ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

ئامېرىكىنىڭ جوپلىن شەھىرىگە ھۇجۇم قىلغان قارا قۇيۇن116كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

2011-يىلى05-ئاينىڭ25-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، چىكاگو، 23 – ماي تېلېگراممىسى. 23 – ماي چۈشتىن كېيىن ئامېرىكىنىڭ مىسسۇرى ئىشتاتىغا قاراشلىق جوپلىن شەھىرىگە ھۇجۇم قىلغان قارا قۇيۇن ئاز دېگەندىمۇ 116 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان. قارا قۇيۇن 22 – ماي كەچ سائەت 6 ئەتراپىدا ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى جوپلىن شەھىرىگە ھۇجۇم قىلغان، بۇ، 50 مىڭ نوپۇسى بار بۇ كىچىك شەھەرنىڭ مۇشۇنداق كۈچلۈك قارا قۇيۇن ھۇجۇمىغا تارىختىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئۇچرىشى ئىكەن. سپرىڭفىلد – گرېن ناھىيەسى جىددىي ئىشلارنى باشقۇرۇش ئورنى 23 – ماي چۈشتىن كېيىن ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، قارا قۇيۇندا قازا قىلغانلار 116گە يەتكەن، بۇ، ئامېرىكىدا يېقىنقى 60 يىلدىن بۇيان يۈز بەرگەن، بىر قېتىمدىلا نۇرغۇن كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان قارا قۇيۇن ئاپىتى ئىكەن. بۇ قارا قۇيۇننىڭ سائەتلىك سۈرئىتى 322 كىلومېتىر بولغان.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!