زىبۇ-زىنەت بويۇملىرىنى راست ياكى يالغان بولسۇن، قالماشتۇرۇپ تاقالىسىلا بەدەن ۋە چىراينى گۈزەللەشتۈرۈپ، قىز- ئاياللارنىڭ جەلىب قىلىش كۈچىنى ئاشۇرىدۇ . مۇتەخەسىسلەر زىبۇ-زىنەت بويۇملىرىنى قانداق تاقاش توغرىسىدا تۆۋەندىكىدەك تەكلىپلەرنى بەرگەن ؛چېچى، كۆزى ۋە ئىڭىكى چىرايلىقلار چوڭ ھالقا تاقىسا باشقىلارنىڭ دىقىتتى ناھايىتى ئاسانلا ئۇنىڭ چىرايىغا مەركەزلىشىدۇ. دائىم كۈلۈمسىرەپ تۇردىغانلا ئۇزۇن ھالقا تاقىسا باشقىلارنىڭ دىقىتتى ئۇنىڭ لېۋىگە مەركەزلىشىدۇ. قولى ۋە تىرنىقى چىرايلىقلار ئالاھىدە زىننەتلەنگەن ئۈزۈك ۋە بىلەيزۈك تاقىسا قولى ئاسان گەۋدىلىنىدۇ. زىبۇ-زىنەت بويۇملىرى سىزنىڭ چىرايىڭىز ۋە بەدىنىڭىزدىكى ھەرخىل نۇقسانلارنى ياپالايدۇ. كۆكرەك قىسمى ئادەتتىكىدەكلەر ئەڭ ياخشىسى مارجان ئېسىۋېلىشى كېرەك. قانداق پوسۇندىكى مارجان بولسا بولىۋىرىدۇ. كۆكرەك قىسمى تولغان ۋە بەك سېمىزلەر ئۇزۇنلۇقى كۆكرەكىچە كېلىدىغان مارجان تاقاش كېرەك. بوينىدا قۇرۇقى بارلار ئۇزۇنلۇقى قۇرۇقتىن ئالتە سانتىمىتىر ئۇزۇن بولغان مارجان تاقىسا، مارجان قۇرۇقنى توسىۋىلىپ باشقىلارنىڭ دېقىتىنى تارتمايدۇ. چىشى، ئىڭىكى، بۇرنى ۋە تېرىسى چىرايلىق ئەمەسلەر كىچىك ھالقا چوڭ مارجان تاقىسا بولىدۇ. كۆزى ئادەتتىكىدەكلەر ئۇزۇن ھالقا تاقىسا دېققەتنى يۈزنىڭ تۆۋەن قىسمىغا يۆتكەيدۇ. بوينى ئۇزۇن ۋە ئىنچىكىلەر بوينىغا دەل كېلىدىغان توم مارجان تاقىۋالسا، بوينىنى سەل تومراق كۆرسىتىدۇ. قولى ۋە بارمىقى چىرايلىق ئەمەسلەر ئەڭ ياخشىسى ھىچقانداق بىلەيزۈك، ئۈزۈك تاقىماسلىقى، بولۇپمۇ كالتە يەڭ كۆينەك كىيگەندە تاقىماسلىقى كېرەك. بېلى سېمىزلەر ئۇزۇن مارجان ئېسىۋالسا بەدەننى نازۇك كۆرسىتىدۇ.