جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 25-ماي بېيجىڭ خەۋىرى:
سۇدان پىرېزىدېنتى بەشىر 24-ماي كەچتە مۇنۇلارنى جاكارلىدى: مەن سۇدان ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنىڭ جەنۇب ئارمىيەسىنىڭ ھەر قانداق ئىغۋاگەرچىلىك قىلمىشىغا دەرھال قايتۇرما زەربە بېرىش، مەندىن يوليورۇق سوراشنىڭ ھاجىتى يوقلىقى ھەققىدە كۆرسەتمە بەردىم.
بەشىر شۇ كۈنى كەچتە سۇدان ئوقۇتقۇچىلار ۋەكىللىرى يىغىنىدا مۇنداق دېدى: سۇدان خەلق ئازادلىق ھەرىكىتى سۇدان ئارمىيەسىنىڭ يەنە بىر قېتىم بىر مەيدان ئۇرۇشقا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى يوق، چۈنكى سۇدان ئارمىيەسى دارفۇر مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىش بىلەن ئالدىراش دەپ قارىدى، لېكىن بىز ئاللىقاچان ئۇرۇشقا ياخشى تەييارلىق قىلىپ قويدۇق. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: سۇدان ئارمىيەسى ئابيېي رايونىدىن چېكىنىپ چىقمايدۇ، چۈنكى بۇ رايون سۇداننىڭ شىمالىغا تەۋە، ئۇنىڭ ئۈستىگە سۇدان ئامېرىكىنىڭ تەھدىتىدىن قورقمايدۇ.
سۇدان خەلق ئازادلىق ھەرىكىتى-نۆۋەتتە سۇداننىڭ جەنۇبىدىكى پارتىيەلەرنى تىزگىنلەپ تۇرماقتا.
بەشىر يەنە مۇنۇلارنى جاكارلىدى: سۇداننىڭ جەنۇبى بۇ يىل 9-ئىيۇل مۇستەقىللىق جاكارلىغاندىن كېيىن، سۇدان نۆۋەتتە شىمالدا تۇرۇۋاتقان ئىككى مىليونغا يېقىن جەنۇبلۇقنىڭ شىمالدا داۋاملىق تۇرۇشىغا يول قويمايدۇ. سۇدان جەنۇبلۇقلارغا قوش دۆلەت تەۋەلىكى بەرمەيدۇ.
ئۇ سۇدان ھۆكۈمىتىنىڭ شىمال چېگرىسىنى تاقىغانلىقى ۋە ھەر قانداق ئەشىيا ھەم تاۋارنى شىمالدىن جەنۇبقا توشۇشنى چەكلىگەنلىكىنى جاكارلىدى.
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!