باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 5982 قېتىم كۆرۈلدى
«2345»Pages: 5/5     Go
تېما: قاسىم سىدىق:دىن بىلەن پەن-تىخنىكىنىڭ دىيالۇگى
دوستلىشىش
ق.سىدىق
ئادىللىق - ئەڭ ئالى پىرنسىپ!
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10388
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 481
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە481دانە
ئۆسۈش: 2210 %
مۇنبەر پۇلى: 6034 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-01-18
ئاخىرقى: 2012-09-08
40-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-05-04 21:16

«سۈنئى ھاياتلىق»ئەلۋەتتە مەنبەلەرگە تاينىپ يىڭىچە بىر ھاياتلىق شەكلىنى ۋوجۇتقا چىقىرىش دىگەن گەپ.
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10153
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 325
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە325دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 3585 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-12-22
ئاخىرقى: 2012-07-13
41-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-05-05 00:20

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 40قەۋەتتىكى ق.سىدىق نىڭ 2012-05-04 21:16 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
«سۈنئى ھاياتلىق»ئەلۋەتتە مەنبەلەرگە تاينىپ يىڭىچە بىر ھاياتلىق شەكلىنى ۋوجۇتقا چىقىرىش دىگەن گەپ.

قاسىمكا بېشىڭىزنى ئاغىرىتماي ھەرقانداق پەننى تەتقىقاتنى قىلىۋىرىڭ ئادەم ياسامسىز ئالەم ياسامسىز .مۇۋاپىقىيەت قازانغىنىڭىز ئاللاھنىڭ سىزگە بۇيرئغىنى مەغلۇپ بولغىنىڭىز  ئاللاھنىڭ سىزگە بۇيرئمىغىنى مەنە بۇ ھەق گەپ ئسلام بىلىملىرى باشقا بۇ ئسلام دئنىدئكىلەرگە خاس كاپىرلارغا خاس ئەمەس .پەننى بىلىم باشقا بۇنى پۈتۈن دۇنيادئكى ھەرقانداق دئندئكى ئنساننىڭ ھۈگىنىشكە ۋە تەتقىق قىلىشقا بولىدئغان چەكسىز ئىلىم بۇ ئىلىمنىمۇ ئاللاھ ياراتقان ئىلىمنىڭ ئۇلۇقلىغىدىن ئاللاھ بىزنى چەكلىمىگەن ئىلىم ئۈگەن يەنە ئۈگەن مېنىڭ ھكىمەتلىرىم ئىلىمدە دىگەن ھەرقانداق ئىنساننىڭ ئۈگىنىشىدىن چەكلىمىگەن.شۇڭا كاپىرلارمۇ بۇ ئىلىمدىن پايدئلانماقتا .بىز تالاش تارتىش قىلغان بىلەن باشقىلار ئۈز تەتقىقاتىنى قىلىۋىرىدۇ كۇلۇن قوينى سۈننى مايمۇننى يېتىلدۈرئپ بولدى نەتچە ئونيىلنىڭ ئالدىدا بۇئىشنى مۈكىن ئەمەسدەپ تالاشقانتۇق ھازىر ئەمىلىيەتتە مۈمكىن بولدى ئەتە ئۈگىن.بىر ئالىم چىقىپ كۈلۇن ئادەمنى تەتقىق قىلىپ يىتىلدۈرئپ چىقسا جىمىسىمىزنى ماتقىلىدۇ ،پۈتۈن ئالەمنىڭ مەۈجۇداتنىڭ ئىگىسى ئاللاھ ئالەمنى ئىلىمدىن ياراتتىم دىگەن كېرەملىك سۈزئلا  كۇپايە ئالەم ياسامسىز ئادەم ياسامسىز ئاللاھ ياراتقان ۋە بىزگە ئۈگەندئگەن ئىلىمدا ياسايسىز  بۇ ھەرگىزمۇ دىنىمىز ئسلامغا قارشى ئەمەس ئەكسىچە قوللايدۇ،
دوستلىشىش
يولۇچىمەن
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 11542
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە1دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 10 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-05-05
ئاخىرقى: 2012-05-16
42-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-05-05 15:38

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 5قەۋەتتىكى ق.سىدىق نىڭ 2012-04-29 22:58 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل   :
نۈۋەتتە پەن -تخىنىكىدا كىلون ئادەملەرنى مەيدانغا كەلتۈرۈش ھەيران قالغۇچىلىگى يوق ئىش بولۇپ قالدى.لىكىن بۇنداق قىلىش ئىنسانلارنىڭ ئىززىتىگە دەخلى قىلىدىغان غەيرى ئەخلاقى ھادىسە دەپ قارىلىپ قارشىلىققا ئۆچىرىماقتا. مەن بۇيەردە بۇ ئىشنىڭ ئەخلاقى،قانۇنى،دىنى جەھەتتىن ئەيىپلىنىشى ياكى چەكلىنىشى ئۇستىدە مۇھاكىمە قىلىپ باقايلى دىمەكچى ئەمەس.مىنىڭ تەشەببۇسۇم، دىنىمىزمەۋقەسىدە تۇرۇپ ئادەمنى كىلونلاشنى مۆمكىن بولىدىغان ئىش دەپ قارامدۇق ياكى قەتئى مۆمكىن ئەمەس دەپ قارامدۇق؟،مۇشۇ مەسىلىنى مۇھاكىمە قىلىپ كۆرەيلى.
«كەڭساي»دا دىنى بىلىمى بار تورداشلار ئازئەمەستەك قىلىدۇ،ئويلۇشۇپ باقسا.

قوشۇمچە پايدىلىنىش:

.......



كىلون تېخىنىكىسى ۋە ئىسلام كۆز قارىشى

     1. كىلون تېخنىكىسى ۋە ئاللاھنىڭ ئىنساندىكى قۇدرىتى

كىلون
(جىنسىسىز كۆپەيتىش، كۆچۈرۈش) تېخنىكىسى كۆپىيىش ۋاستىلىرىنىڭ بىر ۋاستىسى بولۇپ، بالاغەتكە يەتكەن ئىنسان ھۈجەيرىسىنى تېرىشقا تايىنىدۇ. ھۈجەيرە تېرىلغاندا ھۈجەيرە ئىگىسىگە ئىرسىيەت سۈپەتلىرى ئۇيغۇنلىشىدىغان ئىنسان بولۇپ يېتىشىدۇ. بۇ تېخنىكا ئارقىلىق بىۋاستە ئاتىسىز ئىنساننىڭ پەيدا بولىشىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولىدۇ، بۇ ھالەتتىكى بالا ئەلۋەتتە قىز بولىدۇ، چۈنكى ھۈجەيرە چىشىدىن ئېلىنغان.شۇنداقلا بىۋاستە ئانىسىز ئىنساننىڭ پەيدا بولىشىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولىدۇ، مەسىلەن ئەر كىشىدىن ئېلىنغان ھۈجەيرە سۇنئى رەھمىدە ياكى ئايالىنىڭ تۇخۇمدىنىنى ئۇرۇغىدىن بىكارلىۋەتكەندىن كېيىن ئايالىنىڭ رەھمىگە ئورۇنلاشتۇرۇلسا، بۇ ئەھۋالدا تۇغۇلغان بالا ئەلۋەتتە ئەركەك بولىدۇ. چۈنكى ھۈجەيرە ئەركەكتىن ئېلىنغان.


كىلون
 تېخىنكىسى مۇشۇ ئاددى ئۇقۇم بىلەن ئاللاھ تائالاغا ئىمان كەلتۈرۈشكە قارىتا دۆت ئەقىللەرگە ئاگاھلاندۇرغۇچى ئورنىدا بولىدۇ. ئۆلگەندىن كېيىن تېرىلىشنىڭ ھەق ئىكەنلىكىگە دەلىل بولىدۇ. ئاللاھغا ئىمان كەلتۈرۈش كائىناتنى مۇلاھىزە قىلىش ۋە كائىناتنىڭ قانۇنىيەتلىرى ھەققىدە توختىلىشقا ئەقىلنى ھەرىكەتلەندۈرىدۇ:"زېمىندا ۋە ئۆزەڭلاردا اللەغا چىن ئېتىقاد قىلىدىغانلار ئۈچۈن (اللەنىڭ قۇدرىتىنى ۋە بىرلىكىنى كۆرسىتىدىغان) نۇرغۇن ئالامەتلەر بار، (بۇنى) كۆرمەمسىلەر"(زارىيات سۈرىسى، 21-ئايەت).


     يەنە:"ئۇلارغا بىز تاكى ئۇلارغا قۇرئاننىڭ ھەق ئىكەنلىكى ئېنىق بولغۇچە، (ئاسمان- زېمىن) ئەتراپىدىكى ۋە ئۆزلىرىدىكى (قۇدرىتىمىزگە دالالەت قىلىدىغان) ئالامەتلەرنى كۆرسىتىمىز، پەرۋەردىگارىڭنىڭ ھەممە نەرسىنى كۆرۈپ تۇرىدىغانلىقى (سېنىڭ راستلىقىڭنىڭ دەلىلى بولۇشقا) ئۇلارغا كۇپايە ئەمەسمۇ[53]. بىلىڭلاركى، ئۇلار ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىغا مۇلاقات بولۇشتىن شەكلىنىدۇ، بىلىڭلاركى، اللە ھەممە نەرسىنى ھەقىقەتەن تولۇق بىلىپ تۇرغۇچىدۇر"(فۇسسىلەت سۈرىسى، 53-54-ئايەتلەر).


كىلون
 تېخنىكىسى يوقتىن يارىتىش مەسىلىسىدە ئاللاھنىڭ يەككە-يىگانىلىقىنىڭ ھەق ئىكەنلىگىنى تەكىتلەيدۇ، شۇڭا يارتىلغان ھۈجەيرە بولمىسا جىنسىسىز كۆپەيتكىلى بولمايدۇ، شۇنداقلا يارتىلغان مەنى ئۇسپۇرمىسى بولمىسا تۇغۇلۇشنىڭ مۈمكىن بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. ھاياتلىق سۈيى(مەنى، ئۇسپۇرما) ئاللاھنىڭ مەخلۇقى، شۇڭىلاشقا جىنسىسىز كۆپەيتىش يولىنى ياكى تەبئى تۇغۇش يولىنى مېڭىشنىڭ ھېچقانداق زىيىنى يوق.


    * ھاياتلىق سۈيى ۋە يارىتىشنىڭ يالغۇز ئاللاھغا خاس ئىكەنلىكىگە كۆپلىگەن ئايەتلەر دەلىلدۇر:


    ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ:"(ئىنسانلار!) سىلەرنى بىز ياراتتۇق، سىلەر قايتا تىرىلىشكە ئىشەنمەمسىلەر؟. سىلەر (ئاياللارنىڭ بەچچىدانىغا تۆكۈلگەن مەنىنى دەپ بېقىڭلارچۇ. ئۇنى سىلەر (ئىنسان قىلىپ) يارىتامسىلەر؟ ياكى بىز (ئىنسان قىلىپ) يارىتامدۇق. بىز سىلەرنڭ ئاراڭلاردا ئۆلۈمنى بەلگىلىدۇق (يەنى ھەر بىرىڭلارنىڭ ئۆلۈش ۋاقتىنى بىكىتتۇق)، سىلەرنى باشقا بىر قەۋمگە ئالماشتۇرۇشتىن ۋە سىلەرنى سىلەر بىلمەيدىغان بىر شەكىلدە يارىتىشتىن ئاجىز ئەمەسمىز. شۈبھىسىزكى، سىلەر دەسلەپكى يارىتىشنى بىلدىڭلار (يەنى دەسلەپتە اللەنىڭ سىلەرنى يوقتىن بار قىلغانلىقىنى تونۇدۇڭلار). سىلەر (اللەنىڭ سىلەرنى دەسلەپ ياراتقاندەك قايتا يارىتىشىنى) ئويلىمامسىلەر؟"( ۋاقىئە سۈرىسى، 57-62- ئايەتلەر).


..



دىن ۋە ئەخلاق دائىرلىرىدە ئىرسىيەت نەتىجىلىرىدىكى تەرەققىياتنىڭ ساداسى

ئىسلام دىنى ئالىملىرى ۋە باشقا دىن ئالىملىرى، ئەخلاق ۋە جەمىيەتشۇناس ئالىملار ئىنساننى جىنسىسىز كۆپەيتىش مەسىلىسى چىققاندىن كېيىن قېيىن مەسىلىگە يولۇقتى. چۈنكى بەزىلەر بۇ تېخنىكىنى پۈتۈن چەكلەش لازىم دىسە، يەنە بەزىلەر بۇ تېخنىكىنى يولغا قويۇپ يامان ۋە زىيانلىق ئىشلاردا ئىشلەتمەسلىككە تۈزۈم بىكىتىپ، ئۇنىڭدىن پايدىلانساق بولىدۇ، دېگەن قاراشلاردا بولۇشتى.


    بۇ مەسىلە ئىسلام ئەللىرىدە قىزغىن مۇنازىرىگە چۈشتى، شەرىئەت ئالىملىرى پۈتۈن تەشىۋىقات ۋاستىلىرىدا بۇ ھەقتە كەڭرى توختالدى.


    بۇ مەسىلىدە توختىلىۋاتقانلارنىڭ زېھنىغا كېلىۋالغان قورقۇنۇشلۇق بىر ئىش، چىركاۋ پوپلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئەسىرلەردە ئەقىل ئەمگىكىنى چەكلىگەنلىكى، ئالىملارنى ئەقلى ئەمگەكتىن مەھرۇم قىلغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ تەپەككۈر يولىغا توسالغۇ بولىۋالغانلىقىدۇر. شۇڭىلاشقا ھازىر ئىنساننى جىنسىسىز كۆپەيتىش مەسىلىسى توغرىلۇق توختىلىۋاتقان ئالىملار، بۇ تېخنىكىنى چەكلەپ قالسا، ئوتتۇرا ئەسىردىكى خىرىستىيان پوپلىرىغا ئوخشاش ھەزارەت چاقىنى سۇندۇرغانلار قاتارىغا كىرىپ قېلىشتىن ئەنسىرەيدۇ. پوپلارنىڭ ئەقلى ئەمگەككە تۇتقان پوزىتسىيەدىن ھەزارەت بىر قانچە ئەسىر توختاپ قالغان. تەپەككۈر ۋە ئەقلى ئەمگەك ئۇلارنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتۇلغاندىن كېيىن، ھەزارەت تىز قەدەمدە سەپىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ ھازىرقىدەك زور تەرەققىياتقا ئېرىشكەن، ئىرسىيەت تېخنىكىسى ۋە نەتىجىلىرى شۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر.


     شۇنداقتىمۇ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىدە بۇ تېخنىكىنى چەكلەش ۋە ئۇنىڭ رىئاللىققا ئاشماشلىقىغا توسالغۇ بولۇش توغرىسىدا چاقىرىقلار كۆتۈرۈلدى، ئۇلارنىڭ چەكلەشتە كۆرسەتكەن دەلىلى: چۈنكى بۇ تېخىنىكا ئاللاھنىڭ خاس يارىتىش ئىشلىرىغا ئارلاشقانلىق دەپ قارىدى.


    ئىسلام كۆز قارىشى بويىچە، ھايۋاناتلار ساھەسىدىكى ئىرسىيەت تەتقىقاتىنىڭ ئىلمى تەرەققىياتىغا توسالغۇ بولماسلىق كېرەك، بەلكى ئىنسانىيەتنىڭ ئىقتىساد ۋە سالامەتلىك ئەھۋاللىرىنى ياخشىلاش ئۈچۈن بۇ ساھەگە ئىيجابى(ئوبىكتىپ)لىق بىلەن كىرىش لازىم.




     جىنسىسىز كۆپەيتىش تېمىسغا ئەقىدە(ئېتىقاد) قانداق قارايدۇ؟



     جىنسىسىز كۆپەيتىشنىڭ شەرئى ھۆكمى(ھارام ياكى ھالاللىقى)نى بايان قىلىشتىن ئىلگىرى، ئەقىدىگە ئالاقىدار مۇھىم بىر مەسىلىنى مۇناقىشە(مۇنازىرە) قىلىپ كۆرەپ كۆرەيلى، يەنى ئىرسىيەت ئالىملىرىنىڭ ساغلىق ياكى مايمۇننى كۆچۈرەلىگەنلىكى(جىنسىسىز كۆپەيتەلىگەنلىكى) مەخلۇق ياراتقانلىق بولامدۇ ياكى ئۇ يارىتىش دائىرىسىگە كىرمەمدۇ؟ دېگەن مەسىلە.


    بىر قىسىم غەيرى مۇسۇلمان  يازغۇچىلار ۋىلىمۇت (Lan Wilmout) نىڭ جىنسىسىز كۆپەيتىشتە غەلىبە قازانغان تخېنىكىسىنى، ساغلىقنى ياراتتى دەپ ئىپادىلەشتى. يەنە بەزىلىرى: ئۇلار ھاياتلىقنى ياراتتى دېيىشتى، بەزى مۇخىبرىلار: ئالىملار ئىلاھنىڭ رولىنى ئوينىماقچىمۇ؟دېگەنمۇ بولدى.


     بەلكىم بەزى ئاۋام مۇسۇلمانلارنىڭ كاللىسىدا جىنسىسىز كۆپەيتىش ھەققىدىكى ئىلمى خەۋەرلەرگە ئىشىنىش توغرا بولمايدۇ، چۈنكى يارىتىش يالغۇز ئاللاھنىڭ ئىشى دېگەن ئويلار بولىشى مۈمكىن:"يارىتىش ۋە ئەمر قىلىش(يەنى كائىناتنى تەسەررۇپ قىلىش)راستىنلا اﷲ نىڭ ئىلكىدىدۇر"(ئەئراف سۈرىسى، 54-ئايەت)، "ھەممە نەرسىنى اﷲ ياراتقان،ھەممە نەرسىنى اﷲ ئوبدان بىلگۈچىدۇر" (ئەنئام سۈرىسى، 101-ئايەت).


    بەلكىم بەزى كىشىلەر:ئەگەر بۇ (يارىتىش)ئىشى ئىنسانىنىڭ ئىمكانىيىتىدە بولسا، ھەزرىتى ئەيسا ئەلەيھىسسالامنى ئاتىسىز يارىتىشنىڭ مۆجىزىسىنىڭ نېمە قىممىتى بولسۇن؟ دەپ قېلىشى مۈمكىن.


    بىز دەيمىزكى، "خلق" يەنى ياراتتى دېگەن ئەرەبچە سۆزنىڭ ئىككى خىل مەنىسى بار، بىرىنجى مەنىسى: مۆلچەرلەش، ئۆلچەش ۋە پىلانلاش. ئىككىنجى مەنىسى: ئىلگىرى مىسالى يوق نەرسىنى يوقتىن بار قىلىش.


     ئىككىنجى مەنىدىكى يارىتىش ئاللاھ تائالاغا خاس. ئەمما بىرىنجى مەنىسى ئورتاق سۆز بولۇپ، ئاللاھنىڭ ئىشلىرىغا ۋە ئىنساننىڭ ئىشلىرىغا ئورتاق قوللىنىۋىرىلىدۇ:"(فتبارك اﷲ ۆچسن الخالقين)ئەڭ ماھىر ياراتقۇچى اللە(ھېكمەت ۋە قۇدرەت جەھەتتىن) ئۇلۇغدۇر"(مۆمىنۇن سۈرىسى،14-ئايەت). ئاللاھ بۇ ئايەت كەرىمىدە بىردىن كۆپ ياراتقۇچىنى ئىسپاتلىدى، شۇڭا بۇ ئايەتنىڭ مەنىسى، ئاللاھ ياراتقۇچى ۋە پىلانلىغۇچىلارنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇر، دېگەن بولىدۇ.


      ئاللاھ تائالا پۈتۈن مەخلۇقاتلارنى يوقتىن بار قىلدى، ھەر بىرسىگە ئىلگىرىكىسىگە ئوخشىمايدىغان شەكىلدە ئۆزى ئىرادە قىلغان ئورۇن ۋە ۋەزىيەتنى بەردى، شۇڭا جانلىقلارنىڭ ھەر قانداق تۈرىنى ئۆزىگە خاس خۇسۇسىيەتلىرى بىلەن ياراتتى:"سىلەر (ئاياللارنىڭ بەچچىدانىغا تۆكۈلگەن مەنىنى دەپ بېقىڭلارچۇ.ئۇنى سىلەر (ئىنسان قىلىپ) يارىتامسىلەر؟ ياكى بىز (ئىنسان قىلىپ) يارىتامدۇق. بىز سىلەرنڭ ئاراڭلاردا ئۆلۈمنى بەلگىلىدۇق (يەنى ھەر بىرىڭلارنىڭ ئۆلۈش ۋاقتىنى بىكىتتۇق)، سىلەرنى باشقا بىر قەۋمگە ئالماشتۇرۇشتىن ۋە سىلەرنى سىلەر بىلمەيدىغان بىر شەكىلدە يارىتىشتىن ئاجىز ئەمەسمىز. شۈبھىسىزكى، سىلەر دەسلەپكى يارىتىشنى بىلدىڭلار (يەنى دەسلەپتە اللەنىڭ سىلەرنى يوقتىن بار قىلغانلىقىنى تونۇدۇڭلار). سىلەر (اللەنىڭ سىلەرنى دەسلەپ ياراتقاندەك قايتا يارىتىشىنى) ئويلىمامسىلەر؟"(ۋاقىئە سۈرىسى، 58-62-ئايەت).


داۋامى: 
http://bbs.yulghun.com/viewthrea ... amp;page=1#pid17640


ئىنساننى جىنسىسىز كۆپەيتىش مەسىلىسىگە ئالاقىدار شەرئى دەلىلەرنى تەتقىق قىلىش

  بىرىنجى: بەزىلەر جىنسىسىز كۆپەيتىش ئاللاھنىڭ يارتىشىنى ئۆزگەرتكەنلىك، ئاللاھنىڭ يارتىشىنى ئۆزگەرتىش ھارام دەپ قارايدۇ. ئۇلار بۇ ئايەت كەرىمىنى دەلىل قىلىپ كۆرسىتىدۇ:"ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار)اﷲ نى قويۇپ،پەقەت (ئۆزلىرى)چىشى(ناملار بىلەن ئاتىۋالغان)بۇتلارغا ئىبادەت قىلىدۇ،پەقەت اﷲ نىڭ ئىبادىتىدىن باش تارتقان شەيتانغا ئىبادەت قىلىدۇ.اﷲ شەيتاننى رەھمىتىدىن يىراق قىلدى،شەيتان ئېيتتى:« مەن ئەلۋەتتە سېنىڭ بەندىلىرىڭدىن مۇئەييەن ساندىكىلەرنى ئىگەللەيمەن.شۇنداقلا چوقۇم ئۇلارنى ئازدۇرىمەن،ئۇلارنى خام خىيال قىلدۇرىمەن(يەنى ھايات ئۇزۇن، قىيامەت،ھېساب ئېلىش يوق دېگەندەك باتىل ئەقىدىلەرنى كۆڭلىگە سالىمەن)، ئۇلارنى چوقۇم چاھارپايلارنىڭ(بۇتلارغا نەزرە قىلىپ بەلگە ئۈچۈن) قۇلاقلىرىنى يېرىشقا بۇيرۇيمەن،ئۇلارنى چوقۇم اﷲ نىڭ مەخلۇقاتىنى ئۆزگەرتىۋېتىشكە (يەنى قۇللارنى ئاختا قىلىش،ئۇلارغا مەڭ ئويدۇرۇشقا ئوخشاش)ئىشلارغا بۇيرۇيمەن»"(نىسا سۈرىسى، 117-119-ئايەتلەر). بۇ ئايەت ئاللاھنىڭ مەخلۇقىنى ئۆزگەرتىشنىڭ ***ىنى كۆرسىتىدۇ، چۈنكى ئۇ شەيتان بۇيرۇيدىغان نەرسە، شەيتان پەقەت يامان ئىشلاردىن باشقىسىغا بۇيرىمايدۇ.


    ئۇلار يەنە: ئاللاھنىڭ مەخلۇقىلىرىنى ئۆزگەرتىشنىڭ شەرئى جەھەتتىن چەكلەنگەنلىكىگە ئاللاھنىڭ بۇ سۆزىىنى دەلىل كەلتۈرىدۇ:"باتىل دىنلاردىن بۇرۇلۇپ ئىسلام دىنىغا يۈزلەنگىن،اﷲ نىڭ دىنىغا)ئەگەشكىنكى)اﷲ ئىنسانلارنى شۇ دىن بىلەن ياراتقان،اﷲ نىڭ ياراتقىنىدا ئۆزگىرىش بولمايدۇ"(رۇم سۈرىسى، 30-ئايەت).


      يەنە ئۇلارنىڭ دەلىلى، رەسۇلۇللاھنىڭ مۇنۇ ھەدىسى:"ئاللاھ تائالا چىشلىرىنى بىر - بىرىدىن گۈزەللىك ئۈچۈن ئايرىپ، ئاللاھنىڭ ياراتقىنىنى ئۆزگەرتكەن ئاياللارغا لەنەت قىلىدۇ"(بۇخارى رىۋايەت قىلغان).


      بىز دەيمىزكى، ئاللاھنىڭ:"اﷲ نىڭ دىنىغا)ئەگەشكىنكى)اﷲ ئىنسانلارنى شۇ دىن بىلەن ياراتقان،اﷲ نىڭ ياراتقىنىدا ئۆزگىرىش بولمايدۇ"(رۇم سۈرىسى،30-ئايەت)دېگەن سۆزى، كۆپلىگەن مۇپەسسىرلەرنىڭ نەزىرىدە ھەق دىن، ئىبادەتنى يالغۇز ئاللاھغا قىلىش، شېرىك ۋە ئۇنىڭ كۆرۈنۈشلىرىدىن ساقلىنىشنىڭ ھەقىقى ئىنسان تەبئىيىتى ئىكەنلىگىنى بىلدۈرىدۇ. كىم مۇشۇ ئىشلارنى ئۆزگەرتىۋەستە، تەبئى ساپ تەبىئەتنى ئۆزگەرتكەن بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۇنداق قىلىشى توغرا بولمايدۇ.


داۋامى: 
http://bbs.yulghun.com/viewthrea ... amp;page=1#pid17642


ئىنساننى جىنسىسىز كۆپەيتىش تېخنىكىسىدىن كېلىپ چىقىدىغان مەنپەئەتلەر ۋە زىيانلار

بىرىنجى:مەنپەئەتلەر:

1.مىدىتسىنا كۆز قارىشى بويىچە 
كىلون
 تېخنىكىسىدىن بەزى تۇغماس ھالەتلىرىدە پايدىلىنىش مۈمكىن.


مەسىلەن، ئادەتتىكى يول بىلەن پەرزەنت كۆرەلمەيدىغان ئەرنىڭ بەدىنىدىن ھۈجەيرە ئېلىپ، ئۇنىڭ ئۇرۇغىنى ئېلىۋىلىپ، ئۇنى ئايالىنىڭ ئۇرۇغى تۆكىۋىتىلگەن تۇخۇم ھۈجەيرىسى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئاندىن ئۇنى ئايالىنىڭ رەھمىسىگە قايتا سېلىپ قويسا بولىدۇ.


بەدەن قۇرۇلمىسى يېتەرلىك تۇخۇم ھۈجەيرىلىرىنى ئىشلەپ چىقىرالمايدىغان ئايال كىشىگە كەلسەك، 
كىلون
 تېخنىكىسى ئۇ ئايالدىن ھۈجەيرىسىنىڭ ئىككى ياكى تۆت ياكى سەككىز باسقۇچىدا بىر تۆرەلمە ھۈجەيرىسىنى ئايرىپ بېرەلەيدۇ، ئايال كىشى كەلگۈسى ئۈچۈن بۇنىڭدىن يېتەرلىك مىقداردا ساقلىۋالسا بولىدۇ.


2. بۆرەك ياكى باشقا ئەزا ئالماشتۇرۇشقا مۇھتاج بولىدىغان بەزى قېيىن كىسەللەرنى داۋالاشتا لازىملىق ئەزانى كىسەل شەخستىن كۆچۈرۈلگەن(يەنى ئەسلى ئىگىسىدىن كۆپەيتىلگەن) شەخسنىڭ بەدىنىدىن ئېلىش ئارقىلىق داۋالاش مۈمكىن بولىدۇ. چۈنكى بەدەن 
كىلون
 تېخنىكىسى بىلەن يېتىشتۈرۈلگەن يېڭى ئەزانى رەت قىلمايدۇ.


لېكىن پىسخولوگىيە ئالىملىرى بۇ يولنىڭ زور دەرجىدە پىسخولوگىيە تەسىرى بولىشى مۈمكىن دەپ قارايدۇ. چۈنكى كۆچۈرۈلگەن(كۆپەيتىلگەن) مەخلۇق دۇنياغا پەقەت ئەزا ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن كەلگەنلىگىنى بىلسە روھى جەھەتتىن ئازابلىنىدۇ.


.

.

.

.

ئىككىنجى: ئىنساننى جىنسىسىز كۆپەيتىش تېخنىكىسىدىن كېلىپ چىقىدىغان زىيانلار:


بۇنىڭدىن كېلىپ چىقىدىغان زىيانلار ۋە بۇزۇقچىلىقلار كۆپ، بۇ زىيان ۋە بۇزۇقچىلىقلار تېخى ئالىملار ۋە مۇتەپەككۈرلەرگە تولۇق كەشىپ قىلىنمىغاندەك تۇرىدۇ:


1.ئاللاھ تائالا ئىنسانلارنى بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان ئالاھىدە پەرقلىق قىلىپ ياراتتى،شۇڭا كىشلەرنىڭ تەكرار نۇسخا بولۇپ قېلىشى توغرا بولمايدۇ،چۈنكى ئۇ ئاللاھ تۈرلۈك ۋە ئوخشىمايدىغان قىلىپ ياراتقان ھاياتنى بۇزۇپ قويىدۇ. ئاللاھ:"اﷲ نىڭ ئاسمانلارنى،زېمىننى ياراتقانلىقى،تىللىرىڭلارنىڭ،رەڭگىلىرىڭلارنىڭ خىلمۇخىل بولۇشى اﷲ نىڭ)كامالى قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان)ئالامەتلىرىدىندۇر"(رۇم سۈرىسى، 22-ئايەت)دەيدۇ. تىلنىڭ خىلمۇ- خىل بولۇشىنىڭ مەنىسى ھەر بىر ئىنساننىڭ پەرقىلىق ئاۋازىنىڭ بارلىقىدۇر، ھازىر بۇ ئاۋاز:" ئاۋاز ئىزى"دەپ ئاتىلىدۇ. رەڭگىنىڭ تۈرلۈك بولۇشىنىڭ مەنىسى كىشلەرنى بىر بىرىدىن پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدىغان چىرايلارنىڭ ئوخشاشماسلىقىدۇر. ئەگەر چىرايلار ئوخشىشىپ قالسا جىنايەتچىنى گۇناھسىز ئادەمدىن پەرقلەندۈرگىلى بولمايدۇ.


ئىنسانلارنىڭ ئوخشاشماسلىقى، ئۇلارنىڭ رەڭگىلىرى ۋە ئاۋازلىرىنىڭ خىلمۇ-خىل بولىشى ئىنسانلار ئارىسىدىكى ئالاقىنىڭ بۇزۇلماسلىقى ئۈچۈن ئىلاھى زۆرۈرىيەت.


2. ئاللاھ كائىناتنى جۇپ ياراتتى،شۇڭىلاشقا ئەركەك ۋە چىشى ئارىسىدا ئەر-ئايال بولۇش مەخلۇقاتلار ۋە كائىناتلار ئارىسىدىكى ئىلاھى ئىرادىدۇر. ھەر بىر نەرسىنىڭ جۇپ يارتىلغانلىقىنى قۇرئان كەرىم ئاللىبۇرۇرن قارار قىلغان.


ئەركەك ۋە چىشىلىق بولمىسا زېمىندىكى ھايات رۇس بولمايدۇ، ئاللاھ ئادەمنى ياراتقاندا ئۇنى يالغۇز تاشلاپ قويمىدى،بەلكى ئۇنىڭغا كۆڭلى تەسكىن تاپىدىغان ئايالىنى يارىتىپ بەردى. ئىنسان ئۆز يالغۇز ياشىسا جەننەتنىڭ مەنىسى بولمايدۇ. ئىككى جىنسىنىڭ بىرىدىن بىھاجەت بولۇش ھاياتنى ۋەيران قىلغانلىقتۇر ۋە ئاللاھ ئىنسانلارنى ياراتقان قانۇنىيەتكە زىتتۇر.


.

.

.
مەزمۇنى كۆپ بولغاچقا، ھەممىنى چاپلاپ قويۇشنى مۇۋاپىق كۆرمىدىم. قالغان قىسمىنى تۆۋەندىكى ئۇلانمىدىن كۆرۈڭ:

http://bbs.yulghun.com/viewthread.php?tid=4159
مەنبە:http://bbs.bilik.co/viewthread.php?tid=19548&extra=&highlight=%D9%83%D9%89%D9%84%D9%88%D9%86&page=1
[ بۇ يازمىنىيولۇچىمەن 2012-05-05 15:43قايتا تەھرىرلى ]
دوستلىشىش
ق.سىدىق
ئادىللىق - ئەڭ ئالى پىرنسىپ!
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10388
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 481
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە481دانە
ئۆسۈش: 2210 %
مۇنبەر پۇلى: 6034 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-01-18
ئاخىرقى: 2012-09-08
43-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: ئالدىنقى كۈنى

قاسىم سىدىق :كىم جاۋاپ بىرەلەيدۇ؟
/read.php?tid-21364.html
دوستلىشىش
ق.سىدىق
ئادىللىق - ئەڭ ئالى پىرنسىپ!
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10388
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 481
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە481دانە
ئۆسۈش: 2210 %
مۇنبەر پۇلى: 6034 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-01-18
ئاخىرقى: 2012-09-08
44-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: ئالدىنقى كۈنى

8-قەۋەت (ق.سىدىق) نىڭ يازمىسىغا

ھەرقانداق پەن- تېخنىكا ئىسلام پىرىنسىپلىرىغا  قارشى چىقىدىكەن ئۇ قوبۇل قىلىنمايدۇ.  پەن تېخنىكا ئارقىلىق خۇدالىق دەۋاسى بولىۋاتقاندەك قىلىدۇ.  سۈنئىي ھاياتلىق  دىگەن ئوپ- ئوچۇق ئاللاھقا قارشى چىققانلىق.  ھاياتلىقنى پەيدا قىلغۇچى، داۋام قىلدۇرغۇچى، ئاياقلاشتۇرغۇچى پەقەتلا ئاللاھ.   بىھۇدە مۇنازىرە قىلىپ، كۇپرىلاردىن بولۇپ قالمايلى.
/read.php?tid-19373.html
ــــــــــــــــــ
پاھ،نىمە دىگەن قوقۇنۇچلۇق ۋە ھەيۋەتلىك گەپ بۇ!.خۇدالىق دەۋاسى قىلغانغا قېنى دەلىل؟!.
[ بۇ يازمىنىق.سىدىق 2012-09-06 09:44قايتا تەھرىرلىدى ]
دوستلىشىش
diyanat777
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 11197
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 22
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە22دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 225 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-03-21
ئاخىرقى: 2012-09-06
45-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: ئالدىنقى كۈنى

ئادەم  كىلونلاشتىكى  ئاساسى  مەخسەت  نىمە   .   <ئاللاھ  ئىنساننى يارىتىپتۇ  بىز  ئىنسانلامۇ  ئىنسانغا ئوىشايدىغىنىدىن بىر نى   ياسىدۇق .>  دىيىشمۇ  ياكى شۇ  ئارقىلىق   ھەر خىل كىسەللىكلەڭ  تەتقىق  قىلىشمۇ ؟
قىرىندىشىم ئامان بول
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7228
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 132
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە132دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 1370 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-04-21
ئاخىرقى: 2012-09-07
46-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: تۈنۈگۈن

ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئۇستازىم بۇرۇن بولغان بىر ئىشنى ھېكايە قىپ بەرگەن، ھېكايىدا  داڭلىق بىر ئۆلىما كىشى،  يېتەرلىك ئۇزۇن ئاغامچا بولسا ئايغا يەتكۈزىلى بولىدىغانلىغىنى جامائەت ئارىسىدا ئىيتىپ ئېچىنىشلىق ئاقىۋەتكە قەلغانىكەن.  بۇ ھېكايە مېنى ھازىرغىچە ئويلاندۇرىدۇ، ئېنسانلارنىڭ سەييارىلەر ئارا كېزىشىگە كېپىل بولالىغان ئىلاھى بايلىغىنى رەت قىلالىغان  زادى قانداق كۈچ..؟! بىز ئېنسان بولۇپ يەر يۈزىدىكى ھەرقانداق جانلىقتىن پەرىقلىق يارىتىلدۇق. تەڭرى ئېنساننى  پۈتمەس- تۈگىمەس ھاياتى كۈچ بىلەن تەپەككۈر بىلەن يارىتىپتۇ.  مەنچە تەڭرى بەرگەن ئېلاھى بايلىغىمىز بولغان تەپەككۈر بىلەن  يارتىلغانلىقىمىزنىڭ ئۆزى  ئۇنىڭدىن تولۇق پايدىلىنىش ھوقۇقىغا ئېگە ئىكەنلىكىمىزنىڭ دەلىلى.   يارىتىشنى مەن ياراتتىم يارىلىشىڭ ئۆزەڭدىن  دېگەننىڭ مەنىسى شۇ بوسا كېرەك.