ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

سۇداندا ئاز دېگەندىمۇ 15مىڭ كىشى يۇرت–ماكانىدىن ئايرىلدى

2011-يىلى05-ئاينىڭ25-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، جەنۋە، 24 – ماي تېلېگراممىسى. ب د ت ئىنسانپەرۋەرلىك ئىشلىرىنى ماسلاشتۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ باياناتچىسى ئېلزابىت بېرس 24 – ماي جەنۋەدە: سۇداننىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى ئابيېي رايونىدا زوراۋانلىق توقۇنۇشى كۈچىيىپ، ئاز دېگەندىمۇ 15 مىڭ كىشى يۇرت – ماكانىدىن ئايرىلدى، دېدى.

    ب د ت ئىنسانپەرۋەرلىك ئىشلىرىنى ماسلاشتۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ باياناتچىسى ئېلزابىت بېرس 24 – ماي جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا: 23 – ماي ئابيېي رايونىدا كەسكىن ئېتىشىش يۈز بېرىپ، نۇرغۇن دۇكان ۋە پۇقرالارنىڭ ئۆيلىرى بۇلاندى، كۆيدۈرۈۋېتىلدى، دېدى.

    بېرس مۇنداق دېدى: يەرلىكتىكى ئىنسانپەرۋەرلىك قۇتقۇزۇش، ياردەم بېرىش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بەزى غەيرىي ھۆكۈمەت تەشكىلاتلىرى 24 – ماي ئابيېيدىكى ئاگېك دېگەن جايدىن چېكىندى، بۇ، ب د ت نىڭ بۇنىڭدىن كېيىن يەرلىكنىڭ ۋەزىيىتىنى ئىگىلىشىنى قىيىنلاشتۇرۇۋېتىدۇ. ب د ت نىڭ سۇداندا تۇرۇشقا ئالاھىدە ئەۋەتىلگەن ئۆمىكىنىڭ دەسلەپكى مۆلچەرىگە ئاساسلانغاندا، ئاگېكتا ئاز دېگەندىمۇ 15 مىڭ كىشى ئۇرۇشتىن ئۆزىنى دالدىغا ئېلىش ئۈچۈن يۇرت – ماكانىنى تاشلاپ باشقا جايلارغا كەتكەن.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!