ھاياتلىق ھارغىنلىق ئەمەس
بىر كىشى دائىم ئۆزىنى ھارغىن ھېس قىلىپ، دانىشمەندىن مەسلىھەت ئېلىپ ئۆزىنى يېنىكلەتمەكچى بوپتۇ.
دانىشمەن بىر قۇرۇق سېۋەتنى ئۇنىڭ دۈمبىسىگە ئېسىپ قويۇپتۇ ۋە ئۇنىڭغا تاشنى كۆرسىتىپ: «ھەر بىر قەدەم ماڭغىنىڭدا بىر تال تاشنى سېۋەتنىڭ ئىچىگە سالغىن، قېنى سەندە قانداق تەسىرات پەيدا بولىدىكىن؟» دەپتۇ. ئۇ دانىشمەننىڭ دېگىنى بويىچە ئىش قىپتۇ، دانىشمەن بولسا يولنىڭ يەنە بىر بېشىدا ئۇنى ساقلاپ تۇرۇپتۇ.
بىر ھازادىن كېيىن بۇ ئادەم يولنىڭ يەنە بىر بېشىغا چىقىپتۇ. دانىشمەن ئۇنىڭدىن قانداق تەسىراتتا بولغانلىقىنى سوراپتۇ.
— بارغانسېرى ئېغىرلىشىپ كېتىپ بارغىنىمنى، ھېرىپ قېلىۋاتقىنىمنى ھېس قىلىۋاتىمەن.
— مانا بۇ سىزنىڭ نېمىشقا ھاياتلىقتا ھارغىنلىق ھېس قىلىۋاتقانلىقىڭىزنىڭ سەۋەبى. بىز بۇ دۇنياغا قۇرۇق سېۋەتنى ئېسىپ كېلىمىز، ھالبۇكى باسقان ھەر بىر قەدىمىمىزدە خۇددى بۇ دۇنيادىن بىر تالدىن تاش تېرىپ سېۋىتىمىزگە سالىمىز، شۇڭا بارغانسېرى چارچاپ كېتىمىز.
— بۇ خىل چارچاشنى قانداق ئۇسۇل بىلەن يېنىكلەتكىلى بولىدۇ؟
— ئۇنداقتا سىز خىزمەت، مۇھەببەت، ئائىلە، دوستلۇقنىڭ قايسى بىرىنى تاشلىۋېتىشنى خالايسىز؟
بۇ سوئالدىن ئۇ ئادەم بىر نېمىنى ھېس قىلغاندەك رەھمىتىنى بىلدۈرۈپ كېتىپ قاپتۇ.
ھېكمەت: ھەر بىرىمىزنىڭ سېۋىتىگە قاچىلانغىنى بۇ دۇنيادىن كۆڭۈل قويۇپ تېرىپ كەلگەن نەرسىلا بولماستىن، بەلكى يەنە مەسئۇلىيەتمۇ بار. سىز ھارغىنلىق ھېس قىلغىنىڭىزدا قەتئىي ئاغرىنماڭ. بەلكىم بۇ دۇنيادا سىزدىنمۇ بەكرەك ھارغىنلىق ھېس قىلىدىغان، سېۋىتىگە سىزنىڭكىدىنمۇ كۆپ نەرسىلەر قاچىلانغان كىشىلەر بولۇشىمۇ مۇمكىن.
(خالىدە ياسىن تەرجىمىسى)
مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن