بۇ ئىشلارنىڭ باشلامچىسى ئاپپاق خوجا ئەمەس ،ئۇ ئاپپاق دۇنياغا كېلىشتىن بۇرۇنلا دۇنيادا يۈز بېرىپ بولغان ،ئۇ زات پەقەت راۋاجلاندۇرغۇچى،بۇ كەمسىتىش ھىسياتى بىلەن ئىشلەنگەن فىلىمكەن ،ئۇنداقلارمۇ يوق ئەمەس ئارىمىزدا لېكىن بىر ئۇچۇم،دۈشمەن ھەرگىز دۈشمىنىڭ چىرايلىق يېرىنى سۈپەتلىمەيدۇ...ئۇيغۇرلۇرۇم.سىلەر سوپىلارنى ھەزرىتى ئاپپاقنى قانچىكى تىللىڭلار ئۇنىڭ ئاللانىڭ ئالدىدىكى مۇقامى شۇنچىلىق ئۆسىدۇ،ئۇ مەڭگۈ ئۇنتۇلماس ئۇرۇنغا ئۆتىدۇ،خۇددى ئۈچ كىتاپنى تەنقد قىلىپ ئۇننى ئۇقىمىغان ئادەمگىمۇ ئوقۇش ھەۋىسى سېلىپ قويغاندەكلە بىر ئىش...خۇددى ئۇ زات ھاياتىنىڭ ئاخىرقى ۋاقىتلاردا ئېيتقاندەك ،ئىسمايىلخان مېنىڭ 23 قېرىندىشىمنى قەتلى قىلمىغان بولسا ،مەن بۇ قىساس يولىغا كىرمەيتىم،پەتىھلەر جەريانىدا 10 نەچچە مۇسۇلمانىڭ قېنى تۆكىلدى( ئۇ ھەرگىز قارتاغلىقلانى كاپىر دىمىگەن،ئۇيغۇرلانى قارا تاغلىق ۋە ئاقتاغلىق دەپ ئىككى پىرقىگە بۆلگەنلەر ئۇلار ئەمەس بەلكى ھازىرقى زىيالىلار) قىيامەتتە ئاللانىڭ ئالدىدا قانداق جاۋاپ بېرىشنى بىلمەيمەن....دەم ئاقسۇ قاراتاغدا جۇڭغارلارغا قارشى ئۇرۇشتا شېھىت بولدى... بۇنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەن دەپ ،جاللات خېنىمغا ئارتىپ قويۇشتى...(ياسىن دىگەن) (ئابدۇ ۋەلى) دىگەن ئۇنى قايسىدۇر بىر باھادىرغا كالىسىنى ئالدۇرغۇزدى...خوجا ئەھمەت كاسانى ھەرگىز قەشقەرگە سۈلۈك ئۈچۈن كەلگەن ئەمەس ،ئۇ بەلكى يۈكسەك نوپوسى بىلەن ئۆزبەك بىلىن ئۇيغۇر ئۇتۇرسىدىكى قانلىق قىرغىنچىلىقنى ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن مۇرەسسەگە كەلگەن ..ھەم غەلبىلىك نەتىجە بىلەن قايتقان...ئۇنى ھىچكىن ئېشەككە مىنگۈزۈپ سازايى قىلغانمۇ ئەمەس..خۇددى ئابديۋەلى دىگەندەك... ئۇيغۇرلارغا ئىسلام دىنى كۈچلۈك شىئە تۈسى بىلەن كىرگەن خوجا ئەھمەت كاسانى يىتۈك سۈننەتچى ئالىم ئۇ ئۆز تارىخىدا يازغان كىتاۋى 200 دىن ئاشىدۇ،ئۇلار ئۇيغۇرلار ئارسىدا شىئە تۈسىنى تازلاپ تاشلاشقا دەۋر بۆلگۈچ كۈچ چىقارغان،ھەم ئىسلامنىڭ ھاكىميەت سېستىمىسىدىكىلەردىن ۋە يۇقىرى تەبىقىلەر ئارسىدىكى دىندىن ئاۋام ئارسىدىكى دىنغا ئايلىنىشىغا ھىساپسىز كۈچ چىقارغان،چاغتاي ئەۋلادىنىڭ ئۇيغۇرلار ئارسىدىكى ھۆكۈمرۈنلىقى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان ،كۈچلۈك جۇڭغارلار ۋە چاغتاي ئەۋلادىنىڭ تىرلىش نىيىتىدە قىلغان بۇزغۇنچىلىقى بولمىغان بولسا دىن ھاكىميەت بىرلەشكە ھەقىقى ھاكىميەتنى ئۇلار قۇرۇپ چىققاتتى..ئۇرۇش مالمانچىلىقىدا ئەلۋەتتە ئۆلۈش ۋە ئۆلتۈرلۈش بولۇدۇ..ۋەيرانچىلىق بولۇدۇ .تىنچلىقنى بۇزغۇنچۇلار نۇسرەت قازانسا تىنچلىقنى قوغدۇغۇچىلاردىن بولۇپ قالىدۇ...سوپىزىم ئۇيغۇرلارغا ئىپتىدائى تەشكىلىنىش ئېڭىنى بەرگەن ھەم ئۈگىتىپ ئۇنى ئىسلامنىڭ تەشكىللىك ئاۋانگىراتلىرىغا ئايلاندۇرغان،تەشكىلى ئاساسىنى قۇرۇپ بەرگەن .شۇڭلاشقا ھەر قېتىملىق ئىنقىلاپلاردا سوپىلار ئىستىخىلىك ئالدىغا چىقىپ قالغان. راشىددىن خوجا باشچىلىقىدىكى سوپىلار چىڭ سۇلالىسىغا قارشى قوزغىلاڭ كۆتىرىپ چىرىك چىڭ سۇلالىسى ھاكىميىتىنى شىنجاڭدىن قوغلاپ چىقاردى.
تۆمۈر خەلپە ۋە مويىدىن خەلپە باشچىلىقىدىكى سوپىلار قۇمۇل ۋە تۇرپاندا قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ تارىختا شانلىق بىر سەھىپە ياراتتى( تۆمۈر خەلپە مويىدىن خەلپىنىڭ قومۇلدا قويغان خەلپىسى ئىدى خوجامنىياز ھاجى تۆمۈر خەلپىنىڭ خەلپىسى ئىدى)بۇ تارىخى پاكىتلارنىڭ گۇۋاچىلىرى ھازىر بار....قەمەردىن ھەزرەتلىرى يەكەن خاڭدىلىق ئايۇپ قاراخۇنۇم ۋە خوتەن قارقاشلىق ئابدۇل ھەمىت داموللاملار،ئابدۇراخمان ئىنشان داموللاملارمۇ ھەرگىز ئۆز خەلقىنىڭ پىچىقىدا ئەمەس دۈشمەنلىرىنىڭ پىچىقىدا شېھىت بولغان سوپىلارنىڭ پىرى ئىدى ئۇلارنىڭ پالىيەتلىرى 1947-يىلى باشلىنىپ ،1959-يىلى ئاخىرلاشقان ،ئۇيغۇرلارنىڭ دىن ۋە ھوقوقى ئۈچۈن قايسى گۇروھ 1000 يىللار بېرى سوپىلاردەك ئۇزۈلدۈرمەي قان تۆكۈپ كەلگەن ،خوجىلار ئەۋلادىدىن قايسى بىرى ئۆز ئەجىلى بىلەن ئۆلگەن؟بۇ مېڭ يىللىق ئىدىيە ،مىڭ يىللىق گۇروھنى بىز نىمىشقا خەنزۇ خەلقى كوڭزى ئىدىۇيىسىنى قەدىرلىگەندە قەدىرلىمەيمىز؟بىز بۇنى ئىنكار قىلساق بىزگە تەئەللۇق قايسى تارىخ ،قايسى ئىدىيە قالىدۇ...سەئىدىيەلەرنى ھىچبىر دۇنيا تارىچىسى ئۇيغۇردەپ تۇنمايدۇ،ئۇلار ياراتقان شان -شەرەپ چىڭگىزخان ياراتقان تارىخنىڭ داۋامى ..مەن پاكىستانلىق تارىخچى يازغان ((دۇنيا ئىسلام تارخى )) دىگەن كىتاپنى كۆرۈپ ئۇيغۇرلارغا تەئەلۇق قىسمىنى زور قىزىقىش بىلەن ئىزدىسەم ئۇنى موڭغۇللارغا تەئەلۇق قىلىپ چىقىرىپتۇ..بىز قاتتىق ئېزىۋاتىمىز .بىز بىر تارىخى ۋە سىياسى ماڭقۇرۇتقا ئايلىنىش ئالدىدا تۇرۋاتىمىز..ئەلۋەتتە بۇ بىزنىڭ زىيالىرىمىزنىڭ قولى بىلە بولۋاتىدۇ،توغرا سوپىزىمنىڭ ئىسلاھات قىلىشقا تاسقاپ چىقىرىشقا تىگىشلى جايلىرى باردۇر.غەزالىلى بىر ئىسلاھات بىلەن ئۇنى قايتىدىن ھاياتى كۈچكە ئىگە قىلدى،ئىمام رەبانى ئىسلاھات قىلىش بىلەن ئۇنى يەنە بىر دەرىجە كۆتىردى...لېكىن ئۇ ئەسەبى مىللەتچىلىكتىن ۋە ئەرەپ مىللەتچىلىكى بىلەن يۇغۇرۇلغان ئىسلام ئەسلىيەتچى پىكىرەتلىرىدىن خەلقىمىزگە تېخىمۇ پايدىلىق دەپ قارايمەن.بىزدە بارلىققا كەلگەن تەرەققى پەرۋەر مۇتەپپەكۈرلەرنىڭ ھەمىسى مۇشۇ پىكرەتەيۇ نىمىشقا سوپىزىم ئىدىيىسى كىشىنى جاھالەتتكە باشلايدۇ؟
[ بۇ يازمىنىappakhoja 2011-12-19 00:41قايتا تەھرىرلى ]