چارلىز.فىش (ئامېرىكا)
-نىمىشقا بولمىغىدەك ؟
دوستۇم سۇتاگا باستىرنىڭ مۇشۇ بىر جۈملە سۆزى ، مېنىڭ تۇرمۇشۇمنى ئۆزگەرتىۋەتتى . بۇ سۆزنى ماڭا دېيىشتىن ئىلگىرى ، بۇ باش روھانىي فېلىمۇن بىلەن تېلفۇندا « ئىنجىل » دىكى نۇرغۇن مەسلىلەر توغىرلىق ئالاھەزەل ئىككى سەئەتچە تەپسىلىي مۇزاكىرلەشتى .«ئىنجىل» دا مۇرتلارنى ئۆزەڭلارنىڭ ئىگىچە- سىڭىللىرىڭلار ، كىچىك ئاپاڭلار ، ھامماڭلار ، ئاناڭلار ، قېينائاناڭلار ، قىزلىرىڭىلار ، ھەتتا نەۋرە قىزلىرىڭىلار بىلەن توي قىلساڭلار بولمايدۇ ،(ناۋادا بىراۋ مۇشۇنداق قىلماقچى بولسا ) دەپ ئاگاھلاندۇرۇلغان بولۇپ ، مۇقەددەس كىتاپنىڭ ھېچقانداق يېرىدە ئۆزى بىلەن نىكاھلىنىشقا بولمايدۇ دەيدىغان چكلىمە يوق ئىكەن . شۇ سەۋەپلىك ، سۇتاگا باستىر مېنىڭ مەقسىتىمنى بىلگەندىن كېيىن ، ئاخىرى تەقدىرىمنى بەلگىلەيدىغان ئۈشبۇ سۆزنى قىلدى :
- نىمىشقا بولمىغىدەك ؟
دەرۋەقە ، «ئىنجىل» دا كىشلەرنىڭ ئۇلۇغ مومىسى ، ئۈستەل ئۇرۇندۇقلار ياكى ئەرمەك ھايۋانلىرى بىلەن توي قىلسا بولمايدۇ ، دېگەندەك بەلگىلىمىلەرگە سەل قارالغان ئىكەن . ئەگەر باش روھاني فېلىمۇن ئۆزىنىڭ فىرانسىيە پىتىسى ياكى ئەديىلى بىلەن توي قىلغان تەقدىردىمۇ مېنى ئەجەبلەندۈرەلمىگەن بولاتتى . چۈنكى ئۇ ئەديىلى بىلەن ئۇزۇن يىللار بىرگە ئۇخلىغان ئەمەسمۇ ؟
مەيلى قانداقلا بولمىسۇن ، ئاشۇ ئىخلاسمەن باستىرنى چۈشۈمدىكى ئاشىقىم بىلەن توي قىلىشىمغا كۆندۈردۈم . ئەمدى چۇقۇم ئاتا- ئانامغىمۇ خىزمەت ئىشلىشىمگە توغرا كېلەتتى . بۇ ئىشىنى ئۇلارغا دېمىسەم زادى بولمايتى . ئاددى ئادەملەر سانىلدىغان ئاتا- ئانامنى قايىل قىلىش 2 مىڭ يىلدىن بۇيان چوڭقۇر يىلتىز تارتقان خەلقىئارالىق بى دىننى قايىل قىلىشتىنمۇ تەسكە توختايتى.
باشتا ئانام بۇنى بىر ئىش دەپمۇ قارىمىدى . ئەلۋەتتە كۆپلىگەن ئادەملەرمۇ ئوخشاشلا بۇنى بىر ئىش دەپ قارىمايتتى ، ھالبۇكى ، ئانامغا بۇ مەقستىمنى چۇقۇم ئۇختۇرۇشۇم كېرەك ئىدى . ئانام ئاڭلاپ مەندىن توختىماستىن غەلىتە سوئاللارنى سورىدى :
– بۇنىمۇ توي قىلدى دېگىلى بۇلامدۇ ؟ يەنىلا ئۆزۈڭ يالغۇز ئۆتىدىغان گەپ . توي مۇراسىمىدا قانداقراق كېيىنەرسەن؟… دېگەندەك .
تولىمۇ ئېچىنىشلىق بولغىنى ، تويۇم سەۋەبلىك دادامنىڭ پۈتۈنلەي روھى كېسەل بۇلۇپ قالغىنى ئىدى . تويۇم بۇلۇپ خېلى ئۇزۇنغىچە دادام كۈن بويى دېگۈدەك خەۋەرلەر ژۇرنىلى ، يېڭى رېكورتلار بېسىلغان كىتابلار ۋە ئالەم بوشلىقى ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك ئېقىم مەسىلىلىرى خەۋەرلىرىگە ماقالە يېزىپ ، ئۆزىنى « بوشلۇقتا» ئىنسان بىلەن جىنسي ئالاقە قىلغان تۇنجى كىشىمەن دەپ يۈردى . ئۆزى يېقىنلىشالايدىغان بوشلۇقنىڭ ئەمەلىيەتتە كومپىيوتىر كۇنۇوكا تاختىسىدىكى چوڭ كۇنۇپكا ئىكەنلىكى ئېنىق تۇرسىمۇ ، ئۇ ھامان ئۆز قاراشلىرىغا ئىشىنەتتى . ئەگەر ئۇنىڭ بىلەن جىنسي ئالاقە قىلغان ئادەمنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى سوراپ قالسىڭىز ، دادام ئادەتتە قىززىقچىلىق قىلىۋاتقان كىشىدەك بىر ھازا تۇرىۋېلىپ ، ئارقىدىن ئەسەبىي قىرغىنچىلىق بىلەن تولغان كۆزلىرىنى ئويناتقىنىچە :« ئۇ ئادەم مەن بۇلىمەن» دەپ ۋارقىراپ كېتەتتى .
ئەسلى مەن ئەڭ يېقىن دوستۇمنىڭ بۇ ئىشتا مېنى قوللايدىغانلىقىغا ئىشەنگەن ئىدىم . يەنە كېلىپ ، بۇئىشلارنىڭ ھەممسى ئۇلار ئۈچۈن بىر چاقچاقتىنلا ئىبارەتقۇ دېگەننىمۇ ھىس قىلىپ تۇراتتىم ، ئۇلار ئەزەلدىن مېنى قوللاپ كەلگەن ئىدى . ئەپسۇسكى ، توي قىلغىنىمدىن كېيىن ئۇلارنىڭ ۋاقىت چىقىرىپ ، كۆڭۈل ئاچىدىغان چاقچاق ئوبىيكتىغا ئايلىنىپ قالدىم . دوستلىرىم تويۇمنى تەبرىكلەپ ئەۋەتكەن سوۋغاتلار ئىچىدە شەھۋانى ژۇرنال ، يىپەك پەلەي ، ھەتتا تورۇس ئەينىكى قاتارلىق ئادەمگە زىيانلىق نەرسىلەر بار ئىدى . يەنە كېلىپ ، باستىر سوتاگا توي قەسىمى ئوقۇغاندا ، ئۇلار مېنىڭ توي خۇشاللىقىمغا قارىتىلغان مەسخىرىلىك كۈلكىلىرىنى تۇتۇپ قالالمىدى ، بۇ ھال مرنى چەكسىز ئۈمىدسىزلەندۈردى .چۈنكى ، قەسەم سوراقلىرى ھەيۋەتلىك ، مۇقەددەس ئىدى :«سىز بىر ئەرگە ئوخشاش تويدىن كينىكى تۇرمۇشىڭىزدا ئۆز مەسئۇليىتىڭىزگە سادىق بۇلامسىز ؟» قەسەم قىلىمەنكى دەل مۇشۇ ۋاقىتتا بىر دوستۇم چوقۇم كۈلكىدىن ئىشتىنىغا چىقىرىپ قويغان بۇلىشى مۇمكىن ئىدى .
مەن لاسۋىگاستا تولىمۇ كۆڭۈللۈك بولغان شىرىن ئاينى ئوتكۈزدۈم .قولۇمدىكى پۇللىرىمنىڭ ھەممىسىنى قىماردا ئۇتتۇرۋەتكەن بولساممۇ ،پۇلنى نىمە قىلدىڭ دىگەن ۋاتىلداشلارنى ئاڭلىمىدىم .لېكسېر مېھمانخانىسىنىڭ بالىخانىلىق ياتىقىدا توي كىچىلىرىنى ئۆتكۈزدۈم …….
ئۆزۈم بىلەن نىكاھلىنىشىمدا نۇرغۇن سەۋەبلەر بولسىمۇ ،ئۇ باجغا قولايلىق بۇلۇشىنى ( گەرچە باج تەكشۈرگۈچىلەرگە ئۆزۈمنى ئۆزەمگە جۆرە قىلۋالغانلىقمنى چۈشەندۈرۈش مۈشكۈل بولسىمۇ ) ئۆز ئىچىگە ئالمايتتى .ھالبۇكى ،نىكاھنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى بىلگىنىمدىن بۇيان ئىشەنچىلىك بىر ھەمرايىمنىڭ بۇلۇشىنى ،ئۇنىڭ يېنىمدىن ئايرىلماسلىقىنى ،قەلبىمنىڭ چوڭقۇر جايلىرىدىكى سىرلىرىمنى بىلگەندىمۇ ،مېنى مەسخىرە قىلماسلىقىنى ئارزۇ قىلىپ كەلگەن ئىدىم .