جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 26-ماي خەۋىرى: چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ش ئا ئە ت بىر تىك ئۇچار ئايروپىلانىنىڭ 5-ئاينىڭ 26-كۈنى ئافغانىستاننىڭ شەرقىي قىسىمىدا چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى، ش ئا ئە ت نىڭ بىر ئەسكىرى ئۆلگەنلىكىنى جاكارلىغان.
خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، ش ئا ئە ت ئارمىيىسى بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ تىك ئۇچار ئايروپىلاننىڭ چۈشۈپ كېتىش سەۋەبى ئېنىق ئەمەسلىكىنى، ئالاقىدار تەرەپلەر تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرغانلىقىنى ئېيتقان.
ش ئا ئە ت ئۆلگەن ئەسكەرنىڭ دۆلەت تەۋەلىكى ۋە ئىسىم-فامىلىسىنى ئاشكارلىمىغان.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ ئاي كىرگەندىن بۇيان ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق ش ئا ئە ت قىسىملىرىنىڭ ئۆلگەن ئادەم سانى 31 يەتكەن.
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!