ئەسسالام جېك تور خاتىرىسىنىڭ سادىق دوستلىرى. ھەممەيلەنگە مەلۇم بولغىنىدىڭ شىنجاڭ لىنىيسى تورى (Uighur.cn) بلوگ مۇلازىمىتىنى ئۈز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن مۇلازىمىتىنى نەچچە ئايلار بۇرۇن ئالدىن ئۇختۇرۇش بەرمەي تۇيۇقسىز توختىتىپ قويغانلىقتىن تور خاتىرىمۇ توختاپ قالغان ئىدى. قايتا ئويلىنىش ئارقىلىق تور خاتىرىسىنى بۇ يەرگە يۈتكىدۇق. ئەسلى تور خاتىرىسدە 120 دىن ئارتۇق تىما يېزىلىپ ، ئىنكاسلار 1500 دىن ئارتۇق بولۇپ زىيارەت قېتىم سانى 440 مىڭدىن ئاشقان ئىدى. كۈندىلىك زىيارەت مىقدارى 1000-2000 ئەتراپىدا ئىدى. تور خاتىرىسىنى يىڭى يەرگە ئىچىش ئاسان بولسىمۇ، تىمىلارنى يۈتكەپ كىلىش ئاسان بولسىمۇ لېكىن ئىنكاس ۋە پىكىرلەرنى يۈتكەپ كىلىشكە ئىمكانىيەت بولمىدى. ئەسلى بۇ ئىنكاسلار بلوگنىڭ بەكمۇ مۇھىم بىر قىسىمى ئىدى، شۇ ئىنكاسلار بولغاچقىلار بۇ بلوگ ئالاھىدە ئىدى. لېكىن تېخنىكىلىق سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ئۇلارنى يۆتكەپ كىلەلمەي قالدۇق. شۇڭا تورداشلاردىن ناھايتى سەمىمىلىك بىلەن كەچۈرۈم سورايمەن. ئۇندىن باشقا ئەسلى تىىمىلارغا ئىشلىتىلگەن رەسىملەر ھەممىسى شىنجاڭ لىنىيسىگە يوللانغان بۇلۇپ گەرچە تىمىنى يۈتكەپ ئەكەلگىلى بولسىمۇ Uighur.cn تورى ئېچىلمىغانلىقتىن ئۇلارنىمۇ يۈتكەپ ئەكەلگىلى بۇلمىدى. بۇ ئەسلى تىمىنىڭ سۈپىتىگە زور تەسىر يەتكۈزىدۇ. مەكتەپتىكى ئىشىم سەل بوشىغاندا مەن ئۈزەمدە بار سۈرەتلەرنى يەنە قايتا قىستۇرۇپ قويىمەن. ئۇ چاققىچە توغرا چۈشىنىشىڭلارنى سورايمەن.
يىڭى بلوگنى ئېچىش ئىشىدا تەكلىماكان ئەپەندىم قىممەتلىك تەكلىپلەرنى بەردى ۋە ھازىر ئىشلىتىۋاتقان ئۇسلۇبنى ئۈزى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ چىقتى. بۇ ئۇسلۇپنىڭ ئىشلىتىش ھۇقۇقى تەكلىماكان ئەپەندىگە مەنسۇپ. ئۇندىن باشقا كونا بىلوگتىكى ھەممە مەزمۇنلارنى بىلىك تورىدىكى ERA-ERA ئىنىمىز خالىسانە ھالدا بىر كۈندۈز ۋە كىچە ئۇخلىماي بىر تىما بىر تىمىدىن كۈچۈرۈپ ئەكەلدى. ئىنىمىزنىڭ بۇ ياردىمىگە چىن دىلىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن. ئۇندىن باشقا ئارامگاھ ئەپەندىم يىڭى ئۇسلۇپتىكى بەزى تېخنىكىلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ياردەم بەردى. بۇ دوستلىرىمىزنىڭ ياردىمى بولمىغان بولسا يىڭى بلوگنى ئېچىش ئىشى نەچچە ئاي سۈرۈلۈپ كەتكەن بۇلاتتى. بۇ تىما ئارقىلىق يۇقۇردىكى دوستلىرىىمىزغا رەھمەت ئېيتىمەن.
بۇندىن كىيىن يەنە نۇرغۇنلىغان دوستلارنىڭ ياردىمىدە يىڭى بلوگ تېخىمۇ تەرەققى قىلىدۇ ۋە ئۇيغۇر بلوگلىرى ئارىسىدىكى بايراقدار ئورنىنى ساقلايدۇ.
评论
سىزنى ئۇيغۇرچە بىلوگلار جەمگاھىنىڭ داڭلىق بىلوگلار سەھىپىسىگە قوشۇپ قويدۇم. بۇندىن كىيىن داۋاملىق ھەمكارلىشىپ ئۆتەيلى،بىلوگلار جەمگاھى يىڭى قۇرۇلغان بولغاچقا ھەم مەن بۇ جەھەتتە كۆپ تەجىربىسىز بولغاچقا نۇرغۇنلىغان كەمچىللىكلەر ۋە تولۇقلاشقا تىگىشلىك يەرلەر بولشى مۇمكىن. بىلوگىمغا تەكلىپ پىكىرلەرنى بىرشىڭىزنى قارشى ئالمەن.ئۆز ئارا ھەمكارلىشىش ياشىسۇن! بىرلەكتە ئىلگىرلەيلى.ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت.
ئەرزان باھالىق ئىلانلارنى سىز دىگەندەك بىر مەزگىلدىن كىيىن سۈزىۋەتسىڭزمۇ بولغىدەك ،مەن دىققەت قىلىپ باقساممۇ شۇنداق ئىنگىلىزچە ماقالىلەردىمۇ تۈزۈك ئىلان چىقماپتۇ ،يا مەندىلا شۇنداق كۆرۈندىمۇ ئۇنى ئۇقمىدىم .
1.ئەرزان باھالىق ئەخلەت ئىلانلارنى سۈزىۋىتىش . بۇنى قىلغاندا ھەرگىزمۇ توردىن ئىزدەپ تاپماڭ ،ھەممىمىزگە مەلۇملۇق گوگلىنىڭ ئىلانلىرى بەتتىكى مەزمۇنغا ئاساسەن چىقىدۇ ،شۇنداق بولغان ئىكەن سىزنىڭ بىتىڭىزدە چىققان ئىلان بىلەن مىنىڭكىدە چىققان ئىلان ئوخشاش بولمايدۇ ،شۇڭلاشقا مەن سۈزۈپ قويغان ئەخلەت ئىلان ئادىرىسلىرىنى سىز ئىشلەتسڭىز ئۈنۈمى ياخشى بولىشى ناتايىن ،بۇنى چوقۇم مۇشۇ بىلوگدىكى ئىلانلارنىڭ ئارىسىدىن بىر قوللۇق سۈزۈپ چىقىش كىرەك .
2.ھالقىلىق سۆزلەرگە ئىتىبار بىرىش ، بۇ توغرىلىق نوكىيا بىلوگدا كۆپ گەپلەر بولۇندى ،لىكىن سىز يۇقارقى ئىنكاسىڭىزدا دىگەندەك ھەممە ماقالىغا ھالىقلىق سۆز ئىشلىتىمەن دىسىڭىز بىلوگنىڭ خاسلىقىنى بۇزۇپ قويىسىز ،ھەم بىلوگدىكى ماقالىلەر كىشىگە بىر خىل ياقماسلىق تۇيغۇسى بىرىپ قويىدۇ ، ھالقىلىق سۆزنى مەخسۇس ئىشلىتىدىغانلار بىزگە ئوخشاش بىكار تەلەپلەر بىلوگدىن بىرنى ياساپ قويۇپ ،شۇ ھالقىلىق ئىلاننى ئۆزئارا چىكىشىش ،لىكىن سىزنىڭ بۇنىڭغا ۋاقتىڭىز يوق ،ھەم ئۇنداق قىلمايسىز ،شۇڭلاشقا مىنىڭچە ھالقىلىق سۆز ئىشلىتىمەن دەپ ئاۋارە بولماڭ ،لىكىن ماقالىلىرىڭىز ئارىسىغا ئانچە مۇنچە خەنزۇچە ئىنگىلىزچە سۆزلەر نى ئارلاشتۇرۇپ قويۇڭ ، بۇ دىگىنىم مەسلەن ،چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇش توغرىلىق يازما يازسىڭىز شۇ يازمىدىكى چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇش دىگەن ئۇيغۇرچە خەتنىڭ يىنىغا شۇنىڭغا ماس ئىنگىلىزچىسىنى يىزىپ قويۇڭ، بۇ بىر تەرەپتىن بەتتىكى ئىلانغا تەسىر كۆرسەتسە يەنە بىر تەرەپتىن ئوقۇغىچىمۇ ھىچقانداق تۇيغۇ بەرمەيدۇ ،
3. ئىلانلارنىڭ ئورنى ،ئەگەر مۇشۇ گوگلىدىن كىرىم قىلىپ باقاي دىگەن بولسىڭىز ئازتولا ئىتىشىپ قويسىڭىز بولىدۇ ،ئىلانلارنىڭ ئورنىنى ،چوڭ كىچىكلىكىنى ئۆزگەرتىپ بىقىڭ ،بۇنى گوگلى ھىساباتىنىڭ باشقۇرۇش ئورنىدىن يول "تەكلىماكان شۇنداق ئاپتىكەن ،مەنمۇ شۇنداق ئىلىشنى مۇۋاپىق تاپتىم "ئارقىلىق تەكشۈرۈپ تۇرۇڭ ،قايسى خىل ئىلاننىڭ ئۈنۈمى ياخشى بولسا شۇخىل ئىلاننى قويۇڭ .
يەنە بىر تەكلىپ ،بىلوگىنىڭ ئەڭ ئۈستىدىكى ئىلاننى يازما ئارىسىغا ،يەنى يازمىنىڭ ئۈستىگە ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئويلىشىپ بىقىڭ ،بۇنداق دىگىنىم مەن نەچچە كۈندىن بىرى 7-8قىتىم كىردىم ،قاچانلا قارىسام باش بەتكە پاراۋانلىق ئىلانلىرى چىقىپ قاپتۇ ،لىكىن مەلۇم يازمىنى ئاچقاندىن كىيىن ھەقلىق ئىلان چىقىدىكەن . شۇڭا ئۈنۈمى بولمىغان ئىلاننى ئىلىۋىتىپ يازما ئارىسىغا قىستۇرۇڭ ،ھىس قىلىشىمچە يازما ئارىسىغا قىستۇرۇلغان ئىلاننىڭ ئۈنۈمىىمۇ ياخشى بولىدۇ ، مەن سىز قويغان چوڭ ئىلاننى قويۇپ باقمىغان بىلوگقا ،ئۇنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى ئۇقمايمەن .
ئىشقىلىپ گوگلىدىن ئازتولا كىرىم قىلىپ قوياي دىسىڭىز ئازراق ۋاقتىڭىزنى چىقىرىڭ ، مەن ئىشۇ ئەبگا بىلوگدىن ئالدىنقى ئايدا 120دوللار ئالدىم ، ئۇنىڭدىن بۇرۇن خەنزۇچە بىلوگدىن بىرنىمۇ ياسىغان ، شۇنىڭدىن كىيىن بارغانسىرى قىززىقتىم بۇ نەرسىگە ،ئىشقىلىپ ئازراق ۋقىت چىقىرىپ ئاز-تولا ئىزدىنىپ قويسا بولىدىكەن ،ئۇنىڭ ئۈستىگە سىزنىڭ بىلوگىڭىزنىڭ زىيارەت سانى ياىشى . بىزنىڭكىگە ئايدا كىرىدىغان ئادەم سىزنىڭكىگە بىر كۈندە كىرىدۇ ،ئۇنى ئىلىۋىتىشنى ئويلىماڭ .
يەنە بىر تەكلىپ ،ئەگەر مۇۋاپىق كۆرسىڭىز بىر سوم پىلانى بىكىتىنى ئۇلىنىشقا قوشۇپ قويسىڭىز .
ئادىرسى :http:1tilla.com
ھازىرچە ئىككى گۇگۇل ئىلانى قۇيدۇم، بىرسى ئۈستىدە . بىرسى ئاستىدا يازما بىلەن ئىنكاسنىڭ ئارىسىدا. تەكشۈرۈپ باقسام ئۈستىدىكى ئىلاندىن چىكىلىشتىن كەلگىنى ئاستىدىكىسىدىن ياخشى. شۇڭا تېخى ئاستىدىكىسىنى ئېلىۋىتەيمۇ قانداق دەپ ئويلىغانتىم. مەزمۇن ئارىسىغا ئىلان قىستۇرغۇم يوق. ئوقۇرمەنلەرگە بىزارلىق بىرىدۇ.
ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىرغىچە كۈرۈنۇۋاتقان ئىلانلار ھىچقايسىسى بلوگتىكى مەزمۇنلار بىلەن ئالاقىسى بار ئىلانلار ئەمەس. ئۇنداق سۈزلەرمۇ يوق بلوگدا. پۈتۈنلەي قالايمىقان چىقىۋاتىدۇ. شۇڭا بىر مەزگىل ساقلاپ بېقىپ ئاندىن سۈزۈشنى باشلايلمۇ قانداق.
تور بىكىتىم: خاسلىققا ئىگە.
نوكيا يانفۇنلىرى ھەققىدە.
ئۆز ئارا ھەمكارلىشىپ يېڭىچە بىلوگىرلاردىن، پايدىلىق يازمىلارنى يوللىغۇچىلاردىن بۇلايلى!
ئېلاننى بىر قېتىم چىكىپ قويدۇم.
ھە راس گوگىل ئېلانىڭىز ئىچكى بەتلەردە ئاممىۋىي خاراكتىرلىك بۇلۇپ قاپتۇ....
ئنگىلىزچە تىل كودىنى قۇشۇپ قويسىڭىز.
گوگۇل ئىلانلىرى توغرىلىق تەلىم بەرسىڭىز، ئىنگلىزچە تىل كودىنى قەيەردىن قانداق قاتىدۇ.
ئۇيغۇرچە بەتلەردە قانداق قىلىپ نورمال ئەھۋالدا گۇگۇل ئىلانىنىڭ ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۈتۈرۈشنى يەنىمۇ ئىزدىنىپ باقسىڭىز بۇلاتتى. چىكىلىش ئىلان ھەققى يۇقىرى بولغان سۈزلەرنى بىلگەن بىلەن لېكىن شۇنى تىمىغا قاتىمەن دەپ يا تىمىنىڭ يا بلوگنىڭ خاراكتىرىنى ئۈزگەرتىۋەتكىلى بولمايدۇ. يا ئۈ سۈزلەرنى مەجبۇرى مەزمۇندا قېتىپ قويغىلى بۇلمايدۇ. قاتمىساق سامان نەرقىدە ئىلانلار چىقىپ ئادەمنى ئىلەشتۈرۈدىكەن. تۈنۈگۈن بلوگنى قايتا ئاچقاندىن بېرى 30 قېتىمدەك چىكىلىپتۇ، كىرگەن پۇل 1 دوللار. بۇندا جاننى قىيناپ يۈرگىچە ئاقماي قالسا ئىلاننى ئېلىۋىتەيمىكىن دەيمەن.
Jilwe.blogbus.com قا ئۇلىنىش قىلىندى
bizning يەنى ماڭا تېما تەھرىرلەش ھوقۇقىنى بېرىڭ ۋاقتىمنىڭ يېتىشىچە چاپاق يازمىلارنى ئۆزگەرتىپ بېرەي.
ئارامگاھ ئەپەندىم، ياردىمىزگە كۈپ رەھمەت، چ چ رىڭىز نى قالدۇرۇپ قويۇڭا،
مېنىڭ چ چ نۇمۇرۇم 87400090
ياكى بولمىسا ماڭا ئۇيغۇرلىنىيىسىنىڭ خەت نۇسخىسىنى يوللاپ بەرسىڭىز ، مەن شۇ خەت نۇسخىسىغا بىر eot ياساپ باقاي .
بۇنداق بولغاندا ئىككى خەت نۇسخىسىغا ئىككى eot قوشقان بولىمىز.
مەن بۇنى سىناپ باقمىغان.
eot دىن بىرسىلا تور سۈرىتىنى خېلى ئاستىلىتاتتى، ئىككىنى قوشساق بلوگنىڭ ئېچىلىشى تېخىمۇ ئاستىلاپ كىتەرمۇ دەپ ئەنسىرەيمەن.
مېنىڭچە بۇنداق قىلساقمۇ بولمىغۇدەك ، بلوگنىڭ ئېچىلىش سۈرىتى ئاستىلاپ كېتىدۇ.
----------------------
توختاڭ ، مەن بىر قۇر قاراپ باقسام ھەممە يازما نورمال كۆرۈنگەندەك قىلىدۇغۇ ، نورمالسىز يازما كۆپ ئەمەستۇ؟
مىنىڭچە ھاىر قىلىدىغان بىر قانچە ئىش ،بىلوگىنى vipقىلىۋەتسە،ئاندىن بىلوگدىكى بىلوگبۇسنىڭ ئىلانلىرىمۇ يوقايتى ،ئاندىن بىرىنجى دەرىجىلىك ئىسىم باغلىۋەتسە ،زىيارەت قىلغۇچىلارغىمۇ ئاسانغا توختايدۇ .
بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارغا پۇل تۆلەپ يۈرگۈچە ھازىردىن باشلاپ بىلوگقا كىرگەن ھەر بىرىمىز مۇشۇ بىلوگىنىڭ تەۋسىيە ئارىسىدىن بىردىن بىلوگ ئىلتىماس قىلساق 20گە يەتسىلا بولىدۇ ،پۇل تۆلەپ يۈرۈش بىھاجەت .
مەن چۈشتىن كىيىن بىرقانچىنى ئىلتىماس قىلاي .ئۆزۈمنىڭ بىلوگىنىمۇ ئۆزۈملا ئىلخەتتىن 20نى ئىلتىماس قىلىپ ئارقىدىن بىلوگدىن 20نى تىزىملىتىپلا vipقىلىۋالغانتىم . ھە-ھۇ دەپلا تىزىملاتساق نەچچە كۈنگە قالماي تەۋسىيە تىزىملىتىش سانىنى 20گە يەتكۈزگىلى بولىدۇ .
sinaq qilip inkas yezip baqtim