چەتئەل ئاخباراتچىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ ئىئوۋا شىتاتىدىكى 11 ياشلىق بىر ئوغۇل بالا "چاچ يۇلۇش كېسىلى" دەپ ئاتىلىدىغان بىرخىل غەيرى روھىي كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغانلىقتىن، ئىختىيارسىز ھالدا توختىماستىن ئۆزىنىڭ چېچىنى يۇلىدىغان بولۇپ قالغان. ئاتا-ئانىسىنىڭ قوشۇلىشى بىلەن، 11 ياشلىق ماكس شېرۋۇدنىڭ چېچى يوق رەسىمى ئاخبارات ۋاستىلىرىگە ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، كەڭ جامائەتنىڭ كۈچلۈك دىققەت ئېتىبارىنى تارتقان. بۇ غەيرىي كېسەللىككە گىرىپتار بولغاندىن كېيىن، ئەسلىدە ئوماققىنا بالا چېچى يوق تازغا ئايلىنىپ قالغانلىقتىن، ئۇنى كۆرگەن كىشىنىڭ ئىچى سېيرىلماي قالمايدىكەن. ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
بۇ ئوغۇل بالىنىڭ ئانىسىنىڭ ئېيتىشىچە، ماكىس باشلانغۇچ ئىككىنچى يىللىق ۋاقتىدا، ئۆزىنىڭ قېشىنى يۇلىدىغان ئادەت شەكىللىنىپ قالغان، بۇ ئادىتى توختىغاندىن كېيىن، 4-يىللىققا چىققاندا، ئۆزىنىڭ چېچىنى يۇلىدىغان بولۇپ قالغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇ مەكتەپتە، ساۋاقداشلىرىنىڭ مەسخىرە قىلىش ئوبېيكتىغا ئايلىنىپ قالغان. www.iz.la
2009-يىلى 10-ئايدا، ماكىس«بالىلار چاچ كۇلۇبى» ناملىق پاراۋانلىق تەشكىلاتىنىڭ ياردىمى ئاستىدا، سۈنئىي تالاغا راست چاچ ئارىلاشتۇرۇلغان ئۇزۇن ۋاقىتلىق كەيمە چاچنى بېشىغا چاپلىغان. بۇ كەيمە چاچ ئىشلىتىلگەندىن كېيىن، ماكىسنىڭ چاچ يۇلىدىغان ئادىتىمۇ يوقىغان. بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
كېندى مۇنداق دەپ چۈشەندۈرگەن:«بۇ خىل چاچنى چاپلىغاندىن كېيىن، چاچ يۇلۇش ئادىتىنىڭ يوقىلىشىدىكى سەۋەب، بۇ خىل چاچ باش قىسمىغا بىرخىل پۇختا يىلىم بىلەن چاپلانغانلىقتىن، ماكىس بۇ خىل چاچنى يۇلۇشقا ئامالسىز قالغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ دىققىتى چاچ يۇلۇشتىن باشقا جايغا يۆتكەلگەن.»
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
پىسخولوگ مۇنداق دەيدۇ: « بۇ خىل غەيرى كېسەللىك ئادەتتە بالىلىق دەۋىردە كۆرۈلىدۇ، ئاساسلىقى ھەددىدىن زىيادە تەشۋىشلىنىش ياكى زېرىكىشتىن كېلىپ چىقىدۇ.»
ئىز تورى بەك ياخشى