مەن ئىككى ئېغىز گەپ قىلاي. بۇنداق دىسەم مىنىمۇ سوپىغا چىقىرىپ تىللاپ كەتمەڭلار. پەقەت ئويلىغىنىمنى دەپ باقاي.
جاللات خېنىم دىگەن روماندا تارىخى چىنلىق يوق دىيەرلىك. تارىخى رومان دىگەننىڭ بىرىنجى بولۇپ دىققەت قىلىدىغىنى تارىخى چىنلىق بولىشى كىرەكقۇ؟ بۇ روماننى ئىسلام چۈشەنچىسى يوقلار ئوقۇپ قالسا، راستىنلا مۇسۇلمانلار قالاق، بىزنىڭ ھازىرقى مۇشۇ كۈنگە قېلىشىمىزغا سوپىلار يەنى مۇسۇلمانلارنىڭ شۇ قالاقلىقى سەۋەپ بوپتۇ دەپ چۈشىنىدۇ. مەنمۇ شۇنداق بولغان، بۇنىڭغا شۇ چاغدىكى ئىسلامغا بولغان چۈشەنچەمنىڭ ئازلىقى سەۋەپ بولسا كىرەك... توۋا دەپ قالىمەن بەزىدە، ئاپپاق خوجا شۇنچە ئەسكى ئىشلارنى قىلسا شۇ چاغدىكى يۈزمىڭلىغان ئۇيغۇر شۇنىڭغا ئالدىنىپ، ئىشىنىپ كىتىدىغان شۇنچە دۆتمىدۇ؟ بۈيۈك قارىخانىيلارنى قۇرغان... مەھمۇد قەشقىرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپتەك ئالىم كىشىلەرنىڭ ئەۋلادى بولىمىش ئۇيغۇرلار شۇ دەۋىرگە كەلگەندە ئەجىبا ئاپپاق خوجىنىڭ جاللات خەنىم رومانىدا تەسۋىرلەنگەندەك شۇنچە ئالدامچىلىقلىرىغا، شۇنچىۋالا ئاددى كۆز بويامچىلىقلىرىغا ئالدىنىپ كەتكىدەك دەرجىدە دۆتلىشىپ كەتتىمىكىن دەپ.
كىيىن تارىخى رەشىدى، تارىخى ھەمىدى، تارىخى سەئىدى دىگەندەك شۇ دەۋىرنىڭ ئالىملىرى ئۆزى كۆرگەن ئىشلارنى تەسۋىرلەپ يازغان كىتاپلارنى ئوقۇپ، ئۇ چاغدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇنچىۋالامۇ دۆت ئەمەسلىكىنى ،شائىر ياسىنجاننىڭ بۇ روماننى ئۇخلاپ قوپۇپ يىزىۋەرگەنلىكىنى ھىس قىلدىم...
ئۇيغۇرلارنىڭ مۇشۇ كۈنگە قېلىشىنى ئاپپاق خوجىغا دۆڭگەپ قويۇش تازا ئاقىلانىلىك ئەمەسمىكىن.
ئاپپاق خوجىنى تىللايدىغانلار: جاللات خېنىمدىن باشقا ئىشەنچىلىك مەنبە ئەكىلىڭلار. جاللات خېنىمنىڭ ئىشەنچىلىك دەرجىسى تۆۋەن.
ئاپپاق خوجىنى ئاقلايدىغانلار: سىلەرمۇ ئىشەنچىلىك مەنبە ئەكىلىڭلار.
ئاپپاق خوجا توغرىسىدا ئىنىق مەلۇماتقا ئىگە بولايلى.
مىنىڭ دەيدىغىنىم ئەينى دەۋىردىكى ئۇيغۇرلار جاللات خېنىم رومانىدا تەسۋىرلەنگەندەك ئاپپاق خوجىنىڭ ئادەتتىكى ھىلە نەيرەڭلىرىگە ھەئە دەپ ئىشىنىدىغان دۆت ئەمەس.