-
ئۇيغۇر دوكتۇرلىرىدىن: ئۈمەرجان ئابلا. - [Think it ئويلانمىلار]
2006-08-06
مەن ئۈتكەن يىلى يازغان "مەن بىلىدىغان ئۇيغۇر دوكتۇرلىرى" دىگەن يازمىنىڭ 35-جىسىدە دوكتۇر ئۈمەرجان ئابلا توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەن ئىدىم. ) بۇ يازمىنىڭ ئادىرسى ئۇيغۇر لاتىن يېزىقىدا http://biliwal.com/postt828.html . ئۇيغۇر كونا يېزىغىدا پېقىرنىڭ ئىلخاتىرىسىدىن http://www.uighur.cn/blog/blog.asp?name=jeck كۈرۈڭ.( ئۇ ۋاقىتتا ئۈمەرجان ئاكا توغرىلىق ماتىرىياللارنى پەقەت تۇردىن كۈرگەن ھەم ياخشى تۇنۇشلۇقۇم بۇلمىغاچقا پەقەت مەلۇمات بىرىپلا ئۈتۈپ كەتكەن، تەپسىلى يازمىغان. يىقىندا كالىفورنىيەگە بېرىپ ئويناپ كىلىش جەريانىدە ئۈمەرجان ئاكا بىلەن ياخشى تۇنۇشۇپ قالدىم ھەم سۈ ھبەتلەردە بولدۇق. ئۈمەرجان ئاكىمىزمۇ مىنى كىچىك كۈرمەي ، ئۈزى بىلەن تەڭ كۈرۈپ ئەزىز مىھمان قاتارىدا كۈتۈۋالدى. بىر نەچچە كۈنلۈك بىللە بۇلۇش جەريانىدا ئۈمەرجان ئاكىنىڭ كىچىك پېئېللىغى، كەمتەرلىگى، بىلىمىنىڭ، ئەمىلى تەجرىبىسىنىڭ موللىغى مىنى ئۈزىگە قايىل قىلدۇردى. شۇڭلاشقا بۇ قېتىم ئۈمەرجان ئاكا توغرىلىق تەپسىلىراق مەلۇمات بىرىشنى توغرا دەپ قارىدىم.
ئۈمەرجان ئابلا 1960-يىلى 12-ئايدا ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئاۋات ناھىيسدە توغۇلغان بۇلۇپ. 1972-يىلى 7-ئايدا ئاۋات ناھىيسى تامتوغراق باشلانغۇچ مەكتىۋىنى، 1974-يىلى 7-ئايدا تامتوغراقتىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى، 1977-يىلى 7-ئايدا ئاۋات ناھىيلىك بىرىنچى ئوتتۇرا مەكتەپنى مەكتەپنى پۈتتۈرگەن. . 1978- يىلى 3-ئايدا شىنجاڭ يېزا ئېگىلىك ئۇنىۋېرسىتى )ئۈز ۋاختىدىكى بىرىنچى ئاۋغۇسىت يېزائىگىلىك شۇيۈەنى( ماشىنسازلىق فاكۇلتىتىنىڭ ماشىنا لاھىيەلەش ۋە ياساش كەسىپىگە ئوقۇشقا كىرگەن. ئوقۇش جەريانىدا ئوقۇشى ئالاھىدە ياخشى، نەتىجىسى ئەلا بۇلغانلىقتىن، 1983-يىلى 3- ئايدا مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كىيىنلا شۇ ئۇنىۋېرسىتىنىڭ ماشىنسازلىق فاكۇلتىتىدا ئوقۇتقۇچىلقققا ئېلىپ قېلىنغان. 1985-يىلى بىلىم ئاشۇرۇش ئۈچۈن بېيجىڭ گاڭتيې )پولات تۈمۈر ( شۈيۈەنىگە بېرىپ 1 يىل ماشىنا ى لاھىيەلەش كەسپىدە بىلىم ئاشۇرغان. 1986-يىلى 1-ئايدا ئاپتونۇم رايون بويىچە ئالى مەكتەپلەردىكى ياش ئوقۇتقۇچىلاردىن ياپونىيەگە ئوقۇشقا ئەۋەتىش ئىمتاھانىسىدىن ئۆتۈپ،شۇ يىلى 3-ئايدا شەرقى شىمال پىداگۇكىكا ئۇنىۋېرسىتىنىڭ ياپونچە ئۈگۈنۈش سىنىپىدا 1 يىل ياپونچە ئۈگۈنۈپ، ئاپتونۇم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى تەرىپىدىن 1990-يىلى 4- ئايدا ياپونىيە توكيو تەبئى پەنلەر ئۇنىۋېرسىتىنىڭ ماشىناسازلىق فاكۇلتىتىدا بىلىم ئاشۇرغان. 1992-يىلى 4- ئايدا ۋەتىنىگە قايتىپ كېلىپ شىنجاڭ يېزىگىلىك ئۇنىۋېرسىتى ماشىنسازلىق فاكۇلتىتىدا ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرغان. 1994-يىلى بىرىنچى ئايدا ياپۇنىيەگە يەنە قايتا بېرىپ توكيو تەبئى پەنلەر ئۇنىۋېرسىتىتى ماشىنسازلىق فاكۇلتىتىنىڭ ماگىستىرلىق ئىمتاھانىسىغا قاتنىشىپ ئۈتۈپ شۇ يىلى 3- ئايدا ماگىستىرلىق ئوقۇشقا كىرگەن ۋە 1996-يىلى 3- ئايدا توكيو تەبئى پەنلەر ئۇنىۋېرسىتى تەرىپىدىن ماگىستىرلىق ئۇنۋانى بىرىلگەن. ئارقىدىنلا يەنە شۇ يىلى دوكتۇرلۇق ئىمتاھانىدىن ئۆتۇپ ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرغان . ۋە 1999 يىلى دوكتۇر ئوقۇش ۋە تەتقىقاتنى ئوڭۇشلۇق، نەتىجىلىك تۈگىتىپ توكيۇ تەبئى پەنلەر ئۇنۋېرسىتىتى تەرىپىدىن دوكتۇرلۇق ئۇنىۋانىغا ئىرىشكەن. ئۈمەرجان دوكتۇرلۇقتا ئوقۇش جەريانىدا يېڭى تىپتىكى كونۇسسىمان ھەركەت ئۇلۇغۇچ (Studies of Cone Coupling) نى تەتقىق قىلىپ، بۇ ساھىدە ياپونىيە ۋە خەلىقارادىكى جورناللاردا 13 پارچىگە يېقىن ئىلمى ماقالە ئېلان قىلغان. ھەم ياپونىيە ماشىنلارنى لاھىيەلەش جەميىتى تەرىپىدىن 1999- يىلى 5-ئايدا " ئىلغار لاھىيلىگۈچى " دىگەن شەرەپلىك نامغا ئىرىشكەن. دوكتۇر ئۈمەرجان ئابلا دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىنى ئالغاندىن كەيىن، 1999-يىلى 10- ئايدا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ نىفىت شىركىتى بولغان ياپونىيەدىكى ئامېرىكا Eksan Mobil شىركىتىنىڭ ماشىنلارنىڭ سۈرئەت كىمەيتكۈچىسىنى ( Transmission) تەتقىق قىلىش ئورنىغا دوكتۇر ئاشتى بۇلۇپ كىرىپ، كەلگۇسىدىكى ماشىنىلارغا ئىشلىتىدىغان نىپىز تاسما شەكىللىك مىتال سۈرئەت كىمەيتكۈچ " CVT " ( Continuously Variable Transmission) نى تەتقىق كىلغان.
ئۈمەرجان ئابلا دوكتۇر ئاشتىلىق خىزمىتىنى تۈگەتكەندىن كىيىن ئائىلىسى بىلەن ئامرىكىغا كۈچۈپ كەلگەن. 2002-يىل 10-ئايدىن ئارتىپ ھازىرغىچە لوس ئانژىلستىكى تويوتا شىركىتىدە ئالى دەرىجىلىك ئىنژىنىر بولۇپ ئىشلەۋاتقان بۇلۇپ بىر نەچچە يىلدىلا ئۈزىنىڭ ماشىنىسازلىقتىكى پىشقان تەجرىبىسى بىلەن شىركەتنىڭ ئالاھىدە ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىدىغان ئىختىساسلىق خادىمىغا ئايلىنىپتۇ. سۈھبەت ئارلىقىدا ئۈمەرجان ئاكا خىزمىتى توغرىلىق سۈزلەپ بىرىپ تېخى يىقىندا ئۇ ھازىر بازارغا سېلىنىۋاتقان تويۇتا ماشىنىلىرىنىڭ لاھىيلىنىشىدە كۈزدىن ساقىت بولۇپ قېلىپ ماشىنىڭ ئۈمرىگە ۋە چىدامچانلىقىغا ئەجەللىك تەسىر كۈرسىتىدىغان ئىككى مەسىلىنى بايقاپتۇ. ئۇ شۇ ۋاقىتتا بۇ مەسىلىنى دوكلات قىلىپ تەييارلاۋاتىمەن، يەنە بىر قېتىم تەكشۈرۈپ كۈرگەندىن كىيىن تويۇتا باش شىتاۋىغا ئەۋەتىمىز دەپ سۈزلەپ بەرگەن ئىدى. بىر نەچچە كۈن بۇرۇن ئۇقسام بۇ دوكلاتنى يوللاپ بوپتۇ. ئەگەر بۇ دوكلاتتىكى خاتالىقلار باش شىتاپتىكى ئىنژىنىرلارنىڭ ئىتراپ قىلىنىشىغا ئىرىشسە، ئۇنداقتا يىڭىدىن ئىشلەپچىقىرىدىغان تويۇتا ماشىنىلىرىدا ئۈمەرجان ئاكىمىزنىڭ يىڭى لاھىيسى ئىشلىتىلىدۇ. دىمەك بۇندىن كىيىن كۈرىدىغان تويۇتا ماشىنىلىرىغىمۇ بىر ئۇيغۇرنىڭ ئەجرى سىڭدى دىگەن گەپ. شۇنداقلا بۇ لاھىيە ئۈمەرجان ئاكىمىزغىمۇ خېلى چوڭ ئىقتىسادى پايدا ئەكەلگۈسى. شۇنداق بۇلۇشىغا ئاللاھ نىسىپ قىلغاي.ئۈمەرجان ئاكىمىزنىڭ كىچىكىدىنلا بىر نەرسىلەرنى چۇۋۇپ قۇراشتۇرۇش، تۈزەش، لاھىيەلەش دىگەندەك ئىشلارغا ئىشتىياقى باركەن. ئىسىمدە قالغان بىر ئىشى، مەدىنىيەت ئىنقىلاۋى مەزگىلىدە ئۇلار تۇرۋاتقان يېزىغا ئەكەلدۈرۈلگەن ۋېلىسىپت سايمانلىرى بىر يەرگە توپلانغاندىن كىيىن ئۇنى بىر خەنزۇ قۇراشتۇرۇپ ئاندىن ساتىدىكەن. كىچىك ئۈمەرجان بىر نىمە قىلىپ ئۇنىڭ كەينىگە كىرۋىلىپ ۋېلىسىپت قۇراشتۇرۇشنى ئۈگىنىۋالغاندىن كىيىن ، ئۈزىمۇ شۇ يەردە ۋېلىسپىت قۇراشتۇرغان. كۈپ ئۈتمەيلا، ئۇ بىر ۋېلىسىپىتنى بىر ئادەم بۇنداق قۇراشتۇرۇپ يۈرسە ئۈنۈمنىڭ بەك ئاستا بولىدىغانلىغىنى بايقاپ ، ئۈزى بىلەن تەڭتۇش دوستلىرىنى "مانى قىپ بەرسەڭ مانچە پۇل بىرىمەن" دەپ 10 دەك كىچىك بالىنى يىغىپ ھەر بىر بالىنى پەقەت بىر خىل ئىشنىلا قىلىدىغان، ۋېلسىپت سايمانلىرى ئىسكىلاتنىڭ بۇ بېشىدىكى بىر بالىدىن باشلىنىپ يەنە بىر بېشىدىكى ئاخىرقى بالىنىڭ قولىدىن چىققاندا ئۇ يەردىن پۈتۈن بىر ۋېلىسىپت بولۇپ چىقىدىغان قىلىپ چىققان. بۇنىڭ بىلەن بۇرۇن بىر كۈندە 4-5 ۋېلىسىپت قۇراشتۇرۇلغان بۇلسا كىيىن 40-50 ۋېلىسىپت قۇراشتۇرۇلىدىغان بولۇپ، ئىش ئۈنۈمى نەچچە ھەسسە يۇقىرى كۈتۈرۈلگەن، شۇنداقلا بۇنىڭ بىلەن ئۈزىمۇ خېلى پۇل تېپىۋالغان. پەمىمچە بۇ ۋاقىتلار كىچىك ئۈمەرجاننىڭ 10 نەچچە ياش ۋاقىتلىرى بۇلسا كىرەك.
ئۈمەرجان ئاكىمىز بىلەن بىر نەچچە كۈنلۈك بىللە بۇلۇشتىن بىلدىمكى ، ئۇ ناھايتى مىللەتپەرۋەر. نەچچە يىلدىن بويان قۇرۇق گەپنى ئاز قىلىپ، ئەمەلى ئىشنى كۈپ قىلىپ كۈچىنىڭ يىتىشىچە ئۇيغۇر ئۈچۈن قولىدىن كەلگەن خىزمەتلەرنى قىلغان. ياپۇنىيەدە تورغان ۋاقىتىدا ئۈزى يول مېڭىپ ، ئۇقۇشۇپ، 10 دىن كۆپ ئوقۇغۇچىنى ۋەتەندىن ياپونىيەگە ئوقۇشقا ئېلىپ كەلگەن. شۇنداقلا بۇ بالىلارنى ياپونىيەگە ئەكىلىشكە ئۈچۈن كەتكەن بارلىق چىقىملارنى ئۆز يېنىدىن چىقارغان. ئۇ يەنە بىلىۋال تورىدا تونۇشتۇرۇلغان ياپۇنىيەدىكى مەرىپەتپەرۋەر، ساخاۋەتچى ھاسۇمى ماسايو ( Hasumi Masayo) ئەپەندىنىڭ يېقىن دوستى بولۇپ . ئەمەرجان ئاكىمىز ئۇ ئەپەندىنى شىنجاڭغا بىرنەچچە قېتىم ئۈزى بىلەن بىللە ئېلىپ بېرىپ ئۇ ئەپەندىنىڭ شىنجاڭدىكى نامرات مەكتەپلەرگە ئېختىسادى ياردەم قىلىش يولىنى ئاچىدۇ. شۇنداقلا يەنە ئامرىكىدىمۇ يەنە قولىدىن كەلگىنىچە ئۈن تىنسىز تۈھپە قۇشۇۋاتىدۇ.
قارىسام ئۈمەرجان ئاكىمىز ماشىننىڭ ئىچكى قىسمىدىكى تېخنىكىلىق مەسىلىلەرنى بەك پىششق بىلىدىكەن، ماشىنىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپلا قاندا يىرىدە نىمە چاتاق بارلىغىنى بىلىۋالىدىكەن. كالىفورنىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق بىرى ماشىنا ئالماقچى بۇلسا ياكى ماشىنىسىدىن چاتاق چىقسا دەرھال شۇنى ئىزدەيدىكەن. ئۇمۇ ھەرقانداق شارائىتتا ۋاقىت چىقىرىپ ياردەم قىلىدىكەن. ئىشنىمەنكى، سىزنىڭمۇ ماشىنىنىڭ چوڭقۇر تېخنىكىلىق مەسىلىلىرى توغرىسىدا سۇئاللىرىڭىز بۇلسا ئۈمەرجان ئاكىغا بىلىۋال تورىدا سۈز قالدۇرۇش ئارقىلىق سورىسىڭىز ئۇ قايىل قىلارلىق جاۋاپ بىرىدۇ. لېكىن مىنىڭ تەكلىۋىم، پارچە پۇرات چاتاقلار ئۈچۈن ئاۋارە قىلماڭ، بۇلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى ئۈزىڭىز تۇرۇشلۇق يەردىكى رىمونىتچى تونۇشلاردىن سوراڭ.
ئۇشبۇ يازما ئارقىلىق دوكتۇر ئۈمەرجان ئابلانىڭ ئۈمرىنىڭ ئۇزۇن بۇلۇشىنى، ئائىلىسنىڭ تېخىمۇ باياشات بولۇشىنى، ئۇماق بالىلىرىنىڭ ئۈمەرجان ئاكىدىنمۇ يۇقىرى ئىختىساسلىق ئادەم بۇلۇشىنى تىلەيمىز. شۇنداقلا ئۈمەرجان ئاكىنىڭ خىزمىتىگە تېخىمۇ ئوتۇق تىلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇنىڭ تېخىمۇ چوڭ يىڭىلىق يارىتىپ ، تېخنىكا ئارقىلىق ئامرىكىدىكى مىليۇنىرلار سېپىگە قۇشۇلىشىنى ئۈمىت قىلىمىز.
ئەسكەرتىش : ئۇيغۇر دوكتۇرلىرىىنى قىزىش ۋە رەتلەش خىزمىتى داۋاملىق ھالدا ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. ئەگەر سىز ئۈزىڭىز توغرىلىق ياكى ئەتراپىڭىزدىكى دوكتۇرلار ۋە ياكى مەلۇم تۈھپىسى بارلار توغرىلىق مەلۇمات بىرىشنى خالىسىڭىز ئۈزىڭىز خالاپ بىلىۋال تور بېتىدەۋە ياكى باشقا ئۇيغۇر تور بەتلىرىدە ئىلان قىلسىڭىزمۇ ياكى ماتىرىيالنى ماڭا ئەۋەتىپ بەرسىڭىز مەن رەتلەپ سىز ئۈچۈن ئىلان قىلساممۇ بۇلىدۇ. بىر سائەت ۋاختىڭىزنى چىقىرىپ بەرسىڭىزلا ئازراق مەلۇمات بەرمەك تەس ئىش ئەمەس. سىز تەمىنلىگەن شۇ ماتىرىياللار ۋەتەندىكى بىر ئوقۇغۇچى ئۈچۈن بۇلسىمۇ ئىلھام بۇلۇپ ئۇنى ئىلىم پەنگە قىززىقتۇرسا، شۇلاردىن ئۈلگە ئېلىپ ئۇ بالا كەلگۇسىگە ئۈمىت بېغىشلىسا بۇمۇ سىزنىڭ ئازدۇر كۈپتۇر ئۇيغۇر جەميىتىگە قوشقان تۈھپىڭىز. مىنىڭ ئالاقىلىشىش ئادىرسىم ئىلخاتىرەمنىڭ باش بېتىدە چوڭ يېزىغلىق. سىز ئەۋەتكەن ماتىرىياللار ئۈزىڭىزنىڭ قانداق تەلىۋىڭىز بۇلسا شۇن بويىچە ئىلان قىلىنىدۇ.ئۈزىنى ئاشكارا ئىلان قىلىشنى خالىمايدىغانلار بۇلسا مۇتلەق مەخپى ساقلىنىدۇ. سىزنى تەربىيلەپ قاتارغا قوشقان ئۇيغۇر جەميىتىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن بۇلسىمۇ بىر سائەت ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ بىرېشڭىزنى سورايمىز.
历史上的今天:
تورداشلاردىن كىچىككىنە ياردەم سورايمەن. 2008-08-06Jeck تور خاتىرىسى رەسمى ئېچىۋىتىلدى. 2008-08-06دةريادا سۇغا چۈشتۇم 2006-08-06ﮬﺎ ﮬﺎ، ﻣﻪﻥ ﻛﯩﻨﻮ ﺋﯩﺸﻠﯩﺪﯨﻢ. 2006-08-06
收藏到:Del.icio.us
评论
مەكتەپدىشىمىزكەن.بېيجىڭ پەن تېخنىكا ئونۋىرسىتىتىنىڭ بۇرۇنقى ئىسمى.
يەنە سەل ھۇرۇنلۇق قىلمىسام تېخىمۇ مەكتەپداش بولۇپ قېلىشىمىز مومكىن ئىدى.سەل ئىككىلىنىپ تۇرۋاتقان يېرىممۇ يوق ئەمەس.