جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 25-ماي بېيجىڭ خەۋىرى:
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىنسانپەرۋەرلىك ئىشلىرىنى ماسلاشتۇرۇش ئىشخانىسى تۈنۈگۈن جەنۋەدە: سۇداننىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى ئابيې رايونىدىكى توقۇنۇش ئۇلغىيىپ، يەرلىك 15 مىڭ ئاھالە خانىۋەيران بولۇپ كەتتى دېدى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىنسانپەرۋەرلىك ئىشلىرىنى ماسلاشتۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ باياناتچىسى ئىلزابىت بىل شۇ كۈنى جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلگەن قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنداق دېدى: 23-ماي ئابيې رايونىدىكى كەسكىن توقۇنۇشتا نۇرغۇن دۇككانلار، خەلق ئۆيلىرى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىندى ۋە كۆيدۈرۋېتىلدى.
سۇداننىڭ شىمالىي ۋە جەنۇبىي قەرز ۋە مال-مۈلۈكنى ئايرىش ھەمدە نېفىت ترانسىپورتى قاتارلىق مەسىلىلەردە بىردەكلىك ھاسىل قىلالمىغانلىقتىن ئابيې رايونىنىڭ ئورنى ھەققىدىكى سۆھبەت بىر ئىزدا توختاپ قالدى. بۇ يىل مارتتىن بۇيان، بۇ رايوندا زوراۋانلىق توقۇنۇشلىرى يۈز بېرىپ، نۇرغۇن ئادەم قازا قىلدى ۋە يارىلاندى.