جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 26-ماي بېيجىڭ خەۋىرى:
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كىمون تۈنۈگۈن باياناتچىسى ئارقىلىق بايانات ئېلان قىلىپ، يەمەننىڭ پايتەختى سانادا بەرگەن ھۆكۈمەت ئارمىيەسى بىلەن قەبىلە قوراللىق كۈچلىرى ئوتتۇرسىدىكى زوراۋانلىق توقۇنۇشىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ھەمدە يەمەندىكى توقۇنۇشۇۋاتقان تەرەپلەرنىڭ راۋانلىق ھەرىكەتلىرىنى دەرھال توختىتىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئۆكتىچىلەر رەھبىرى سادىق ئەخمەل باشچىلىقىدىكى قەبىلە قوراللىق كۈچلىرى 23-ماي سانادا ھۆكۈمەت ئارمىيەسى بىلەن توقۇنۇشقان، 24-ماي يەنە بىر قېتىم كەسكىن سوقۇشۇپ ئاز دېگەندە 65 كىشىنىڭ قازا قىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
يېقىندىن بۇيان، يەمەننىڭ پايتەختى ۋە باشقا بىر قىسىم شەھەرلىرىدە ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش داۋاملىق يۈز بېرىپ، يەمەن پىرېزىدېنتى سالىخ ۋە ئۇنىڭ ھۆكۈمەتتە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئۇرۇق تۇغقانلىرىنى دەرھال ۋەزىپىسىدىن قېلىشىنى تەلەپ قىلدى.
تەرجىمان: ئىلھام مامۇت
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!