-
جوۋ بايدىن، شىنجاڭ ۋە مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى VP candidate Joe Baiden, Xinjiang and CIA - [Review نەزەر]
2008-08-31
ئامرىكا پارتىيە ئىچىدىكى پرىزدىنتلىققا نامزات تاللاش سايلىمى ئۆتكەن ھەپتە ئاخىرلىشىپ دىموكراتلار ۋە جۇمھۈرىيەتچىلەر ئۆز نامزاتلىرىنى بىكىتتى. ئامرىكىدا باش نامزاتنى خەلىق بكىتىدۇ، ئاندىن نامزات ئۈزى خالىغان ئىقتىدارلىقلارنى تەكلىپ قىلىپ ھۈكۈمەت تەشكىللەيدۇ. ئادەتتە باش نامزات بىكىتىلىپ بولغاندىن كىيىن ئۇ ئۆزىگە مۇئاۋىن بۇلىدىغان بىر ئادەمنى تەكلىپ قىلىپ پرېزىدىنت سايلىمىغا قاتنىشىدۇ، بۇ ئىككەيلەن بىر بىرىنىڭ كەمچىلىكىنى تولۇقلاپ تېخىمۇ جىق بىلەت تارتىدۇ. بىرىنچى ئايدىن باشلانغان رەھىمسىز سايلام ئارقىلىق نۇرغۇنلىغان ئىقتىدارلىق نامزاتلار شاللىنىپ تېخىمۇ ئىقتىدارلىق دەپ قارالغان دىموكراتلار پارتىيسىدىن باراك ئوباما ۋە جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيسىدىن مەككېين نامزات بولۇپ تاللاندى. ھەر ئىككىسى ئۈزىنىڭ مۇئاۋىنىنمۇ تاللاپ بولدى.ئوباما ئۈزى ياش، سىياسى بىلەن ھەپىلەشكەن تارىخى ئوزۇن بولمىغاچ 70 نەچچە ياشلىق، ئامرىكا كىڭەش پالاتاسىدا 30 يىل ئىشلىگەن، نۇپۇزى يۇقىرى جوۋ بايدىننى ئۈزىگە مۇئاۋىن قىلىپ بىكىتىپ ئۈزىنىڭ بۇ جەھەتتىكى كەمچىلىكىنى تولۇقلىماقچى. مەككيىن بولسا ئالاسكا شىتاتىنىڭ شىتات باشلىقى ئايال Sarah Palin نى مۇئاۋىن قىلىپ تاللىدى، چۇنكى دىموكراتلار ئىچىدىكى سايلامدا ئايال نامزات ھىلارى كلىنتون ئىنتايىن كۈچلۇك رەقىپ بولۇپ باشتىن ئاخىرى ئوباماغا بېسىم قىلىپ ئاخىرىدا 1-2 % كەينىدە قىلىپ ئوتتۇرۇپ قويدى، ھىلارىنى قوللىغانلار ئىچىدە ئاياللار خېلى سالماقنى ئىگەللەيتتى. مەككېيىن باشتىن ئاخىرى شۇنى كۆرۈپ تۇرغان بولغاچقا Palin نى تاللاپ ئۆزىگە مۇئاۋىن قىلىپ ھىلارىغا تاشلىغان بىلەتنى سارا ئارقىلىق يىغماقچى. بۇنداق گۇرۇپپلىشىشتىن قارىغاندا بۇ قېتىم مەيلى قايسى ئوتۇپ چقىسۇن بىر تارىخ يارىتىلىدۇ، يەنى، ئەگەر دىموكراتلار ئوتۇپ چىقسا تارىختا تۇنجى بولۇپ بىر قارا تەنلىك ئامرىكا پىرىزدېنتى بولغان بۇلىدۇ، ئەگەر جۇمھۇرىيەتچىلەر ئوتۇپ چىقسا تارىختا تۇنجى قېتىم بىر ئايال زاتى مۇئاۋىن پرېزىدىنت بولغان بۇلىدۇ.
بۈگۈن ئۇيقۇم كەلمەي «بىكارچىلىقتا» Google دا Barack Obama , Joe Biden, John McCain ۋە Sarah Palin تۆت ئىسىمنى Xinjiang بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئايرىم - ئايرىم گۇرۇپپلاپ ئىزدەپ باقتىم، باشقىلىرىدىن ھىچنىمە چىقمىغان بۇلسىمۇ Joe Biden دىن بىلەن Xinjiang نىڭ بىرىكمىسىدىن قىسقىغىنە بىر ئوچۇر چىقىپ قالدى. گەرچە بۇ ئوچۇر ھازىرقى شىنجاڭ بىلەن ھىچقانداق مۇناسىۋىتى بولمىسمۇ قىززىق تويۇلۇپ يېزىپ قويغان كەلدى. تېخىمۇ قىززىق تۇيۇلغىنى مەندىن بورۇن باشقا بىر ئامرىكىلىق ئاللاقاچان گۇرۇپپىلاپ ئوخشاش ئوچۇرنى تېپىپ چىقىپ بلوگىغا يېزىپ بولغانىكەن.
نيۇيورك ۋاقىت گىزىتىنىڭ 1981 -يىلدىكى بىر سانىدىكى خەۋەردە دىيىلىشچە شۇ ۋاقتلاردا خەلقارا سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئورۇشىنى باشتىن كەچۈرۋاتقان بولۇپ رۇسلار ئاففانىستاننى بسىۋالغان، ئىراندا ئىنقىلاپ بولۇپ ئامرىكىغا مايىل پەھلىۋى خاندانلىغى ئاغدۇرۇلۇپ تاشلىنىپ يىڭى ھۈكۈمەت روسلارغا مايىل بولۇپ ئامرىكىغا تىغمۇ تىغ قارشى سىياسەت يۆرگۈزگەن. شۇ ۋاقىتلاردا جۇڭگۇ بىلەن روسىيەنىڭمۇ مۇناسىۋىتى ياخشى ئەمەس بولۇپ جۇڭگۇمۇ روسىيەدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىپ تۇرۇۋاتقان ۋاقىتلار ئىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ۋاقىتلاردا ماۋزىدوڭ ۋاپات بولۇپ، خۇاگوفىڭ ۋە دىڭشياۋپىڭلار سىياسەتنى تەڭشاۋاتقان دەۋىر ئىكەن. شۇ ۋاقىتتا جۇڭگۇدا يىڭى دۆلەت قۇرۇلغاندىن تارتىپ ئىزچىل بۇ ھۈكۈمەتكە قارشى تۇرۇپ كەلگەن ئامرىكا جۇڭگۇ بىلەن مۇناسىۋەتنى ياخشىلاشنى باشلىغان. بۇ ئىككى دۈلەت بىرلىشىپ جۇڭگۇنىڭ روسىيەگە يىقىن بۇلغان شىنجاڭدا روسىيەنىڭ ھەر بى ئاخباراتلىرىنى يىغىدىغان، بولۇپمۇ باشقۇرلىدىغان بومبا سىنىقىنى كۈزىتىدىغان ھەربى پونكىت قۇرۇپ ئامرىكىنىڭ ئېلىكىترونلۇق ئەسۋاپلىرىنى قۇراشتۇرۇپ ئىشلىتىشكە باشلىغان. ئىگە بولغان ئاخباراتلاردىن ئىككى دۈلەت ئورتاق پايدىلانغان. پونكىتنىڭ تېخنىكلىرى، مەشغۇلات قىلغۇچىلىرى پۈتۈنلەي جۇڭگۇلۇق بولغان، لېكىن ئامرىكنىڭ مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ مەخسۇس خادىملىرى بۇ پۇنكىتنى داۋاملىق زىيارەت قىلىپ تۇرغان.
خەۋەرگە قارىغاندا شىنجاڭدا بۇنداق بىر پۇنكىت قۇرۇش خىيالى ئەڭ دەسلەپ 1978 -يىلى بېيجىڭغا تەلەپ قىلىنغان، لېكىن بېيجىڭ تەرەپ رەت قىلغان. ئىراندا پەھلىۋى خاندانلىقى ئاغدۇرۇلغاندىن كىيىن ئامرىكا ھۈكۈمىتى بۇ تەلەپنى بېيجىڭغا قايتا تەۋسىيە قىلغان. ئامرىكىدا بۇ تەلەپنى ئوتتۇرغا قويغۇچى دەل جوۋ بايدىن ئىكەن. ئۇ 1979-يىلى ئەمدى سىياسىغا قەدەم قويغان ياش ۋاقىتلىرىدا ئامرىكا كىڭەش پالاتاسىنىڭ بىر ۋەكىللەر ئۆمىگىنى باشلاپ بېيجىڭغا كىلىپ جۇڭگۇ ھۈكۈمىتى بىلەن شىنجاڭدا ئاخبارار پونكىتى قۇرۇش توغرىلىق بىۋاستە يۈزمۇ يۈز سۈھبەت ئۆتكۇزۇپ ئاخىرى بېيجىڭ تەرەپنى ماقۇل كەلتۈرگەن، لېكىن پونكىت مەشغۇلاتچىلىرى پۈتۈنلەي جوڭگۇلۇقلاردىن بولىدىغان بولغان. بۇ پونكىت كورلىنىڭ بۈگۈر ئەتراپىدا قۇرۇلغانمىش.
بۇ پۇنكىتنىڭ 1979 -يىلىدىن تارتىپ ئىشقا كىرىشكەنلىگى مەلۇم. لېكىن قانچىلىك ئىشلىتىلدى، قاچانغىچە ئىشلىتىلدى دىگەنگە ئالاقىدار ئوچۇرلار مەخپى ئىكەن. بەلكىم سۆۋىت ئىتىپاقى پارچىلانغىچە ئىشلىتلگەن بولۇشى مۇمكىن.
بۇرۇن ئوقۇغان تارىخ كىتاپلاردىن ئىسىمدە قېلىشىچە ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلاۋى ۋاقىتلىرىدا ئامرىكا ھەربى خادىملىرى غولجىدا ھەركەت قىلغان. گومىنداڭنىڭ ئامرىكا بىلەن مۇناسىۋىتى ئەزەلدىن يىقىن بولۇپ شۇ ۋاقىتلاردا ئامرىكا غولجىنىڭ روسىيەگە يىقىن چىگراسىدا ھەربى بازا قۇرماقچى بولغان. لېكىن گۇمىنداڭ ئىچكى ئورۇشتا مەغلۇپ بولغاندىن كىيىن بۇ پىلانمۇ ئۆزلىكىدىن يۇقالغان. كومپارتىيە بىر قسىىم قېچىپ كەتكەن خادىملىرىنى چىگرادا تۇتۇۋالغان.
جوۋ بايدىن ئامرىكا كىڭەش پالاتاسىنىڭ تاشقى ئىشلار مۇناسىۋەت كومىتىتنىڭ رەئىسى، پالاتادا 30 يىل ۋەزىپە ئۆتىگەن، ھازىرقى ئامرىكا يۇقىرى قاتلامدىكى ئەڭ پىشقان تاشقى مۇناسىۋەتلەر مۇتەخەسسى. ئەگەر ئوباما ئوتۇپ چىقسا ئۇنىڭ تاشقى ئىشلار سىياسىتىنى جوۋبايدىننىڭ بەلگىلەيدىغانلىغىدا گەپ يوق. ئۇنداقتا ئۇنىڭ تاشقى سىياسىتى، بولۇپمۇ جۇڭگۇغا قاراتقان سىياسىتى قانداق بۇلار، بۇنى كۆزەتكۈچىلەر كۆزەتكەي.
يەنە بىر قىززىق ئىش، ئامرىكىدا بىكار قېلىپ ئىچى پۇشقانلار ئوباما دىگەن ئىسىمنى ئوساما غا يىقىن كىلىدىكەن دەپ يۈرەتتى، مەن قاراپ باقسام بايدىن دىگەن ئسىممۇ بېن لادىن دىگەنگە يىقىن كىلىپ قالىدىكەن ، ئەگەر راس شۇندا بولسا ئىلان چىكىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالمىغايسىزلەر :loveliness: :victory: :lol
收藏到:Del.icio.us
<< CCTV رىياسەتچىسى نىغمەت بىلەن سۆھبەتنى چۈشۈرۋېلىڭ. CCTV Program Host: Negmet | باش بەت | شىنجاڭدىكى يېشى ئەڭ چوڭ پۇتبۇل مەستانىسى Oldest Soccer Fan of Uyghurs >>
评论
جېك ئەپەندى ئاۋۇ قۇرلار مىنى كۈلدۈرۈپ ئۈچيىم تارتىشىو قالدى ..
نادىر تىمىلىرڭىز ئۈزۈلمىگەي
ئۇلارنىڭ سايلام رىقابىتى زادى قاچان ئاخىرلىشدۇ...ھەجەپ بەك سوزۇلۇپ كەتتىيا...
ئاۋۇ ئوباما(ئوساما)سايلانسابەك ياخشى بولاتتى...