ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

يەمەندە تۆت پۇقرا قازا قىلدى

2011-يىلى05-ئاينىڭ26-كۈنىمەنبە:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى يوللىغۇچى:
    جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 26-ماي بېيجىڭ خەۋىرى: فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ يەمەن ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشچە: يەمەن پىرېزىدېنتى سالىخنى قوللىغۇچىلار ۋە ئۇنىڭغا قارشى تۇرغۇچىلار 26-ماي پايتەخت سانادا يەنە بىر قېتىم قوراللىق توقۇنۇشۇپ، تۆت پۇقرانىڭ قازا قىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
 22-ماي سالىخ پارس قولتۇقى ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يەمەن كىرىزىسنى ياراشتۇرۇش كېلىشىمىنى ئىمزالاش مۇراسىمىغا قاتناشقان، بىراق ئۇ ئاخىردا پارس قولتۇقى ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى زائىنىغا ئۆزىنىڭ بۇ كېلىشىمگە قول قويۇشنى رەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، بۇ سالىخنىڭ 3- قېتىم بۇ كېلىشىمگە قول قويۇشنى رەت قىلىشى. سالىخ كېلىشىمگە قول قويۇشنى يەنە بىر قېتىم رەت قىلغاندىن كېيىن، يەمەننىڭ ئامانلىقنى ساقلاش قىسىملىرى بىلەن ئۆكتىچىلەر قۇراللىق خادىملىرى 23-ماي سانا كوچىسىدا قوراللىق توقۇنۇشقان.   تەرجىمان: ئىھام مامۇت  
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!