بەزى ياش ئاياللار ھامىلدار بولغاندىن كېيىن،تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگە قاتناشسا بويىدىن ئاجراپ كېتىدۇ،دەپ ئەندىشە قىلىدۇ.بۇ مەسلىگە بىرنىڭ ئىككىگە بۆلۈنۈشى بويىچە قاراش لازىم.
بويىدىن ئاجراپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشنىڭ سەۋەبلىرى،مۇھىمى تۆرەلمە ياكى ھامىلدار ئاياللارنڭ ئۆزىدە كۆرۈلدىغان كېسەللىك ئۆزگىرىش ۋە باشقا ئالامەتلەردىن بولىدۇ.يېقىندىن بۇيانقى تېببىي تەتقىقاتتا كۆرۈلۈشىچە،تۆرەلمە جەھەتتىكى غەيرىي ئالامەتلەر ناھايىتى زور نىسبەتنى ئىگىلەيدىغان.بەزىلەر تەبىئىي بويدىن ئاجراپ كەتكەندە،چۈشكەن دەسلەپكى تۆرەلمىلەرنى تەكشۈگەندە، تۇغما خارەكتىرلىك ئەيىپ ياكى ئىرسىيەتتىن بولغان كىسەللىكلەر30%~60%نى تەشكىل قىلغانلىقى بايقالغان.بۇنداق غەيرىي تۆرەلمىلەرنىڭ كۆپ ساندىكىلىرى ھامىلدار ئايالنى قىلچە ھەرىكەت قىلدۇرماي ئاۋايلىسىمۇ بويدىن ئاجراپ كېتىدۇ.ھەرىكەت قىلماسلىق ياكى ئاز ھەرىكەت قىلىش،تۆرەلمىنىڭ نورمال يىتىلىشىگە تەسىر قىلىپلا قالماستىن،بەلكى يەنە قىيىن تۇغۇتنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.تېببىي ئالىملار بويدىن ئاجراپ كېتىشىگەئادەتلىنىپ قالغان ھامىلدار .ئاياللار دەسلەپكى تۆت ئايدا دەم ئېلىشقا دىققەت قىلغاندىن باشقا،مۇۋاپىق مىقداردا ھەرىكەت قىلىپ بەرگەن ياخشى دەپ قارايدۇ.مەسلەن؛رادىئو گىمناستىكىسى ئويناش،يىنىك دەرىجىدىكى ئائىلە ئىشلىرى،ئايلىنىپ كېلىش،ۋەھاكازالار.مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلغاندا،بوۋاقلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىشىگە ۋە سالامەتلىكىگىمۇ پايدىلىق بولىدۇ ھەمدە قىيىن تۇغۇت يۈز بىرىشنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ .ئەلۋەتتە،ھامىلدار ئاياللار قانداقلا بولمىسۇن ئادەتتىكى كىشلەرگە ئوخشىمىغانلىقتىن،جىددىي ھەرىكەتلەرگە قاتناشماسلىقى لازىم.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!