ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

ھەربىي ھازىرلىقلارنى قىسقارتىش سۆھبىتى كېڭىشىنىڭ خىزمىتىنى بالدۇرراق باشلاش

2011-يىلى05-ئاينىڭ25-كۈنىمەنبە:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى يوللىغۇچى:
  

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 25-ماي بېيجىڭ خەۋىرى:

 ھەربىي ھازىرلىقلارنى قىسقارتىش سۆھبىتى كېڭىشىنىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن باش كاتىپى توقايىۋ 24-ماي جەنۋەدە مۇنداق دېدى: مەن بارلىق تەرەپلەرنىڭ ھەربىي ھازىرلىقلارنى قىسقارتىش سۆھبىتى كېڭىشىنىڭ نۆۋەتتىكى ئىجابىي مۇھىتى ۋە ياخشى ۋەزىيىتىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ھەربىي ھازىرلىقلارنى قىسقارتىش سۆھبىتى كېڭىشىنىڭ ماھىيەتلىك خىزمىتىنى بالدۇرراق باشلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

توقايىۋ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىش سۆزىدە مۇنداق دېدى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، جۇڭگو قاتارلىق نۆۋەتچى رەئىسلەرنىڭ تېرىشچانلىقى ئارقىسىدا، ھەربىي ھازىرلىقلارنى قىسقارتىش سۆھبىتى كېڭىشىنىڭ خىزمىتى ناھايىتى ئىجابىي بولدى، مەن بۇنى تەبرىكلەيمەن ۋە رەھمەت ئېيتىمەن.

جۇڭگو، قازاقىستان، ماراكەش، فرانسىيە ھەم ساھىبخان دۆلەت شۋېتسارىيە قاتارلىق دۆلەتلەر سۆز قىلىپ، توقايىۋنىڭ ھەربىي ھازىرلىقلارنى قىسقارتىش سۆھبىتى كېڭىشىنىڭ باش كاتىپى بولغانلىقىنى تەبرىكلىدى. بۇ يەردىكى قازاقىستان شەرقىي ياۋروپا گۇرۇپپىسىغا، ماراكەش 21 دۆلەت گۇرۇھىغا، فرانسىيە غەرب گۇرۇھىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!