جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە خانىم- قىزلاردا مۇنداق شەرتلەر ھازىرلانغان بولىدۇ:
1. ئەدەپلىك بولىدۇ. ھەرقانداق سورۇنلاردا كىشىلەرگە ئەدەپلىك مۇئامىلە قىلىدۇ. يۈرۈش-تۇرۇشتا لاتاپەتلىك ۋە سىپايە بولىدۇ.
2. ئوچۇق-يورۇق،خۇش چاقچاق، كەڭ قۇرساق بولىدۇ. بولۇپمۇ تەنقىدنى قوبۇل قىلىش جاسارىتىگە ئىگە بولىدۇ.
3. باشقىلارنىڭ ئىشىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدۇ ۋە قىزغىن پوزىتسىيىدە بولىدۇ.
4. بىلىمى ئەتراپلىق، سۆزى ئورۇنلۇق بولىدۇ.
5. راستچىل، كەڭ قۇرساق، ئادىل بولىدۇ.
كىشىنى بىئارام قىلىدىغان ئادەتلەر
باشقىلارنىڭ ئەتەي دىققىتىنى تارتىپ پايپاسلاش. مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
ئادەم بار يەردە قاتتىق يۆتىلىش، چۈشكۈرۈش، كېكىرىش، ئاغزىنى چاكىلدىتىش.
تىياتىرخانىلاردا، كىنوخانىلاردا پاراڭ سېلىپ، باشقىلارنىڭ كىنو، تىياتىر كۆرۈشىگە دەخلى يەتكۈزۈش.
ھە دېسىلا بولمىغۇر گەپلەرنى قىلىش.
باشقىلارنىڭ كەينىگە كىرىۋېلىش، جامائەت ئالدىدا بىر-بىرىگە مۇھەببەت ئىزھار قىلىش.
تاماق ئۈستىدە ھەركىتى قوپال بولۇش، تائاملارنى تۆكىۋېتىش.
پوزىتسىيىسى قوپال بولۇش، پوچىلىق قىلىش.
شەيئىلەرگە قارىتا تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرۈش پوزىتسىيىسىدە بولۇش.
گەپ -سۆزدە يېڭىلىپ قالسا، ئۇرۇشۇپ جىدەل چىقىرىش.
باشقا كىشىلەرنىڭ ئىشلىرىغا نىسبەتەن ھەددىدىن ئارتۇق ھەۋەس قىلىش، يىپىدىن-يىڭنىسىغىچە سۈرۈشتە قىلىش.
copyright by www.iz.la
گەپ دىتىغا ياقمىسىلا تىرىكىش، ھە دىسىلا كايىش.
جانلىق بولماسلىق، ئىش قىلغاندا بىپەرۋالىق قىلىش.