copyright by www.iz.la
«ئەنگىلىيە كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ يېقىنقى خەۋىرىگە قارىغاندا، جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ 69 ياشلىق پىرېزىدېنتى زۇما پات ئارىدا بەشىنچى خوتۇننى ئەمرىگە ئالماقچى ئىكەن. بۇ خەۋەر ئەسلىدىمۇ پىرېزىدېنتنىڭ كۆپ خوتۇنلۇق بولۇشىغا نارازى بولۇۋاتقان خەلقنىڭ غەزىپىنى قوزغىغان. ئىگىلىنىشىچە، زۇما يېقىندا قىزىنىڭ توي مۇراسىمىغا قاتناشقاندا، ئىلگىرىكى لايىقى مۇرانگىمۇ بار بولۇپ، ئۇ پىرېزىدېنتنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە ئولتۇرغان. كىشىلەر بۇ ئارقىلىق مۇرانگىنىڭ خوتۇنلىرىنىڭ تىزىملىكىدىن ئورۇن ئېلىپ، بەشىنچى خوتۇنى بولىدىغانلىقىدىن شەپە بەرمەكتە، دەپ قارىغان.