بىن لادېننىڭ ئۆلۈمى ۋەزىيەتنى ئوڭشىيال...

ۋاقتى:2011-05-04 18:25مەنبە:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى يوللىغۇچى: چېكىلىشى:قىتىم
     ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما 1-ماي «بازا» تەشكىلاتنىڭ رەھبىرى ئوساما بىن لادېننىڭ ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ شۇ كۈندىكى ھەربىي ھەرىكىتىدە ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى جاكارلىدى. بىن لادېننىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ئامېرىكىنىڭ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدا باشلانغان بىن لادېننى تۇتۇش ھەرىكىتىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقى، شۇنداقلا ئامېرىكىنىڭ تېررورلۇققا قارشى كۈرىشىنىڭ زور غەلىبىگە ئېرىشكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئەمما، بىن لادېن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان «بازا» تەشكىلاتىنىڭ مەنىۋى داھىيسى سۈپىتىدىلا مەۋجۇت بولۇپ، تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ناھايىتى ئاز قوماندانلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئۆلۈمى ئامېرىكىنى «تېررورلۇققا قارشى تۇرغانسېرى تېررورلۇق كۈچىيىش»تەك غەلىتە ھالەتتىن قۇتۇلدۇرالىشى ناتايىن. 2001-يىل 9-ئاينىڭ 11-كۈنى نيۇ يورك دۇنيا سودا مەركىزى ۋە ۋاشىنگتوندىكى بەشبۇرجەكلىك بىنا قاتارلىق جايلار تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن، بىن لادېن ئامېرىكىنىڭ 1-دۈشمىنىگە ئايلاندى. ئون يىلغا يېقىن ۋاقىتتا، ئامېرىكا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش نامىدا ئافغانىستان ۋە ئىراققا ئەسكەر ئەۋەتىپ، تالىبان ۋە سادام ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، بۇ ئىككى دۆلەتنى ئېغىر بالايىئاپەتكە ئۇچراتتى. ئوباما ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن، ئىراق ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا كۈچىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئافغانىستاندا داۋاملىق ئەسكەر كۆپەيتتى. ئۇرۇش سىياسىتى ئامېرىكىغا خاتىرجەملىك ئېلىپ كەلمەيلا قالماي، ئەكسىچە تېررورلۇق تەھدىتىنى مەلۇم دەرىجىدە كۈچەيتىۋەتتى: »بازا« تەشكىلاتىنىڭ ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى تارمىقى يەمەندە كۈچەيدى؛ ئامېرىكىدا يەرلىك تېررورچىلار ئۈزلۈكسىز كۆپەيدى. بولۇپمۇ 2009-يىلى 12-ئايدىكى ئەمەلگە ئاشمىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى ۋە بۇلتۇر «نيۇ يورك ۋاقتى» گېزىتى مەيدانىدىكى سۇيىقەست ئامېرىكىلىقلارنى تېخىمۇ يۈرەكئالدى قىلىۋەتتى. بۇ ئەھۋاللار شۇنى چۈشەندۈردىكى، «بازا» تەشكىلاتى يوقالمىدى، ئەكسىچە تېخىمۇ كۈچەيدى، بىن لادېن قاتارلىق يۇقىرى قاتلام رەھبەرلەر يوشۇرۇنۇشقا مەجبۇر بولۇپ، تېررورلۇق ھۇجۇمىغا بىۋاسىتە قوماندانلىق قىلىشقا ئامالسىز قالدى، بۇنىڭ بىلەن بۇ تەشكىلاتنىڭ تارماقلىرى ئۆزى بىلگەنچە يول تۇتۇپ، تېررورلۇقتىن مۇداپىئەلىنىش تېخىمۇ قىينلاشتى. «ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى»نىڭ بىن لادېننىڭ ئۆلۈم خەۋىرى بېسىلغان ئاخبارات تور بېتىدە بىر يانداشما تەكشۈرۈش ماتېرىيالى بېرىلگەن بولۇپ، بۇنىڭدا ئوقۇرمەنلەردىن بىن لادېننىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن خاتىرجەملىك ھېس قىلدىڭىزمۇ - يوق؟ دەپ سورالغان. تەكشۈرۈش باشلانغاندا، خاتىرجەملىك ھېس قىلغانلار بىلەن خاتىرجەمسىزلەنگەنلەرنىڭ سانى ئوخشاش چىققان، ئارقىدىنلا خاتىرجەمسىزلەنگەنلەرنىڭ سانى ئېشىپ كەتكەن، ئوباما خەۋەرنى جاكارلاپ ئىككى سائەت ئۆتكەندىن كېيىن، خاتىرجەمسىزلەنگەنلەرنىڭ نىسبىتى %57 كە يەتكەن. ئون يىللىق ئۇرۇش تېررورلۇقنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتتى. تېررورىزمدىن ئىبارەت بۇ غەلىتە مەخلۇقنى كۈچەيتىۋەتكىنى دەل ئۇرۇش سىياسىتى ۋە مۇشتۇمزورلۇق پەيدا قىلغان ئاداۋەت. تېررورىزمنى مەغلۇب قىلىشتا زۇلۇم ئۈستىگە زۇلۇم پەيدا قىلىدىغان بومبا، مىلتىق ۋە زەمبىرەككە ئەمەس، بەلكى پولاتتەك مۇستەھكەم ئىرادە ۋە ھەرىكەتكە تايىنىش كېرەك. ئامېرىكا بۇ نۇقتىنى توغرا تونۇپ يەتكەندىلا، تېررورىزمغا قارشى ئۇرۇشتا غەلىبە قازىنالايدۇ. ئىز تورى www.iz.la
خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(1)
50%
ناچار
(1)
50%
------分隔线----------------------------
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
ئىپادە:
ئىسىم: پارۇل: تەستىق:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس
تەۋىسسيەلىك
  • ئىمتىھان نەتىجىڭىزنى تەكشۈرۋىلىك

    ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكىسىنىڭ ئالدى تەرىپىدە مۇناسىۋەتلىك تور ئادىرىسى بار بولسىمۇ، لىكىن نەتىجە تەكشۈرىدىغانلارنىڭ سانىنىڭ كۆپلىكىدىن، تور بېكەت نورمال ئچىلماسلىقى مومكىن، شۇڭا ئىمتىھان نەتىجىسىنى بىر قانچە تور بېكەتتىن تەكشۈرۈشكە بولىدۇ. ئىمتىھان نەت...

  • ئەدىب، شائىر، تىلشۇناس ھاجى ئىمىن تۇرسۇن بىز بىلەن مەڭگۈلۈك ۋىدالاشتى

    يېڭى دەۋر تىل ۋە تەرجىمە ئىشلىرىمىزدىكى تۆھپىكار باشلامچىلارنىڭ بىرى، تونۇلغان ئەدىب، شائىر، تىلشۇناس ھەم تەرجىمان، يېڭى دەۋر ئۇيغۇر نەشرىياتچىلىقىنىڭ ئۇلىنى سالغۇچىلاردىن بىرى، ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخى تەتقىقاتچىسى ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندى 1924-يىلى 10-ئاينىڭ...

  • ئەقلىڭىزنى سىناپ بىقىڭ

    ئازراق ۋاقىت چىقىرىپ ئەقلىڭىزنى سىناپ بىقىڭ، تۆۋەندىكى رەسمىدە بىر ئەر ، بىرئايال بولۇپ ئۇلار ھاجەتخانغا قايسى يول بىلەن ماڭسا ئەڭ تىز سۈرەتتە بارالايدۇ....

  • ئايىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

    ئايىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك تور ئەھلى، ئىز تورىنى قوللاپ،قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىرلىرىنى بېرىپ كىلىۋاتقان،ياردەم قىلىۋاتقان دوسلارنىڭ ئايىمىنى تەبرىكلەيمىز! ئىز تورى نامىدىن بارلىق ئەزالارغا قۇربان ھېيىتلىق سالام يوللايمىز! ئىز...

  • GPS ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە

    GPS نىڭ ئېنگىلىزچە تولۇق ئاتىلىشى Global Positioning System يەنى يەرشارى ئورۇن بەلگىلەش سېستىمىسى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇنى 20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدا ئامېرىكا ھاۋا،قۇرۇقلۇق، دېڭىز ئارمىيىلىرى ئورتاق تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان سۈنئىي ھەمرادىن پايدىلىنىپئورۇن بەلگىل...

  • بېكخام ئافغانىستانغا بېرىپ ئەنگىلىيە ئەسكەرلىرىنى يوقلىدى

    ئېنگىلاند پۇتبول كوماندىسىنىڭ سابىق كاپىتانى داۋىد بېكھام 23-ماي ئەنگىلىيە ئارمىيىسىنىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق گازارمىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە ئالدىنقى سەپتە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئەسكەرلەرنى يوقلىدى ....

  • ماقال-تەمسىللەر تەرجىمسى

    ماقال-تەمسىللەر تەرجىمسى 1. تۇخۇمنى تاشقا ئۇرماق 1.以卵 击石 2. تامنىڭمۇ قۇلقى بار 2.隔墙有耳 3. يولۋاس يوق تاغدا مايمۇن پادىشاھ 3.山中无老虎,猴子称霸 4. ھاكاۋۇرلۇق قىلىپ ئۆز-ئۆزدىن قانائەتلەنمەك 4.骄傲自满 5. توخۇنى ئۆلتۈرۈپ مايمۇنغا ئىبرەت قلماق 5.杀鸡给猴看 6. ئاچ-يالڭاچ قالماق...

  • خوندا ماشىنىغا ئۈسىۋالغان لالما

    ...

  • مەن تەۋسىيە قىلغان تېلىۋىزىيە تىياتىرى باياشات تۇرمۇش

    مەن تەۋسىيە قىلغان تېلىۋىزىيە تىياتىرى باياشات تۇرمۇش تۇرمۇش تۇغۇلۇش ، ئۆزىگە تايىنىپ ياشاش دىمەكتۇر ، گەرچە مىنىڭ تۇرمۇشۇم جىن چىراقتىنمۇ غۇۋا بولسىمۇ ، مەن بىر قۇياش بۇلۇپ باشقىلارغا يۇرۇقلۇق بېغىشلاشنى خالايمەن ئاپتۇردىن مەزكۇر فىلىم سىچۈەنلىك داڭلىق ي...

  • 2010 – يىلى بايقالغان يېڭى مۆجىزە تاشلار

    بۇ ئالەمدە ئەتراپىمىزدا نۇرغۇنلىغان سىرلارنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكى شەيئىلەر ۋە مەۋجۇداتلار ئۈستىدە ئەستايىدىل پېكىر يۈرگۈزىدىغان ھەر بىر ئەقىل ئىگىسى ئۈچۈن ھەيران قالارلىق گەپ ئەمەس، ئەلۋەتتە. قېرىندىشىمىز ئەمىن ئەپەندىمۇ دەرۋەقە ئەنە ئەشۇنداق، ئەتراپىدىكى ھە...

  • بىر يىل ئىچىدىكى بارلىق بايراملار

    1 ئاينىڭ 1كۈنى ، يېڭى يىل بايرىمى 2ئاينىڭ2كۈنى ، خەلقئارا نەم يە ركۈنى 2ئاينىڭ 4كۈنى ، خەلقئارا راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش كۈنى 2ئاينىڭ 20كۈنى ، دۇنيا ئىجتىمائىي ئادىللىق كۈنى . 2ئاينىڭ21كۈنى ، خەلقئارا ئانا تىل كۈنى 3 ئاينىڭ 3 كۈنى مەملىكەتلى...

  • پىراۋىسى يوق شەخسىي تىك ئۇچار ئايرۇپىلان بوشلۇقتا يولدىن ئېزىپ قېلىپ خەلق ئاۋاتسىيەسىنى جىددىيلەشتۈرۋەتتى

    پىراۋىسى يوق شەخسىي تىك ئۇچار ئايرۇپىلان بوشلۇقتا يولدىن ئېزىپ قېلىپ خەلق ئاۋاتسىيەسىنى جىددىيلەشتۈرۋەتتى پىراۋىسىز شەخسىي تىك ئۇچار ئايرۇپىلان 4 - ئاينىڭ 20 -كۈنى چۈشتىن كىيىن 4 دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە لېچىڭ ساقچىخانىسىنىڭ ساقچىلىرى خەلق ئاۋاتسىيەسىنىڭ دىل...

  • يىللىق ئىش ھەققى يۈزمىڭ يۈەنلىك ھاجەتخانىغا قارىغۇچى ئاسپىرانت قىز تەكلىپ قىلىش ئېلانى

    يىللىق ئىش ھەققى يۈزمىڭ يۈەنلىك باھادا ھاجەتخانىغا قارىغۇچى ئاسپىرانىت قىز تەكلىپ قىلىش ئېلانى بىر تەرەپتىن يىللىق ئىش ھەققى يۈز مىڭ يۈەنلىك تەمىنات كىشىنى قىززىقتۇرسا بىر تەرەپتىن تەن قۇرلىشى گۈزەل ئاسپىرانىت ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بۇلۇش چەكلىمىسى كىشىنى گا...

  • خۇسۇسىي كارخانا خوجايىنى ئۆزىنىڭ 6 ياشلىق قىزىغا قوغدىغۇچى تەكلىپ قىلدى

    خۇسۇسىي كارخانا خوجايىنى ئۆزىنىڭ 6 ياشلىق قىزىغا قوغدىغۇچى تەكلىپ قىلدى قوغدىغۇچى خوجايىنىنىڭ 6 ياشلىق قىزىنى ماشىنىغا چىقارماقتا قوغدىغۇچى يېنىدىن 10 تال يىڭنىنى چىقىرىپ بىرلا ۋاقىتتا 10 ئادەمگە تاقابىل تۇرالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى 4 - ئاينىڭ 27 - كۈنى خۇ...

  • ئاياللار ھەققىدىكى ئالقىشلانغان ھەزىل

    ئاياللار ھەققىدىكى ئالقىشلانغان ھەزىل بىر ئەر ئۆزىنىڭ كۇن بۇيى سىرىتتا ئۆلۇپ _ تىرىلىشى بىلەن ھېسابلاشماي ئىش قىلىدىغانلىغىنى ، ئايالىنىڭ كۇن بۇيى ئۆيدە بىكار ئولتۇرىدىغانلىغىنى ئويلاپ ، بۇ ئادالەتسىزلىكنى زادىلا ئەقلىگە سىغدۇرالماپتۇ ، ئۆزىنىڭ ھەر كۇنى س...