جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 26-ماي خەۋىرى: چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، تۈركىيەنىڭ ئىستانبول شەھىرىدىكى بىر ئاممىۋى ئاپتوبۇس بېكىتىدە شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9 ئەتراپىدا پارتلاش يۈز بەرگەن. ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچىلەرنىڭ دېيىشىچە، 7 ئادەم يارىدار بولغان. رېيترس ئاگېنتلىقى ساقچىنىڭ سۆزىنى نەقىل قىلىشىچە ئاز دېگەندە بىر ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان.
ساقچىنىڭ دېيىشىچە، پارتلاش ئېھتىمال بومبا سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولىشى مۇمكىن ئىكەن.
ئىستانبۇل ساقچىسىنىڭ دېيىشىچە، پارتلاش يۈز بەرگەن ئاپتوبۇس بېكىتى ئىستانبۇلدىكى ئاساسلىق مال سېتىۋېلىش مەركىزىگە يېقىن ئىكەن.
كۆپلىگەن قۇتقۇزۇش ماشىنىلىرى، ساقچى ئەترىتى ۋە ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى دەرھال نەق مەيدانغا يېتىپ كېلىپ يارىدارلارنى قۇتقۇزغان.
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!