ئەدەپسىز،پەسكەش، قوپال ، مىجەزى چۇس ئادەملەرگە يېقىنلاشماسلىق كىرەك.
ھەققى ئادەمدەك ياشاي دېگەن كىشى پەسكەش،مىجەزى چۇس،قوپال ئادەملەرگە يېقىنلاشماسلىقى كىرەك.ئۇلار جېدەل-ماجىرا،خاپىلىقنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ. بۇنداق كىشىلەردە يۈز بولمايدۇ، غەزەپلەنسە ھەممنى ئۇنتۇپ،كىشىلەر ئارسىدىكى ئىناقلىقنى بۇزىدۇ.يۈسۈپ خاس ھاجىپ‹‹قۇتادغۇ بىلىك ››تە مۇنداق يازغان؛
ئىز تورى بەك ياخشى
ئەدەپسىز پەسكە سەن قوشۇلما ئوغۇل،
پۈتۈن غۇۋغا شۇلاردىن كىلەر، تىنىچ بول.
ئۇيغۇر خەلىق ماقال-تەمسىللىردىكى‹‹ياخشى بىلەن يۈرسەڭ يىتىسەن مۇراتقا، يامان بىلەن يۈرسەڭ،قالسەن ئۇياتقا››دېگەن ماقال دەل ئاتا بوۋلىرىمىزنىڭ ئۇزاق يىللىق تۇرمۇش تەجىربىسىنىڭ مەھسۇلى ، توپلىغان تەجىربە ساۋاقلىرنىڭ خۇلاسسىدىن چىقىرىلغان ھۆكۈمدۇر.
ھەققى ئادەمدەك ياشاي دېگەن كىشى ئالدى بىلەن ئۆزى پەسكەش،ئەدەپسىز،مىجەزى چۈس،قوپال،جېدەلخور بولماسلىقى ھەمدە بۇنداق ئادەملەر بىلەن ھەم سۆھبەت بولماسلىقى ،بىر يولدا ماڭماسلىقى ،ئۇلاردىن ھەزەر ئەيلەشنى بىلىشى كىرەك . ئەگەر ئۆزىدە شۇ خىل ئىللەتلەر بولسا،بۇنى دەرھال تۈزتىشى ،تۈزتىشىنىڭ ئامال-چارىلىرىنى ئىزىدىشى كىرەك.دۇنيادا ئەلنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ كىتىشتەك ئېچىنىشلىق ئەھۋال بولماس.بونداق ئادەم چۇقۇم يالغۇز قالدۇ ھەم يالغۇزچىلىقنىڭ دەردىنى تارتىدۇ.
ئىز مۇنبەردىن ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!