ھەر دائىم بىرەر ئىش توغرىسىدا تەپەككۇر قىلىنىمىدا تەپەككۇر ھۈجەيرىلىرىم ئۆز سەزگۈرلىكىنى يۇقۇتۇپ ، نېرۋام جىدىيلىشىپلا قالاتتى ، بىراق بۈگۈن نېمە بولدىمكىن تاڭ ھىچ بىلەلمەي قالدىم ، تۇرۇپلا مەندە بىر خىل سېزىم پەيدا بۇلۇپ ، ئۆزەمنى شۇنچىلىك ئەركىن ھەم شۇنچىلىك بېسىمسىز ھىس قىلىپ كەتتىم ، تۇتۇرۇقسىز خىياللارمۇ كاللامدىن ئاللاقاياقلارغىدۇر غايىپ بۇلۇشقاندى .
مانا « ئىزتىل » بىلوگىمنى ۋورد پىرەس دەرىجىسىگىمۇ كۆتۈرۋالدىم ، كۈندە بىر خىل رېتىمدا مېڭىۋاتقان تۇرمۇش تەرتىپىم يېڭىلىققا تۇلۇپ ، ئۆزگىچىلىككە ئىگە بولدى . غايىبانە بىر كۈچ مېنى :« يازما ياز ، ياخشى ياز ، باشقىلارغا ياققۇدەك ياز » دەپ ئۈندەپلا تۇردى . يېزىۋاتىمەن ، تىرىشىۋاتىمەن ، كۈندىلىك خاتىرەمگە يازغان ئېسىل يازمىلىرىمنى ، بۇرۇن يېزىپ ساقلاپ قويغان شېئىر ، ماقالىلىرمنى ئەمدى تور يۈزىدە ، بىلوگىمدا ئېلان قىلىپ ، بارلىق تورداش ، بىلوگداش دوستلىرىم بىلەن ئورتاقلاشمىسام بولمىغىدەك ، گەرچە مەن يازغۇچى بولمىساممۇ لېكىن ھەر ھالدا ئۆزەمنى خۇشال قىلالىغۇدەك ئەسەرلەرنى يازالايتىم ، بەلكىم شۇ يازمىلىرىمدىن بىرەرسى سىز ۋە باشقا تورداش دوستلىرىمغا ياراپ ، سىلەرنىڭ ئىنكاس – پىكىرلىرىڭلارغا ئېرىشەلىسەم بۇ مەن ئۈچۈن يەنە بىر خۇشاللىق بۇلۇپ ھېساپلىناتتى ، قۇرۇق گەپتىن ئەمەلىي ھەرىكەت ئەلا ئەمەسمۇ ، ئەمدى مەن قۇرۇق گەپنى مۇشۇ يەردە توختىتۇپ ، ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئاتلىناي .