1997-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ياپونىيە «ياپونىيەدىكى ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ يەر ئىشلىتىش ئالاھىدە چارە قانۇنى» غا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ئوكىناۋا ھەربىي بازىسىنى ئىشلىتىشىگە قوشۇلغان. بۇ قانۇن 1972-يىلى بېكىتىلگەن بولۇپ، مەقسەت- ئامېرىكىنىڭ ياپونىيەدە تۇرۇشلۇق ئارمىيىسىنىڭ زېمىن ئىشلىتىش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
1995-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئېلىمىز بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان. بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا ياۋروپاغا جايلاشقان. 1992-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا مۇستەقىللىقنى جاكارلىغان.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
1995-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ۋېيتنام ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ دۆلەتنى قۇتقۇزۇش ئۇرۇشىدا قازا قىلغان سانلىق مەلۇماتىنى ئېلان قىلغان. 21 يىللىق ئۇرۇش مەزگىلىدە ۋېيتنام خەلقىدىن سەككىز مىليوندىن ئارتۇق كىشى يوقاپ كەتكەن ياكى يارىلانغان. ئۇرۇشتا جەمئىي بىر مىليون 100 مىليون كىشى قازا قىلغان. ئىككى مىليون بىگۇناھ خەلق يارىلانغان. copyright by www.iz.la
1992-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى سەنشا قۇرۇلۇشىنى تەستىقلىغان. سەنشا قۇرۇلۇشى چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا تۆۋەن ئېقىمىدىكى ئېغىر كەلكۈننىڭ تەھتىدىنى ھەل قىلىدىغان مۇھىم قۇرۇلۇشلارنىڭ بىرى بولۇپ، دۆلەت ئىگىلىكى، خەلق تۇرمۇشىغا بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم ستىراتىگىيىلىك قۇرۇلۇش.
1988-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، 7-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنىدا مۇھىم ئىقتىسادىي قانۇن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىكى سانائەتنى كارخانىلاشتۇرۇش قانۇنى»غا قاراپ چىقىلغان..