كىيىنىش جەھەتىتكى تەڭپۇڭلۇق
ئىز تورى بەك ياخشى
كىيىم -كىچەك بىر ئادەمنىڭ سىرتقى ھالىتىنى ئىپادىلەپ تۇرسىمۇ ،ئەمما ماددى ۋە مەنۋى تۇرمۇش نۇقتىسىتىن ئىيتىقاندا ،بۇ بىر خىل گۈزەللىككە ئىنتىلىش بولۇپ ،قەلىب گۈزەللىكى بىلەن كىيىنىش گۈزەلىكىگە ئىنتىلىش ئۆز ئارا ماسلاشقاندىلا روھيى كەيپياتنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى ،كۆڭۈل خاتىرجەملىكى بىلەن ھەرىكەت ئۈنۈمدارلىقى ماسلاشقاندىلا ياخشى خاراكتىر تىكلىگىلى ھەم بۇ ئارقىلىق بەدەننىڭ نورمال تەڭپۇڭلىقىنى ساقلاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ .
يۈرۈش_تۇرۇش جەھەتىتكى تەڭپۇڭلۇق www.iz.la
كىشلەرنىڭ قانۇن ئىڭى ۋە پەن_تېخنىكا ساپاسىنىڭ ئېششىغا ئەگىشىپ ،ئۇلارنىڭ يۇرۇش_تۇرۇش ،گەپ _سۆزىدە مەدىنىيەتلىك ھەم ئىلمىيلىك تەدىرجىي شەكللەنمەكتە .گەپ سۆزدە ئوچۇق - ئاشكارە ،راسچىل، سەممىي بولساق ،ھەركەتتە تەرتىپلىك ،ئەستايىدىل ،مەسئۇليەتچانلىق بىلەن ئاۋامغا خالىس پايدىلىق ئىش قىلساق ،باشقىلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئىرىشەلەيمىز .گەپ -سۆزى سىلىق ،ئىش ھەركىتى تەرتىپلىك بولغان ئادەم ھامان باشقىلاربىڭ ھۆرمىتىگە ئېرشەلەيدۇ.
ئارام ئېلىش جەھەتتكى تەڭپۇڭلۇق
شۇ كۈنلۈك پائاليەتتىن كىيىن ،مۇۋاپىق ئارام ئىلىش ئەتىكى ئىشنى مۇۋاپقىيەتلىك تاماملاشنىڭ ئاساسى . بىزدە << ئارام ئېلشنى بىلمىگەن ئادەم ئىشلەشنى بىلمەيدۇ >> دەيدىغان گەپ بار .شۇڭا مۇۋاپىق ئارام ئېلىش ئارقىلىق ،بەدەننىڭ تەڭپۇڭلىقنى ساقلاشقا كاپالەتلىك قىلىپ ، شارائىت يار بەرگەندە چۈشتە مۇۋاپىق ئۇخلاشقا ئادەتلىنىش كىرەك . تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
مەنبە ؛ <<پەن ۋە تۇرمۇش >>ناملىق ژورنالدىن ئىلىندى. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!