ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
ئىسلام پەنگە قارشى ئەمەس. ئەمما توغرا بولمىغان نەزىرىيەلەرگە ھامان قارشى. مەن سىزنىڭ يۇقىرىقى بايانىڭىزنى «پەن خادىملىرى مەيلى قانداق نەزىرىيەنى ئوتتۇرىغا قويسا قويسۇن، دىن ئۇنىڭغا قارشى چىقماسلىقى لازىم.» دېگەندەك چۈشەندىم. توغرىمۇ؟
ئەگەر توغرا چۈشەنگەن بولسام: خرىستىيان دىنى ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئېلىپ كەلگەن يولىدىن ئاللىبۇرۇن ئۇزاقلىشىپ كەتتى. ھەتتا بىر تۈركۈمى ئۈچ ئىلاھلىق دىنىغا ئۆزگەردى. گەرچە ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە ۋە ئاللاھنىڭ بىرلىكىگە ئىشەنگەن بىر قىسمى بار بولسىمۇ، مۇقەددەس كىتاپنىڭ ئۆزگەرتىلىشى ۋە ئاڭ ئاخىرقى پەيغەمبەرنى ئېتىراپ قىلماسلىقى تۈپەيلى ئۇلارمۇ ئاللىبۇرۇن ھەق يولدىن ئايرىلدى. ئىسلام دىنى بولسا، ئاللاھ تا قىيامەتكە قەدەر ساقلاشقا ۋەدە بەرگەن ئاللاھنىڭ ھەق دىنىدۇر. خرىرستىيان دىنىنىڭ دىندىن يىراقلاشقان، دىنسىزلىقنىڭ ئەشەددى ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان، تەسەللى ئۈچۈن مەۋقەسىز ھالدا ئىشەنگەن دىنىغا بولغان ئىشەنچىسىنىڭ سۇسلۇقى كۈنىمىزدە چىركاۋلارنىڭ قۇرۇقدىلىپ قېلىشلىرى، ھەتتا ياۋرۇپادىكى بەزى چىركاۋلارنىڭ مەسچىتكە ئۆزگەرتىلىشى بىلەن ئاشكارە بولماقتا. بۇنداق بىر دىن بىلەن ۋە بۇنداق بىر دىن تارقالغان جەمئىيەت مۇھىتى بىلەن، ئىسلام دىنى ۋە جەمئىيىتى سېلىشتۇرۇلمايدۇ، سېلىشتۇرۇش ۋە ئۇنىڭدىن ئۆرنەك ئېلىش نادانلىق، ھەتتا جىنايەتتۇر! باشقىلار ئوتقا كىردى دەپ بىزمۇ ئوتقا كىرسەك بولماس!
ھەم خىرىستىئانلارنىڭ دىنغا قارشى ھالدا قويۇلغان نەزىرىيەلەرگە تەنبىھلەرنى بېرەلمەسلىكى، ئۇلارنىڭ ئاتالمىش كەڭقورساق ۋە ئىلمى ئىكەنلىكىدىن ئەمەس، بەلكى قولىدا ھەقىقەت بولمىغانلىقى ئۈچۈن، پەن ئالىملىرىنىڭ قويغان دەلىللىرىنى يىقىتالمىغانلىقىدىندۇر. ئەمما بىز مۇسۇلمانلارنىڭ قولىدا قۇرئان ۋە ھەدىس، ھەم ئۇلارنىڭ نۇرىدىن مۇجتەھىد ۋە مۇرشىد ئالىملارنىڭ يازغان ھەربىرى مىڭلارچە دەلىللەر بىلەن تولغان ئەسەرلىرى بار. قولىمىزدا دىنغا ئىسيان خاراكتىرىدىكى نەزىرىيەلەرنى يىقىتىدىغان ھەق ۋە ھەقىقەت بولغانلىقىدىن، قەلبىمىزدە ئىمان ۋە ۋىجدان بولغانلىقىدىن، شەپقىتىمىز يېنىپ تۇرغانلىقىدىن ئارىمىزدىن بۇنداق بىرىنىڭ (يەنى، ئىسلامغا زىت نەزىرىيەلەرنى ئوتتۇرىغا قويىدىغان ياكى قوللايدىغان كىشىلەرنىڭ) چىقىشىغا قاراپ تۇرالمايمىز. دەلىللەر بىلەن رەدىيە بېرىمىز، ھەقىقەت بىلەن تەربىيە قىلىمىز.
ھەم ھېچبىر پەن دىنغا قارشى چىقالمايدۇ، بەلكى دىننى ئىسپات قىلىدۇ. چۈنكى، يارىتىلغان ھەربىر نەرسە ئاللاھىنىڭ ئايەتلىرىدۇر. قۇرئاندا «زىمىندا ۋە ئۆزەڭلاردا، ئاللاھقا چىن ئىشەنگەنلەر ئۈچۈن ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى ۋە بىرلىكىنى بىلدۈرىدىغان نۇرغۇن ئايەتلەر بار»(زارىيات:20) دېيىلىدۇ. يەنى قۇرئان ئايەتلىرى ئاللاھنى بىزگە تونۇتقىنىدەك، كائىناتتىكى ھەربىر نەرسىمۇ بىزگە ئاللاھنى تونۇتىدۇ. ئاللاھ بۇ مەنىدىن، كائىناتتىكى شەيئىلەرنى «ئايەتلەر» دەۋاتىدۇ. بۇ ئايەتلەرنى ئوقۇش ئۈچۈن، ئۇلارغا ئىمان نۇرى بىلەن، قۇرئاننىڭ تەلىمى ۋە نازارىتى بىلەن قارىشىمىز كېرەك. شۇڭا يۇقىرىقى ئايەتتە «چىن ئىشەنگەنلەر ئۈچۈن...» دېيىلىدۇ. بۇ بايانلاردىن كېيىن چۈشىنىمىزكى، دىنىمىز دۇرۇس بولغان ھەرقانداق پەن تەتقىقاتىنى قوللايدۇ، بەلكى ئاللاھ نامى بىلەن قىلىش شەرتى بىلەن پەت تەتقىقاتىنى قۇۋۋەتلەيدۇ. ئەگەر بىرەر ئالىم يۇقىرىقى قائىدىگە بويسۇنماي، يەنى، ئىمان نۇرى ۋە قۇرئاننىڭ تەلىمىدىن يىراق ھالدا تەتقىقات ئېلىپ قارسا ۋە خاتالاشسا، ئۇنىڭغا رەددىيە بېرىش ۋە ئاۋام مۇسۇلمانلارنىڭ پىكرىنى زەھەرلىشىنى توسۇش، شۇنداقلا ئۇنىڭغا ھەقىقەتنى تەلىم بېرىش بۇرچىمىز بار. ئۇنى جازالاش بولسا ئاللاھنىڭ ئىشىدۇر.
قاسىم ئەپەندى، ئەلھەمدۇلىللاھ سىز بۇ ئىنچىكە تەرەپلەرگە دىققەت قىلىۋاتىسىز. ھەم دۇنيادىكى مەلۇم شۆھرەتلەر ۋە ھەتتا خەلق ئۈچۈن قازىنىدىغان مەلۇم شەرەپ ۋە مەنپەئەتلەر سىزنى ئالداپ قويمىسۇن. دارغا ئېسىلىش ئالدىدا تۇرغان كىشىگە پۇل-مال، شان-شۆھرەتنىڭ ھېچ پايدىسى بولمىغىنىدەك، تۇغۇلۇشىمىزدىنلا ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان بىز ئىنسانلارغا ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن قىلىنمىغان ھېچ بىر ئىشنىڭ ھەقىقى مەنپەئەتى ۋە پايدىسى يوق. پايدىسى بار دېيىلسىمۇ، بىر چاقناپ ئۆچكەن سەرەڭگىگە ئوخشاش، سىزگە بەرگەن پايدىسى تېزلا يوقىلىدۇ. چۈنكى بىز ئۇنىڭ دەرگاھىدىن كەلدۇق، ئۇنىڭ يېنىغا قايتىمىز. ئەگەر بۇ تەتقىقاتلار ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن، ئاللاھنىڭ ئەمرى- بۇيرۇقىغا خىلاپلىق قىلماسلىق شەرتى ئاستىدا، قۇرئاننىڭ تەلىمى بىلەن ئېلىپ بېرىلسا، ئۇ ھالدا بۇ پەن تەتقىقاتىنىڭ نەتىجىسى ئەبەدىي بولىدۇ. ھەمدە قۇرئاندا ئىنسانلارنىڭ كۆپىنچىسى تېگىغا يېتەلمەيدىغان ئايەتلەر كۆپ. بۇ ئايەتلەرنى ئاللاھ تائالا «بۇلارنى پەقەت ئالىملارلا چۈشىنىدۇ» دەپ تەرىپ قىلىدۇ. مۇشۇ خىلدىكى ئايەتلەر سىزنىڭ ئىلھام مەنبەيىڭىز، ئاللاھنىڭ رەھمىتى ياردەمچىڭىز بولىدۇ. بۇ ئارقىلىق پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسەللەمنىڭ «بىر سائەتلىك تەپەككۇر، بىر يىللىق ئىبادەتتىن ئۈستۈندۇر» دېگەن خۇشخەۋىرىدىكى يۈكسەك مەنپەئەتكە ئىگە بولالىشىڭىزغا تىلەكداشمەن. ئاللاھ توغرىلىق ئاتا قىلسۇن.
[ بۇ يازمىنىosmanli 2012-04-30 00:47قايتا تەھرىرلىدى ]