شىنخۇا ئاگېنتلىقى، كابۇل، 24 – ماي تېلېگراممىسى. ئافغانىستان، پاكىستان دىپلوماتىيە مىنسىتىرلىقىنىڭ ئەمەلدارلىرى بىلەن ئافغانىستاندىكى ئامېرىكا باش ئەلچىخانىسىنىڭ ئەمەلدارلىرى 24 – ماي كابۇلدا ئۈچ تەرەپ سۆھبىتى ئۆتكۈزدى. پاكىستان بىلەن ئامېرىكا ئافغانىستاننىڭ تىنچلىق ۋە مىللىي يارىشىش مۇساپىسىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن باش ئەلچىسى ۋېيىن مۇنداق دېدى: سۆھبەتتە ئافغانىستاندىكى قوراللىق توقۇنۇشنى پەسەيتىپ، سىياسىي يارىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش مۇزاكىرە قىلىندى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما يېقىندا، ھەربىي ۋاسىتە ئافغانىستان مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ يولى ئەمەس، ‹‹ھەربىي ئىشلاردا قولغا كەلگەن نەتىجە ئاساسىدا سىياسىي يارىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك›› دېگەن.
ئافغانىستاننىڭ مۇئاۋىن دىپلوماتىيە مىنىستىرى روتىن: بۇ بىر قېتىملىق مۇۋەپپەقىيەتلىك سۆھبەت بولدى، بۇنىڭ كۆز ئالدىمىزدىكى تۈرلۈك خىرىسلارنى يېڭىشىمىزگە ياردىمى بولىدۇ، دېدى.