ئامېرىكا ھەربىي سوتى ئارمىيە ئىچىدىكى قانۇنغا خىلاپ جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە قاراپ چىقىدىغان ۋە جىنايەت گۇماندارلىرىنى سوتلايدىغان تەشكىلات. ئامېرىكا 1950 –يىلى ئېلان قىلغان «بىرلىككە كەلگەن ھەربىي ئەدلىيە قانۇنى »دىكى بەلگىلىمە بويىچە، ئامېرىكا ھەربىي سوتى ئاددىي ھەربىي سوت، ئالاھىدە ھەربىي سوت ۋە ئالىي ھەربىي سوت، دەپ ئايرىلىدۇ. ئامېرىكا ئارمىيەسىدە دائىمىي ھەربىي سوت بولمايدۇ. ھەربىي قوماندان سوتلاش ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ۋاقىتلىق ھەربىي سوت چاقىرسا بولىدۇ. دەرىجىسى ئوخشىمايدىغان ھەربىي قوماندانلار ئوخشىمىغان دەرىجىدىكى ھەربىي سوت چاقىرسا بولىدۇ. دېلونى قاراپ چىقىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، بۇ ھەربىي سوتمۇ ئاخىرلىشىدۇ. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئاددىي ھەربىي سوتتا بىر ئايدىن تۆۋەن قاماش، قامىماي 45 كۈندىن تۆۋەن مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش، ئىككى ئايدىن تۆۋەن بەلگىلىك دائىرىدە نەزەربەند قىلىش ياكى ئايلىق مائاشىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ، بىراق ئوفىتسېر ۋە ھەربىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى سوتلىيالمايدۇ؛ ئالاھىدە ھەربىي سوتتا ئۈچ ئايدىن تۆۋەن قاماش، قامىماي ئالتە ئايدىن تۆۋەن مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش، ئۇزاق بولغاندا ئالتە ئايغىچە ئايلىق مائاشىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ؛ ئالىي ھەربىي سوتتا ئۆلۈم جازاسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقانداق جىنايى جازا بېرىلىدۇ.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ھەربىي سوتتا زاسېداتىللار ئۆمىكى بولمايدۇ، بەلكى سوت چاقىرغۇچى ئوفىتسېر ياكى ئەسكەرلەردىن تاللاپ سوت ئەزاسى قىلىدۇ. ئۆلۈم جازاسى بېرىشتە سوت ئەزالىرىنىڭ ھەممىسى بىردەك ئاۋاز بېرىپ، قوشۇلۇشى شەرت، باشقا جىنايەتلەرگە ھۆكۈم چىقىرىشتا سوتقا قاتناشقان سوت ئەزالىرىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىدىن كۆپرەكى ئاۋاز بېرىپ قوشۇلۇشى كېرەك، ئەگەر سوتقا قاتناشقان سوت ئەزالىرىنىڭ تۆتتىن ئۈچ قىسمىدىن كۆپرەكى قوشۇلمىسا، مۇددەتسىز قاماق جازاسى ياكى ئون يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىشقا بولمايدۇ. ھەق تەلەپ سوتى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ھەربىي سوتنىڭ سوتلاش جەريانى تېخىمۇ ئاددىي بولۇپ، جىنايەتنى تېز بېكىتكىلى، دۇنيانىڭ ھەرقانداق جايىنى سوتلاش ئورنى قىلغىلى بولىدۇ. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن