ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

ئوباما ئەنگلىيەنىڭ باش ۋەزىرى كامېرون بىلەن كۆرۈشتى

2011-يىلى05-ئاينىڭ26-كۈنىمەنبە:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى يوللىغۇچى:
  

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 26-ماي بېيجىڭ خەۋىرى:

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما 25-ماي لوندوندا ئەنگلىيەنىڭ باش ۋەزىرى كامېرون بىلەن كۆرۈشتى. كۆرۈشتىن كېيىن ئىككىيلەن كازافى ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرمىسە، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ لىۋىيەگە قاراتقان ھەربىي ھەرىكىتىنى توختاتمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بىراق ئوبامامۇ قۇرۇقلۇق قىسمىنى ئەۋەتمىگەنلىكتىن،شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ھەرىكىتىدە يوچۇق ساقلانغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى. ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيە باشلىقلىرى كازافىنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىشنى تەلەپ قىلىش تەشەببۇسىغا قارتا، لىۋىيە ھۆكۈمىتى كازافىنىڭ تەقدىرىنى لىۋىيە خەلقنىڭ بەلگىلىشى كېرەكلىكىنى، لىۋىيە خەلقىنىڭ كازافىغا مۇھتاج ئىكەنلىكىنى قايتا تەكىتلىدى. لىۋىيەدىكى ئۆكتىچىلەر قوراللىق كۈچلىرى ئوبامانىڭ سۆزىنى قارشى ئالدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بىراق ئۆكتىچىلەرنىڭ چەتئەل قىسىملىرىنىڭ قۇرۇقلۇقتىن ھۇجۇم قوزغىشىنى قۇۋەتلىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، 25-ماي ئامېرىكىدىكى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ پارلامېنتتىكى بىر قىسىم ئەزالىرى ئوبامانىڭ ئامېرىكىنىڭ لىۋىيەگە ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىش توغرىسىدا ھوقۇق بېرىش سالاھىيىتىدىن گۇمانلاندى. چۈنكى ئامېرىكا قانۇنىدا پىرېزىدېنت ئادەتتە دۆلەت مەجلىسى ھوقۇق بەرمىگەن ئەھۋالدا ھەربىي ھەرىكەت قوللانمايدۇ، ئەگەر قۇرال كۈچى ئىشلىتىش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرسە پىرېزىدېنت ھەربىي ھەرىكەت قوللانغان 48 سائەت ئىچىدە دۆلەت مەجلىسىگە خەۋەر قىلىش، كېيىنكى 60 كۈن ئىچىدە دۆلەت مەجلىسىگە ھەربىي ھەرىكەتنىڭ ئىلگىرلەش ئەھۋالىنى دوكلات قىلىش كېرەك دەپ بەلگىلەنگەن. بىراق ئوبامانىڭ 60 كۈنلۈك مۇددىتى ئۆتۈپ كەتتى.

تەرجىمان: ئىھام مامۇت

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!