شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئەبۇزەبى، 24 – ماي تېلېگراممىسى. ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى دۆلەت ئاگېنتلىقىنىڭ 24 – مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، بەھرەيىن، كۇۋەيت، قاتار ۋە ئامېرىكا ئارمىيەلىرى قاتناشقان ‹‹2011 – يىللىق ھۆكۈم قىلغۇچى بۈركۈت›› ناملىق بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر 24 – ماي ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە ئۆتكۈزۈلگەن.
ئىككى ھەپتىدىن كۆپرەك داۋاملىشىدىغان بۇ ھەربىي مانېۋىردا مانېۋىرغا قاتناشقان دۆلەتلەرنىڭ قوشۇنى كەڭ كۆلەملىك قىرغۇچى قوراللاردىن مۇداپىئەلىنىش، كىرىزىس ۋە ئاپەتنى بىر تەرەپ قىلىش، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، خەلقئارا دېڭىز دائىرىسىنىڭ خەۋپسىزلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق مەزمۇنلاردا ئەمەلىي مانېۋىر ئۆتكۈزىدىكەن.
بۇ مانېۋىرنىڭ ئاساسلىق قىسمى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە ئۆتكۈزۈلىدىكەن، بەزى ئالاھىدە مانېۋىر تۈرلىرى قاتار، بەھرەيىن ۋە كۇۋەيتتە ئۆتكۈزۈلىدىكەن.