ئىز تورى بەك ياخشى
بەھرەيىندە داڭلىق ماركىدىكى ماروژنى يېيىشكە پەقەت بىر دىنار كېتىدۇ. تۆت يۇلتۇزلۇق مېھمانخانىنىڭ بىر كېچىلىكى 30 دىنار. سىز بۇنىڭغا ئىشىنەمسىز؟
ئىز تورى www.iz.la
بۇلارنىڭ ھەممىسى بۇ دۆلەتتە مال باھاسىنىڭ بەك تۆۋەن بولغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى بۇ دۆلەت پۇلىنىڭ قىممىتىنىڭ يۇقىرى بولغىنىدا. ئادەتتە بىز دائىم: «ماڭا فوندستېرلىڭ بېرىپ تۇرۇڭ، مەن سىزگە ياپونىيە يىنى قايتۇراي» دەپ چاقچاق قىلىشىمىز. نۇرغۇنلىرىمىز فوندستېرلىڭنىڭ قىممىتىنى ئىنتايىن يۇقىرى دەپ ئويلايمىز، ئەمەلىيەتتە دۇنيا بويىچە قىممىتى يۇقىرى پۇللار ئوتتۇرا شەرقتە بولۇپ، ئەڭ قىممەت پۇل كۇۋەيتتە، ئىككىنچى قىممەت پۇل بەھرەيىندە ئىكەن. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
بىر بەھرەيىن دىنارى 20 شياڭگاڭ دوللىرىغا، يەنى 18 يۈەنگە باراۋەر ئىكەن. كۇۋەيت دىنارىنىڭ قىممىتى تېخىمۇ يۇقىرى بولۇپ، بىر كۇۋەيت دىنارى 23.6 يۈەنگە باراۋەر ئىكەن.
مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
بەھرەيىننىڭ پايتەختتى مانامادا كېچىلىك تاماق يېمەكچى بولسىڭىز، باھا تاختىسىنى كۆرگىنىڭىزدە تولىمۇ ئەرزان ھېس قىلىدىكەنسىز. چۈنكى باشقا دۆلەتلەردە نەچچە موغا يېمەكلىك سېتىۋېلىش ئۇچراتقىلى بولمايدىغان ئىشقا ئايلىنىپ قالغانىدى. بىراق بۇ يەردىكى يېمەكلىكلەرنىڭ باھا تاختىسىنىڭ ھەممىگىلا دېگۈدەك نەچچە مو دەپ يېزىلغانىكەن. مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
ھامبۇرگ بولكىسى، كولا، قەلەمچە بەرەڭگە قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى يېيىش ئۈچۈن، پەقەت بىر دىناردىن كۆپرەك پۇل خەجلىسىڭىزلا بولىدىكەن. بىر چوڭ بوتۇلكا مېنىرال سۇمۇ ئارانلا 0.5 دىنار ئىكەن. ئىز تورى بەك ياخشى