جەلپ قىلىش كۈچى ئىنىسانلاردا بولىدىغان بىر خىل ئالاھىدە تەبئىي خۇسۇسىيەت بولۇپ، ئۇ قارشى تەرەپنىڭ يۈرەك تارىسىنى تىتىرىتىدىغان ۋە ئۇنى ئۆزىگە مەھلىيا قىلىدىغان سېھىرىي كۈچتۇر.
مۇھەببەتلىشىۋاتقان قىز-يىگتىلەر تۇنجى قېتىم ئۇچراشقانداق،ئالدى ىبلەن نامايان بولىدىغىنى ئۇلاردىكى جەلپ قلىش چۈچىدۇر.جەلپ قىلىشىنىڭ كۈچلۈك ياكى ئاجىز بولۇشى ئۇچرىشىشىنىڭ داۋاملىشىشىدا ھەل قىلىغۇچ رول ئوينايدۇ،شۇڭا قانداق قىلىغاندا مۇھەببەتلىشىش جەريانىدا ئۆزىنىڭ جەلپ قىلىش كۈچىنى ئۇزاق مۇددەت داۋاملاشتۇرۇپ ۋە ئۇنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ،مۇھەببەتنى چەكسىز كۈچ-قۇدىرەتكە ئىگە قىلغىلى كۆڭۈل بۆلۈشگە تېگىشىلىك مۇھىم مەسلىدۇر. www.iz.la
1.ئالدى بىلەن،ئۆزىنىڭ ئىدىيۋى پەزىلىتىنى يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش لازىم.قىزلارنىڭ تاشقى گۈزەللىكى ھەقىقەتەنمۇ ناھايىتى زور جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە بولىدۇ.كېلىشىكەن،رەتلىك كىيىنىگەن قىزلار ھەر قانداق كىشىنى ئۆزىگە مەھلىيا قىلالايدۇ. ئەمما چىرايلىق بولۇشنىڭ ئۆزىلا كۇپايە قىلمايدۇ.مۇھىمى ئىدىيۋى پەزىلىتىنى يېتىلىدۈرۈشتە.بىر جۈت قىز يىگىت دسىلەپ مۇھەببەتلەشكەندە،يىگىت قىزنىڭ گۈزەل ھۆسنىگە مەھلىيا بولۇپ،ئۇنى ئىنىتايىن ياخشى كۆرگەن.بىراق مۇناسىۋەتلىك داۋاملىشىشىغا ئەگىشىپ،ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرسىدا كۆرۈنەرلىك كۆڭۈلسىزلىك پەيدا بولغان،ئاقىۋەت يىگىت قىزدىن يۈز ئۆرىگەن،يىگىتىنىڭ يېقىن بىر ئاغىنىسى بۇ ئىشىنىڭ سەۋەبىنى سورىغاندا ئۇ؛(بىر مەزگىل ئارىلىشىش ئارقىلىق ئۇنىڭ چىرايىغا يارىشا پەزىلىتى يوقلۇقىنى ھېس قىلىدىم.ئۇنىڭىدىكى ئۆز بېشىمچىلىق،شەخسىيەتچىلىك ۋە ئىچى تارلىقىتىن ئىبارەت ناچار ئىللەتلەر مېنى بىزار قىلىدى)دېگەن.
www.iz.la
ئۆزى چىرايلىق،ئەمما سۆزلىرى قوپال،يۈرۈش-تۇرۇشى يېقىمسىز قىزلار قانداقمۇ يىگىتلەر قەلبىدە ياخشى تەسىر قالدۇرالىسۇن؟شۇنى بىلىش كېرەككى،قارشى تەرەپنى جەلپ قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئامىلى ئىچىكى گۈزەللىكتۇر. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
2.مۇھەببەتلىشىش جەريانىدا قىزلار ئاقىلانلىك بىلەن ئۆز ھېسىياتنى تىزگخنلىشى، يىگىتى بىلەن بەك قۇيۇق ئارىلاشماستىن،ئوتتۇرىدا مۇۋاپىق ئارىلىق ساقلاپ قېلىشى لازىم.
(ئاسان قولغا كەلگەن نەرسىنىڭ قىممىتى بولمايدۇ)مۇھەببەتكە قەدەم قويغان قىزلار بۇ نوقتىنى چوقۇم ئەستە ساقلىشى لازىم.مۇھەببەتلىشىشىنىڭ دەسلەپكى مەزگخلىدە يىگىتىڭىز بىلەن ئۇچرىشىشىقا ھەر قانچە تەشنا بولسىڭىزمۇ،يەنىلا ئېھتىياتچانلىق بىلەن ھېسىياتىڭىزنى كونىتىرول قىلىپ،مۇۋاپىق ئارقلىق ساقلاپ قېلىڭ.ئۇنداق بولمىغاندا قارشى تەرەپ سىزنىڭ ئەخلاقىڭىزدىن گۇمانلىنىشى ۋە سىزنى كۆزگە ئىلماي قويۇشى مۇمكىن.گەرچە مۇھەببىتىڭلار ئوڭۇشلۇق داۋاملىشىپ بىر-بىرىڭلاردىن ئايرىلماسقا قەسەم ئىچىپ،ۋەدىلەرنى بېرىشكە بولساڭلارمۇ،ئالدىراپ ئۆزىڭىزنى يىگىتىڭىزگە بېغىشلىۋەتمەڭ. بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
3.قائىدى-يوسۇنلۇق، سالاپەتلىك بولۇشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. www.iz.la
يىگىتىلەرنىڭ كۆپىنىچى دېگۈدەك قىز دوسىتىنىڭ جامائەت سورۇنلىرىدا ھەم ئۆزىنى ئەركىن-ئازادە تۇتۇپ، ھەم قائىدە-يوسۇنلۇق بولۇپ،باشقىلارغا ياخشى تەسىر قالدۇرشىنى ئارزۇ قىلدۇ،شۇڭلاشقا يىگىتىڭىز بىلەن ئاممىۋى پائالىيەت سورۇنلىرىغا بارغاندا ياكى يىگختىڭىزنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ۋە خىزمەتداشلىرىنى يوقلىغاندا،سۆز-ھەرىكىتىڭىز سىلىق بۇلۇش كېرەك.شۇنى بىلىشىڭىز كېرەككى،قىزلارنىڭ يۇرۇش-تۇرۇشىنىڭ نازاكەتلىك،سىپايە بولۇشىمۇ يىگىتلەر قەلبىدە مۇھەببەت تۇيغۇسىنى پەيدا قىلىدىغان مۇھىم ئامىل ھېسابلىنىدۇ.
4.ئۆزىنىڭ خاراكتېرى ۋە مىجەزىگە خاس ياسىنىش لازىم.جېنىنىڭ بارىچە مودا قوغلىشىدىغان دورامچىلىق ،ياسانچۇقلۇق قىلىپ ئۆز خاراكتېرىنى يوقتىپ قويىدىغان قىزلارنى يىگىتلەر ياقتۇرمايدۇ.بەزى قىزلار يىگىتنى تېخىمۇ جەلپ قىلىش مەقستىدە، ھېچنەرسىگە قارىماستىن مودا قوغلىشىدۇ، ئاقىۋەتتە ئۇستلىق قىلىمەن دەپ چاندۇرۇپ، يىگىتىنى ئۆزىدىن بىزار قىلىپ قويىدۇ. ياسىنىپ،گىرىم قىلىشىتا ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى چىقىش قىلىش،ھەم دەۋرگە ماسلىشىش، ھەم ئۆزىدىكى تەبئىي گۈزەللىك ۋە خاراكتېرىنى ساقلاپ قېلىش لازىم. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئومۇمەن، ئالىيجاناپ ئەخلاقىي پەزىلىتنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن،مۇھەببەرتلىشىش جەريانىدا ئاقىلانىلىق بىلەن ئىش كۆرۈش، سىلىق-سىپايە بولۇش،ياسانغاندا ئۆزىنىڭ سالاپىتى ۋە خاراكتېرىدىن سالقىپ كەتمەسلىك كېرەك.مانا بۇ جەلپ قىلىش كۈچىنى مەڭگۈ ساقلاپ قېلىشىتىكى ئاچقۇچ. تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
مەنبە؛ئاياللار ۋە مەنىۋىيەت
www.iz.la