنىڭ پايتەختى بولغان باغداتنى ئىشغال قىلىپ، كىتاپخانىلارنى كۆيدۈرۈپ، ئالىملارنى ئۆلتۈرۈپ قانلىق قىرغىنچىلىق، ئېغىر ۋەيرانچىلىق ئېلىپ كەلدى. لېكىن ۋەھشى موڭغۇللارنىڭ قەدەم ئىزى ئىسپانىيەگە يەتمىدى. ئىسپانىيەدىكى كۈتۈپخانىلار مۇسۇلمان ئالىملارنىڭ ئەسەرلىرى بىلەن تولغان ئىدى. 1492-يىلى ئىسپانىيەدە ئىسلام ھاكىمىيىتى ئورنىغا خرىستىئان ھاكىمىيىتى تەختكە چىقتى. مۇسۇلمانلارنىڭ ئەسەرلىرى ئىسپانىيە ئارقىلىق ياۋرۇپادىكى لوندۇن، پارىژ، رىم .... قاتارلىق شەھەرلەرگە توشۇلۇشقا باشلىدى. شۇ دەۋردە مۇسۇلمانلار تەرەققىي قىلدۇرۇپ تاشلاپ قويغان ئىسپانىيەدىكى ئىلىم-پەننىڭ تەسىرىدە ياۋرۇپانىڭ ئاستا-ئاستا ئويغۇنىشى بىلەن ياۋرۇپالىق ئالىملار مۇسۇلمانلار يېزىپ قالدۇرغان تەبىئىي پەن ساھەسىدىكى ئەسەرلەردىن پايدىلىنىپ يېڭىلىقلار يارىتىشقا باشلىدى.
مەسىلەن: ئېنگلىزچە "ئالگېبرا" دېگەن ئەسلى ئەرەپچە "ئەلجەبىر" دېگەن سۆزدىن كەلگەن. ئىبنى سىنا يازغان "تىببى قانۇن" دېگەن كىتاب ياۋرۇپانىڭ تىببى ئالىي مەكتەپلىرىدە نەچچە يۈز يىل دەرسلىك كىتاب قىلىنىپ ئىشلىتىلگەن...
بەزى ئىنساپلىق ياۋرۇپالىق ئالىملار گەرچە ئۆزى خرىستىئان بولسىمۇ مۇسۇلمانلارنىڭ دۇنياغا قوشقان تۆھپىسىنى ئىنكار قىلمايدۇ.
.......