بىسمىللاھىررەھمانىرراھىيىم
4يىل ئىلگىرى بەرقىي ئەدەبىيات مۇنبىرى ۋە ئىزدىنىش مۇنبىرىدە قۇتلۇقجان ئەكەلگەن
«سۇپىزىم» تېمىسىدىكى بۇ ماقالىنىڭ بىرىنچى ئابزاسىنى ئوقۇپلا، بۇنىڭدىكى مەزمۇنلار پەقەتلا ئىدىيەمدىن ئۆتمىگەن.
شۇ چاغدا دەرھال رەددىيە يازاي دېسەم، ۋاقتىم قىس بولغاچقا گەپلىرىم چالا بولۇپ قېلىشى مۇمكىن ئىدى. شۇنداقتىمۇ ناھەقچىلىق ئىچىمنى تاتىلاپ ئارام بەرمىگەن بولغاچقا، بىلىدىغانلىرىمنى ئازىراق بولسىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇپ باققانتىم. تۆۋەندىكىسى مېنىڭ شۇ چاغدا يازغانلىرىم:
«بۇنى يېزىشتىن ئىلگىرى «سۇپىزىم» ئاتلىق ماقالىنى تەپسىلىي ئوقۇپ چىقتىم. زىددىيەتلەر كاللامدا بىر قەدەر ئېنىق بولدى. بۇ ماقالىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرغان ئۇيغۇر قېرىندىشىمىز بىلەنمۇ ئۇبدان سۆھبەتلەشتۇق، ئۇنىڭ ئۆزىمۇ ماقالىدىكى خاتا گەپلەرنى ئېتىراپ قىلدى (تۆزىتىدىغانلىقىنىمۇ ئېيتتى). مەن بۇ «سۇپىزىم» تېمىسى سۆزلەنگەن «ھازىرقى زامان دىن، مەزھەب ۋە پىكىر ئېقىملىرى ئېنسىكلوپېدىيىسى» دېگەن كىتاپ بىلەنمۇ تونۇشۇپ چىقتىم. كىتاپنىڭ كىم تەرىپىدىن، قانداق ئىدىيە ئارقا كۆرۈنۈشى ئىچىدە يېزىلغانلىقى ئايان بولغاندىن كېيىن، تەسەۋۋۇپقا چاپلانغان بەتناملارنىڭ ناھەقلىقىنى كۆپچىلىك ھىس قىلىۋالسۇن دەپ قاراشلىرىمنى يۇقارىدىكى «سۇپىزىم» تېمىسىدىكى ماقالىدىكى بەزى جۈملىلەرگە رەددىيە بەرگەن ئاساستا قىسقىچە بايان قىلماقچىمەن.
(دىققەت: تورداشلارنىڭ جۈملىلەرنى، دەلىللەرنى سېلىشتۇرۇشىغا ئاسان بولسۇن ئۈچۈن، قارشى پىكرىمنى http://www.munber.org/M_P_Ekimliri/sofizim.pdf دىكى جەمئى 32 بەتنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ يازىمەن. بەت تەرتىۋىنى شۇ يەرگە قاراپ بىلىۋالغايسىلەر.)
1. ئەسلى ئەسەرنىڭ بېشىدا «ھازارەت بابىدا» يەنى «مەدەنىيەت بابىدا» دەپ يېزىلغاننى «ھاقارەت بابىدا» دەپ كۆچۈرۈپ چاپلاپسىلەر. بۇ ئېنىقكى ئىملا خاتالىقى. بۇنداق كىچىك خاتالىقلارنى تەنقىد قىلمايمەن.
2. ئەڭ چوڭ تۆھمەت: 1-بەت ئېنىقلىمىدىكى «...تەسەۋۋۇپچىلار شەرئىي ۋاستىلەرگە ئەگىشىش ئارقىلىق ئەمەس، كەشف (بايقاش) ۋە كۆرۈش ئارقىلىق ئاللاھتائالانى بىلىشكە يېتىش مەقسىتىدە نەپسىنى تەربىيىلەش...»، «...بۇددىست پەلسەپىلىرى بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەن...»، «... ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائەت تۇتۇپ ماڭغان ھەق يولدىن ئېغىشنىڭ مەركىزى نوقتىسىدا ياتىدۇ» دېگەن ئۈچ جۈملە سۆز.
يۇقارقى ئۈچ جۈملە سۆزنىڭ ئۆزىلا تەسەۋۋۇپنىڭ پۈتۈنلەي خاتا، ئىسلامغا يات، ئازغۇن بىدئەت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ، ئۇنى ئۇر-چاپ قىلىشقا، ئۇجۇقتۇرۇشقا يېتىپ ئاشىدۇ. بۇنىڭ بىلەن كاللىمىزدا تەسەۋۋۇپچى (مۇتەسەۋۋۇپ)، سۇپى ئاتالغان كىشىلەر (مەشھۇرلىرىدىن جالالىددىن رۇمى، ئىمام غەززالىي، شاھى نەقشىبەندى، ئابدۇلقادىر جەيلانى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، يۇنۇس ئەمرە، غۇجا ئەخمەد يەسەۋى، ئەلشىر ناۋايى...، مەشھۇر ئەمەسلىرىدىن ئەتراپىمىزدا ئۆزىنى نەقشىبەندى... تەرىقىتىگە مەنسۇپ دەۋالغان كىشىلەر)نىڭ ھەممىسىنىڭ ھەقىقىي مۇسۇلمان ئىكەنلىكىگە نىسبەتەن بىر شەك-شۈبھە پەيدا بولىدۇ-دە، ئۇلارنى ئىنكار قىلىشقا، تىللاشقا، قاغاشقا باشلايمىز. ئازىراق تارىخ ساۋادىمىز بولسا ئەگەر، مۇشۇ «ئازغۇن تەسەۋۋۇپ» ئىدىيىسى تەسىرى بىلەن مۇسۇلمان بولغانلارنىڭ ئېتىقادىدىن گۇمانلانغاچ، ئۇلارنىڭ قانداقسىگە مۇسۇلمان بولۇپ قالغانلىقىغا ھەيرانلىقىمىز كېلىدۇ. ئەڭ ئاددى بىر مىسال:
بۇ ماقالىنىڭ 12-بېتىدە: «...(ئابدۇلقادىر جەيلانىنىڭ) سۆزلىرىدىكى شىرىك ۋە پەرۋەردىگارلىقنى دەۋا قىلىش مانا مەن دەپ چىقىپ تۇرىدۇ...» دېيىلگەن. دېمەك، ئابدۇلقادىر جەيلانى «مۇشرىك» بولدى دېگەن گەپ. يەنە مۇشۇ ماقالىنىڭ 22-بېتىدە: «ئۇنىڭ (يەنى جەيلانىنىڭ) تەرىقىتى ئافرىقىدا ئىسلام دىنىنى تارقىتىش ئىشلىرىدا كۆرۈنەرلىك رول ئوينىغان، ئىسلام مەركەزلىرىنى قۇرۇشقا ھەسسە قۇشقان ۋە مەغرىپكە باستۇرۇپ كېلىۋاتقان ياۋرۇپانىڭ تەسىرىگە قارشى چەكلىگۈچىلىك مەيداندا تورغان.» دېيىلگەن.
ئەقلىي بار ئادەم سورىماي تورالمايدۇكى، بىر ئادەم ئۆزىدە يوق نەرسىنى باشقىسىغا قانداق بېرەلەيدۇ؟! جەيلانى «مۇشرىك» بولسا، ئۇنىڭ تەسىرى بىلەن ئافرىقىدا ئىسلاملىشىش قانداق مەيدانغا كەلگەندۇ؟!
......
يەنە بىز بىلىدىغان تارىخي پاكىتلارغا قاراپ باقايلى:
ــــ قاراخانىيلارنىڭ ئىسلاملىشىشىغا سەۋەپچى بولغان ئەبۇ نەسىر سامانى سۇپى، يەنى مۇتەسەۋۋۇپ ئىدى. (سەيپىدىن ئېزىز يازغان «سۇتۇق بۇغراخان» ناملىق كىتاپقا قاراڭ.)
ــــ يۇرتىمىزنى موڭغۇللار بېسىۋالغاندىن كېيىن، شۇ موڭغۇللار ھۆكۈمدارلارنىڭ مۇسۇلمان بولۇشى
(توغلۇق تېمور خان (1347-1363)غا تەبلىغ قىلغان شەيخ جامالىددىن، ئوغلى راشىدۇددىن سۇپى ئىدى)
(مەنبە: ئەبۇل ھەسەن ئەننەدەۋى يازغان ئەرەپچە ئەسەر، تۈركچىگە تەرجىمىسى: «Islam Onderleri Tarihi»،420-بەت))
يۇرتىمىزدىكى موڭغۇللارنىڭ ئاخىرىدا پۈتۈنلەي تۈركلىشىپ، ئاسسىمىلاتسىيە بولۇپ سىڭىپ كېتىشى،
بۇددىست كۇچا خەلقىنىڭ مىلادى 1348-يىلى مۇسۇلمان بولىشىدا مۇھىم رول ئوينىغان
شەيخ نىزامىدىن ئىسىملىك ئادەم سۇپى
(مەنبە: ھاجى نۇر ھاجى، چىن گوگۇاڭ يازغان: «شىنجاڭ ئىسلام تارىخى» 175-176-بەتلەر)؛
تۇرپان خەلقىنىڭ مۇسۇلمان بولۇشى (1437-يىل)،
قۇمۇل خەلقىنىڭ مۇسۇلمان بولۇشى (1513-يىل) جەريانىغا نەزەر سالىدىغان بولساق،
ھەممىسىدە مۇشۇ سۇپىلارنىڭ قانچىلىك ئاكتىپ رول ئوينىغانلىقى سىر ئەمەس.
باھائۇددىن نەقشىبەندى (1318-1389)نىڭ يولىنى تۇتقان غۇجا مەخدۇم ئەزەم (1471-1549) قەشقەرگە كەلگەندە، خەلق تەرىپىدىن قىزغىن قارشى ئېلىنغان. بۇ سۇپىلار كەلگەن كۈنىلا ئۇيغۇرغا پالاكەت ئېلىپ كەلمىگەن. ئۇيغۇرلار موڭغۇللارنىڭ مىسلىسىز زۇلۇمىدىن قۇتۇلۇپ، پەيدىنپەي ئۆزىنىڭ مۇستەقىل، ئاۋات، گۈزەل ۋەتىنىگە ئىگە بولغان. 1533-1560-يىللار ئارىسىدىكى سەئىدىيە خانلىقى گۈللەپ-ياشنىغان زاماندا سۇپىلار كۆپ ئىدى.
سۇپى ئاپپاق غۇجا 1694-يىلى ئۆلگەن، ئۇنىڭ "ساتقۇنلۇقى" تۈپەيلى بېشىمىزغا كەلگەن بالا-قازا بولسا، يۇرتىمىزغا سۇپىلار كىرگەندىن كېيىن نەچچە يۈز يىل ئۆتكەندىن كېيىن يۈز بەرگەن پاجىئە. (تاكى 1884-يىلى زۇزۇڭتاڭ كەلگىچە بولغان ئارلىقتا خەلقىمىزنىڭ كۈرەشلىرىگە قايسى سۇپىيلارنىڭ باشچىلىق قىلغانلىقىنىمۇ ئۇنۇتمايلى)
ــــ خوشنىمىز تىبەتتە ھازىر تىبەت مۇسۇلمانلار بار. بۇلارمۇ 1734-يىلى خۇيزۇ سۇپى مالەيچىنىڭ تەبلىغى بىلەن مۇسۇلمان بولغانلار. كۈنىمىزدە سانى 10 مىڭدىن ئاشىدۇ.
(مەنبە: 《中国伊斯兰百科全书》، 276-بەتكە قاراڭ.)
بىزگە تونۇش سۇپىلارنىڭ ئىشلىرى يۇقارقىدەك.
بىزگە بىر ئاز يىراقراق تونۇش سۇپىلارغا قارىساق، توققىنىمىز ئوسمانلى ئىمپىراتورلىقىنىڭ تارىخىغا قارىساق بولىدۇ:
ــــ 13-ئەسىردە 400 ئاتلىق كىشى بىلەن ئاناتولىيەگە كېلىپ، كېيىن دۇنيادا ئۈچ قىتئەدە (ئاسىيا، ئافرىقا، ياۋرۇپادا) 24 مىليون كوۋادىرات كېلومېتىرلىق زېمىنغا ئىگە بىر چوڭ ئېمپىرىيەنى قۇرغان، 1299-يىلدىن 1922-يىلغىچە ئالتە ئەسىردىن كۆپرەك ھۆكۈم سۈرگەن بۇ بۈيۈك مۇسۇلمان دۆلەتنىڭ دەسلەپكى قۇرغۇچىلىرى، يەنى ئېنىق ئېيتقاندا جەمئى 33 نەپەر سۇلتان ئىچىدىكى دەسلەپكى 10 سۇلتان تەسەۋۋۇپ ئەھلى ئىدى، ھەممىسىنىڭ ئۇستازى (شەيخى) بار ئىدى. 1453-يىلى 21 يېشىدا ئىستانبۇلنى فەتھى قىلغان فاتىخ سۇلتان مەھمەتنىڭ ئۇستازى، يول كۆرسەتكۈچىسى ئاقشەمسەتتىن ھەزرەتلىرى (1390-1498) بىر داڭلىق سۇپى ئىدى.
ـــــ ئەنقەرە ئۈنىۋېرسىتىدا ئىسلام تارىخ پرافېسسورى بىر مۇئەللىم بار، ئىسمى سەيفەتتىن ئەرشاھىن، دوكتۇرلۇقنى ئەنگىلىيەدە ئوقۇغان. يەتتە يىل ئىلگىرى مەن بۇ كەمتەر مۇئەللىمدىن دەرس ئالغاچ، ئۇنىڭغا: «بىز ئۇيغۇرلارنىڭ سۇپىزىمغا ئىنتايىن ئۆچ ئىكەنلىكىمىزنى، ئاتالمىش سۇپى ئاپپاق غۇجا ۋەتىنىمىزنى ساتقانلىقى ئۈچۈن، ھازىرغىچە، بىز ۋەيرانە...، يەنە سەئۇدى ئەرەبىستاندىن كىرگەن ۋاھابى ئىدىيىسى بىلەن يۇرتىمىزدىكى سۇپى ئىدىيىسى بىر بىرى بىلەن سوقۇشۇپ، خۇددى مەنپى زەرەت بىلەن مۇسبەت زەرەت بىر بىرىنى يېيىشكەندەكلا، ئېنېرگىيەنى (ئىسلام كۈچىنى) خوراتماقتا. قايسى توغرا، قايسى خاتا ئىكەنلىكىنى بىلمىگەن بىزلەردە غەلۋە-جىدەل ھېچ كام ئەمەس...» دېسەم، مۇئەللىم: «بۇ ئىنتايىن زىيانلىق ئەھۋال. ھەممە مىللەتنىڭ مۇسۇلمان بولۇش يولى، تارىخى، مېتودى ئوخشىمايدۇ. ۋاھابىزىم ئەرەبىستانغا مۇۋاپىق كەلگەن بىلەن ئوتتۇرا ئاسىياغا (ئۇيغۇرلارمۇ شۇنىڭ ئىچىدە) ماس كەلمەيدۇ. بىزگە (تۈركلەرگە) ئۇيغۇن كەلگەن تەسەۋۋۇپنى ئۇلار ئۇيغۇن كۆرمەسلىكى مۇمكىن. بۇ خۇددى ئەرەبىستاندىكى خۇرما ئەنقەرەدە ئۆسمىگەن، ئەنقەرەدىكى ئامۇتمۇ ئەرەبىستاندا يېتىشمىگەندەكلا بىر ئەھۋال. شۇڭا تەبىئى ئالاھىدىلىككە بېقىپ ئىش قىلىش كېرەك. چۈنكى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئىسلاملىشىشىدا تەسەۋۋۇپ ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىغان. سىلەرنىڭ ۋاھابى ئىدىيىسىدە تۇرۇپ تەسەۋۋۇپنى تەنقىد قىلىشىڭلار ئىنتايىن خاتا...» دەپ بىرمۇنچە گەپ قىلدى. بۇ گەپ مېنى بىر ئاز سەگىتكەن بولدى. چۈنكى مەنمۇ ئىلگىرى ۋەتەندىكى چاغدا ئاپپاق غۇجىغا بولغان نەپرىتىم تۈپەيلى «سۇپىلارنىڭ ھەممىسى ئازغۇن» دېگەن قاراشتا، ئۇلاردىن يىرگىنەتتىم.
ـــــ لى جىن شىن يازغان، 2005-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان 《新疆宗教演变史》(‹شىنجاڭدىكى دىن ئۆزگىرىش تارىخى›) ناملىق خەنزۇچە كىتاپ 519-520-بەتتە ياڭزىڭشىننىڭ ھۆكۈمرانلىق تاكتىكىسىدا ئەپچىل قوللانغان ئۇسۇلىنىڭ مۇسۇلمان خەلقنىڭ ئېتىقادىغا ھۆرمەت قىلىش، ناماز ئوقۇش، روزا تۇتۇشىغا رۇخسەت قىلىش، ئەمما سۇپىلارنىڭ يىغىلىشى،كوللىكتىپ پائالىيەت قاتارلىقلارغا ئەسلا رۇخسەت قىلماسلىق... دېگەندەك چارىلەر بولغانلىقى يېزىلغان.
ـــــ يەنە مۇشۇ 《新疆宗教演变史》ناملىق كىتاپتا: «1755-يىلى چىڭ سۇلالىسى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئىلى رايونىغا كىرگەندىن باشلاپ، تاكى ياقۇپبەگ دەۋرى (1867-يىلى)غىچە چىڭ سۇلالىسىگە قارشى غۇجىلار رەھبەرلىگىدە قۇزغىلاڭ، ئىسيان قاتارلىقلارنىڭ ئۈزۈلمەي داۋاملاشقانلىقى يېزىلغان. (428-بەتكە قاراڭ). (دېمەك ئاپپاق غۇجا ۋەتەننى ساتقان بىلەن، كېيىنكىلەر ھەمىشە ئۇنى قايتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن كۈرەش قىپتىكەن. شۇ مەزگىللەر پۈتۈن دۇنيادا مۇسۇلمانلارنىڭ بېشىغا قارا كۈنلەر كېلىۋاتقان، غەرپتىكى قوشنىلىرىمىز روسسىيەنىڭ تەھدىتىدە، يىراقتىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلار ياۋرۇپا جاھانگىرلىكى بىلەن جىدەلدە تۇرۇۋاتقان ۋەزىيەتتە بىزنىڭ مۇسۇلمان ئەجدادىمىزنىڭ دۈشمەنگە تەڭ كېلەلمەي ئۇتتۇرۇپ قويۇشى پۈتۈنلەي تەسەۋۋۇپنىڭ گۇناھى ئەمەس ئەلۋەتتە.)
ــــــ «سۇپىزىم» ناملىق بۇ ماقالىنىڭ 23-بېتىدە تىلغا ئېلىنغان نەقشىبەدى تەرىقىتىنىڭ نوقتىئىنەزىرى توغرىسىدا 《中国伊斯兰百科全书》، 413-بەتتە مۇنداق دېيىلگەن:
«نەقشىبەندى تەرىقىتىدىكى سۇپىلار زىكىر تەلقىنلەردە قۇرئانى-كەرىم ئوقۇغاندا يۈرىكىگە نەقىش قىلغانلىقىنى، قەلبىدىكى يامان ئوي-پىكىرنى چىقىرىپ تاشلاپ، قەلبىنى پاكىزلىغانلىقىنى ئىشارەت قىلىشاتتى، شۇنىڭ بىلەن باھائۇددىن نەقشىبەندى لەقىمى بىلەن مەشھۇر بولدى. باھائۇددىن نەقشىبەندى ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائەت ئىدىيىسىدە چىڭ تۇرۇپ، شەرىئەتكە قاتتىق ئەمەل قىلىشنى تەلەپ قىلاتتى. ئاللاھ مۇتلەق بىردۇر، بىردىنبىر ھەقىقىي مەۋجۇدىيەتتۇر، كائىناتتىكى ھەر شەيئىنى ئاللاھ ياراتقاندۇر دەپ بىلەتتى. ئۇ ئاۋام بىلەن ئارىلىشىپ ئۆتۈشنى تەشەببۇس قىلىپ، تەركىدۇنياچىلىققا قارشى ئىدى.
سۇپىلارنىڭ مەرىپەت ۋە ھەقىقەتكە ئېرىشىشتىكى يولى (تەرىقىتى) چوقۇم شەرىئەتتە بەلگىلەنگەن ئىبادەتلەرنى ئادا قىلىش، قەلبىنى ماسىۋادىن (ئىنساننى ئاللاھتىن يىراقلاشتۇرىدىغان بارلىق نەرسىلەردىن) پاكىزلاش، قەلبىدە دائىم ئاللاھ زىكرى بىلەن مەشغۇل بولۇش، تاشقى كۆرۈنۈشتە ئاللاھنىڭ مەخلۇقلىرى (يەنى تەبىئەت، جەمىيەت ھاياتى) بىلەن مەشغۇل بولۇش ئارقىلىق ئىككى دۇنيادا بەخت-سائادەتمەن بولۇش كېرەك دەپ قارايتتى.
شۇڭا ئۇ ئوتتۇرىغا قويغان تەرىقەتتىكى تۆت ئاساسىي پرىنسىپ مۇنداق ئىدى:
(1) تەرىقەتتە ئاۋام بىلەن بىرلىكتە بولۇش: سۇپى ئاۋامدىن ئايرىلىپ تەنھا قالماسلىقى، خەلق بىلەن بىرلىكتە بولۇشى، كىشىلەر بىلەن ياخشى كەڭرى مۇناسىۋەت ئورنىتىشى، ئۆز-ئارا ياردەملىشىشى، ھەمكارلىشىشى كېرەك. ياخشى ئەخلاق جەمىيەتتە تارقالسۇن، سۇپىلار ئۆزئارا ھەمكارلىشىپ ياخشى ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقارسۇن، جەمىيەتتە ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇپ، يامان ئىشلارنى مەنئى قىلىدىغان بىر جامائەت بولسۇن.
(2) دۇنيانى ئايلىنىش: سۇپى ھەر يەرگە بېرىپ ساياھەت قىلسۇن، ئايلانسۇن، رىئال دۇنيا بىلەن كۆپرەك ئۇچراشسۇن، ئاللاھنىڭ يارىتىش قۇدرىتى، ماھارىتىنى تاماششا قىلسۇن، نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتسۇن، ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىنى ھىس قىلىپ، مەرىپەتۇللاھقا يەتسۇن.
(3) سۇپى ئېھتىياتچان بولۇش: سۇپى ھەر بىر سۆز ۋە ھەرىكەتتە قاتتىق ئويلىنىپ گەپ ۋە ئىش قىلىدىغان بولسۇن، ئاللاھنىڭ ئەمىرلىرىگە قاتتىق رىئايە قىلسۇن. سۆزىدە تۇرسۇن، دېگىنىنى قىلالايدىغان، قىلغاندىمۇ ئىخلاس بىلەن ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلىدىغان بولسۇن. ياخشى ياماننى پەرقلەندۈرەلەيدىغان بولسۇن، غەپلەت ئەھلى بولمىسۇن.
(4) دۇنيا نېمەتلىرىدىن پايدىلىنىش: سۇپىلار دۇنيادا كەيپ-ساپا، ھەشەمەتچىلىك، ئاچكۆزلۈككە قارشى تۇرۇش بىلەن بىرلىكتە، ھالال ئەمگەك بىلەن رىزقىنى تېپىپ يەپ خۇشال ياشىشى كېرەك. ئاللاھ تەبىئەت دۇنياسىنى ئىنسانلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن ياراتقان. تەركىدۇنياچىلىق بولسا ئاللاھنىڭ ئىنسانلارغا بەرگەن نېمىتىگە قارشى ۋاپاغا جاپا قىلغانلىق قىلمىشى بولۇپ قالىدۇ. (《中国伊斯兰百科全书》413-بەتكە قاراڭ.)
(تەرجىمەمدە خاتالىق بولسا ئۆزىڭىز سېلىشتۇرۇڭ:
因该教团在举行宗教仪式时,默颂《古兰经》文并在胸前以手指画线,以示排除杂念,净化心灵,故白哈丁又以“纳格什班迪”(Naqshibandi 是波斯语合成词,意思是“绣者,画家”)著称。白哈丁坚持逊尼派教义,主张遵行教法。认为真主是绝对独一的,是唯一的现实存在,宇宙万物是真主创造的。他倡导入世主义,不主张苏菲遁世隐居,苦行禁欲。认为苏菲达到认主和近主的道路,应当是履行法定的宗教功修,净化心灵,内与造物主联系,外与真主的被造物(即自然,社会生活)联系,求得两世幸福。为此,他提出了修道的四条基本原则:(1)修道于众:即修道者不应离群索居,应居于人群之中,与世人广交,以求相互有益,善德来自于社会,修道者相互交往,方能获众多善果。在社会中履行教乘功修,才能抑恶扬善。(2)巡游于世:即修道者应到各地游历旅行,广泛接触现实世界,认识真主创世的睿智,开阔思想境界,领悟真主赐予的恩惠,以达认主。(3)谨慎于行:即修道者的每一言行,都要谨思熟虑,遵奉真主之诚命,言必行,行必果,善恶分明,不能昏昧不明。(4)享乐于时:修道者既要抑制对今世的奢华和物质的贪欲,又要享受今世凭自己的劳动所得的财富和乐趣。真主造化的自然界是供人享受的,假若苦修禁欲,是对真主所赐给人类恩惠的忘恩负义行为。(请看杨克礼,吴云贵所著的《中国伊斯兰百科全书》,四川辞书出版社,成都,1994年,413页)
......
يۇقارىدا تارىختىن ئۇ يەر بۇ يەردىن مىساللار بىلەن سۆزلىگىنىمىزگە قارىغاندا تەسەۋۋۇپ بەك سەلبىي بىر نەرسىدەكمۇ ئەمەس كۆرىنىدۇ، ئەمما نېمىشقا بۇ «سۇپىزىم» ئىسىملىق ماقالىدا شۇنچە «ئەپتى-بەشىرىسى ئاشكارىلىنىپ» سۆكۈلىدۇ؟؟
بۇ ماقالىنىڭ يازغۇچىسى كىم؟ نېمىگە قاراپ تەسەۋۋۇپنى شۇنچە ناچارغا چىقارغان؟
ھەممىمىزگە مەلۇمكى، كۈنىمىزدە ئىسلام دۇنياسىدا مۇسۇلمانلار ئىچىدە تەسەۋۋۇپقا ئەڭ قارشى چىقىدىغانلار ۋاھابىزىم ئىدىيىسىدىكىلەردۇر. تەسەۋۋۇپ ئەھلى ھەر دائىم: «ۋاھابى قېرىنداشلىرىمىز بىزنى توغرا چۈشەنمەيدۇ» دەپ ئوھسىنىپلا ئۆتۈپ كېتىدىغان، ئارتۇق گەپ قىلمايدىغان بۇ ۋاھابىزىم ئىدىيىسى 1-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئالدى-كەينىدە ئەرەپ خەلقىنى ئۇسمانلى خەلىپىلىكىگە قارشى ئىسيانغا يېتەكلەپ، ئوسمانلىنى پارچىلاپ، مۇستەقىل ئەرەپ دۆلەتلىرىنىڭ قۇرۇلۇشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينىغان.
مەن مۇشۇ «سۇپىزىم» ناملىق ماقالىنى تەييارلىغانلارنىڭ ۋاھابىزىم ھەققىدە نېمە دەيدىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن يەنە شۇ يۇقارىدىكى كىتاپتىكى
«شەيخ مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇلۋاھھابنىڭ سەلەپىيە دەۋىتى» ناملىق ماقالىنى ئوقۇدۇم.
ئۇنىڭدا دېيىلىشىچە: «ۋاھابىزىم، يەنى سەلەپىييە (ئىنسانلارنى) ئىسلام ئەقىدىسىنىڭ ساغلام ئاساسىغا قايتىشقا چاقىرىدۇ، تەۋھىد ئوقۇمىنى ئۇنىڭغا ئارلىشىۋالغان تۈرلۈك شىرىكلەردىن تازىلاشتا چىڭ تۇرىدۇ...» دەپ ئېنىقلىما بېرىلگەن.
دېمەك: ۋاھابى كۆزى بىلەن قارىغاندا تەسەۋۋۇپنىڭ شۇنداق مايماق، شىرىك ئارىلاشقان، خاتا كۆرىنىدىغان بىر ئىش ئىكەنلىكى خىلى كۆپ كىشىلەر بىلىدىغان بىر رىئاللىق كۈنىمىزدە.
شۇڭا، «سۇپىزىم» ناملىق بۇ ماقالىنىڭ 14-15-بېتىدە تىلغا ئېلىنغان ئوسمانلى ھۆكۈمرانلىقى مەزگىلىدە
«...مۇھەممەد ئەلى پاشا (تۈرك) قىلغان ئىش... ئەزھەرنىڭ شەيخى ۋە ئۈلىمالىرىنىڭ تەسىرىنى ۋەيران قىلىش ئۈچۈن قىلىنغان ئۇرۇنۇشلار ئىدى» دېگەن جۈملىلەرنىمۇ بىر ئاز «سىياسىي تۈس ئالغان چېغى» دەپ چۈشەندىم.
مەن بۇنىڭغا قارىتا بەدىئۇززامان سەئىد نۇرسىي ئېيتقان: «ۋاھابىلار بىر دەرەخنىڭ ھارام شېخىنى چاتايمىز دەپ ئۇنىڭ يىلتىزىنى كېسىپ سالدى» دېگەننىلا ئېيتىپ بولدى قىلىمەن. ئاللاھقا، رەسۇلۇللاھقا ئىمان ئېيتقان؛ قۇرئان ۋە سۈننەتنى ھەممىدىن ئەلا بىلىدىغان، توغرا سۈننەت يولىدا ماڭغان تەسەۋۋۇپچىلارنى ھۆرمەتلەيدىغان بىر مۇسۇلمان بولۇش سۈپىتىم بىلەن، «سۇپىزىم» ناملىق بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارغا قوشۇلمايدىغانلىقىمنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرلىكتە، ۋاھابى قېرىنداشلىرىمىز بىلەنمۇ ئارتۇقچە مۇنازىرە، تالاش-تارتىش، ئىتتىپاقسىزلىقنى خالىمايمەن.
(لا ئىلاھە ئىللاللاھ، مۇھەممەدۇن رەسۇلۇللاھ دەيدىغان بىر مۇسۇلماننى «مۇشرىك»،
«ئەقىدىسىدە شېرىك» بار دەيدىغان كىشىلەر بۇ سۆزى ئۈچۈن قىيامەتتە ھېساپقا تارتىلىدىغانلىقىنى ئويلاپ قويۇپ گەپ قىلغىنى ياخشى. چۈنكى بىر مۇسۇلماننى مۇشرىك دىگۈچى ئۆزى مۇشرىك بولىدۇ، بۇ پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھەدىسىدۇر.)
3. خۇلاسە: بۇ تۆھمەت ماقالىنىڭ بېشىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان: «...تەسەۋۋۇپچىلار شەرئىي ۋاستىلەرگە ئەگىشىش ئارقىلىق ئەمەس، كەشف (بايقاش) ۋە كۆرۈش ئارقىلىق ئاللاھتائالانى بىلىشكە يېتىش مەقسىتىدە نەپسىنى تەربىيىلەش...» دېگەنگە جاۋاپ:
نەقشىبەندى كۆز قارىشىغا ئوبدان قاراڭ. (ئۈستىدە ئېنىق يازدىم.) نەقشىبەندى شەرىئەت ھەققىدە نېمىلەرنى دەپتۇ؟
4. «...بۇددىست پەلسەپىلىرى بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەن...» ھەممىسىنىڭ ئىنسان بولۇش سۈپىتى بىلەن بەزى جەھەتلەردە ئوخشاش تەرەپلەرنىڭ بولۇشى نورمال ئەھۋال. ئىسلام بىزدىكى ئەخلاقنىڭ بەزىسى بۇددىستلاردىمۇ باركەن دەپ ئۆز ئەخلاقىدىن ۋاز كەچسە توغرا بولامتى سىزچە؟!
5. «... ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائەت تۇتۇپ ماڭغان ھەق يولدىن ئېغىشنىڭ مەركىزى نوقتىسىدا ياتىدۇ» دېگەن سۆزمۇ ئېغىر تۆھمەت! بۇ تۆھمەت گەپ ئۈچۈن قىيامەت كۈنى سۇراقسىز قالمايدىغانلىقىڭىزغا ئىشەنچىم كامىل.
ئەگەر بۇ «سۇپىزىم» ناملىق ماقالىنى يازغۇچىلار تەسەۋۋۇپقا لىللا باھا بەرمەكچى بولغان بولسا
، Nicholson, Arberry, Macdonald,Spencer Trimingham
قاتارلىق غەرپلىك شەرقشۇناسلارنىڭ كىتاپ ۋە باھالىرىغا قاراپ ئەمەس،
بەلكى، ھەقىقىي تەسەۋۋۇپ ئەھلى، مۇسۇلمانلار يازغان كىتاپلارغا مۇراجىئەت قىلغان بولسا، بۇنداق كىشىنىڭ يۈرىكىنى ئاغرىتىدىغان ناھەق خۇلاسە چىقمىغان بولاتتى.
(چۈنكى ئىسلامنىڭ تارقىلىشىدىن قورقىدىغان، مۇسۇلمانلاردىن ئەنسىرەيدىغان غەيرى-مۇسلىم غەرپلىكلەر
تەسەۋۋۇپنىڭ ئەۋزەللىكىنى كۆرۈشنى خالىمايدۇ، كۆرگەن تەقدىردىمۇ، بىزلەرگە كۆرسىتىپ قۇيۇشنى، بىلدۈرۈشنى خالىمايدۇ
يەنە ئۇلار ئېيتقان مىستىتىزىم (Mysticism) ئاتالغۇسىنىڭ تەسەۋۇۇپ بىلەن چوڭ پەرقى بار.)
ئۆزىنى توغرا يولدىكى مۇسۇلمانمەن دەپ قارايدىغان بەزى مىللىتچى ئەرەپلەرنىڭ (يەنى، مۇشۇ ماقالىنى يازغۇچىلارنىڭ) نىكولسۇن، ماركۇس، جونىس قاتارلىق غەيرى مۇسلىم شەرقشۇناسلارنىڭ ئۇيدۇرما سەپسەتىلىرىگە ئىشىنىپ، ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان قېرىندىشىغا (تەسەۋۋۇپ ئەھلىگە) تۆھمەت قىلىشى ھەقىقەتەن ئېچىنىشلىق ئەھۋال.
مەن ئەلۋەتتە بۇ يەردە ئۆزىنى تەسەۋۋۇپچى ئاتىۋالغان ھەممە تەرىقەت توغرا يولدا، ھېچقانداق كەمچلىكى يوق دېمەكچى ئەمەسمەن.
مەن ئىنتايىن ھۆرمەتلەيدىغان ئىبنى تەيمىييە تەنقىد قىلغان سۇپىلارنى مەنمۇ تەنقىد قىلىمەن، چۈنكى ئىبنى تەيمىييە زامانىدا موڭغۇللار باستۇرۇپ كەلگەندە ئىبنى تەيمىييە شامدا خەلقنى جىھادقا دەۋەت قىلغاندا شۇ چاغدىكى بەزى سۇپىلار ئۇرۇشقا چىقىشقا ئۇنىمىغان ئىدى.
مەن بىلىدىغان تەسەۋۋۇپتا ئەڭ ئالدىنقى شەرت قۇرئان ۋە سۈننەت. شەرىئەتكە رىئايە قىلمىغان كىشىنىڭ تەسەۋۋۇپتا بىر سالاھىيىتى يوق. ھەقىقىي سۇپى ياكى ئەمەسلىكىنى ئايرىيدىغان ئالدىنقى شەرت ياكى ئالامەت ئۇشبۇ كىشىنىڭ شەرىئەت ئەھلى ياكى ئەمەسلىكى. ئەگەر بىر كىشى شەرىئەت ئەھلى بولمىسا، ئۇنىڭ ئۆزىنى سۇپى دەپ دەۋا قىلغىنى بىكار.
تەسەۋۋۇپنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەكچى بولساڭلار «ئىماندىن ئىھسانغا تەسەۋۋۇپ» ناملىق كىتاپنى ئوقۇپ بېقىڭلار.
(داۋامى بار)
[ بۇ يازمىنىdilara 2012-02-06 19:54قايتا تەھرىرلىدى ]