جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 26-ماي بېيجىڭ خەۋىرى:
فىرانسىيە باش مىنىستىرى فىللون 25-ماي كەچتە فىرانسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرقى ئىقتىساد، مالىيە ۋە سانائەت مىنىستىرى كېرىسدىنا راجادنىڭ خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ لىدىرلىق ۋەزىپىسى سايلىمىغا قاتنىشىشنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ فىرانسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ راجادنىڭ خەلقئارا پۇل مۇئامىلە ئورگىنى رەھبەرلىك سايلىمىغا قاتنىشىشنى قوللايدىغانلىقىنى تۇنجى قېتىم ئاشكارا بىلدۈرۈشى.
بۇ يىل 53 ياشقا كىرگەن راجاد 25-ماي چۈشتىن بۇرۇن ئېچىلغان مۇخبىرلار يىغىنىدا ئۆزىنىڭ خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ لىدىرلىق ۋەزىپىسى سايلىمىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى، ھەمدە فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ساركوزى بىلەن باش مىنىستىرى فىللوننىڭ قوللىشىغا ئېرشكەنلىكىنى جاكارلىدى. ئۇ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىر قىسىم دۆلەتلەر رەھبەرلىرىنىڭ تۈرلۈك ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۆزىنىڭ سايلامغا قاتنىشىشنى قوللىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىمىنىڭ ئاشكارا پوزىتسىيە بىلدۈرگەنلىكىنى ئېيتتى.
تەرجىمان: ئىھام مامۇت