ئەلۋەتتە،بىز ئانىلارنى ئۇلۇغلايمىز،ئۇلارنىڭ دېگىننى قىلىش. ئەمرىنى بېجىرىش لازىم.دەپ قارايمىز.ئەمما،دۇنيادا ئىززەت-ھۆرمەتكە،ئۇلۇغلىنىشىقا لايىق كەلمەيدىغان ئانىلارمۇ باردۇر.شۇڭا ھەر قاندقا ئايال زاتى لاياقەتلىك ئانا بۇلۇش ئۈچۈن بىر ئۆمۈر تىرىشىشى،ئىزدىنىشى كېرەك.ئۆتكەن كۈنلىرىدىن،ئىز-ھەرىكەتلىرىدىن توغرا خۇلاسە چىقىرىپ،كەلگۈسىگە بولغان سەزگۈرلۈكىنى ئاشۇرۇشى،ئەقلىنى تەپەككۇر قاينىمىدا ئىزچىل تاۋلاپ،مۇكەممەل ئانا بولۇش ئۈچۈن يول قىدىرشى لازىم.
شۇنداق،(ئانا)دېگەن سۆز ئېغىزدىن ئاسان چىققىنى بىلەن ئانىلىقىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقماق ئۇنچە ئاسان ئەمەس،ئەگەر بىر ئايال پەرزەنىت يۈزى كۆرگەندىن كېيىنمۇ ئۇنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشىدىكى كۆرۈمسىزلىك، ئەخلاقىدىكى بولمىغۇرلۇق،ئىش-ھەرىكەتلىرىدىكى خاتالىق،گەپ-سۆزدىكى قۇپاللىق،نەپسىدىكى ئاچ كۆزلۈك...قاتارلىق ئامىللار زور دەىجىدە چەكلەنمىگەن بولسا،ئۇ پەرزەنتىنىڭ تىلىدا(ئانا)دەپ ئاتالغىنى بىلەن،ئەمەلىيەتتە بۇ نامغا ماس كەلمىگەنلەردىن ھېسابلىنىدۇ.چۈنكى،ئانىلار شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلۇغكى،ئۇلاردا شۇ ئۇلۇققا خاس مېھر-مۇھەببەت،ئەخلاق-دىيانەت،سۆيگۈ-ساداقەت،غەيرەت-جاسارەت بولىدۇ،ئەڭ قىيىن دەملەردىمۇ ئۆزىنىڭ ئانا ئىكەنلىكىنى ئېسىدىن چىقارمايدۇ.قانداق ۋاقىتتا قانداق يول تۇتۇشنى ياخشى بىلىدۇ.ئۆزىنىڭ ئانىلارغا خاس سالاپتى،ۋەزمىنلىكى بىلەن باشقىلارغا كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتىدۇ.ھەر قانداق شارائىتتا ئانىلاردا بولۇشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيەتتىن ۋاز كەچمەيدۇ. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
بىزنىڭ قەدىمكى ۋە يېقىنقى دەۋرلەردىكى دىداكتىك ئەسەرلىمىزنى خېلى كۆپ ۋاراقلايمۇ. ئانا دېگەن مۇنداق بولۇشى كېرەك،دېگەنچە كۆرسەتمىلەرنىڭ ھەتتا يوق دېيەرلىكى ھېس قىلىدىم.ئەكسىچە،ئانىلارنى ھۆرمەتلەش. ئۇلارنىڭ قەدىمگە جان پىدا قىلىش،ئانىلارنى رازى قلىش ھەققىدىكى تەۋسىيە-كۆرسەتمىلەر ناھايىتى كۆپ ئىدى.دېمەك،ئانىدىن ئىبارەت ئۇلۇغ ئىنىسانغا ئەقىل ئۆگتىشكە بىزنىڭ ئۇلۇغ ئەللامە-ئەدىبلىرىمىزنىڭ قەلىمى بارمىغىنى ئېنىق ئىدى.
يەنە بىر جەھەتتىن،ئۇلار(ئانا بولغانىكەن،ئانىلىقىنىڭ ھەممە شەرتلىرىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدۇ،بۇ ھەر قانداق ئانا بولغۇچىنىڭ ئەقەللىي بۇرچى)دەپ قارىغان بولسا كېرەك.شۇڭا،بىزنىڭ مەيلى ئېغزاكى ئەدەبىياتىمىز ياكى يازما ئەدەبىياتىمىز بولسۇن،ئانىلارنىڭ شەنىنى قۇتلۇقلايدىغان ماقال-تەمسىللەر،شېئىر-بىيتلار ناھايىتى كۆپ، ئەمما،بەش بارماق تەڭ بولمىغىدەك،ئانىلارنىڭىمۇ ھەممىسى ئوخشاش بولمايدىغان،بۇ يېقىنقى يىلاردىن بىرى سادىر بولۇۋاتقان بىر قىسىم ئانىلارنىڭ يەڭگىلتەكلىك بىلەن ئائىلىنى ۋەيران،پەزەنتلەرنى يېتىم قىلىشى،ھەتتا بەزى(ئانا)ئاتالمىش ئۇلۇغ ئىنىسانلارنىڭ مەنىۋىيىتىنى ئەمەس،سىرتقى كۆتۈنۈشىنىلا بېيىتشقا ئىنىتىلىشى،ئاللىقانداق ئىشلارنى سەۋەب قىلىپ قازان بېشىنى تەرك ئېتىشى،ئۆزگەرگەن(چاي)سورۇنلىرىغا،تۈرلۈك(ئولتۇرۇش)لارغا يېپىشىشى...قاتارلى تەرەپلەردە گەۋدىلىك بولماقتا. ئەلۋەتتە،ئانا بولغۇچىمۇ ئىنسان.ئۇمۇ خۇشال يارىشىشى كېرەك. ئەمما، بۇدناق خۇشال ياشاش ئانىلىق نامغا نامۇناسىپ ئۇسۇلدا بولماسلىقى لازىم.چۈنكى، ئانا بولغۇچى ھەرگىزمۇ ئۆز ئۈچۈنلا ياشىمايدۇ،ئۇ ئائىلە،پەرزەنت ئۈچۈن ياشايدۇ.بۇ ئەزەلدىن داۋام قىلىپ كەلگەن ھەقىقەتتۇر.ناۋادا،بىر ئايال ئۆزىنىڭ ئانىلىقىنى ئېسىدىن چىقارغان ھالدا،يولنىڭ توغرا-خاتاسىنى پەرق قىلماي مېڭىۋەرسە،ئېنىقكى ئۇ شۇ (ئانا )دېگەن ئۇلۇغ نام بىلەن ئاتىلىپ تۇرۇپ،لەنەت ئوقىغان نىشان بولۇپ قالىدۇ. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ئەلۋەتتە،ئەقىللىق ئانا ھەرگى بۇدناق بولۇشىنى خالىمايدۇ،بۇنىڭ ئۈچىنى ئەمەس،يىراقنى نىشانلاپ ئىش كۆرىدۇ.بىزنىڭ ئادىتىمىزدىكى ئانىلارنى پەرىشتىگە تەققاسلايدىغان ئادەتكە يارىشا،پەرىشتىدەك ياشاشقا تىرشىدۇ.بارلىقىدىن كەچسە كېچىدۇكى،ئەدەپ-ئەخلاق،شەرم-ھايا،ئانىلىق مەسئۇلىيەتتىن كەچمەيدۇ،جېنىدىن كەچسە كېچىدۇكى،ئائىلىسدىن،پەرزەنتىدىن،ئانىلىق مېھرىدىن كەچمەيدۇ.مانا بۇ بىزنىڭ ئانىلىرىمىزنى ئەڭ بۈيۈك بىلىپ بېشىمىزغا ئېلىپ كۆتۈرشىمىزدىكى تۈپ سەۋەب! ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!