1. ھامىلىدار ئاياللار ،ھەيىز قالايمىقان كېلىدىغانلار. چەت ئەل ئالىملىرىنىڭ تەكشۈرۈشچە، چاچ بويىقى ئەمچەك راكىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدىكەن ۋە ھامىلىدە غەيرىلىكنى پەيدا قىلىدىكەن . بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
2. تېرىسى ياكى بۇرنى زىيادە سەزگۈر بولغانلار ، يۈزەكى تىرسى سۈزۈك بىلەك تومۇرلىرى كۆرىنىپ تۇرىدىغان ئاياللار گىرىم بويۇملىرىنى ئىشلەتمەسلىكى كىرەك. چۇنكى بۇنداق تېرە سەزگۈرلۇككە مايىل بولۇپ نېرۋا خاراكتىرلىك تېرە ياللۇغى ، قىزىل داغ،دۆڭچە ئەسۋە، سۇلۇق قاپارتىما ،ئۇچىرشىش خاراكتىرىلىك تېرە ياللۇغى قاتارلىقلارغا ئاسان گىرىپتار بولىدۇ.
copyright by www.iz.la
3. ئۇزۇن مۇددەت كۈن نۇرى ياكى چىراغ ئاستىدا ئىشلەيدىغان ئاياللار گىرىم بويۇملىرىنى ئىشلەتمەسلىكى كىرەك .چۇنكى گىرىم بويۇملىرى كۈن نۇرى ياكى ئولىترا بىنەپشە نۇرنىڭ تەسىرىدە خىمىيىلىك ئۆزگىرىش پەيدا قىلىپ ،ئوپتىكا خاراكتىرلىك تېرە ياللۇغى ياكى تېرىگە پىگىمىنت چۆكۈشنى كەلتۇرۇپ چىقىرىپ ،تېرە ھۇجەيىرىلىرىنى قېرىتىپ ،تېرىنىڭ ئىلاستىكىلىقىنى تۆۋەنلىتىپ ،قورۇقلارنى كۆپەيتىۋىتىدۇ.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
4. تېرسىدە قاپارتىما كېسەللىكى بار ،تېرسى يارلىنىپ ساقايمىغان ئاياللار گىرىم بويۇملىرىنى ئىشلەتمەسلىكى كىرەك . چۇنكى گىرىم بويۇملىرىدىكى خىمىيىلىك ماددىلارنىڭ غىدىقلاش تەسىرىدىن جاراھەت ئېغىزى يۇقۇملىنىپ يېرىڭداپ قالىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا غىدىقلاش تەسىرىدىن جاراھەت ئېغىزى يۇقۇملىنىپ يېرىڭداپ قالىدۇ.ئۇنىڭدىن باشقا غىدىقلاش تەسىرى بار يىمەكلىككە ( لازا، ھاراق) ئامىراق كىشىلەر گىرىم بويۇملىرىنى ئاز ئىشلىتىش ، ئىشلەتكەندىمۇ سۇس گىرىم بويۇملىرىنى ئىشىلىتىش كىرەك. بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
مەنبە؛ << ئاياللار ۋە تۇرمۇش >> دېگەن كىتاپتىن ئىلىندى.
مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق