查看完整版本: [-- ئاشىق -سۇپىلىرىم --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> ناخشا مۇزىكا كىنو فىلىم -> ئاشىق -سۇپىلىرىم [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

<<   1   2   3   4  >>  Pages: ( 4 total )

era13 2011-12-18 21:18

ۋاقتىڭلار بولسا بۇنىمۇ كۆرۇپ قويۇڭلار ، سۇپىلار توغرىسىدا ئاز -تولا چۈشەنچىگە ئىگە بولۇپ قالارسىلەر!


saifulla 2011-12-18 21:44
koralmidim brar parqa rasimni kisip tang yollap koymay.  iliki bir hanzu suratka algan filim amas tu?

zero903 2011-12-18 21:45
15-ئەسىرنىڭ سايىسىدىكەنغۇ  بۇلار  تېخى

bilig 2011-12-18 21:54
جاھالەت پىرلىرى   تېخى ھاياتكەنغۇ

تاھىربەگ 2011-12-18 22:18
جاھالەت پىرلىرى؟؟؟
     
     ئالدىرمايلى بۇرادەرلەر، ئالدىرمايلى.   مەن مۇسۇلمان دىگەن كىشىنى ئالدىراپ جاھالەت پىرلىرى دىمەيلى.  
ئۇلارنىڭ قىلۋاتقان ئىبادىتىنى بىدئەت دىسەڭلارمۇ مەيلىتى. ئەمما ئۇلارنى جاھالەت كىشىللىرىنىڭ قاتارىغا چىقىرۋەتمەڭلا.

muhlise38 2011-12-18 22:52
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،تېما ئىگىسىگە تەشەككۈر،بىر قىسىم نادان كىشىللىرىمىزنىڭ شېرىك،بىدئەت قىلمىشلىرى ئېنىق ئىپادىلىنىپتۇ.
جاناببى ئاللاھدىن ھەممىمىزگە ساغلام ئەقىدە،پاك ئىمان تىلەيمەن.
ئىي ئاللاھىم بىزلەر شېرىك ئەمەللەردىن،بىدئەتلەردىن يىراق قىلغايسىز!!!

بىگان 2011-12-18 23:03
ئاپاق خوجا دىگەن مەلئۇننىڭ ئازدۇرىشى بىلەن بولغان بىدئەتلەر...ھەي...ئىست خەلقىم...جاھالەت دىمەي نىمە دەيمىز بۇنى؟ ئىلىم-مەرىپەتتىن مەھرۇم،قالاق ۋە نادانلىق ئىچىدە ئۆتكەن ھاياتنى جاھالەت دەيمىز.
لىكىن...بۈگۈنكىدەك شەيتاننىڭ ھىيلە-نەيرەڭلىرى كۆپىيىپ،ئىماننىمۇ ساقلاپ قىلىش تەس كىلىۋاتقان جەمىيەتتە قەلىبلەر شۇنداق جىمجىت،تەركى دۇنيا ئىچىدىكى ھاياتنى ئىستەپمۇ قالىدىغان گەپكەن...

ھەجەپمۇ قىينىدى بۇ جان،قىستاپ مىنى تەركى-دۇنياغا،
ئامانەت بولمىسا كىتەرىدىم  ئىتپ ئۆزۈمنى تاغۇ-دەرياغا.
...............

saifulla 2011-12-18 23:32
awu dongning arkisidin apak guja bilan gokay nayza kalkanlirini kuturup kiliwatkan dak kilam du nima...

saifulla 2011-12-18 23:32
awu dongning arkisidin apak guja bilan gokay nayza kalkanlirini kuturup kiliwatkan dak kilam du nima...

appakhoja 2011-12-19 00:09
بۇ ئىشلارنىڭ باشلامچىسى ئاپپاق خوجا ئەمەس ،ئۇ ئاپپاق دۇنياغا كېلىشتىن بۇرۇنلا دۇنيادا يۈز بېرىپ بولغان ،ئۇ زات پەقەت راۋاجلاندۇرغۇچى،بۇ كەمسىتىش ھىسياتى بىلەن ئىشلەنگەن فىلىمكەن ،ئۇنداقلارمۇ يوق ئەمەس ئارىمىزدا لېكىن بىر ئۇچۇم،دۈشمەن ھەرگىز دۈشمىنىڭ چىرايلىق يېرىنى سۈپەتلىمەيدۇ...ئۇيغۇرلۇرۇم.سىلەر سوپىلارنى ھەزرىتى ئاپپاقنى قانچىكى تىللىڭلار ئۇنىڭ ئاللانىڭ ئالدىدىكى مۇقامى شۇنچىلىق ئۆسىدۇ،ئۇ مەڭگۈ ئۇنتۇلماس ئۇرۇنغا ئۆتىدۇ،خۇددى ئۈچ كىتاپنى تەنقد قىلىپ ئۇننى ئۇقىمىغان ئادەمگىمۇ ئوقۇش ھەۋىسى سېلىپ قويغاندەكلە بىر ئىش...خۇددى ئۇ زات ھاياتىنىڭ ئاخىرقى ۋاقىتلاردا ئېيتقاندەك ،ئىسمايىلخان مېنىڭ 23 قېرىندىشىمنى قەتلى قىلمىغان بولسا ،مەن بۇ قىساس يولىغا كىرمەيتىم،پەتىھلەر جەريانىدا 10 نەچچە مۇسۇلمانىڭ قېنى تۆكىلدى( ئۇ ھەرگىز قارتاغلىقلانى كاپىر دىمىگەن،ئۇيغۇرلانى قارا تاغلىق ۋە ئاقتاغلىق دەپ ئىككى پىرقىگە بۆلگەنلەر ئۇلار ئەمەس بەلكى ھازىرقى زىيالىلار)  قىيامەتتە ئاللانىڭ ئالدىدا قانداق جاۋاپ بېرىشنى بىلمەيمەن....دەم ئاقسۇ قاراتاغدا جۇڭغارلارغا قارشى ئۇرۇشتا شېھىت بولدى... بۇنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەن دەپ ،جاللات خېنىمغا ئارتىپ قويۇشتى...(ياسىن دىگەن) (ئابدۇ ۋەلى) دىگەن ئۇنى قايسىدۇر بىر باھادىرغا كالىسىنى ئالدۇرغۇزدى...خوجا ئەھمەت كاسانى ھەرگىز قەشقەرگە سۈلۈك ئۈچۈن كەلگەن ئەمەس ،ئۇ بەلكى يۈكسەك نوپوسى بىلەن ئۆزبەك بىلىن ئۇيغۇر ئۇتۇرسىدىكى قانلىق قىرغىنچىلىقنى ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن مۇرەسسەگە كەلگەن ..ھەم غەلبىلىك نەتىجە بىلەن قايتقان...ئۇنى ھىچكىن ئېشەككە مىنگۈزۈپ سازايى قىلغانمۇ ئەمەس..خۇددى ئابديۋەلى دىگەندەك... ئۇيغۇرلارغا ئىسلام دىنى كۈچلۈك شىئە تۈسى بىلەن كىرگەن خوجا ئەھمەت كاسانى يىتۈك سۈننەتچى ئالىم ئۇ ئۆز تارىخىدا يازغان كىتاۋى 200 دىن ئاشىدۇ،ئۇلار ئۇيغۇرلار ئارسىدا شىئە تۈسىنى تازلاپ تاشلاشقا دەۋر بۆلگۈچ كۈچ چىقارغان،ھەم ئىسلامنىڭ ھاكىميەت سېستىمىسىدىكىلەردىن ۋە يۇقىرى تەبىقىلەر ئارسىدىكى دىندىن ئاۋام ئارسىدىكى دىنغا ئايلىنىشىغا ھىساپسىز كۈچ چىقارغان،چاغتاي ئەۋلادىنىڭ ئۇيغۇرلار ئارسىدىكى ھۆكۈمرۈنلىقى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان ،كۈچلۈك جۇڭغارلار ۋە چاغتاي ئەۋلادىنىڭ تىرلىش نىيىتىدە قىلغان بۇزغۇنچىلىقى بولمىغان بولسا دىن  ھاكىميەت بىرلەشكە ھەقىقى ھاكىميەتنى ئۇلار قۇرۇپ چىققاتتى..ئۇرۇش مالمانچىلىقىدا ئەلۋەتتە ئۆلۈش ۋە ئۆلتۈرلۈش بولۇدۇ..ۋەيرانچىلىق بولۇدۇ .تىنچلىقنى بۇزغۇنچۇلار نۇسرەت قازانسا تىنچلىقنى قوغدۇغۇچىلاردىن بولۇپ قالىدۇ...سوپىزىم ئۇيغۇرلارغا ئىپتىدائى تەشكىلىنىش ئېڭىنى بەرگەن ھەم ئۈگىتىپ ئۇنى ئىسلامنىڭ تەشكىللىك ئاۋانگىراتلىرىغا ئايلاندۇرغان،تەشكىلى ئاساسىنى قۇرۇپ بەرگەن .شۇڭلاشقا ھەر قېتىملىق ئىنقىلاپلاردا سوپىلار ئىستىخىلىك ئالدىغا چىقىپ قالغان. راشىددىن خوجا باشچىلىقىدىكى سوپىلار چىڭ سۇلالىسىغا قارشى قوزغىلاڭ كۆتىرىپ  چىرىك چىڭ سۇلالىسى ھاكىميىتىنى شىنجاڭدىن قوغلاپ چىقاردى.
تۆمۈر خەلپە  ۋە مويىدىن خەلپە باشچىلىقىدىكى سوپىلار قۇمۇل ۋە تۇرپاندا  قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ تارىختا شانلىق بىر سەھىپە ياراتتى( تۆمۈر خەلپە مويىدىن خەلپىنىڭ قومۇلدا قويغان خەلپىسى ئىدى خوجامنىياز ھاجى  تۆمۈر خەلپىنىڭ خەلپىسى ئىدى)بۇ تارىخى پاكىتلارنىڭ گۇۋاچىلىرى ھازىر بار....قەمەردىن ھەزرەتلىرى يەكەن خاڭدىلىق ئايۇپ قاراخۇنۇم ۋە  خوتەن قارقاشلىق ئابدۇل ھەمىت داموللاملار،ئابدۇراخمان ئىنشان داموللاملارمۇ  ھەرگىز ئۆز خەلقىنىڭ پىچىقىدا ئەمەس دۈشمەنلىرىنىڭ پىچىقىدا شېھىت بولغان  سوپىلارنىڭ پىرى ئىدى ئۇلارنىڭ پالىيەتلىرى 1947-يىلى باشلىنىپ ،1959-يىلى ئاخىرلاشقان ،ئۇيغۇرلارنىڭ  دىن ۋە ھوقوقى  ئۈچۈن قايسى گۇروھ 1000 يىللار بېرى سوپىلاردەك ئۇزۈلدۈرمەي قان تۆكۈپ كەلگەن ،خوجىلار ئەۋلادىدىن قايسى بىرى ئۆز ئەجىلى بىلەن ئۆلگەن؟بۇ مېڭ يىللىق ئىدىيە ،مىڭ يىللىق گۇروھنى بىز نىمىشقا خەنزۇ خەلقى كوڭزى ئىدىۇيىسىنى قەدىرلىگەندە قەدىرلىمەيمىز؟بىز بۇنى ئىنكار قىلساق بىزگە تەئەللۇق قايسى تارىخ ،قايسى ئىدىيە قالىدۇ...سەئىدىيەلەرنى ھىچبىر دۇنيا تارىچىسى ئۇيغۇردەپ تۇنمايدۇ،ئۇلار ياراتقان شان -شەرەپ چىڭگىزخان ياراتقان تارىخنىڭ داۋامى ..مەن پاكىستانلىق تارىخچى يازغان ((دۇنيا ئىسلام تارخى )) دىگەن كىتاپنى كۆرۈپ ئۇيغۇرلارغا تەئەلۇق قىسمىنى زور قىزىقىش بىلەن ئىزدىسەم ئۇنى موڭغۇللارغا تەئەلۇق قىلىپ چىقىرىپتۇ..بىز قاتتىق ئېزىۋاتىمىز .بىز بىر تارىخى ۋە سىياسى ماڭقۇرۇتقا ئايلىنىش ئالدىدا تۇرۋاتىمىز..ئەلۋەتتە بۇ بىزنىڭ زىيالىرىمىزنىڭ قولى بىلە بولۋاتىدۇ،توغرا سوپىزىمنىڭ ئىسلاھات قىلىشقا تاسقاپ چىقىرىشقا تىگىشلى جايلىرى باردۇر.غەزالىلى بىر ئىسلاھات بىلەن ئۇنى قايتىدىن ھاياتى كۈچكە ئىگە قىلدى،ئىمام رەبانى ئىسلاھات قىلىش بىلەن ئۇنى يەنە بىر دەرىجە كۆتىردى...لېكىن ئۇ ئەسەبى مىللەتچىلىكتىن ۋە ئەرەپ مىللەتچىلىكى بىلەن يۇغۇرۇلغان ئىسلام ئەسلىيەتچى پىكىرەتلىرىدىن خەلقىمىزگە تېخىمۇ پايدىلىق دەپ قارايمەن.بىزدە بارلىققا كەلگەن تەرەققى پەرۋەر مۇتەپپەكۈرلەرنىڭ ھەمىسى مۇشۇ پىكرەتەيۇ  نىمىشقا سوپىزىم ئىدىيىسى كىشىنى جاھالەتتكە باشلايدۇ؟      

appakhoja 2011-12-19 00:32
تېلۋوزوردا سىلى چوقۇنۋاتقان ھەر داڭلىق ناخشىچى ئۇسولچىلار ۋە پەرزەنتىلىرى دۇنيانىڭ كۆز ئالدىدا يات ئەرلەرگە ئالدىلىرىنى سىلكىپ  كۈچلۈك شەھۋانى قىلىقلارنى قىلىپ بەرسە پەخىرلىنىپ كېتىسىلەرۇ بۇلار ئاللا دەپ يىغلاپتۇ ؟ھىچ يامىنى يوق ؟كىشلەر ئاتا-ئانام ،ئېرىم -خۇتۇنۇم،بالۋاقام ،دەپى دۇنيارىم دەپمۇ يىغلايدۇغۇ؟بۇلار ئۇلاردىنمۇ پەسمۇ؟ ئاللاغا يېتىشتا ھەركىم ئۆز تەبىئىتى ۋە قۇربىتى  بىلەن يېتىدۇ.. ھەرگىزمۇ سىز سىزىپ بەرگەن يول بىلەن ئەمەس،دىن سىياسى ھۆكۈمرانلىق ئۇرنىغا چىقالمىغان ۋاقىتتا مانا مۇشۇنداق مىللى ئۆرپى -ئادەتكە ئايلىنىپ ئۆزىنىڭ ھاياتى كۈچۈنى ساقلايدۇ..ھازىر ئىسلام يولىدا بارلىققا كەلگەن ھەربىر ئۆرپە -ئادىتىمىز ئاللاغا شىرىك كەلتۈرۈش دەرىجىسىگە بېرىپ قالمىسىلا ئۇ بىزنىڭ مەۋجۇتلۇق جان تۇمۇرىمىز!    سەن ئىلغارلىق ياكى دىننى ئەسلىيەتچىلىك تونىغا ئۇرۇنۋېلىم بۇ تومۇرىمىزغا پالتا چاپما!شۇنداق قىلساڭ تەھقىق سەن مىللەت ۋە دىن خائىنى...سەن بېرىپ بىر ئائىلە ئايالىغا ياكى ئاددەتتىكى كىشىگە خەلپىلىك ۋە جىھات ،كاپىرلارغا قارشى تۇرۇش توغۇرلۇق سوزلەپ باققە ئۇ سېنىڭ سۆزىڭگە قۇلاق سالامدىكىن؟سېنى ھىمايە قىلامدىكىن..ئۇنداقتا ئۇ كىشلەر ئارسىدا دىننى قانداق ئوموملاشتۇرسە؟چىقىپلا شۇ يېزىدىكى ياكى مەھەلىدىكى دىننىڭ ۋەكىلى بولغان كىشلەرنى تىللىيسەن دۇنيادا سەنلا ئەڭ دۇرۇس مۇسۇلماندەك،سەنلا جەننەتنىڭ يول خېتىنى كېسىپ بېرىدىغاندەك؟ دىننى سىياسى شەكىلدە سۆزلەشنىڭ يېيىشنىڭ شارائىتى تېخى پىشىپ يېتىلمىدى ،پەققەت مەدەنىيەت ،ئورپە-ئادەت،ئەڭ ئاددى ئەمەلىرىنى سۆزلەيدىغانغا ئوموملاشتۇردىغانغا شارائىت بار.

muhlise38 2011-12-19 09:41
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 10قەۋەتتىكى appakhoja نىڭ 2011-12-19 00:32 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
تېلۋوزوردا سىلى چوقۇنۋاتقان ھەر داڭلىق ناخشىچى ئۇسولچىلار ۋە پەرزەنتىلىرى دۇنيانىڭ كۆز ئالدىدا يات ئەرلەرگە ئالدىلىرىنى سىلكىپ  كۈچلۈك شەھۋانى قىلىقلارنى قىلىپ بەرسە پەخىرلىنىپ كېتىسىلەرۇ بۇلار ئاللا دەپ يىغلاپتۇ ؟ھىچ يامىنى يوق ؟كىشلەر ئاتا-ئانام ،ئېرىم -خۇتۇنۇم،بالۋاقام ،دەپى دۇنيارىم دەپمۇ يىغلايدۇغۇ؟بۇلار ئۇلاردىنمۇ پەسمۇ؟ ئاللاغا يېتىشتا ھەركىم ئۆز تەبىئىتى ۋە قۇربىتى  بىلەن يېتىدۇ.. ھەرگىزمۇ سىز سىزىپ بەرگەن يول بىلەن ئەمەس،دىن سىياسى ھۆكۈمرانلىق ئۇرنىغا چىقالمىغان ۋاقىتتا مانا مۇشۇنداق مىللى ئۆرپى -ئادەتكە ئايلىنىپ ئۆزىنىڭ ھاياتى كۈچۈنى ساقلايدۇ..ھازىر ئىسلام يولىدا بارلىققا كەلگەن ھەربىر ئۆرپە -ئادىتىمىز ئاللاغا شىرىك كەلتۈرۈش دەرىجىسىگە بېرىپ قالمىسىلا ئۇ بىزنىڭ مەۋجۇتلۇق جان تۇمۇرىمىز!    سەن ئىلغارلىق ياكى دىننى ئەسلىيەتچىلىك تونىغا ئۇرۇنۋېلىم بۇ تومۇرىمىزغا پالتا چاپما!شۇنداق قىلساڭ تەھقىق سەن مىللەت ۋە دىن خائىنى...سەن بېرىپ بىر ئائىلە ئايالىغا ياكى ئاددەتتىكى كىشىگە خەلپىلىك ۋە جىھات ،كاپىرلارغا قارشى تۇرۇش توغۇرلۇق سوزلەپ باققە ئۇ سېنىڭ سۆزىڭگە قۇلاق سالامدىكىن؟سېنى ھىمايە قىلامدىكىن..ئۇنداقتا ئۇ كىشلەر ئارسىدا دىننى قانداق ئوموملاشتۇرسە؟چىقىپلا شۇ يېزىدىكى ياكى مەھەلىدىكى دىننىڭ ۋەكىلى بولغان كىشلەرنى تىللىيسەن دۇنيادا سەنلا ئەڭ دۇرۇس مۇسۇلماندەك،سەنلا جەننەتنىڭ يول خېتىنى كېسىپ بېرىدىغاندەك؟ دىننى سىياسى شەكىلدە سۆزلەشنىڭ يېيىشنىڭ شارائىتى تېخى پىشىپ يېتىلمىدى ،پەققەت مەدەنىيەت ،ئورپە-ئادەت،ئەڭ ئاددى ئەمەلىرىنى سۆزلەيدىغانغا ئوموملاشتۇردىغانغا شارائىت بار.

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىدىشىم،ئاللاھ سىزگە رەھمەت قىلسۇن،سز ئۆرۈپ-ئادەت شېرىكلىككە يەتمىسە ئۇ بىزنىڭ مەۋجۇدلۇق جان تومۇرۇمىز دەپسىز،ئەمسە سىزدىن سوراي بۇ فىلىمدىكى ئاشۇ كىشىلەرنىڭ قىلغىنى شېرىكلىك ئەمەسمۇ؟ناۋادا شېرىكلىك دىمىسىڭىز دىمەك سىزنىڭ چۈشەنچىڭىزدە مەسىلە بار.

pidakar0999 2011-12-19 10:27
بۇ مۇنبەردە ئاپپاق غوجىنىڭ تالىپلىرىمۇ باردەك قىلامدۇ نېمە؟ ئۇ سوپىلارنىڭ قەبرە- گۇمبازلارغا چۇقۇنۇشى- سۆڭەكلەردىن ھاجىتىنى تىلىشنى نېمە دەپ چۈشەنسەك بولار؟ بۇ قىلىقلار ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش بولماي نېمە؟ (مۇشۇنداق ئىش بولمىسا  ئۆزىچىلا  video  غا ئېلىنمىغان بولاتتى ) مۇشۇنداق ئازغۇنلۇقنىمۇ ئاقلايدىۈانلار  ...       ھەي... ئازغۇنلۇقنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلمەمدىغاندۇ ھېچ چۈشەنمىدىم ...............  
.....شۇ ئازغۇن بەندىلەرنىڭ كۆڭلىگە بىدئەت بىلەن سۈننەتنى ئايرىغۇدەك ئەقىل ئاتا قىلغىن!  ( ئى ئاللاھ ! )

latifa 2011-12-19 13:30
ھەممىنى بۇلگۇچى ئۇلۇغ ئاللادۇر ! بىزنى بىدئەتتن شىرىك ئەمەللەردىن ساقلىنغىن .

saifulla 2011-12-19 13:49
بۇ فىلىمنى سىچۋەنلىك بىر خىزمىتىدىن ئىستىپا بەرگەن رىجىسسور ئىشلىگەنكەن.

مەھمۇە2010 2011-12-19 14:17
appakhoja
  تورداش بىلەن سوپىلار توغرىلىق سورايدىغان بەزى مەسلىلەر بار ئىدى.

مەھمۇە2010 2011-12-19 14:24
appakhoja
ئاپپاق خوجىنى بۇرۇندىن سۆكۇپ كەلدۇق ،لېكىن سىز دىگەن گەپلەنى ئاڭلاپ باقماپتىمەن ،شۇڭا بۇتوغرىلىق تەپسىلى ماتىريال بىلەن تەمىنلىسىڭىز بوپتىكەن.ئاپپاق خوجا راستىنلا سىزدىگەندەك ياخشى ئادەم بولسا ،سۆكىۋېرىپ ئۆزىمىزگە گۇنا تېپىۋېلىپ يۇرمەيلى دەيمەنغۇ

zero903 2011-12-19 16:06
سەئىدىيەنى مەنمۇ ئۇيغۇرنىڭ  ئەمەس دەپ ئىنكار قىلغان ماقالىلەتنى كۆرگەن

كۆكئاي 2011-12-19 16:40
بۇ ۋىدېودا ھىچ بىر شىرىكنى كۆرمىدىمغۇ سىلەر نەرىنى شىرىك دەۋاتىسىلە

abdullajan 2011-12-19 16:47
مۇشۇلار ھەنەفىي مەزھەبنىڭ نامىنى بۇلغىغانلار، ئەھكامدا ھەنەفىي مەزھەبنى تۇتىۋېلىپ، ئەقىدىدە خەتەرلىك بىدئەتلەرنى پەيدا قىلىپ.....  بۇنى ئىبادەت دەپ قىلسا بۇ ئېنىقكى بىدئەت. ئۆرۈپ-ئادەت دەپ قىلنىسىمۇ، بۇنداق مازار ماشايىقلارنى تاۋاب قىلىدىغان ئۆرۈپ-ئادەتكە ئىسلامدا ئورۇن يوق،،،،، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى بىزگە ئاللاغا قانداق ئىبادەت قىلىشىنى، قانداق قۇلچىلىق قىلىشنى، قانداق يىغلاشنى ئۆگىتىپ قويغان، ھەر كىم ئۆزى بىلگەننى قىلىپ ئىبادەت قىلىۋالىدىغان ئىش بولسا،پەيغەمبەر ئەۋەتىشنىڭ نىمە رولى،،، تۆمۈر خەلپە، خوجىنىياز ھاجىيلارمۇ ئەلۋەتتە سوپىزىم ئەۋىج ئالغان بىر دەۋردە ياشىغاچقا ، ئۇلارنىڭ تەسىرىدىن خالىي بولالماسلىقى مۇمكىن، بۇنىڭلىق بىلەن ھەممە ئىشنى سوپىلار قىلدى، دەۋالساق بولمايدۇ،
ئۇلۇغ ئاللاھ ھەممىمىزنى بىدئەت، شېرىك ئەمەللەردىن ساقلىسۇن! ئامىن!

كۆكئاي 2011-12-19 18:36
ئەگەر تەسەۋۋۇپقا بىدئەت ئارلاشتۇرغان بولسا ئۇنى تازلاش كېرەك،بۇنداق ئىشلار ئىلىمسىز ئىيشان ۋە ئىلىمسىز سۇپىلار ئارسىدا كۆپرەك مەۋجۇت ئەمما تەسەۋۋۇپنى ھىچ چۈشەنمەي تۇرۇپ بىر سۇپىنىڭ بىدئەت قىلمىشى بىلەن تەسەۋۋۇپقا باھا بېرىش ئۈتە جاھىلىقدۇر.ھىچكىم- ھىچكىمنىڭ نامىنى بۇلغالمايدۇ نامىنى بۇلغاش تۇغرا كەلسە بىر كىشىنىڭ نام ئاتىقىنى تۇتۋىلىپ باشقىلارنى ھاقارەتلەيدىغانلار شۇنداق ئويلىۋىلىشى مۇمكىن.

astagfirulla 2011-12-19 19:01
ئەسسلامۇ  ئەلەيكۇم    بۇ لانىڭ ئىچدە   نەششە  خۇرلامۇ  باركەنە    قەبرە  يەنە . يەنە قەبرە  رەسۇلۇللاھ  (مەن  بۇتنى  چىقىشقا. ئىگىزقەبرىلەرنى  تۇزلەشكە بۇيرۇلدۇم)  ۋاھا ل بۇكى ئىۋۇلا    قەبرە ياساشنى  گۇمبەز ياساشنى............

appakhoja 2011-12-19 20:34
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 19قەۋەتتىكى abdullajan نىڭ 2011-12-19 16:47 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل   :
مۇشۇلار ھەنەفىي مەزھەبنىڭ نامىنى بۇلغىغانلار، ئەھكامدا ھەنەفىي مەزھەبنى تۇتىۋېلىپ، ئەقىدىدە خەتەرلىك بىدئەتلەرنى پەيدا قىلىپ.....  بۇنى ئىبادەت دەپ قىلسا بۇ ئېنىقكى بىدئەت. ئۆرۈپ-ئادەت دەپ قىلنىسىمۇ، بۇنداق مازار ماشايىقلارنى تاۋاب قىلىدىغان ئۆرۈپ-ئادەتكە ئىسلامدا ئورۇن يوق،،،،، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى بىزگە ئاللاغا قانداق ئىبادەت قىلىشىنى، قانداق قۇلچىلىق قىلىشنى، قانداق يىغلاشنى ئۆگىتىپ قويغان، ھەر كىم ئۆزى بىلگەننى قىلىپ ئىبادەت قىلىۋالىدىغان ئىش بولسا،پەيغەمبەر ئەۋەتىشنىڭ نىمە رولى،،، تۆمۈر خەلپە، خوجىنىياز ھاجىيلارمۇ ئەلۋەتتە سوپىزىم ئەۋىج ئالغان بىر دەۋردە ياشىغاچقا ، ئۇلارنىڭ تەسىرىدىن خالىي بولالماسلىقى مۇمكىن، بۇنىڭلىق بىلەن ھەممە ئىشنى سوپىلار قىلدى، دەۋالساق بولمايدۇ،
ئۇلۇغ ئاللاھ ھەممىمىزنى بىدئەت، شېرىك ئەمەللەردىن ساقلىسۇن! ئامىن!

سىز سوپىلىق ھەنىپە مەزھىپىدەلا بار دەپ قارىسىڭىز خاتالىشىسىز،تۇنجى تەسەۋوف سۈلكىنى بەرپاقىلغۇچى ئابدۇ قادىر جىلانى  ھەنبەلى مەزھىپىنىڭ ئىمامى ئىدى.ھازىر شىمالى ئافرىقادا گۈللەپ ياشناۋاتقان تىجانىيە ۋە سەنسۆلىيە سۈلىكلىرى شافى مەزھىپىدە،رايونىمىزغا تۇنجى كىرگەن ئۇۋەسىيە مەزھەپلىرى شىئە تۈسىنى ئالغان مەزھەپلەردۇر..ئىسلامدىكى ھەر مەزھەپتە ئىسلامى  تەرىقەت سۈلۈكلىرى بار.

appakhoja 2011-12-19 20:52
شىنجاڭدىكى مۇققەدەس ئىسلامى خاتىرە ئۇرۇنلىرى بولمىش قەبرە -مازارلارنى سوپىلار  ساقلاپ ئىھاتە قىلىپ ،ئەجداتلىرىمىزنىڭ مۇسۇلمان ئىككەنلىگىنى ئىسپاتلاپتۇرۇپتۇ...بۇ تارىىخ موزىيلار  ئۇلارنىڭ يوقلاپ تۇرىشى بىلەن بۈگۈنگىچە دۇئايى -تەگبىرلەر ئۈزۈلمەي تۇرۇپتۇ،تەرىققەت ھەرگىز مازاردىن ،ئۈلۈكتىن مەدەت تىللەش يوق ،روھىنى ئۈلگە ئېلىش بار ،خاتىرلەش بار،لېكىن نادان كىشلەر ھاجەتلىرىنى بۇلاردىن تىللەپ قويۇدۇ..خالاس ...ئىسلامى ئىزلار بارغانچە يوقاپ كېتۋاتقان بۇگۈنكى كۈندە بۇ خاتىرە ئورۇنلىرىنى ساقلاپ قېلىش ئىنتايىن مۇھىم..خوتەندىكى 4 ئىمام مازىرى ،ئارسلانخان مازرى،سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان مازىرى،ئەلپاتتا خوجام مازىرى،خوجا ئەرشىدىن ۋە راشىدىن خوجا مازىرى ،تۇغلۇق تۆمۈرخان مازىرى ھەمىسى ئۇيغۇر ئىسلام تارىخىنىڭ ماددى پاكىتلىرى بولۇپ ،ئۇ بىزلەرگە ئەجداتلىرىمىزنىڭ شەرەپلىك تارىخنى ئەسلىتىدۇ..بۇ روھى تۈس بېرىش ،بۇنى زىيارەتكاھلارغا ئايلاندۇرۇش خەلققىمىزنىڭ ئاجايىپ پارلاق ئەقىل-پاراسىتىنىڭ مەھسولى .ئۇز ئاتا -بوبىلىرىنىڭ شەرەپلىك تارىخىنى ئەسلىتىدۇ،ئىلھاملاندۇردۇ،روھلاندۇردۇ...مەن ھەر يىلى بىر قېتىم شۇ جايلاردا زىيارەتتە بولۇپ تۈگمەس ئىلھاملارغا ئېرىشمەن..بۇ ئەلۋەتتە ئىنقىلاۋى قۇربانلارنىڭ قەبلىرىگە زىيارەت قىلغاندىن ياخشاراقتۇر...بۇلارغا ھۆرمەتسىزلىك قىلىش ھەر بىر ئەقىل ئىگىسىنى غەزەپلەندۈردۇ...مىليونلىغان ئادەملەر ئىچىدىن بىرە نەشىكەش چىقىپ قالدۇ؟ بىز ۋاھابى دەپ يۈزىنى يېپىپ جالاپلىق قىلىپ يۈرگەنلەرنى ،بىر قۇچۈق ساقال قويۋېلىپ قېرىندىشىم دەپ يۈرۈپ ،قېرىندىشىنىڭ پۇلىرىنى ئۇغۇرلاپ قاچقان ۋاھابى ئەسلىيەتچىلەرنىمۇ كۆردۇق بۇنىڭ بىلەن ھەممە ۋاھابى جالاپ ،ئۇغرى دەپ ھۆكۈم قىلمايمىزغۇ-ھە بۇرادەر؟  

بىگان 2011-12-19 21:01
ھەممىڭلار ئاپاق خوجا ئىسىملىك كىشىدىن ئىھتىيات قىلىڭلار!!! دەلىل ئىسپاتسىز ھىچكىمگە ئىشىنىشكە،ئىزتىراپقا ياكى گۇمانغا چۈشۈپ قىلىشقا بولمايدۇ.ئاللاھ شۈبىھتىن ساقلىسۇن،ئەگەر ئىشانلارنىڭ بىشى ئاپاق خوجىنى ماختاپ،ياخشى ئادەم قىلىمەن دەپ كۆرسەتمەكچى ياكى سوپىلارنى ئاقلاپ مۇرت توپلىماقچى بولسىىڭىز،جاينى خاتا تاللاپسىز!ئىنىق ئىسپاتىڭىزنى كۆرسىتىىڭ! گەپنىڭ بىشىنى چىقاردىڭىز ئەمدى ئاخرغىچە قىلىڭ!
ئاپاق خوجىنىڭ دالاي لاما بىلەن كۆرىشىشى ئۈچۈن 90 كۈن ئىبادەت بىلەن مەشغۇل بولۇپ،دالاي سارىيىغا  ھەر پەشتاقتا سەجدە قىلىپ چىقىشى يالغانما؟ مۇسۇلمان دەيدۇ تىخى! ئۆز قەۋم-قىرىنداشلىغا تىغ تەڭلىگەن مەلئۇننى قانداقمۇ مۇسۇلمان دىگىلى بولسۇن؟  ۋاي ئىسىم قۇرسۇن،ئۇنىڭ قېنى ساپ ئۇيغۇرنىڭ قېنى ئەمەس! تىخى...ئۇنى ئۇيغۇرلارنىڭ يۈزىنى تۆكتى دىيشىكە  تىخمۇ ئەرزىمەيدۇ،ئۇ دىگەن يىتىم سار،ئۆز نەپسىگە تويماي خاندانلىق تالاشقان تويماس!

بىگان 2011-12-19 21:07
مانا بۇ ئىنكاسىڭىزدىنلا سىزنىڭمۇ چاغلىق ئىكانلىكىڭىز ئاشكارە بولدى،گۈزەل سۆزلۈك ئىسىل زاتكەنلا،قەۋرىنى زىيارەت قىلىش ئۆلۈمنى ئەسلىتەتتى سىز ئاتا-بوۋىڭىزنى ئەسلەيدىكەنسىز...ئۇنىڭ ئۈستىگە ھىچكىم كۆردە ياتقانلارنى بىر نىمە دىگىنى يوق.زىيارەت ئورنىغا بىز ئايلاندۇرۇپ قويمىدۇق،بىرىپ ئايلاندۇرۇپ قويغانلارغا دەڭ!
سىزگە دەپ قوياي،ئاتا-بوۋىڭىزنى مازارغا بىرىپ ھۆم-ھۆم ئىتىپ،بىدئەتچىلىق قىلىپ ئەسلىمىسڭىزمۇ ئەسلەشنىڭ ئۇسۇللىرى كۆپ! بىلىپ قويۇڭ،بىدئەت ياخشى يامان  دەپ ئايرىلمايدۇ،ھەر قانداق بىدئەت ئازغۇنلۇق.ئازغۇنلۇق جەھەننەمگە باشلايدۇ!

appakhoja 2011-12-19 21:13
ئاپپاق خوجا تەرىققەت زەجىرىدىكى بىر ھالقا ،پۈتكۈل تەرىققەت ئەمەس...ئۇنى ئاللا ئاقلايدۇ ...سىز تارىخنى ئۈگۈتۈلگەن تەپەكۈر شەكلىدە ئۈگۈنمەي بەلكى ئۇلۇنۇپ تەھلىل قىلىپ بېقىڭ..مېنىڭ مۇرۇت توپلاشقا سالاھىتىم توشمايدۇ...ئۇستازلار ماڭا ئىجازەت قىلمىغان..سىز دەڭە ئاپپاق خوجىنىڭ  دالاي ئىبادەتخانىسدىدا 90 كۈن بۇتقا باش قويغانلىقىنى كىم ،قايسى كىتاپتا يېزىپتۇ؟ئاپپاق خوجا  بەرھەق مۇسۇلمان...ئۇ چىڭگىزخانىڭ مۇڭغۇلىرىغا قارشى كۆرەش قىلدى..ئۇنىڭ ۋوجودىدا ئاقىنى مۇڭغۇل قېنى ئەمەس بەلكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ تەبەرۈك قېنى!بەزىلەر بۈيۈك ئوسمانىيە ئىسلام خەلپىلىكىگە قارشى ناسارالار بىلەن بىرلىشىپ ئۇرۇش قىلىپ نۇرغۇن مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىنىڭ قېنى تۆككەن ئىسلام خەلپىلىكنىڭ ئاغدۇرۇلىشىغا تۆھپە قوشقان ھاۋابىلارنى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەڭ ئەقىدىلىكلىرى دەپ تەرىپلىۋاتقان يەردە بەزى ھۆكۈملەرگە يىنىكلىك قىلىپ قويدۇقمۇ قانداق؟

saifulla 2011-12-19 21:13
ئاتا بۇۋىسىغا قارغۇلارچە ئەرگىشىش . نەپسى خائىشىغا بىقىش.  بۇلار ئادەمنى كۇفۇرغا باشلايدۇ.("ھەدىس دەپ چۈشىنىۋالماڭلار بۇنى يەنە) بۇ توغرىسىدا ئسلام ئاساسلىرى دىگەن كىتاپتا ئەتىراپلىق توختىلىپ تۇ.

سىزبۇيەردە رەسۇلۇللاھ( س ئە ۋ  ) نىڭ قەبرە توغۇر لۇق ھەدىسىگە قارشىچىقىش بىلەن  ئىسلامنى قوغداپ قالماقچىمۇ؟  ئەجداتلىرىمىزنىڭ شەرەپلىك تارىخىنى ئەسلىتىدۇ دەپ ،ئۆزىڭىزنى خەلەققە  مىللەت پەرۋەر كۆرسەتمەكچى ئوخشايسىز.  چۈچۈرنى خام ساناپ قاپسىز.

كۆكئاي 2011-12-19 21:21
تېشلىقتۇ سەيپۇللا ئەپەندى
تۇغرا يولدىكى ئاتا بوۋسىغا ئەگىشىش ئادەمنى كۇپرىغا باشلامدىكەن،قايسى ھەدىس ئۇ  سىز ئىجات قىلمىغانسىز

appakhoja 2011-12-19 21:24
بىز ئۇنداق كۆرسەتمىسەكمۇ ئەزەلى خەلق پەرۋەر ئىدۇق ئەزىز...كىشلەر بىزنى خەلقنىڭ دۈشمىنى قىلىپ قويدى خالاس...بۇ ھەقىقەت قەۋرە قاتۇرۇش ۋە قەبرە زىيارەتلىرىگە تۈركىيە ئۆلمالىرى قانداق قارايدىغانلىقى ھەققىدە ئىزدىنىپ باقتىڭىزمۇ؟ سىز سەئۇدى ھاۋابىلىرىنىڭ سۆزلىرىگە ئېسىلۋالماي بۈيۈك ئىسلامى خەلپىلىكىدىكى ئۆلىمالارنىڭ پەتىۋاسىغىمۇ قاراپ بېقىڭ...دىن ئىلىم ئەرەپتىلا ئەمەس ئەجەمدىمۇ بار...

saifulla 2011-12-19 21:25
كۆز جايىدىمۇ يا كۆك ئاي؟  ئاۋۇ« قارغۇلارچە»  . دىگەن خەت قانداق بۇلۇپ «توغرايولدىكى » دىگەن خەت بۇلۇپ كۆرۈنۈپ قالغان دۇ كۆزىڭىز گە؟
  مەن ئۇنى ھەدىس دىمىدىم

بىگان 2011-12-19 21:26
ئەزىز قېرىنداشلار! ئاپاق خوجىنىڭ گەپلىرىگە ئىشەنمەڭلار! ئارقا تۈۋرىكى بار ئوخشايدۇ،گەپ سۆزدە ئىھتىيات قىلىڭلار! سىزلەرنى ئازۇرۇپ قالپاق كىيگۈزۈشكە تەييار تۇرغان بولىشىم مۇمكىن! نۇمۇس قىلماي ھىچقانداق دەلىل ئسپاتىسز رەسۇلىللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە بۆھتان چاپلاشقا ئۇرۇنىۋاتىدۇ.
ھۇ! نۇمۇسسىز! كىم ئۇنى موڭغۇل قىنىدىن دىدى؟! ماڭىمۇ بۆھتان چاپلىماقچىما؟!

بىگان 2011-12-19 21:28
قىرىنداش،ئەمدى كىلىپ قېرندىشىڭىزغا ئۈسمەكچىمۇ؟ سەيفۇللا،قارغۇلارچە دىدى،گەپنى توغرا چۈشىنىڭ

appakhoja 2011-12-19 21:30
ئۆلۈمنى سوپىلار قەبرىدە ئەمەس ھەر جايدا ئەسلەيدۇ،قەبرىگە بېرىشنى ئۆلۈمنىلا ئەسلەش دەپ بەكلاملا رادىكال ھالەتكە چۈشۋالساق بولماس...قەبرىگە بېرىپ يىغلىماي ئەمدى ،كۈلۈپ -يايراپ چاخچاىلاشساق بولامدۇ ئەمدى...مەن ئۆزەمنى بەك بىلىملىك كۆرسىتىش ئۈچۈن نەرسە يېزۋاتمايمەن ..پەقەت مېنىڭ ئەقىدەم ۋە ئەقىدە ئۇستازلىرىم ھاقارەتلەنگەچكىلا سۆزلەپ ئولتۇرۇپتىمەن..

بىگان 2011-12-19 21:31
بەزىلەرنىڭ قارشىنى ئەكىلىپ بىزگە تاڭماڭ! بىز كۈچلۈك پاكت تەلەپ قىلىمىز،بىلجىرلاشلارنى ئەمەس،توۋا! زامان ئاخىرى بولاي دىدىمۇ نىمە؟

كۆكئاي 2011-12-19 21:32
ياق قېرىنداش بىلمەيدىغان ئادەم ئاپپاق خوجا ئەپەندىمنىڭ بۇغراخان مازىرى دېگەن ئىنكاسى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئۇقىسا ھەر قانداق ئاتا بۇۋسىغا ئەگەشسە بولمايدىغان ئۇخشايدۇ دەپ قالىدۇ.شۇڭا سەيپۇللانىڭ ئىنكاسىنى تەپسىرلەپ قويدۇم خالاس ئارتۇق راھەتسىزلەنمەڭ

saifulla 2011-12-19 21:35
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 29قەۋەتتىكى appakhoja نىڭ 2011-12-19 21:24 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
بىز ئۇنداق كۆرسەتمىسەكمۇ ئەزەلى خەلق پەرۋەر ئىدۇق ئەزىز...كىشلەر بىزنى خەلقنىڭ دۈشمىنى قىلىپ قويدى خالاس...بۇ ھەقىقەت قەۋرە قاتۇرۇش ۋە قەبرە زىيارەتلىرىگە تۈركىيە ئۆلمالىرى قانداق قارايدىغانلىقى ھەققىدە ئىزدىنىپ باقتىڭىزمۇ؟ سىز سەئۇدى ھاۋابىلىرىنىڭ سۆزلىرىگە ئېسىلۋالماي بۈيۈك ئىسلامى خەلپىلىكىدىكى ئۆلىمالارنىڭ پەتىۋاسىغىمۇ قاراپ بېقىڭ...دىن ئىلىم ئەرەپتىلا ئەمەس ئەجەمدىمۇ بار...

سىزچە سەئۇدىغا ئايدىم . تۈركىيەگە ئايرىم پەيغەمبەر  كەپتىكەندە ھە؟ 

بىگان 2011-12-19 21:37
ھەي! جاھاندا بارمۇ سەن؟! سەن يوق!چۈنكى سەنمۇ بىر سوپىزىم تەرەپتارىكەنسەن!تەركى-دۇنيا تەرەپتارىكەنسەن! يا بىرەر پۇت تىرەپ تۇرىدىغان دەلىلنى كۆرسەتمەيسەن،بىز ئۇستازلىڭنى ھاقارەتلىگەن بولساق قىنى ئۇلارنى ئاقلايدىغان پاكىتىڭ؟!
ردىكال؟! ياخشى،يەنە سۆزلىسەك ئەمدى بىزنى رەسمي رادىكال تەشكىلاتنىڭ ئادىمى دەپلا قارا چاپلايدىغان ئوخشىمامسەن؟!

zero903 2011-12-19 21:39
گەپ تالاشمىساڭلار  بولدىغۇ گەپنى  جىقايتىپ  ...

appakhoja 2011-12-19 21:39
مەن بۇجايغا سىز  ئۇيلىغاندەك ئىمان -ئىسلامىنىڭ سىزدىن كۈچلۈك ياكى ئاجىزلىقى ئۈستىدە بەسلەشكىلى كىرمىدۇ...بۇ نوقتىنىمۇ بىلۋېلىڭ ،ئىمان بىر روھانى ھالەت...ئۇ قەلپتە مىۋە بېرىدۇ،قىلمىشتا ئەمەس..سۆز ھەر كەت ئۆتكۈنچە نەرسە قەلىپ ئەبەدىدىدۇر...مەن بۈگۈن دىنغا ھامى بولۇپ كىرسەپ ئاللا قەلبىمنى ئۆرىۋەتسە ئەتە ئاتىزىمغا ھامى بولۇپ كىرەمدىم بۇنى ياراتقۇچى بىلدۇ..شۇ ڭا ئۆزەمگە سىز ئۆزىڭىزگە ئىشىنىپ كەتكەندەك ئىشىنىپ كەتمەيمەن ،لېكىن بىر نەپىسىمنى قانداق ئۆتكۈزۈشنى غېمىدا يۈرۈيمەن شۇ..

بىگان 2011-12-19 21:41
سزىمۇ توغرا چۈشىنىڭ،ھازىر ئاچچقىتا پارتىلاپ كىتەي دىدىم! نىمشىقا ھازىرغىچە باش كۆتۈرەلمەي كىلىۋاتقىنىمىزنى تولىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىپ يەتمەكتىمەن...

appakhoja 2011-12-19 21:45
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 37قەۋەتتىكى بىگان نىڭ 2011-12-19 21:37 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  34-قەۋەت (بىگان) نىڭ يازمىسىغا :
ھەي! جاھاندا بارمۇ سەن؟! سەن يوق!چۈنكى سەنمۇ بىر سوپىزىم تەرەپتارىكەنسەن!تەركى-دۇنيا تەرەپتارىكەنسەن! يا بىرەر پۇت تىرەپ تۇرىدىغان دەلىلنى كۆرسەتمەيسەن،بىز ئۇستازلىڭنى ھاقارەتلىگەن بولساق قىنى ئۇلارنى ئاقلايدىغان پاكىتىڭ؟!
ردىكال؟! ياخشى،يەنە سۆزلىسەك ئەمدى بىزنى رەسمي رادىكال تەشكىلاتنىڭ ئادىمى دەپلا قارا چاپلايدىغان ئوخشىمامسەن؟!

ۋاي پوچى ۋاي پوچى توغرا دىدىڭ جاھاندا مەن يوق!!! پەقەت ئەبەدى ھايات ياراتقۇچى بار!بىز روھى تەركى دۇنياچىلاردۇرمىز  روھىمىزدا بىرلىكلا مەۋجۇت ئىككىلىككە ئورۇن يوق...مەن كۆرسەتىمغۇ تالاي، لېكىن سەن سەكرەشتىن باشقا نىمە دىدىڭ ؟سەن ئىنكاسلىرىڭدا كىمنى ئەيىپلىدىڭ ئۆزەڭنىڭ قىلۋاتقان ئىشىنڭنى پەھمە قىلمىغان ئادەم ....سەن كۈچلۈكتۇرسەن ،ئىمانلىقتۇسەن...بۇ ئۆزەڭ ئۈچۈن..

appakhoja 2011-12-19 21:52
سەن باش كۆتۈرۈپ كىمگە سۇلتان بولماقچى ،ئىنسان  يارالمىشتا قۇل تۇرسا...ھەر كىشىنىڭ قەلبىدە ئاللاغا يۈزلەنگەن ئېتائەتمەنلىك  ۋە ئاللادىن رىزىق تىللىشتىن ئىبارەت ئىللاھنىڭ  ھاكىميىتى  قۇرۇلماي تۇرۇپ يەر يۈزىدە  ئىلاھى دۆلەت قۇرۇلمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن ئىنسان ئۆزى ئىلاھ بولۋالدۇ..ئۇ قانچىكى تەقۋادار بولسىمۇ..كىشى مەن ئىسلامدا دەيدۇ لېكىن ئۇ ئۆزىنىڭ قەلبىدىكى دىنىدا...قەلبى نىمىگە كۆپپەرەك تەققازا  بولسا ئۇ شۇنىڭ دىنىدا بولۇدۇ..

ibrayim 2011-12-19 21:52
      

بىگان 2011-12-19 21:54
ھەببەللى! گەپنىڭ پوس كاللىسىنى قىلدىڭ! .ئاللاھقا ئىشەنچىسىنى يوقاتقان،تەقدىرنىڭ ماھىيىتىنى چۈشەنمەيدىغان؛نەفسى بىلەن ئىلىشقۇچى،ئاللاھتىن پاناھ تىلىگۈچى بولماستىن،بەلكى نەفسىنى ئىختىيارىغا قويۇپ،ھەتتا  ئىمانسىزلىقنى،ئازغۇنلۇقنى ئاللاھنىڭ تەقدىرىگە ئارتماقچى بولىۋاتىسەن! ئەمدى ساڭا گەپ يوق! ئۇستازىم دەپ (ھىديەتۇللا ئىشان)ئاپپاق خوجىدىن ھىدايەت تىلەپ قىلىپ يۈرمە يەنە!
ئىسپات دىسەڭ مەندە بار!ئەمما ساڭا كۆرسەتمەيمەن.ھازىر ۋاقتى ئەمەس!ئالدىرماي تۇر.جاھاندىن خەۋەرسىز تۇرساڭ بىلەتتىڭمۇ؟!
ئاخردا ئاللاھتىن ساڭا ھىدايەت تىلەيمەن،توغرا يولنى كۆرسىتىپ قويۇشنى تىلەيمەن.سۆزلىرىم ئىشىپ كىتىپ ئەسلى قىرىندىشم بولمىش ساڭا ئازار يەتكەن بولسا ئاللاھ ئۆزى كەچۈرسۇن.ئەمما سەمىمي نەسھىتىم! مىللىتىمىزنىڭ تۈگىشىپ كىتىشى دەل شۇ سوپىلىق تەرغىباتىنىڭ ھىلىھەم ۋەجۇتلىقىدىن بولىۋاتىدۇ.بۇنداق تەتۇر تەرغىباتلارنى قالايمىغان دەپ يۈرمە! ئەگەر راسلا كۈچلۈك ئىسپاتىڭ بولسا مەن بىرىنچى بولۇپ قوللايمەن،بولمىسا ئىككىنچى كۆزۈمگە كۆرىنىپ قالما.بۈگۈنكىلەرنى ئەسلەپ سىلىپ ئۆزۈمنى كايىتىشنى خالىمايمەن.

كۆكئاي 2011-12-19 22:03
بىر-بىرىڭلاغا تىلسالماي دەلىل بىلەن كىلىڭلا مۇنۇ يەدىن باشلايلى بىگان ئەپەندىم بۇ يەنىڭ راسلىقىنى ئىسپاتلىسا ئاپپاق غۇجا ئەپەندىممۇ دەلىل بىلەن قارشىنى سۆزلىسە مۇنازىرە گۈزەل باشللانسۇن
خوش بىگان ئەپەندىم بۇنىڭ دەلىلى قايسى؟

ئاپاق خوجىنىڭ دالاي لاما بىلەن كۆرىشىشى ئۈچۈن 90 كۈن ئىبادەت بىلەن مەشغۇل بولۇپ(قانداق ئىبادەت)،دالاي سارىيىغا  ھەر پەشتاقتا سەجدە قىلىپ چىقىشى يالغانما؟

appakhoja 2011-12-19 22:06
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 44قەۋەتتىكى بىگان نىڭ 2011-12-19 21:54 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  39-قەۋەت (appakhoja) نىڭ يازمىسىغا :
ھەببەللى! گەپنىڭ پوس كاللىسىنى قىلدىڭ! .ئاللاھقا ئىشەنچىسىنى يوقاتقان،تەقدىرنىڭ ماھىيىتىنى چۈشەنمەيدىغان؛نەفسى بىلەن ئىلىشقۇچى،ئاللاھتىن پاناھ تىلىگۈچى بولماستىن،بەلكى نەفسىنى ئىختىيارىغا قويۇپ،ھەتتا  ئىمانسىزلىقنى،ئازغۇنلۇقنى ئاللاھنىڭ تەقدىرىگە ئارتماقچى بولىۋاتىسەن! ئەمدى ساڭا گەپ يوق! ئۇستازىم دەپ (ھىديەتۇللا ئىشان)ئاپپاق خوجىدىن ھىدايەت تىلەپ قىلىپ يۈرمە يەنە!
ئاخردا ئاللاھتىن ساڭا ھىدايەت تىلەيمەن،توغرا يولنى كۆرسىتىپ قويۇشنى تىلەيمەن.سۆزلىرىم ئىشىپ كىتىپ ئەسلى قىرىندىشم بولمىش ساڭا ئازار يەتكەن بولسا ئاللاھ ئۆزى كەچۈرسۇن.ئەمما سەمىمي نەسھىتىم! مىللىتىمىزنىڭ تۈگىشىپ كىتىشى دەل شۇ سوپىلىق تەرغىباتىنىڭ ھىلىھەم ۋەجۇتلىقىدىن بولىۋاتىدۇ.بۇنداق تەتۇر تەرغىباتلارنى قالايمىغان دەپ يۈرمە! ئەگەر راسلا كۈچلۈك ئىسپاتىڭ بولسا مەن بىرىنچى بولۇپ قوللايمەن،بولمىسا ئىككىنچى كۆزۈمگە كۆرىنىپ قالما.بۈگۈنكىلەرنى ئەسلەپ سىلىپ ئۆزۈمنى كايىتىشنى خالىمايمەن.

ھۇييۇ نىمانداق قەيسىرانە پاراڭ قىلسەن ،خەير  سەن ئۆزەڭنى-ئۆزەڭ قايىل قىل مەنمۇ شۇنداق قىلغان! مەن ھەر چاغ دابازا،سەنشىىاڭزا،يەئەن يولىرىدا لەيلەپ يۈرۈيمەن ،لېكىن ئۈمرىمدە بىرەر .ئادەمنىڭ تەھدىتىدىن قورقۇپ قالغان بەندە ئەمەسمەن...سەن مىللىتىڭنىڭ غېمىنى قىلۋەر ..مەن ئۆزەمنىڭ غېمى قىلىمەن..ئۇ نەسىھىتىنى  دادام بىلەن ئانام ،پارتىيە قىلىپ ئاڭلىتالمىغا...مېنىڭچە سەنمۇ ئاڭلىتالمايسەن..سەن سوپى بولمىساڭلا بولمىدىمۇ ؟نىماندەق ئۆزەڭگە كۆڭۈلسىزلىك تېپۋالسەن...سەن تەغدىر سىز قىل تەۋرىمەس دىگەنگە ئىشەنەمسەن ،مەن دەل شۇنىڭغا ئىشىنمەن .سوپىلار نەپىس بىلەن ئەڭ قاتىق ئېلىشقۇچى ...جىھادى ئەكبەر قىلغۇچى..ساڭا ئوخشاش ھاكىميەت،نېفىت،كۆمۈر-تۆمۈر تالىشىپ ئولتۇرمايدۇ بەلكى ھەر نەپسىنى شەيتاندىن تالىشىدۇ!

appakhoja 2011-12-19 22:15
مەن دۇنيانىڭ ھەممە بۆھتانلىرىغا ئۇچرىغان مېنىڭ قولۇمدا ئىمان ئېيتىپ ئاخىرى مېنى جاسوسقا چىقارغانلارمۇ تالايتى ،كېلىپ پىشانامگە بەلگە سەپ قويساڭمۇ مەن كۈنۈك ،لېكىن تەھىدىد سەپ كىچىكلىكلىك قىلىپ قويدۇڭ جۇمۇ؟؟؟مېنى ئەڭ غەزەپكە سالدىغىنى ئىنسانىڭ ئۆزىنى چاغلىماي تەھدىد سۆزلىرىنى قىلىشى...

بىگان 2011-12-19 22:31
ھىچكىم تەھتىد سالغىنى يوق،ما كەڭسايدا سىنىڭ شولاڭنىمۇ كۆرۈپ قالغۇم يوق.شۇنداق دىمەكچى!گەپ تەرجىمە قىلىشقا ئۇستىكەنسەن،ۋاي بولدىلا،سوپى جاھىل كىلىدۇ،خۇدايىم ساڭا تاپسۇردۇم ئۇنى.

appakhoja 2011-12-19 22:39
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 48قەۋەتتىكى بىگان نىڭ 2011-12-19 22:31 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  47-قەۋەت (appakhoja) نىڭ يازمىسىغا :
ھىچكىم تەھتىد سالغىنى يوق،ما كەڭسايدا سىنىڭ شولاڭنىمۇ كۆرۈپ قالغۇم يوق.شۇنداق دىمەكچى!گەپ تەرجىمە قىلىشقا ئۇستىكەنسەن،ۋاي بولدىلا،سوپى جاھىل كىلىدۇ،خۇدايىم ساڭا تاپسۇردۇم ئۇنى.

ۋاي كەتمە تېخى گەپ ئەمدى باشلاندى ،كىچىكلىك قىلما سەن قەلبىڭدىكى ئۈستۈنلىكنى تاشلىساڭ راھەت تېپىپ قالسەن،مەن كۈندە كەڭسايدا بارغۇ ،بۇرۇن كورمەپسەندە ،سەن دىكتاتورىنى كەڭسايغا سۆرەپ كىرمە،يۈرەكلىك بول ! مەن ھەر ۋاقىت ئاللانىڭ ئىلكىدە.


查看完整版本: [-- ئاشىق -سۇپىلىرىم --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.056276 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us