ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

ئافغانىستاندا 40 نەچچە كىشى تالاپەتكە ئۇچرىدى

2011-يىلى05-ئاينىڭ25-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، كابۇل، 24 – ماي تېلېگراممىسى. ئافغانىستاننىڭ جەنۇبىدىكى قەندەھار ئۆلكىسىدە 24 – ماي چۈشتىن بۇرۇن يول بويىغا كۆمۈلگەن بومبا پارتلاپ، ئون كىشى قازا قىلدى، 30 نەچچە كىشى يارىلاندى.

    قەندەھار ساقچى دائىرىلىرى: چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، يول ياساش شىركىتىنىڭ بىر يۈك ئاپتوموبىلى يول بويىغا كۆمۈلگەن بومبىنى بېسىۋېلىپ پارتلاش يۈز بەرگەن، ئەينى ۋاقىتتا بۇ يۈك ئاپتوموبىلىدا قەندەھار ئۆلكىسىنىڭ پانجېۋې رايونىغا خىزمەتكە كېتىۋاتقان تاشيول ئىشچىلىرى بار ئىدى، دېدى.

    قەندەھار ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى قەندەھار شەھىرىدىكى بىر دوختۇرخانىنىڭ دوختۇرى ئابدۇللا قېيۇم مۇخبىرىمىزغا: دوختۇرخانىمىز ئون جەسەتنى، 32 يارىدارنى قوبۇل قىلدى، كۆپىنچە يارىدارنىڭ يارىسى ئېغىر، قازا قىلغۇچىلار يەنىمۇ كۆپىيىشى مۇمكىن، دېدى.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!