ئاياللار ئارىسىدا ئەينەككە قاراشنى ياقتۇرمايدىغانلار بولمىسا كېرەك. تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئەينەككە كۆپ قاراشنىڭ بەدەن ساغلاملىقىغا كۆرسىتىدىغان پايدىلىق تەسىرى كۈچلۈك ئىكەن. بۇ ئادەمنىڭ ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان مۇھىم ئۇسۇل بولۇپلا قالماي، ئادەمنى قېرىلىققا قارشى تۇرۇش كۈچىگە ئىگە قىلىدىغان ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل ئىكەن.
ئالىملارنىڭ قارىشىچە، ھەر قانداق ماددا تاشقى رادىياتسىيە مەيدانىنىڭ تەسىرىدە نۇر، ئىسسىقلىق ۋە سىلكىنىش پەيدا قىلىدىكەن، ئادەم ئەينەككە قارىغاندا، ئەينەك ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن تۆۋەن رادىياتسىيە ئادەمنىڭ ھۈجەيرىسى، ئىچكى ئەزالىرى ۋە بەدەنگە بەلگىلىك دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىپ، ھۈجەيرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرىدىكەن.
خەتكۈچلەر:
