باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 5986 قېتىم كۆرۈلدى
«12345»Pages: 2/5     Go
تېما: قاسىم سىدىق:دىن بىلەن پەن-تىخنىكىنىڭ دىيالۇگى
دوستلىشىش
ق.سىدىق
ئادىللىق - ئەڭ ئالى پىرنسىپ!
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10388
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 481
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە481دانە
ئۆسۈش: 2210 %
مۇنبەر پۇلى: 6034 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-01-18
ئاخىرقى: 2012-09-08
10-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-04-30 01:25

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! 

   ئىسلام پەنگە قارشى ئەمەس. ئەمما توغرا بولمىغان نەزىرىيەلەرگە ھامان قارشى. مەن سىزنىڭ يۇقىرىقى بايانىڭىزنى «پەن خادىملىرى مەيلى قانداق نەزىرىيەنى ئوتتۇرىغا قويسا قويسۇن، دىن ئۇنىڭغا قارشى چىقماسلىقى لازىم.» دېگەندەك چۈشەندىم.  توغرىمۇ؟
ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
ۋەئەلەيكۆم ئەسسالام!
مەن ھەرگىز ئۇنداق دىمەكچى ئەمەس.مەن تېمىدا ۋە ئىنكاستا نىمىنى مۇھاكىمە قىلىدىغىنىمىزنى ئېنىق يازدىم.
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5766
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 69
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە69دانە
ئۆسۈش: 150 %
مۇنبەر پۇلى: 840 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-20
ئاخىرقى: 2012-04-30
11-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-04-30 02:01

قاسمكامنىڭ تىمىسى زىددىيەت بىلەن تولغان،  بۇنداق بۇلىشىنى دىنىي چۇشەنچىسىنىڭ يۇزەكى بۇلىشى كەلتۇرۇپ چىقارغان. قاسىمكام بۇنداق تىمىدا مۇنازىرە قىلىشتىن بۇرۇن ئىسلام ھەققىدە  ساپ مەنبەلەردىن  ياخشىراق مەلۇمات ئېلىشى ۋە ئۇزىنىڭ اللەغا قانچىلىك بەندىچىلىك قىلالىغانلىقى ھەققىدە ئۇزىدىن بىر ھىساپ ئېلىپ بېقىشى كىرەك.
دوستلىشىش
ق.سىدىق
ئادىللىق - ئەڭ ئالى پىرنسىپ!
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10388
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 481
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە481دانە
ئۆسۈش: 2210 %
مۇنبەر پۇلى: 6034 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-01-18
ئاخىرقى: 2012-09-08
12-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-04-30 09:39

ھەرقانداق پەن- تېخنىكا ئىسلام پىرىنسىپلىرىغا  قارشى چىقىدىكەن ئۇ قوبۇل قىلىنمايدۇ.  پەن تېخنىكا ئارقىلىق خۇدالىق دەۋاسى بولىۋاتقاندەك قىلىدۇ.  سۈنئىي ھاياتلىق  دىگەن ئوپ- ئوچۇق ئاللاھقا قارشى چىققانلىق.  ھاياتلىقنى پەيدا قىلغۇچى، داۋام قىلدۇرغۇچى، ئاياقلاشتۇرغۇچى پەقەتلا ئاللاھ.   بىھۇدە مۇنازىرە قىلىپ، كۇپرىلاردىن بولۇپ قالمايلى.
_________________________
1.بەندىلەر خۇدا دىلىغا سالغان قانۇن،بەرگەن ئېقتىدار - ئەقىللەر ۋەجىدىنلا سۈنئى ھاياتلىقنى بەرپا قىلالىدى ۋە قىلالايدۇ دىيىلسىچۆ؟.
2.«سۈنئى ھاياتلىق»رىياللىققا،پاكىتقا ئايلىنىپ بولدى،بۇئىش خاتا دىيىش بىلەن،بۇ ئىش مۆمكىن ئەمەس دىيىشنىڭ پەرقىنى ئايرىۋالايلى.«خۇدالىق دەۋاسى»دىگەن گەپنى ھازىرچە ئىشلەتمەي تۇرۇپ،ئالدى بىلەن بۇنداق ئىشنى دىنىمىزمەۋقەسىدە تۆرۆپ چۈشەندۈرگىلى بولامدۇ-بولمامدۇ دىگەننى ئويلۇشۇپ كۆرەيلى.ئەگەر«سۈنئى ھاياتلىقنى ۋۇجۇتقا چىقىرىش مۆكىن ئەمەس»دىسەك پاكىتلارغا جاۋاپ بىرىشىمىز كىرەك.«مۆمكىن»دىسەك بۇنداق ئىشلارنى دىنىمىز مەۋقەسىدە تۆرۇپ چۈشەندۈرۈپ بىرىشىمىز كىرەك.شۇنداق قىلالىساقلا ئىسلام دىنىنىڭ پەن-تىخنىكىغا قارشى دىن ئەمەسلىگىنى تىخىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا ئىسپاتلىيالايمىز.بۇ بەك موھىم ۋە زىل مەسىلە.ئۈزىمىزنى توختۇتىۋىلىپ، ئوبدان ئويلۇشۇپ ئىنكاس يازايلى.
دوستلىشىش
ق.سىدىق
ئادىللىق - ئەڭ ئالى پىرنسىپ!
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10388
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 481
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە481دانە
ئۆسۈش: 2210 %
مۇنبەر پۇلى: 6034 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-01-18
ئاخىرقى: 2012-09-08
13-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-04-30 09:44

يەنە ئەسكەرتىپ قوياي،تېما تەلەپ قىلىۋاتقان مەركىزى مەسىلىدىن چەتنەپ كەتمىسەك.

http://www.kayinat.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=9777
[ بۇ يازمىنىق.سىدىق 2012-04-30 11:45قايتا تەھرىرلىدى ]
دوستلىشىش
kroran2010
رەببىم ئۇيغۇرۇمغا مەدەت بەرگىن !
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4290
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 276
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە276دانە
ئۆسۈش: 170 %
مۇنبەر پۇلى: 2073 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-05
ئاخىرقى: 2012-09-07
14-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-04-30 11:56

ئاللا پۇتكۇل ئالەمنى ياراتتى ،بىز ئنسانىيەتنى  يەرشارىدىكى تۇپىراقتىن ۋە سۇدىن تەدرىېجى ياراتتى،ئاندىن ئابىمەنى ئارقىلىق ئىنساننى ياراتتى،بۇھەقتە قورئاندا دەللىلەر بار .
نىيۇتۇن  يىرىم ئۆمىرىنى ئالەم ئشلىرىغا سەرىپ قىلغاندىن كىيىن ئالەمدىن تاشقىرى كۈچنىڭ مەۋجۇتلىقىغا ئشىنىپ قالغان يىرىم ئۇمىرىنى ئاتا-ئانىسىنىڭ دىنى خىرىستىئان دىنغا ئىبادەت قىلىش بىلەن ئۆتكۇزگەن ،لىكىن نىيۇتۇن ئۆمىرىدە ئسلام بىلەن ئۇچىرىشىشى پۇرسىتى بولمىغان، ئۇنىڭغا خىرىستىئان دىنىدىن باشقا  دىننى تاللاش پۇرسىتىمۇ يوق ئىدى.
بۇگۇنكى كۇندە ئىلىم پەن بىلىم سەۋىيسى يۇقىرى بولغان ئامىركىلىقلاردا ياكى غەرىب دۇنياسىدا ئسلام دىنمىزنىڭ  شۇنچە قايىل قىلىش كۈچىگە ئىگە دىن  بولىشى سەۋەبى  مۇقەددەس كىتاب قۇرئانى كەرىمنىڭ ئىلىم پەن بىلەنزىدىيەتلەشمەسلىكى ۋە ئنسانى  ئەخلاقنىڭ ھەدىس بىلەن زىدىيەتلەشمەسلىكىدۇر ،زىدىيەتلىشىدۇ دەپ قارىۋلسىڭىز بۇنىڭ سەۋەبى  ئۇزىڭىزنىڭ بىلىم سەۋىيسىنىڭ تۇۋەنلىكدىندۇر .
قۇرئانى كەرىمنى چۇشىنىش ئۇچۇن نۇرغۇن ئىلىم پەن بىلىملىرىنى ئۇگىنىش لازىم بولىدۇ. ئامىركىدىكى دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق ئالىملار مۇنازىرسىدىمۇ دۇنيادا بىردەك ئاللانىڭ مەۋجۇتلۇقى ئتىراب قىلىنغان .لىكىن قايسى دىننىڭ ھەق دىن ئكەنلىكى مۇھاكىمە قىلىنمىغان ، دىمەك مۇسۇلمانلار تىخىمۇ مۇستەككەم ھىدايەت تاپىمەن دەيدىكەن  تىرىشىپ ئىلىم پەن ئۇگىنىشى كىرەك. ئىلم پەن ھەرگىزمۇ غەرىب تە تەرەققى قىلغانلىقى ئۇچۇن خرىسىتىئان دىنغا مەنسۇپ بولغان بولمايدۇ،ئۇ ئاللا ياراتقان ئالەمنىڭ قانۇنىيەتلىرىدۇر.
  
دوستلىشىش
ق.سىدىق
ئادىللىق - ئەڭ ئالى پىرنسىپ!
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10388
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 481
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە481دانە
ئۆسۈش: 2210 %
مۇنبەر پۇلى: 6034 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-01-18
ئاخىرقى: 2012-09-08
15-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-04-30 13:00

1.بەندىلەر خۇدا دىلىغا سالغان قانۇن،بەرگەن ئېقتىدار - ئەقىللەر ۋەجىدىنلا سۈنئى ھاياتلىقنى بەرپا قىلالىدى ۋە قىلالايدۇ دىيىلسىچۆ؟.
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7564
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 609
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە609دانە
ئۆسۈش: 1270 %
مۇنبەر پۇلى: 7275 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-05-24
ئاخىرقى: 2012-07-13
16-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-04-30 13:26

قاسىم سىدىق ئاكا ناماز باشلىدىڭىزمۇ؟؟؟
دوستلىشىش
ق.سىدىق
ئادىللىق - ئەڭ ئالى پىرنسىپ!
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10388
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 481
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە481دانە
ئۆسۈش: 2210 %
مۇنبەر پۇلى: 6034 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-01-18
ئاخىرقى: 2012-09-08
17-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-04-30 13:47

بۇ مىنىڭ شەخسى ئىشىم ئەمەس.ئوتتۇرىغا قويلىۋاتقان سۇئال بىر شەخىسنىڭ سالاھىيىتى بىلەن ئانچە ئالاقىسى يوق.بەلكى بىر دىنى ئىتىقاتقا ئىگە مىللەتنىڭ پەن-تىخنىكا يىڭىلىقلىرىغا تۇتۇتىدىغان پوزىتسىيىسى ۋە قىيىن مەسىلىلەرگە يولۇققاندا ئونى ھەل قىلىش ئۇسۇلىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلە.بۇ نۇقتىنى پەرىقلەندۈرۈپ ئالساق دىمەكچىمەن.يەنە تەكىتلىسەم:
كىلون ئادەمنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈشنىڭ مۈمكىنلىگىنى ئىسلام دىنىنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ چۈشەندۈرگىلى بولامدۇ؟.
دوستلىشىش
تاھىربەگ
يا بولغۇنۇڭ كەبى كۆرۈن، يا كۆرۈنگىنىڭ كەبى بول
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 181
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 11
ئومۇمىي يازما: 2837
ئۇنۋان:ھۆرمەتلىك ھازىرغىچە2837دانە
ئۆسۈش: 5890 %
مۇنبەر پۇلى: 34646 سوم
تۆھپىسى: 179 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-06
ئاخىرقى: 2012-09-04
18-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-04-30 15:03

كىلون تىخنىكىسى ۋە ئىسلام كۆز قارىشى

(1)

كىلون(كۆچۈرۈش، جىنسىسىز كۆپەيتىش)كۆرنىشى ۋە ئۇقۇملىرىنى تونۇشتۇرۇش

“ Clone“دىگەن ئىنگىلىزچە سۆزدىن تۈرلەنگەن ”Cloning“ دىگەن سۆزنىڭ مۇقابىلىسىدە ”ئىستىنساخ“ دىگەن ئەرەبچە سۆز قۇرئان كەرىمدە ئىستىمال قىلىنىدۇ. كىلون دىگەن سۆز جىنسى چاڭلاشماستىن پەيدا بولغان نەرسىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ سۆزنىڭ ئەسلىسى گىرىكچە“Klon“ دىگەن سۆزدىن پەيدا بولغان، بۇ سۆزنىڭ مەنىسى ”بوۋاق بىخى“ دىگەن بولىدۇ.

”ئىستىنساخ“ دىگەن سۆز كىتابنى ئەسلىگە تامامەن ئۇيغۇن يەنە بىر نۇسخا كۆچۈرۈپ بىرىشنى تەلەپ قىلىش دىگەن بولىدۇ:“بىز قىلمىشىڭلارنى يازدۇرۇپ تۇرغان ئىدۇق“(جاسىيە سۈرىسى،29-ئايەت).

ئاللاھ تائالا تەبىئەتتە ياراتقان ئۆسۈملۈك ۋە باشقا جانلىق نەرسىلەرنىڭ كۆپىيىش ئۇسۇلى ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ:

بىرىنجى يول: جىنسى مۇناسىۋەت يولى ئارقىلىق كۆپىيىش. مەسىلەن، ئۆسۈملۈكلەردە گۈللەردىكى چىشى ئەزانىڭ ئەركەك بىلەن چاڭلىشىشى ئارقىلىق ئۇرۇغ پەيدا بولىدۇ. ئادەم ۋە ھايۋانلاردا چىشىنىڭ تۇخۇمدىنى ئەركەكنىڭ مىنى سۈيۈقلىقى بىلەن بىرلەشكەندە، بىرىنجى ھۈجەيرە پەيدا بولىدۇ. ئاندىن بىرىنجى ھۈجەيرە ئىككى، ئاندىن تۆت، ئاندىن سەككىز… گە بۆلۈنىدۇ. ھۈجەيرىلەر يىڭى مەخلۇقنىڭ بەدەن قۇرۇلمىسىدىكى ئەزالىرىنىڭ تۈزۈلىشىگە خىزمەت قىلىدۇ.

بۇ تۈر ئارقىلىق كۆپىيىش ئىنسانلار، ھايۋانلار ۋە ئۆسۈملەردىكى ئاساستۇر:“سىلەرنىڭ ئىبرەت ئىلىشىڭلار ئۈچۈن ھەر بىر نەرسىنى جۈپ ياراتتۇق“(زارىيات سۈرىسى، 49-ئايەت)،“ اللە سىلەرگە ئۆز جىنسىڭلاردىن جۈپتىلەرنى (يەنى ئاياللارنى) ياراتتى. ھايۋانلارغىمۇ ئۆز تىپىدىن جۈپتىلەرنى ياراتتى. بۇ ئارقىلىق اللە سىلەرنى كۆپەيتىدۇ، ھىچ شەيئى اللەغا ئوخشاش ئەمەستۇر، اللە ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر“(شۇرا سۈرىسى، 11-ئايەت).

توي قىلىش ۋاستىسى ئارقىلىق جانلىق نەرسىلەر كۆپىيىدۇ.“سىلەرنى كۆپەيتىدۇ“ دىگەن سۆز زىمىندا تارقىلىش، رەڭ، تۈر ۋە سۈپەتلەرنىڭ ئوخشاشماسلىقىنى ئۇقتۇرۇپ تۇرىدۇ.

ئىككىنجى يول: جانلىق جىسىمنىڭ بىر قىسمى(يەنى بەدەن ھۈجەيرىسى) ئىلىنىپ، ئىسسىقلىق، يۆللۈك، غىزا ۋە ئۇندىن باشقا مۇناسىپ مۇھىتتا قويۇلىدۇ، بۇ جىسىم ئۆسۈپ ئەسلى جىسىمدەك بولىدۇ. بۇ خۇددى قەغەزنى كۇفى قىلغانغا ئوخشاپ كىتىدۇ.

ئۇزۇن زامانلاردىن بىرى بۇ خىل ئۇسۇل بىلەن (كۆچەت ئۇلاش) ئۇسۇلى ئارقىلىق ئۆسۈملۈك كۆپەيتىلىپ كەلگەن، ئىنسانىيەت بۇ ئىشلارنى تەجرىبە ئارقىلىق تونۇپ يەتكەن، دىھقانلار بۇ ئۇسۇلنىڭ تۈرلىرى ۋە يوللىرىنى ياخشى بىلىدۇ.مەسىلەن، مۇئەييەن بىر خىل مىۋە دەرىخىنىڭ بىر تال شىخىنى ئىلىپ، يۆل مۇنبەت تۇپراققا كۆمۈپ، ئۇچى تەرىپىنى بىر ئاز چىقىرىپ قويۇپ، سۇغۇرۇپ پەرۋىش قىلىپ تۇرسا ئەسلى دەرەخگە ئوخشاش ئۆسىدۇ ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش مىۋە بىرىدۇ. ياكى جانلىق شاخنىڭ نوتىسىنى ئىلىپ يەنە بىر خىل دەرەخنىڭ شىخىغا ئۇلاپ قويسىمۇ بولىدۇ… بۇ يوللار ئارقىلىق ئۈرۈك كۆچىتىنى شاپتۇلغا، ئانار كۆچىتىنى يەنە بىر خىل مىۋىگە ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ. ئىلىم-پەن تەرەققى قىلغان بۈگۈنكى كۈنلۈكتە بۇ خىل ئۇسۇللار بەك تەرەققى قىلىپ كەتتى، مىۋىلەرمۇ سورتلاشتى…

جانلىق مەخلۇقلارنى جىنسىسىز كۆپەيتىش تۈرلىرى

ھايۋانلار دۇنياسىدا: جىنسىسىز كۆپىيىش دىڭىز يۇلتۇزىغا ئوخشاش بەزى ھايۋانلاردا مەۋجۇد. ئەمما ئەمچەكلىك ھايۋانلارغا كەلسەك، بۇ ھايۋانلارنى جىنسىسىز كۆپەيتىش يىقىندا يىللاردا پەيدا بولدى.

1. تۆرەلمىنى يىرىش ھەرىكىتى

ھەر بىر ھۈجەيرىدىن ئايرىم مۇستەقىل بىر مەخلۇقنىڭ پەيدا بولشى ئۈچۈن، تۆرەلمىنى ھۈجەيرە مەزگىلىدە ئىككى ياكى تۆت ياكى سەككىزگە بۆلۈش مۈمكىن ئىشقا ئايلاندى.ئەگەر بۇ ھۈجەيرىلەردىن ھەر بىرىگە ئانىسىنىڭ رەھمىسى بولسۇن ياكى باشقىلارنىڭ رەھمىسى بولسۇن مۇناسىپ مۇھىت ھازىرلانسا، ئۇ ھۈجەيرە نورمال ئۆسۈپ يىتىلىدۇ. ئەسلىسى بىر ھۈجەيرە بولغان بۇ تۆرەلمىلەر تۇغۇلسا ئوخشاش قوشماقلار (يەنى ئىرسىيەت سۈپەتلىرى تامامەن ئوخشاش)دەپ ئاتىلىدۇ.

بۇ تۆرەلمىلەرنى توڭلۇتۇشمۇ مۈمكىن بولدى، شۇ ئارقىلىق ئۇنى قاچاندا ئىشلەتسە بولىدىغان تەييار ھالەتتە تىرىك ساقلاشمۇ مۈمكىن بولدى. ئەگەر بۇ تۆرەلمىلەرنى يىتۈشتۈرۈش ئىرادە قىلىنسا، رەھمىلەرگە(بالىياتقۇلارغا) قايتۇرۇلىدۇ. بۇ خىل تىخنىكىنى بىر قانچە يىللاردىن بۇيان، پاقا، قوي ۋە كالىغا تەجرىبە قىلىش مۈمكىنچىلىكى تۇغۇلدى.

2. بىرىنجى ھۈجەيرىنى ئارىيەتكە ئىلىش ھەرىكىتى:

ئىرسىيەت تىخنىكىسى تۆرەلمە ھۈجەيرىلىرىدىن(يەنى بەدەن ھۈجەيرىلىدىن) ئەمچەكلىك ھايۋانلارنى جىنسىسىز كۆپەيتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولدى.ئىسكوتلاندا ژورنىلى 1997- 2- 27-كۈنى ئىلان قىلغان ماقالىسىدە، جىنسى چاڭلاشتۇرۇش ئارقىلىق ساغلىقتىن يەنە بىر ساغلىقنى تۇغدۇرالىغالىقىنى ئىلان قىلغان، بۇ ساغلىقنى (دوللى) دەپ ئاتاشقان.

تەتقىقاتچىلار بۇ جەرياندا قوللانغان ئۇسۇل، ئۇلار چاڭلاشتۇرۇلمىغان تۇخۇمداننى ئىلىپ، تۇخۇمداننى ئۇرۇغىدىن بىكارلاپ، ئاندىن بىكارلانغان تۇخۇمدان ئورنىغا باشقا ھامىل ساغلىقنىڭ ئەمچىكىدىن ئىلىنغان بەدەن ھۈجەيرىسىنى سالغان ۋە ئىلىكتىر دولقۇنىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق بۇ ئۇرۇغنى تۇخۇمداننىڭ ئىچىدە ئارلاشتۇرۇپ، ئۈچىنجى بىر ساغلىقنىڭ رەھمىسىگە قايتۇرغان. شۇڭا ھۈجەيرە بىر قانچە ھۈجەيلەرگە پارچىلىنىشقا باشلىغان، بۇنىڭدىن ساغلام تۆرەلمە پەيدا بولغان، ئۇنىڭ سەۋەبى ھاملىدار ساغلىقتىن ئىلىنغان ئۇرۇغ پارچىلىنىشنى قوبۇل قىلىدىغان چاڭلاشتۇرغۇچىنى ئۆز ئىچىگە ئالسا كىرەك. ”دوللى“ دىگەن ساغلىقنىڭ سۈپەتلىرى ئەسلى ھۈجەيرە ئىگىسىنىڭ سۈپەتلىرى بىلەن ئۇيغۇن چىققان.

كىلون تىخنىكىسى ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ:

1. تۆرەلمىنى كۆپەيتىش تىخنىكىسى: بۇنىڭدىن مەقسەت تۆرەلمىنى يىرىش يەنى تۆرەلمىلەرنى قوش كىزەك قىلىش تىخنىكىسىدۇر. بۇ يول بىلەن پەيدا بولغان تۆرەلمە ئاتا-ئانىسىنىڭ سۈپەتلىرىنى ئۆزلەشتۈرىدۇ.

2. بەدەندىن ھۈجەيرە ئىلىش ئارقىلىق كۆپەيتىش تىخنىكىسى: بۇنىڭدىن مەقسەت تىرىك ئادەملەرنىڭ بەدەنلىرىدىن بەدەن ھۈجەيرىسى ئىلىپ جىنسىسىز كۆپەيتىش تىخنىكىسىدۇر، بۇ يول بىلەن پەيدا بولغان بالا بەدەن ھۈجەيرىسى ئىلىنغان ئادەمنىڭ بارلىق سۈپەتلىرىگە ئۇيغۇن بولىدۇ.

ئىككى خىل كۆپىيىش يولى ئارىسىدىكى پەرق

جىنسى مۇناسىۋەت بىلەن كۆپىيىش يولى بىر قانچە ئالاھىدىلىككە ئىگە:

1. جىنسى مۇناسىۋەت بىلەن يارتىلغان مەخلۇقتا، دادىسى ۋە ئانىسىنىڭ بەزى سۈپەت ۋە مىجەزلىرى تىپىلىدۇ، شۇنداقلا ئۇنىڭدا چوڭ دادا ۋە چوڭ ئانىسىنىڭ بەزى خۇسۇسىيەتلىرى يەرلىشىدۇ.

رەسۇلۇللاھ بۇ مەسىلىگە ئىشارەت قىلغان ئىدى:“بىر ئادەم رەسۇلۇللاھنىڭ قىشىغا كىلىپ، ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى!، ئايالىم قارا بوۋاق تۇغۇپ قويدى(مەن ۋە ئايالىم قارا ئەمەس ئىدۇق) دىدى، رەسۇلۇللاھ:سىنىڭ تۆگەڭ بارمۇ؟دەپ سورىدى، ئۇ ئادەم: ھەئە بار، دەپ جاۋاب بەردى. رەسۇلۇللاھ: تۆگىلىرىڭنىڭ رەڭلىرى قانداق؟ دەپ سورىغاندا، ئۇ ئادەم: قىزىل رەڭلىك دەپ جاۋاب بەردى.رەسۇلۇللاھ: چا رەڭگە مايىل تۆگەڭمۇ بارمۇ؟دەپ سورىسا، ئۇ ئادەم: ھەئە بار، دەپ جاۋاب بەردى، رەسۇلۇللاھ: ئۇ قانداق پەيدا بولۇپ قالغان؟دەپ سورىغاندا، ئۇ ئادەم: تومۇرى(ئەسلىسى)تارتىپ كەتكەن بولسا كىرەك، دەپ جاۋاب بەردى، رەسۇلۇللاھ:بالاڭنىمۇ ئەسلىسى تارتىپ كەتكەن بولسا كىرەك“دەپ جاۋاب بەرگەن“(بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى).

جىنسى مۇناسىۋەت يولى ئارقىلىق پەيدا بولغان مەخلۇق ئاتا بوۋىسىنىڭ ئىرسىيەت سۈپەتلىرى بىلەن بىرگە يىڭى سۈپەتلەر بىلەن يىتىلىدۇ، لىكىن ئۇنىڭدا باشقا تۇغقانلىرىغا زادىلا ئوخشىمايدىغان بىر خىل ئالاھىدىلىك بولىدۇ. مەسىلەن، ئاۋازىنىڭ سۈپىتى، بارماق ئىزى، مىڭىش شەكلى، پىكىر ۋە يارتىلىش سۈپەتلىرى دىگەندەك، بۇ سۈپەتلەردە ئىككى ئادەم-گەرچە ئاكا- ئۇكا بولۇپ كەتسىمۇ- پەقەتلا ئوخشاش بولۇپ قالمايدۇ. ھەر بىر ئىنساننىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە ئايرىم خۇسۇسىيىتى بولىدۇ، ئىنسان شۇ شەخسىيىتى بىلەن كۆرۈنىدۇ ۋە ئۇنىڭ بىلەن پەخىرلىنىدۇ.

ئەمما جىنسىسىز كۆپەيتىش ئارقىلىق پەيدا بولغان مەخلۇق، ئەسلى مەخلۇققا ئوخشاش ئۇيغۇن بولىدۇ. ئۇ ئۆسۈملۈكتە: ئەسلىسىسى شاخ ياكى نوتا بولىدۇ، ھايۋاندا ھۈجەيرە بولىدۇ. ئەسلى بىلەن تارمىقى (ياسالمىسى) ئارىلىقىدا بارلىق سۈپەتلىرىدە- ئۇزۇنلۇق،رەڭ،ئاۋاز، شەكىل، چاچ رەڭگى، كۆز، ئالقان، پۇت ۋە بارماق ئىزلىرى تولۇق ئوخشاش بولىدۇ، پەرق ئەتكىلى بولمىغلى تاس قالىدۇ. مانا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بىر ئادەم مىڭ ئادەمگە كۆچۈرۈلسە ياكى كۆپەيتىلسە، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئەسلىنىڭ ئورنىدا بولىدۇ.

2.جىنسى مۇناسىۋەت يولى ئارقىلىق كۆپىيىش تۈرىدە ھامىلىنىڭ تۇغۇلىدىغان ۋاقتىدا: شەكلى، رەڭگى، كۆزىنىڭ رەڭگى، قەددى قامىتى، ھۇشيار-دۆتلىكى، ئوغۇل- قىزلىقى…نىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلىنمەيدۇ:“قىيامەت(نىڭ بولىدىغان ۋاقتى) توغرىسىدىكى بىلىم ھەقىقەتەن اللەنىڭ دەرگاھىدىدۇر. اللە يامغۇرنى (ئۆزى بەلگىلىگەن ۋاقىتتا ۋە ئۆزى بەلگىلىگەن جايغا) ياغدۇرىدۇ، بەچچىداندىكىلەرنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى (يەنى ئوغۇلمۇ، قىزمۇ، بىجىرىممۇ، كەمتۈكمۇ، بەختلىكمۇ، بەختسىزمۇ) اللە بىلىدۇ“(لوقمان سۈرىسى، 34-ئايەت).

كۆچۈرۈش ياكى جىنسىسىز كۆپەيتىش يولىدا، بۇ ئىشنى ئىشنىڭ بىشىدا بىلگىلى بولىدۇ، چۈنكى كۆچۈرۈلگۈچى ئەسلىسىگە ئوخشاش، لىكىن ھازىغىچە جىنسىسىز كۆپەيتىش ھۈجەيرىسىنىڭ ئۆمرىنىڭ قانچىلىك بولىشىنى بىلمەيدۇ. مەسىلەن، دوللى دىگەن ساغلىقنىڭ تۇغۇلغان ۋاقتىدىكى ھۈجەيرىسىنىڭ ئۆمرى ئالتە يىلمۇ؟ ياكى تۆرەلمىنىڭ ئۆمرىگە ئوخشاش يىڭىمۇ؟ بۇنى بىلمەيدۇ. ئىرسىيەت ئالىملىرى ھازىرغىچە بۇ مەسىلە توغرىسىدا كەسكىن بىر نوقتىغا كىلىپ بولالمىدى.ئەگەر يىڭى تۆرەلمىنىڭ ئۆمرى بولۇپ قالسا، كۆچۈرۈلگۈچى تىز قىرىپ كىتىش ھالىتىنىڭ قوربانىغا ئايلىنىدۇ. شۇنداقلا بۇ كۆچۈرۈلگۈچىنىڭ باشقا ھايۋانلارغا ئوخشاش نەسىللىنەلەمدۇ ياكى تۇغمايدىغان تۇغماس بولامدۇ، بۇنىسى تىخى ئىنىق ئەمەس.

ھايۋانات دۇنياسىدىكى جىنسىسىز كۆپىيىشنىڭ پايدىلىرى

ئالىملار ھايۋانلارنىڭ جىنسىىز كۆپىيىشىدىن تۆۋەندىكىدەك نەتىجىلەرنى ئۈمىد قىلىدۇ:

بىرىنجى:كۆپ سۈت بىرىدىغان ھايۋانلارنى ئىشلەپ چىقىرىش. ۋىيلىمۇت ۋە باشقا تەتقىقاتچىلارنىڭ جىنسىسىز كۆپەيتىشتىكى ئىنىق نىشانى ئىقتىسادى نىشان ئىدى. بۇ تەجرىبىلەرنى قوللىغان شىركەتمۇ بۇ ئىش ئارقىلىق كۆپ پايدىغا ئىرشىشنى ئۈمىد قىلغان ئىدى، شۇڭا بۇ شىركەتنىڭ پاي چىكى بۇ ئاجايىب كەشپىياتنى ئىلان قىلىشى بىلەن تەڭلا ئۆرلەپ كەتكەن.

ئىككىنجى: بۇ قۇرۇلمىغا ئىقتىسادى جەھەتتىن مەبلەغ سالغۇچىلار، ھايۋانلارنى جىنسىسىز كۆپەيتىش، ئىنسانلارغا يىڭى ھايۋانلار، كۆپ گۆش ۋە يۇڭلارنى پايدا كەلتۈرىدۇ، دەپ ئۈمىد قىلىشىدۇ.

ئۈچىنجى:ئەگەر كۆچۈرۈلگۈچى ھايۋان ئەسلى ھايۋانغا ئەركەك ۋە چىشلىقتا ئوخشاش بولۇپ قالسا، ئىھتىياجقا قارىتا ھامىلىنىڭ ھەممىسىنى ئەركەك ۋە چىشى قىلىش مۈمكىن بولىدۇ. بۇنىڭدىن نۇرغۇن ئىقتىسادى پايدا كىلىپ چىقىدۇ…چۈنكى ئۆي ھايۋانلىرىنى كۆپەيتىشتە ئۇرۇغنى چىشى ھايۋاندىن ئىلىپ ئەركەكلىرىدىن بىھاجەت بولغىلى بولىدۇ.

ئىنسانىيەت دۇنياسىدا كۆچۈرۈش(يەنى جىنسىسىز كۆپىيىش)

ئەمچەكلىك ھايۋاننى كۆچۈرۈش(كۆپەيتىش) ئىمكانىيىتى، ئىرسىيەت ئالىملىرىنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تۆرەلمە ھۈجەيرىلىرىدىن ۋە بەدەن ھۈجەيلىرىدىن ئىنساننى كۆچۈرۈش(كۆپەيتىش) ئىمكانىيىتىگە يەتكىلى بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغان شارائىت يارىتىپ بەردى. بەزىلەر بۇ مۇددەتنى ئون يىل دەپ قارىسا، يەنە بەزىلەر يەتتە يىل دەپ قاراشتى.

مۇنداق كىچىكىپ كىتىشنىڭ سەۋەبى، ئىنسانىيەت تۆرەلمىسىنىڭ ھۈجەيرىلىرىدىكى بۆلۈنۈش خاراكتىرى ھايۋانلاردىكى تۆرەلمە ھۈجەيلىرىنىڭ پارچىلىنىش خاراكتىرىدىن پەرقلىق بولىدۇ.بۇ توسالغۇدىن ئۈنۈملۈك ئاتلاپ ئۆتۈش ئىنسانىيەت كۆچۈرۈش(جىنسىسىز كۆپىيىش) تىخىنىكىسىنىڭ تىخىمۇ تەرەققى قىلىشىغا مۇھتاج.

ئەمچەكلىك ھايۋاننى كۆچۈرۈشتە نەتىجە قازىنىش، ئىنساننى جىنسىسىز كۆپەيتىشنىڭ مۈمكىنلىكىنى ئۇقتۇرىدۇ. بۇ غەلىبىنىڭ ئۇقۇمى دىنلار، ئەخلاق ئالىملىرى ۋە قانۇنشۇناسلار ئۈچۈن زور خىرىس پەيدا قىلدى.

بۇ تىخنىكىدىكى خەتەرلىك نوقتا شۇكى، ئىرسىيەت پەن تىخىنىكىسىدىكى قايسى بىر مۇتەخەسسىس ئاددى تەجرىباخانىسىغا تايىنىپ، جىنسىسىز كۆپەيتىش ھەرىكىتىنى ئىلىپ بىرىشى مۈمكىن. نەخ مەنپئەت ۋە تىز پايدىنى كۆزلىگۈچىلەر-ياخشى ۋە يامان مەقسەتتە- بۇ مۇتەخەسسىلەرنى ئىزلەپ كىلىدۇ. ئەگەر ئىنساننى جىنسىسىز كۆپەيتىشنى چەكلەيدىغان قانۇنلار يولغا قويۇلۇپ قالسا، ئاشكارا بولىۋاتقان تىخىنىكلارنى توسالىشى مۈمكىن، لىكىن يوشۇرۇن بولىۋاتقان تىخنىكىلارنى توسۇپ بولالمايدۇ. ئالىملارنىڭ بىرسى 1997- يىلى ئون نەچچىلىغان تەجرىبىخانىلارنىڭ بارلىقىنى مۆلچەرلىگەن، كىيىن بۇ سان تىز سۈرئەتتە تەرەققى قىلىپ كەتكەن. ئىقتىدارى بارلارنىڭ ئىلمى تەتقىقاتقا قىزىقىشى بۇ تىمنىڭ باشقا ئۇپۇقىلىرىنى كەشىپ قىلىش، باشقىلار يىتەلمىگەن نەتىجىلەرگە يىتىش، مەرىپەت ۋە ئىقتىسادتا يىڭى دۇنيالارغا يول ئىچىش ھەققىدە تەتقىقاتنى داۋاملاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولىدۇ.

ئامىرىكا رەئىسى كىلىنتون مەخسۇس بىرلەشمە گورۇپا تەشكىللەپ، بۇ تىخنىكىنىڭ قانۇنى ۋە ئەخلاقى تەسىرلىرى ھەققىدە ئىزدىنىشكە، ئىنساننى جىنسىسىز كۆپەيتىشنى قائىدە- تۈزۈم بىكىتىپ رەتكە سىلىش لازىممۇ ياكى پۈتۈن چەكلەش كىرەكمۇ؟ دىگەن تىمىدا دوكىلات يوللاشقا تەكلىپ قىلغان. بۇ تىمىنى تەكشۈرۈۋاتقان بەزى ئالىملار، بۇ گورۇپا:ئىنساننى جىنسىسىز كۆپەيتىش قوبۇل قىلىنمايدىغان ئىش دىگەن خۇلاسىگە يىتىدۇ، دەپ قاراشقان. ئەمەلىيەتتىمۇ ئامىرىكا پارلامىنتى ئىنساننى كۆپەيتىشنى ئومۇميۈزلۈك چەكلەشكە، تۈرمە ۋە ئىغىر پاكەن جازاسى بىرشىكە قوشۇلغان.

ئىسلام ئاۋازى تور بىتى

2006-08- 12 مىلادىيە

1427-07- 18ھىجرىيە
ئىلىم ئۈچ غېرىچ - 1 غېرىچ ئۈگەنسە - ھە ! مەن خىلى بىر نەرسە بىلىپ قالدىم دەپ تەكەببۇرلىشىدۇ . 2 غېرىچ ئۈگەنسە كەمتەرلىشىپ كېتىدۇ . 3 غېرىچ ئۈگەنسە ئۆزىنىڭ تېخى ھېچنىمە بىلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ _ ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھ
ئىتىپاقسىزلىق ئىسلامىيەتنىڭ مەغلۇبىيتى
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8724
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 686
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە686دانە
ئۆسۈش: 1110 %
مۇنبەر پۇلى: 7610 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-08-24
ئاخىرقى: 2012-09-07
19-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-04-30 15:08

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
تىمىنى زىھنى بىلەن ئوقۇسا ئاپتۇرنىڭ مەيدانىنىڭ قانداقلىقىنى بىلۋالماق ئاسان.
مەن تىما ئاپتۇرىنى ئۆزى مۇلاھىزە قىلماقچى بولغان تىمىنى پەقەت پەننى بىلىملەر بىلەنلا مۇلاھىزە قىلماي دىننىي بىلىملەر بىلەنمۇ قۇشۇپ مۇلاھىزە قىلىشىنى تەشەببۇس قىلىىمەن.
«كىلون تىخنىكىسى ۋە ئىسلام كۆز قارىشى»