• تورداشلارنىڭ خەۋىرىدە بولغىنىدەك ئۆتكەن يىلى ئۇيغۇر ئالىمى شۈھرەت مۇتەللىپ كلون تېخنىكىسدا چوڭ بۆسۈش ھاسىل قىلىپ دۇنيادا غول ھۈجەيرە ساھەسى غۇلغۇلا ھاسىل قىلدى ۋە دۇنيادا قايتىدىن كلون تېخنىكىسى توغرىلىق بىر مەيدان مۇنازىرە قوزغىلىشقا سەۋەپ بولدى. يىل ئاخىرىدا ئالىم قولغان كەلتۈرگەن نەتىجە ئامرىكا دەۋىر ژورنىلى تەرىپىدىن 2007 - يىللىق دۇنيا ئىلىم - پەن ساھەسىدىكى 10 چوڭ بۈسۈشىنىڭ بىرى بولۇپ باھالاندى. بىزمۇ شۇ ۋاقىتتا ئالىمنىڭ تۇرۇۋاتقان جايىغا بېرىپ ئالىمنى يۈزمۇ-يۈز زىيارەت قىلىپ 9-قىسىملىق بىر فىلىم ئىشلەپ تارقىتىپ ئالىمنىڭ تۇرمۇش، تەتقىقات ئەھۋالى توغرىسىدا  تورداشلارنى كەڭ جامائەتچىلىك بىلەن بىرىنچى قول ئوچۇرلار بىلەن تەمىنلىدۇق. ئەنە شۇ زىيارىتىمىزدە  ئالىم ئۈزىنىڭ ئاتا - ئانىسى ياشاپ ئۆتكەن تۇپراققا